كىتاپ ئوقۇش يىلى -قۇرۇپ كەتكەن دەريا-ياسىنجان سادىق چوغلانى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر!2015-يىلنى كىتاپ ئوقۇش يىلى قىلىش توغرىسىدىكى مەسلىھەتكە ئاۋاز قوشۇپ بۇگۈن دەم ئېلىشىمدا بامدەت نامىزدىن كىيىن بىر ئوقۇغىلى تۇرۇپتىكەنمەن،قۇرۇپ كەتكەن دەريا ناملىق كىتاپنى ئوقۇپ تۈگەتتىم ،بۇكىتاپ پوۋسىتلار توپلىمى بولۇپ ماڭا بەكمۇ ياققانىدى ،يەنە كىلىپ تۇنجىسى مەن ياخشى كۆرىدىغان دېھقانلار تۇرمىشى تەسۋىرى ئىدى،خاتىرجەم ياشاۋاتقان قوتاندۆڭ مەھەلىسى پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇشى مۇھىتى پۈتۈنلەي ئۆزگىرەپ كەتكەنىدى،سۇ ئىدارىسى دەريا سۈيىنى ئېتىۋېتىپ يىراق يەردىن سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ چاپقۇزۇپ سۇنى كونتىرول قىلىۋېلىشى ،ئەڭ ئاخىرىدا كىلىپ چىققان ئورماننىڭ قۇرۇپ كېتىشى ،جان -جانىۋارلارنىڭ ماكانىدىن ئايرىلىشى ،ئاجىز پۇقرالارنىڭ پەريادى ،قاتارلىق پاجىئەلەرنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلىرى ،مۇمكىن بولمايدىغان تەبىئەتنىڭ يامغۇرى ۋە چاقمىقى ئارقىلىق ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەنلىكى تەسۋىرلىنىدۇ .
ماڭا تەسەر قىلغان سۆز
كەنىتتىكى كىشىلەرنىڭ پارىخور تويماس ئەمەلدارلارنى ‹ماشىنىلىق قەلەندەرلەر ›دىيىشى تولىمۇ جايىدا بوپتۇ . مەنمۇ ‹كەلىلە ۋە دېمىنە› نى ئوقۇشقا باشلىدىم. ئەمما 2015-يىلغا ھىساپ بولماپتۇ ياخشى باشلىنىش . . . مەنمۇ باشلاپ كەتىم. ھازىر 《ئانا يۇرت 》رومانىنى ئوقۇۋاتېمەن ئۆلىۋىلىش سەنئىتى قاتارلىق موللامۈشۈكنىڭ ئەسەرلىرىنى قەيەردىن تاپقىلى بولار؟ يۈز يىل غېرېپلىقما مۇشۇنداق بىر كىتاپ باردەك،ئىلكىتاپ نۇسقىسى بارلار بىر يوللاپ قويساڭلا بوپتىكەن. مەنمۇ تۆت خەلىپىنىڭ بىر خەلىپىنى ئۇقۇپ تۈگۈتەي دىدىم ئەسسالامۇئەلەيكۇم بالىلىرىم
يىللاردىن بىرى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن كىتاب ئوقۇشقا تۈزۈك ۋاقت ئاجرىتامماپتىمەن.
مانا ئەمدى بىر پۇتۇم گۆرگە ساڭگىلىغاندا بوسىمۇ ماغدۇرۇمنىڭ يىتىشچە كىتاب كۆرۈپ بىرەر ساھەدە ئازدۇر كۆپتۇر بىلىم توپلاپ قوياي دەيمەن. تولۇقسىزنى پۈتكۈزگەندىن ئۆزگە مەكتەپ يۈزى كۆرۈپ باقمىغانمەن. ئىشقىلىپ ياراتقان ئىگەمنىڭ قىشىغا بۇنداق قارا قورساق پىتى كەتكۈم يوق. ئاۋال باشلاپ ئۇيغۇرچە تىل سەۋىيەمنى ئاشۇراي دەيمەن.
زامانىۋى زىيالىلاردىن بولمىش قەدىرلىك بالىلىرىم يەتمىش ياشتىن ئاشقان بوۋاڭلار نانقىپىنىڭ ئوقۇشىغا مۇۋاپىق كەگۈدەك (بىرىنچى قەدەمدە تىل سەۋىيەمنى ئۆستۈرەي دەيمەن) كىتابلاردىن بىر قانچە پارچە تەۋسىيە قىساڭلار ما ئايلىق پىنسىيە پۇلۇمدىن بەش يۈز سوم چىقىرىپ سىتىۋىلىپ ئوقۇسام.
ياسىنجان سادىق چوغلان مەن ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدىغان بىر ياخشى يازغۇچى ھەم ئاكا ئاغىينەم. ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇش «2015-يىلىنى كىتاپ ئوقۇش يىلى» قىلىمىز دېگەن تەشەببۇسنىڭ مەزمۇن دائىرىسىدىكى ئىش بولسا دەرۋەقە چوغلانكامنىڭ رومان- پوۋېستلىرىمۇ ئەڭ ياخشى بىر تاللاش.
لېكىن، شەخسەن مېنىڭ پىكرىم ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشنى تەشەببۇسنىڭ سىرتىدىكى بىر ئىش سۈپىتىدە ئۆزۈڭلار شەخسىي بىر تەرەپ قىلىۋالساڭلارمۇ بوپتىكەن. توغرا پىكىر جۇلاغا ئەگەشتىم. mayur يوللىغان ۋاقتى 2014-12-22 13:05 static/image/common/back.gif
يۈز يىل غېرېپلىقما مۇشۇنداق بىر كىتاپ باردەك،ئىلكىتاپ ...
ئۇ كىتابنىڭ ئېلكىتاب نۇسخىسى http://book.menzil.biz دا بار، ئىزدەش كۆزنىكىدىن ئىزدىسىڭىزلا چىقىدۇ. كىتاب ئوقۇش ياخشى ئىش، لېكىن بۇ يەردە قانداق كىتابنى ئوقۇش بەك مۇھىم ھالقا بولسا كېرەك. مەن ئەدەبىيات ھەۋەسكارى بولغاچقا ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆپرەك ئوقۇيمەن ۋە ئۇلارغا دىققەت قىلىمەن. لېكىن بۇ جەرياندا شۇنى بايقىدىمكى، بىر ياخشى روماننى ئوقۇش كىشىگە خېلى كۆپ نەپ بەرگەندەك، ناچار يېزىلغان، ياكى نامىدىن باشقا ھېچنىمىسى رومانغا ئوخشىمىغان رومانلارنى ئوقۇش ۋاقىت، پۇل ۋە زېھىن ئىسراپچىلىقىدىن باشقا كىشىنى يەنە باشقا بىرمۇنچە زىيانغا ئۇچرىتىدىكەن. بۇ خىل زىياننى ئىزاھلاشقا مۇۋاپىق بىر سۈپەت ياكى ئىسىم تاپالمىدىم ھازىرچە، لېكىن تۇرمۇشىمىزدا سەللا دىققەت قىلمىساق ئىستىمال قىلىپ سالىدىغان ئەخلەت يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەردىن بەتتەر زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمەن. بۇرۇن بىرمۇنچە رومانلارنى ئوقۇمىغان ياكى ئوقۇيالمىغانلىقىمدىن ئۆكۈنەتتىم، ھازىر بولسا شۇ رومان دەپ كىتابخانىلاردا تىزىۋېتىلگەن بىر تالاي ئاتالمىش رومانلارنى ئوقۇمىغانلىقىمنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىش بولغانلىقىنى ئويلاپ خۇپىيانە مەمنۇن بولۇپ يۈرۈپتىمەن. ھەممە ئادەم ئۆزى ياقتۇرغان كىتابنى ئوقۇسا بولىدۇ. ئوخشاش بىر كىتابقا نىسبەتەن خىلمۇ-خىل باھالارنىڭ بولۇشىمۇ نورمال. لېكىن، ئەدەبىي ئەسەر، جۈملىدىن رومان ئوقۇشقا ئامراق قېرىنداشلارنىڭ رومانلارنىڭ ياخشىسىنى ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەمدى بۇ يەردە قانداق رومانلار ياخشى رومان، ياخشى رومانلارنى تەۋسىيە قىلىشايلى دېگەن گەپ چىقىدۇ. مەن قايسى رومانلارنىڭ ياخشى رومان ئىكەنلىكىنى دەپ بېرەلمەيمەن. ھېس قىلغان بىر نۇقتا بولسا، ھەقىقىي ئەدەبىيات، ئېسىل رومانلاردىن قانغۇدەك ھۇزۇر ۋە بەھىر ئېلىش ئۈچۈن ئىككىنچى بىر چوڭراق تىل ئۆگىنىش ھەقىقەتەن زۆرۈر، خەنزۇتىلى، ئىنگلىز تىلى، تۈرك تىلى...ۋاھاكازا. چوڭ تىللاردىن بىرەرنى، بولسا ئىككى ۋە ئۈچنى ئۆگەنگەندىن كېيىن ۋە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتچى، ئالىم ۋە كەسىپ ئىگىلىرى تۈزۈپ تەييار قىلىپ بەرگەن «ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ كاتتا رومانلار» دېگەنگە ئوخشاش تىزىملىكلەردىكى كىتابلارنى ئوقۇپ بولۇشنىڭمۇ نۇرغۇن ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئادەمنىڭ ئۆمرىنىڭ نەقەدەر قىسقا ئىكەنلىكىگە ئاھ ئۇرۇپ كېتىمىز. جىق گەپ قىلىپ كەتتىم، دېمەكچى بولغىنىم، كىتاب ئوقۇش يىلى كېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ، مۇشۇ كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىگە تىل ئۆگىنىشنىمۇ قوشۇمچە قىلىپ قويساق. بۇ گەپلىرىمدىن ئۇيغۇرچە ياخشى كىتابلار يوق، دېگەن مەنا چىقىرىلمىغاي، مەن پەقەت ھازىرچە باشقا چوڭ تىللاردا ئېسىل كىتابلار بەك كۆپ، دېمەكچى. كىتاب سوۋغا قىلىش بەك كاتتا چاقىرىق بوپتۇ. بولسا، باشقا تىللارنى ئوبدان ئىگىلىگەن دوستلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى، دوست-بۇرادەرلىرىگە، ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە خالىس ھالدا تىل ئۆگىنىش تەشۋىقاتىنى قىلىپ قويۇشىنى، بولسا ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلارغا ئۆزى بىلىدىغان تىللاردىن دەرس ئۆتۈپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەن بۇنى سىناپ باقتىم. بۇمۇ بىلىمنىڭ زاكىتىنى بېرىشنىڭ ياخشى بىر يولى ئىكەن. ياخشى كىتابلارنى تويغۇدەك، پۇخادىن چىققۇدەك ئوقۇش ئۈچۈن بولسىمۇ بىرەر چوڭ تىلنى چوقۇم ئۆگەنمىسەك بولمىغۇدەك. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا aypalta تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-22 19:51
ئىنكاس تەكرارلىنىپ كېتىپتۇ........... ئۇيغۇرتىلى سەۋىيەنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بەزىلەر ماڭا مىڭ بىر كىچە، كەلىلە ۋە دىمىنە، لۈشۈننىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇشۇمنى تەۋسىيە قىلدى.
سىلەچە قانداق؟ مەن‹‹ چالا تەككەن ئوق›› نى ئوقۇپ چىقتىم. «كەچمىش» بىلەن «قۇم باسقان شەھەر»نى ئوقۇدۇم،«قۇم باسقان شەھەر»نى قايتا ئوقۇشۇم.
سوۋغاتقا كىتاب سوۋغا قىلىش ئەجەپ خاسىيەتلىك ئىش! قىممىتى بار،ئېسىل كىتابلارنى سوۋغا قىلىش تېخىمۇ خاسىيەتلىك ئىش…… «مىنىڭ ئىسىمىم قىزىل»نى ئوقۇپ بولدۇم، ئەمدى« پۇل ئۇرۇشى»نى ئوقۇپ چىقاي aypalta يوللىغان ۋاقتى 2014-12-22 19:45 static/image/common/back.gif
كىتاب ئوقۇش ياخشى ئىش، لېكىن بۇ يەردە قانداق كىتابنى ئ ...
مەنمۇ شۇقاراشتا
بەت:
[1]