Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 18:43:57

ئىتالىيەدە ياز

14- نۆۋەتلىك  دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا  ئېيتىلغان بۇ ناخشا پۈتكۈل پوتبول خۇمارلىرىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىش بىلەن  18 ياشلىق مېنى ئاۋۇ Gianna Nannini غا ئاشىقلا قىپ قويدى ،(ئەگەر Gianna Nannini مەن بىلەن بىر سىنىپتا ،بىر پارتىدا 20 يىل ئولتۇرسا دىققەت قىلماسلىغىم مۈمكىن:lol )ئەتىسى دەرسكىمۇ بارماي بۇ ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ قايتىلانمىسىنى كۆردۈم ،بۇ ناخشىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ھەم قوشۇمچە Gianna Nannini نىڭ ئاغزىنى ئۆمچەيتكەن كۆرۈنۈشنى كۆرۈش ئۈچۈن :$ پۈتۈن مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقۇچە مىلا چوڭئاتاش،ماتىئۇس،باچىئو لار بىريەردە قالسۇن، مۇشۇ ناخشا بىلەن جىئاننا لا ئېسىمدە قاپتۇ
Gianna Nannini  نى ۋە مۇشۇ ناخشىنى شۇ كۆرگەنچە 15 يىلدىن كېيىن بۇ ناخشا تورغا چىققۇچە ئەسلەپ  ،ھەم ھازىرغىچە  ئاڭلاپ  كېلىۋاتىمەن ،بىرلا گەپ ئېسىل ناخشا !
http://www.tudou.com/v/XOWBMhNFqm4/&resourceId=0_04_05_99/v.swf


http://player.ku6.com/refer/el91aP4X1PPwDjqI/v.swf

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 22:54:28

يائاللا ئەركتېكىن
15 يىلدىمۇ ئۇنتۇلمىدىما ئۇ قىز،بىر كۆرۈپ سەۋدايىلارچە ئاشىق بولغانما
سىلە ئەڭ ياخشىسى ئىتالىيە تەرەپلەرگە ئۆتمەڭلا:lol

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 22:57:31

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tadubeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-21 23:14  

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-12-21 22:54 static/image/common/back.gif
يائاللا ئەركتېكىن
15 يىلدىمۇ ئۇنتۇلمىدىما ئۇ قىز،بىر ك ...

20  يىل بوپتۇ ئاداش بۇ سەتنى ياخشى كۆرگىلى :lol

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 23:15:39

سەتمۇ  ئەمەسقۇ ..............................................:(

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 23:26:44

بۇلسا مىنىڭ قۇياشىم دىگەن ناخشىنىڭ تەرجىمىسىنىمۇ قۇشۇپ يۇللىۋتىدىغان گەپكەن ، ئەركىنجان ئەمەتنىڭ مىنىڭ قۇياشىم دىگەن ھىكايسىنى  ئۇقۇغان ياقى مۇشۇ ناخشا كاللامغا كىرۋالدىغان بۇلۇپقالغان ،ئۇن نەچچە يىل بۇلۇپتۇ ، مۇشۇ ھىكايىنى ئۇقۇغىلى ،لىكىن تاھازىرگىچە ئەركىنجان ئەمەت، مىنىڭ قۇياشىمنى ئۇقۇغان  ئىتاليىلىك ياشانغان ناخشىچى،  قۇياشنى كۇرۇش ئۇچۇن ئاسمانغا قارغان پېرسۇناز ، قۇياش نۇرىدا يالتىرغان قىلىچ ، ئىتالىيە ، ئۇمرۇمدە كۇرۇپ باقمىغان ئاشۇ ئادەملەر، ئەشۇ نەرسىلەر بىرسى يادىمغا كەلسىلا ھەممىسى تەڭلا يادىمغا كىلىپ قالىدۇ، ئىتالىيەدە يازنى ئاڭلاپلا ھەممىسى يانا كۇز ئالدىمغا كىلۋالدى.

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 23:55:10

Gianna Nannini نىڭ Amandoti دېگەن ناخشىسى پەيزى.

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 00:19:39

شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە مېنىڭ بالىلىق ۋاقىتلىرىمدىكى ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلەرنىڭ بىرى بولسا كېرەك.توپقا قىزىقىشىم دەل مۇشۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىن باشلىنىپتىكەن.مۇشۇ ناخشا شۇنداقلا باگگىيو،كېلىنسىمان،ماتتائۇس،ۋان باستېن دېگەن ئىسىملار يۈرىگىمنىڭ قات قېتىگە سىڭىپ كېتىپتىكەن....شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن ئىتالىيە بىرلەشمىسى تۇنجى بولۇپ جۇڭگوغا كىرگەن گەرچە ئۇ زامانلاردا نەق مەيداندىن بىۋاستە كۆرەلمىسەكمۇ ھەر چارشەنبە چۈشتىن كېيىنكى 意甲集锦چوقۇم كۆرمەي قالمايتتۇق،مەھەللىلەردە مەكتەپلەردە كوماندا تەشكىللەپ مەشىق قىلىپ مۇسابىقىلەرگە چۈشەتتۇق .ئىشقىلىپ شۇ يىلقى ئىتالىيە ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى بىرمەزگىلدىكى ئىتالىيە بىرلەشمىسى بىزگە خېلى زور تەسىر قىلىپتىكەن.شۇڭلاشقىمۇ ھازىرغىچە ئەتراپىمىزدا كۆپىنچىمىز ھېلىمۇ ئىتالىيەنىڭ توپ مەستانىسى،ئاس مىلان،ئىنتېر مىلان يۇۋېىتۇس دېگەن كۇلۇپلارنىڭ مۇسابىقىسىنى ھازىرغىچە ياقتۇرۇپ كۆرىمىز.....ئاجايىپ زامانلار ئىكەنتۇق ئاشۇ چاغلار........

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 02:08:04

قېرىپ كېتىپتۇ لېكىن ،ساپ تەبىي .گىرىمسىز چىراي بىلەن قېرىپتۇ.

apla يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 09:27:18

ئالى مەكتەپ ۋاقىتلىرىمتى ئۇ، كېچە كېچە ئۇخىماي كۆرگەن

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 09:27:25

بۇ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلگەندە مەن پۇتبۇل دەيدىغان توپنىڭ بارلىقىدىن خەۋىرىم يوق چاغلار ئىكەن ....

ھېلىقى داڭقى چىققان مارادونالارمۇ مۇشۇ مۇسابىقىدىن بۇرۇنلا دۇنيا لوڭسىغا قاتنىشىشتىن چەكلىنىپ بولغان چاغ ئىكەن ...

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 09:28:32

98-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا پۇتبۇلنى بەك تۇنۇپ كەتتۇق

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 09:36:21

2002 دېسەڭلارا.

XXXXYXXXX يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 11:26:10

ئاۋازىغۇ ئانچە ئەمەس :o   

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 13:24:02

مەندە مەجنۇننىڭ كۆزى يوق ئوخشايدۇ !!!

AAA يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 19:27:09

ھاياتىمدا پۇتبول كۆرگەن ۋاقتىم 10 مىنۇتتىن ئاشمايدۇ 15-20 ئادەم بىر توپنى ئىككى سائەت قوغلاپ بىر توپ كىرگۈزەلمەيدىغان مەيدانمۇ بۇلىدىكەن ، بەلكىم شۇنداق بولغاچقا قىزغىنلىقىمۇ يۇقىرى بۇلىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ  تازا تەييارلىق بىلەن ئولتۇرساممۇ 5 مىنۇت بەرداشلىق بىرەلمىدىم ، دىيارىمىزدىكى پۇتبول قىزغىنلىقىغا قاراپ كۆپىنچىڭلارنىڭ پۇتبولغا بولغان ھەۋسىڭلاردىن ھەيرانمۇ قالىمەن .
لىكىن ۋاسكىتبولغا ئىشتىياق بار بوكىسنى بەك ياخشى كۈرىمەن .

faxist يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 19:52:34

  ئۇنىمۇ دەيتمىز بۇىمۇ دەيتمىز ،ما 98-يلىدىكىسىگە  يەتمەيدۇ جۇما
http://www.tudou.com/programs/view/SRI-DcO14XM/

     

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 03:45:21

ئاۋۇ 2- سىندىكى مۇزىكىدا گىتتار دىگەننى ۋەھشى چالىدىكەن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 05:12:09

راسىت.يېقىنقى نەچچە قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ناخشىلىرىنى قايتا ئەسلەپ باقسام 98دىكى ھاياتلىق لوڭقىسىغا يىتىدىغىنى راست چىقماپتۇ:lol
98 دە يەنە بىر قاپقارا قارا بىلەن ساپسېرىق سېرىق بىللە ئېيتىدىغان ناخشىمۇ ياققان ئىدى:lol

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 06:27:01

خىيالچىنىڭ ئىنكاسى بىلەن زىيالىنىڭ ئىنكاسىنى ئوقۇسام، ئۈچىمىز قۇراش ئىكەنمىز.:lol

98-يىلدىكى مۇسابىقە بەك قىزىغان. فىرانسىيەلىك ھېلىقى تازنىڭ ئىسىمى نىمىدى، بىر كاللا قويۇپ قىزىل كارتا يەپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتكەن؟ شۇ يىلى فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ كىيىمىنى كىيىپ، ئۆزىمىز سىنىپ كوماندىسى تەشكىللىگەن. شۇ يىللىرى ئىچكىرىدە ئوقۇيدىغانلارنىڭ تەڭرىتاغ لوڭقىسى مۇسابىقىسى بار ئىدى. ئاغىنەم نەنجىڭغا بېرىپ توپ تەپكەن ئېسىمدە قاپتۇ. پۇتبولغا ئاجايىپ ئامراق چاغلار ئىدى شۇ چاغلار. كىينچە شۇ چاغلاردا كېچىلەپ ئولتۇرۇپ مۇسابىقە كۆرگەندەك كۆرۈپ باقمىدىم، ھازىر قوساق يوغىناپ، بەللەر توملىشىپ كەتتى.:'(

2002-يىلدىكى مۇسابىقىنى مەن ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى بولغان مەكتەپتە، مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرپ كۆرگۈزگەن ئىدى. مەخسۇس جۇڭگۇ كوماندىسىغا ھۇررا توۋلايدىغانغا، بىرازىلىيە كوماندىسى بەك ئىپلاسلىق قىلغان شۇچاغدا، پۇل دىگەن يامان نەرسە جۇمۇ. شۇ چاغدىن باشلاپلا بىرازىلىيە كوماندىسىغا نەپرەت بىلەن قارايىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. پەسكەش گۇيلار!:@ ھازىرمۇ بىرازىلىيە كوماندىسى ۋە كوماندا ئەزالىرىنى تازا ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 06:28:09

خەت يازسام تازا راۋان ئەمەس، كومپىيوتىرم چاتاقمۇ يا؟ مۇنبەر پىروگىراممىسىدىن چاتاق چىقتىمۇ؟ ھەرىپلەر چىقماي تۇرىۋېلىۋاتىدۇ.
بەت: [1]
: ئىتالىيەدە ياز