huxhui يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 09:30:55

ئىستاكان ۋە ئادەم

ئىستاكان ۋە ئادەم

پىروفېسسور بىر ئىستاكان لىق سۈت قۇيۇپ ئوقۇغۇچىلاردىن: «بۇ نېمە؟» دەپ سورىۋېدى، ئوقۇغۇچىلار: «سۈت!» دەپ جاۋاب بېرىشتى؛ پىروفېسسور يەنە بىر ئىستاكانغا لىق ياغ قۇيۇپ: «بۇچۇ؟» دىۋېدى، ئوقۇغۇچىلار: «ياغ!» دەپ جاۋاب بېرىشتى؛ پىروفېسسور شىرەگە بىر قۇرۇق ئىستاكاننى قويۇپ: «ئەمدى بۇ نېمە؟» دەپ سورىۋېدى، ئوقۇغۇچىلار «ئىستاكان» دېيىشتى.
-مانا كۆردۈڭلار!-دېدى پىروفېسسور ئاخىرىدا،-پەقەت ئىستاكان قۇرۇق چاغدىلا، ئاندىن ئادەملەر ئىستاكانغا دىققەت قىلىدۇ ۋە «بۇ دېگەن بىر ئىستاكان» دەيدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش ئادەمنىڭ قەلبى پىشقان قاراش، بايلىق، ھوقۇق ۋە ئىمتىيازغا لىق تولغان چاغدا، ئادەم ئاللىقاچان ئۆزىگە تەۋە بولماي قالىدۇ. شۇنداق، ئادەم ھاياتتا ھەر خىل كەچمىش ۋە ئىشلارغا دۇچ كېلىپ تۇرىدۇ، بىراق باشتىن-ئاخىرى ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇپ بولالمايدۇ.
مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دىن ئېلىندى

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 10:34:00

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-22 10:40  

   مۇشۇ يازمىدىكىدەك بىز ئەگەر ئادەمنىڭ ئۆزلۈكىنى ئىستاكانغا تەمسىل قىلساق،  ئۇ ئادەمنىڭ ئوخشىمىغان ھايات باسقۇچلىرىدىكى ئوخشىمىغان كىملىكىنى ئىستاكانغا قاچىلانغا نەرسىگە ئوخشىتىشقا بولىدىكەن. بىر باي بىلەن بىر نامراتنىڭ، بىر ئالىم بىلەن بىر ناداننىڭ، بىر دىندار بىلەن بىر دەھرىينىڭ ئادەملىك ئۆزلۈكى (يەنى يارىتىلىشتىكى ئادەملىك تەبىئىتى ۋە ھۆرمىتى)نىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆپىنچە ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويۇپ،  ئۇنىڭ ئىجتىمائىي كىملىكىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىپ قېلىشتىن خالىي بولالماي قالىدىكەنمىز.   كۆپۈنچە كىشىلىرىمىز بايلارنى ھۆرمەتلەيدۇ-يۇ نامراتلارنى كۆزگە ئىلماي قالىدۇ. بىر ئىلىم ئاشىقى ئالىمنى بەك ھۆرمەتلەيدۇ-يۇ كۆپىنچە ھالدا ناداننى پەس كۆرۈپ ناچار مۇئامىلە قىلىپ قېلىشى مۈمكىن. بىر تەقۋادار كىشى كۆپىنچە ھالدا دىندارلارنى ئالاھىدە ياقتۇرىدۇ-يۇ  دىنسىزلارنىڭ شەخسىيىتىنى ئۆچ كۆرۈپ، مۇئامىلىدە ئۇلارنىڭمۇ ئەسلى شەرەپلىك يارىتىلغان ئادەملىك كىملىكىنى ئەستىن چىقىرىپ قويىدۇ(ئۇلاردىكى بۇزۇق ئىددىيەنى يامان كۆرۈش ئاسانلا ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىنى يامان كۆرۈشكە ئېلىپ بارىدۇ). دىمەك ئىنسان ئۆزىدىكى پىكىرنىڭ يۈزەلىكى سەۋەبىدىن ئەسلى ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشقا تېگىشلىك ئوخشىمىغان سالاھىيەتتىكى كىشىلەرگە ناھايتى پەرىقلىق مۇئامىلە قىلىپ خاتالىشىدۇ. بۇ جەھەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۈتكۈل دۇنيا ئىنسانلىرىغا تىپىك ئېسىل ئۈلگە بولۇپ ، ئۇ زات ھاياتىدا بىرەر قېتىممۇ بۇنداق خاتالىقنى سادىر قىلىپ باقمىغان. بەلكى ئىنسان تەبىئىتىنى ۋە ئىنسان قەدىر-قىممىتىنى ھۆرمەتلەش ۋە قوغداشتا بىر ئۆمۈر ئۈلگىلىك ياشاپ، مۇشۇ جەھەتتە مىسىلسىز قىممەتلىك تەلىماتلارنى ئىنسانىيەتكە قالدۇرۇپ كەتكەن.
بەت: [1]
: ئىستاكان ۋە ئادەم