waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 16:35:02

تەڭرىتاغ كوماندىسى شەنشى كوماندىسىغا ئۇتتۇردى

   ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛  ئۈرۇمچى ۋاقتى 12- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 00؛2 دە ،  2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ يىگىرمە ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول  كوماندىسى مىھمان مەيدانىدا،  شەنشى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى.  شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى كوماندىسى لىيۇۋىي ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە جەريانىدا يارلىنىپ قىلىپ مەيدانغا چىقمىغاچقا ھۇجۇم تەشكىللەشتە سەۋەنلىك كۇرۇلۇپ تەڭرىتاغ كوماندىسى ئۆزىنىڭ رولىنى نۇرمال جارى قىلدۇرالمىدى،  ئەكسىچە شەنشى كوماندىسى چەتئەللىك ماھىرى  ۋافىرنىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بۇلۇپ 36نۇمۇر، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، تەڭرىتاغ كوماندىسى  ئاخىرى 100-116 نەتىجە بىلەن رەقىبى شەنشى كوماندىسى تەرىپدىن مەغلۇپ قىلىندى. تەڭرىتاغ كوماندىسىنىڭ ئىككى مەيدان غەلبە قىلىش ھالىتى ئاخىرلاشتى.
  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن  تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى  ئاندىرى بىراچ 24 نومۇر، 16 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ سىباستئان تېلفىر  21 نومۇرئالدى،  3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 7 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛  قىرانبېك ماقان 15 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛   تاڭجىڭدۇڭ  14 نومۇر، 9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جۇ چى 9 نومۇر، 1 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ شىرئەلىجان 3 نومۇر، 1 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لىيۇفىڭبو  7 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ يۇچاڭدۇڭ  5 نومۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە 12-ئاينىڭ 24-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى  قارشى تەرەپ مەيدانىدا شاڭخەي كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 08:59:27

شىرئەلىنىڭ چاندۇرمايلا چىقارغان ئوتتۇرا بارمىقىنىڭ سۈرىتىنى چىقارماپسىزدە. ئاۋۇ ۋېيفو(خەنزۇچە تەرجىمىسى) دىگەن گۇي ئۇنىڭ ئالدىغان كىلىپ نىمە دىگەن بولغىيتتكىن.
شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ كۈشەندىلىرى شىرئەلىنى تىللىشىپ ... ۋاي-ۋۇي ... يۇمۇر ھە يۇمۇر.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 09:38:49

بەت: [1]
: تەڭرىتاغ كوماندىسى شەنشى كوماندىسىغا ئۇتتۇردى