ErqalMedia يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 17:39:34

2014-يىللىق پەن-تېخنىكىدىكى 10 چوڭ بۆسۈش

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ErqalMedia تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-21 17:46  

2014-يىللىق پەن-تېخنىكىدىكى 10 چوڭ بۆسۈش

ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلىدى
مەنبە : سىنا تورى

ئامېرىكا «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلى 2014-يىللىق پەن-تېخنىكىدىكى 10 چوڭ بۆسۈشنى ئېلان قىلغان بولۇپ، تەكشۈرگۈچنىڭ تۇنجى قېتىم قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزغا قونۇشى بۇ يىللىق پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەڭ مۇھىم بۆسۈش بولۇپ باھالانغان.

ياۋروپانىڭ «روسېتتا» (Rosetta) ناملىق تەكشۈرگۈچى 10 يىلدا تەخمىنەن 6 مىليارد 400 مىليون كىلومېتىر ئۇچۇپ، بۇ يىل 8-ئايدا «چېريۇمۇۋ-گرەسىمېنكو» (Churyumov–Gerasimenko) ناملىق قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزغا يېتىشىۋالغان، ھەمدە 11-ئايدا «فىلا» (Philae) ناملىق تەكشۈرگۈچنى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزغا قوندۇرغان.

پەن-تېخنىكىدىكى باشقا توققۇز چوڭ بۆسۈش تۆۋەندىكىچە:

1. دىنوزاۋىردىن قۇشقىچە بولغان تەدرىجىي ئۆزگىرىش جەريانى: بىر قاتار ئىلمىي ماقالىلەر دىنوزاۋىرلارنىڭ قانداق قىلىپ تەدرىجىي ھالدا قۇشلارغا ئايلانغانلىقى، ھەمدە بۇ قۇشلارنىڭ قانداق قىلىپ 65 مىليون يىل ئىلگىرىكى دىنوزاۋىرلارنىڭ يوقىلىش ھادىسىسىدىن ساقلىنىپ قالغانلىقىنىڭ سىرىنى ئېچىپ بەرگەن.

2. ياش قاننىڭ «قېرىلىقتىن ياشلىققا قايتۇرۇش» ئۈنۈمى بار ئىكەن: تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، قېرى چاشقانلارنىڭ بەدىنىگە ياش چاشقانلارنىڭ قېنىنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرغاندا «قېرىلىقتىن ياشلىققا قايتۇرۇش» ئۈنۈمى بارلىقى ئىسپاتلانغان، بۇنىڭ سەۋەبى ئېھتىمال قاندا GDF11 دەپ ئاتىلىدىغان ئاقسىلنىڭ بولغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

3. ماشىنا ئادەم ھەمكارلىقى: ئاق چۈمۈلىدىن ئىلھام ئالغان ئالىملار يېڭى تىپتىكى ماشىنا ئادەم تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ، ئادەم نازارەت قىلمىغان ئەھۋالدىمۇ بىرلىكتە خىزمەت قىلالايدىكەن.

4. ئادەم مېڭىسىگە تەقلىد قىلىنغان ئۆزەك: IBM شىركىتى يېتەكچىلىك قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات تۇنجى قېتىم چوڭ كۆلەمدىكى «نېرۋا سىستېمىسى ھالىتى» دىكى ئۆزەكلەرنى ئىشلەپچىقارغان، بۇ ئۆزەكلەر ئادەم مېڭىسىگە ئوخشاش ئۇسۇلدا ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىدىكەن.

5. دېئابىت كېسىلىنى داۋالىيالايدىغان ھۈجەيرە: بۇ يىل ئىككى تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئوخشىمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق تەجرىبىخانىدا β ھۈجەيرىسىگە ئوخشاش ھۈجەيرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، دېئابىت كېسىلىنى داۋالاشنى يېڭىچە ئۇسۇل بىلەن تەمىنلىگەن.

6. ھىندونېزىيەنىڭ ئۆڭكۈر سەنئىتى: ھىندونېزىيەدىكى مەلۇم ئۆڭكۈردىكى قول ئىزى ۋە ھايۋانات رەسىملىرى ئىلگىرى پەقەت 10 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە دەپ قارالغان، ئەمما ئۇلارنىڭ ساقلىنىش تارىخى 35 مىڭ يىلدىن 40 مىڭ يىلغىچە ئىكەن. بۇ بايقاش شۇنى بىلدۈرىدۇكى، ئىنسانىيەتنىڭ ئاسىيادا سىمۋول خاراكتېرلىك سەنئەت ئەسەرلىرىنى يارىتىشى ئەڭ دەسلەپكى ياۋروپا ئۆڭكۈر رەسسامچىلىقى ئەسەرلىرىدەك بالدۇر باشلانغان.

7. ئەسلىمە ۋە خاتىرىنى كونترول قىلىش: تەتقىقاتچىلار نۇر ئىرسىيىتى ئىلمى تېخنىكىسى ئارقىلىق چاشقاننىڭ خاتىرىسىنى كونترول قىلغان.

8. كۇبىك شەكىللىك سۈنئىي ھەمراھ: بۇ خىل ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىكى 10 سانتىمېتىر كېلىدىغان مىكرو تىپلىق سۈنئىي ھەمراھ 2014-يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياسىلىپ، بىر قىسىم ئىلمى تەتقىقات خىزمەتلىرىنى باشلىغان.

9. ھاياتلىق گېنى شېفىرىغا «يېڭى ئەزا» قوشۇلغان: تەبىئەت دۇنياسىدىكى DNA دە پەقەت G، T، C ۋە A دىن ئىبارەت تۆت خىل ئاساسى گۇرۇپپا بار، ئەمما ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسىنىڭ DNA سىگە يېڭىدىن ئىككى ئەزا X ۋە Y نى قوشقان.
http://www.erqal.com/uyghur/html/2014/1221/2770-30.html

ئانا تىلىمىزدىكى كەسپىي ئىقتىسادىي ئۇچۇر تورى-ئەرقال تاراتقۇسى : www.erqal.com
تور بەت ۋە يانفون ئەپلىرىدىكى بارلىق ئۇيغۇرچە خەۋەرلەر ئاۋازلىق ئوقۇلىدۇ!
ئاندىروئىد ۋە ئايفون ئەپلىرىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كود ئارقىلىق چۈشۈرەلەيسىز(سىغىمى: ئاندىروئىد 1.3MB، ئايفون 5.3MB ):

Aqsu يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 21:01:22

بۇ بايقاشلارنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى مېدىتسىنا جەھەتتىكىلىرى كۆپكەن.
بەت: [1]
: 2014-يىللىق پەن-تېخنىكىدىكى 10 چوڭ بۆسۈش