kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 11:19:22

ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى



ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى



ئەنۋەر تۇردى(ماتېماتىكا)




ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى _ ماتېماتىكا بىلەن تىلشۇناسلىقتىن پەيدا بولغان يېڭى ئارىلىق پەن . ئۇ ئاساسلىقى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق تىل ھادىسلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ . گەرچە ماتېماتىكا بىلەن تىلشۇناسلىق بارلىق پەنلەر ئىچىدىكى ئەڭ قەدىمى بولغان پەن تارماقلىرى بولسىمۇ ، بۇ ئىككى پەن تارمىقىنىڭ قوشۇلۇشىندىن ھاسىل بولغان ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى تىخى ياش پەن . شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىققا كىلىش ۋە تەرەققىيات جەريانىدا ھازىرقى زامان ماتېماتىكىسى ، كۇمپىيوتىېر ئىلمى ، تىزگىنلەش نەزەرىيىسى ۋە سۇنئى ئەقىلشۇناسلىق قاتارلىق ئىلىم ساھەلىرىنى بىرلەشتۇرۇپ ، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم بىر پەن بولۇپ قالدى .  
          19- ئەسىردە كىشىلەر : تىلشۇناسلىق پەقەت تىل ھادىسلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ . ئۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ باشقا پەن ساھالىرى ئوتتۇرسىدا ، جۇملىدىن ماتېماتىكا بىلەن ھىچقانداق چوڭ مۇناسىۋىتى يوق - دەپ قاراپ كەلگنىدى . « تىلشۇناسلىق بىلەن ماتېماتىكىنىڭ ئارلىقى قارىماققا شۇنچە يىراق ، ئۇلار گويا ئىنسانلار بىلىم غەزىنىسىنىڭ بىر - بىرىگە نىسپىي ھالدىكى ئىككى قۇتۇبىنى ھاسىل قىلغاندەك تۇرىدۇ » ، ئەمەلىيەتتىمۇ ، « ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىجتىمائى پەنلەر بىلەن تەبىئى پەنلەر ۋە سانائەت پەنلىرى چەك - چېگرىسى شۇنداق ئىنىق ئايرىلىپ كەتكەنكى ، تەبىئى پەن ، سانائەت پەنلىرى ئوقۇيدىغانلار تىل - يېزىق جەھەتتە ئانچە كۇچ سەرىپ قىلمايتتى ؛ ئىجتىمائى پەن ئوقۇيدىغانلار بولسا ماتېماتىكا بىلەن فىزىكىغا قاراپمۇ قويمايتتى . مەدەنىيەت تارىخىنى ئاقتۇردىغان بولساق ، ھەم ماتېماتىك ھەم تىلشۇناس بولغان ئالىملار ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ . بۇ ئىككى پەننى مۇجەسسەملەشتۇرۇپ بىر يېڭى ئورگانىك گەۋدىگە ئايلاندۇرۇش ئۇستىدە باش قاتۇرغانلار بولسا تىخىمۇ ئاز ئۇچرايدۇ »   
          20- ئەسىرگە كەلگەندە ، ئىشلەپچىقىرىش كۇچلىرى سەۋىيىسىنىڭ ئۇزلۇكسىز ئۆسىشىگە ئەەىشىپ ، كىشىلەرنىڭ تىلنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنى ۋە مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشى ئۆستى .ماتېماتىكىلىق ئۇسۇلمۇ ھاياتلىق ئىلمى ، ئىنتۇگراپىيە پەنلىرى ساھەلىرىگە بارا- بار ا سىڭىپ كىردى .ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل ئالدى بىلەن بىئولۇگىيەگە ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىقتىسادشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتشۇناشلىقنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە سىڭىپ كىرىپ ئارقا - ئارقىدىن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى . « ماتىماتىكا ھازىرقى زامان ئىلىم - پىنىنىڭ تىلى » بولۇپ قالدى . شۇنۇڭ بىلەن ماتېماتىكلارنىڭ دېققەت نەزىرى بارغانسىرى تىل ھادىسلىرىگە چۇشۇشكە باشلىدى . ئالايلۇق ، روسسىيىلىك بۇيۇك ماتېماتىك ماركوۋ ئېھتىماللىق نەزەرىيىسى ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ ، پوشكىننىڭ « ئېۋگىنى ئۇنىگىن » داستانىنىدىكى روسچە ھەرىپلەرنىڭ تەرتىبىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ ، ماركوۋچە تاسادىبىي جەريان نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرغا قويدى . ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىغا كەلگەندە ، تىلشۇناسلارمۇ ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن تىل تەتقىقاتىنى ئىلىپ بىرىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھەقىقى يۇسۇندا تونۇشقا باشلىدى . شىۋېتسىيىلىك ئاتاقلىق تىلشۇناس سوشۇر تىلنى بىر خىل مۇكەممەل بەلگىلەر سىستېمىسى - دەپ قاراپ ، « تۇپ ئالاھىدىلىكتىن ئېيىتقاندا ، تىلدىكى سانلىق مىقدار بىلەن سانلىق مىقدار ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىشنى ماتېماتىكىلىق شەكىل بىلەن قائىدىلىك تۇردە تەسۋېرلەشكە بولىدۇ » غانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى . تىلشۇناس چومىسكىي ئوتتۇرغا قويغان تىلنىڭ سېنتىتىك مودېلى ماتېماتىكىدىكى ماس چۇشەنچىنى ئۆزىگە ئاساس قىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭ قارىشىچە « تىل __ تىلنىڭ سېنتېىك مودېلىنىڭ بەلگىلىك گرامماتىكا قائىدىسى بويىچە تەرتىپلەنگەن توپلىمىدىن ئىبارەت » ئىكەن . چومىسكىي 1965- يىلى ئېلان قىلغان « گرامماتىكا تىزىسلىرى » دېگەن ئەسىرىدە يەنە : « بىز تىلشۇناسلىققا مۇكەممەل ماتېماتىكىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئۇستىدە ئىزدەنمەكتىمىز ، بىزنىڭ بۇ مۇددايىمىز ئىنتايىن قەتئى مۇدىئا .... تىل قۇرۇلمىسىنىڭ مودېللىرىنى تۇجۇپىلەپ تۇزۇپ چىقىش بىلىش داۋامىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ » دەپ ئوتتۇرغا قويۇپ ، ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن تىل ھادىسلىرىنى تەتقىق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى ۋە ئىشەنچىسىنى بايان قىلسا ، ئامىركىلىق ئالىم بىلۇمفېلىد : « ماتېماتىكا تىل ئىرىشكەن ئەڭ يۇقۇرى پەللىدۇر ، خالاس » دەپ - جاكارلىدى . كونتۇرۇل ئىلمىنىڭ ئىجاتچىلىرىدىن بىرى بولغان ئالىم ۋيېنىېر : « تىلشۇناسلىق ھازىرقى زامان ئۇچۇر نەزەرىيىسىنىڭ زور تەسىرىگە ئۇچرىدى » دەپ كۆرسەتتى . ئۇچۇر نەزەرىيىسىنىڭ باشلامچىلىرىدىن شېننان تىل - يېزىق ئۇچۇرلىرىنى سىناق تەجىربە قىلىش مەسىلىلىرىنى مەخسۇس بايان قىلدى . بۇ بايانلار ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقىنىڭ نەزەرىيە ھۈلىنى قۇردى . تىلشۇناسلىق بىلەن ماتېماتىكىنىڭ بىرلىشىشى تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ مۇقەرەرلىكى بولۇپ قالدى . يەنە بىر جەھەتتىن ، كومپېيوتىر ئىلمى تېز تەرەققىي قىلىپ كوردلاشقان تېز ھېسابلاش نى ئەمەلگە ئاشۇردى ، سانلىق قىممەت بولمىغان بەلگىلەرنى يەنى تەبىئى تىلنى بىر ياقلىق قىلالايدىغان بولدى . ئالىملار كومپېيوتىردا « سۇنئى ئەقىل » تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ ، « ماشىنا تەرجىمان » لارنى لايىھىلەپ چىقتى . شۇ ئارقىلىق ئوىشاش بولمىغان تىللار ئوتتۇرسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش سۇئىتىنى تېزلەشتۇردى . بارا - بارا « ئادەم - ماشىنا سۆزلىشىشى » نى ئەمەلگە ئاشۇردى .بۇ خىل ئەمەلىيەت ۋە زۆرۈرىيەتلەر 20- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بىر يېڭى پەن تارمىقى « ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى » نى بارلىققا كەلتۇردى .   
              ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقىنىڭ ئەسلى نىشانى _ ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق تىل ھادىسلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى ئۆلچەملەشتۇرۇش ، فورمىلالاشتۇرۇپ تەسۋېرلەشتىن ئىبارەت بولۇپ ، ئۇنىڭ ھازىرقى تەتقىقات مەزمۇنى مۇنداق ئۇچ نوقتىغا يىغىنچاقلانغان .(1) ئىستاتىستىكا ۋە ئېھتىماللىق نەزەرىيىسى ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ ، ھەر خىل تىل بىرلىكلىرىنىڭ تىلدىكى كۆرۇلۇش تەكرارلىقىنى ياكى ئېھتىماللىقىنى ھېسابلاش .(2)ماتېماتىكىلىق لوگىكا قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللۇنۇپ ، كومپېيوتىر ئارقىلىق تەرجىمە قىلىش سېستىمىسىنىڭ « شىفېرلىق تىل » ۋە « ۋاستە تىل » ئىنى لايىھەلەش ھەمدە مەلۇمات ھۆججەتلىرىنى ئاپتۇماتىك ئېنىقلاشنىڭ سىېفىر سېستىمىسىنى تۇزۇش . (3) ماتېماتىكىلىق ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ تەبىئى تىلنى مۇۋاپىق تىل مودېللىرىغا ئايلاندۇرۇپ ، ئۇنى نازۇك فورلىلالاشقان سېستىمىغا ئايلاندۇرۇش .  ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى مۇشۇ ئۇچ تەتقىقات مەزمۇنىنى ئاساس قىلىپ ، قىسقىغىنە 40 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىدە غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇردى.  













___________________________________________________________
بۇ ماقالە شىنجاڭ پېدا گوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلىنىڭ 1999- يىلى 1- سانىغا بىسىلغان « ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدا » دېگەن ئىلمىي ماقالەمدىن قىسقارتىپ يوللاندى .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 11:59:33

تەرەققى قىلدۇرۇشقا تىگىشلىك كەسپ

tursunjan1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 13:19:27

   ‹‹   ۈ   ››  ھەرىپىنى   بەزى يەرلەردە   ‹‹  ۇ   ››  قىلىپ يېزىپسالغاندەك بىلىندى ماڭا{:92:}

yasharVB يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 15:29:34

   بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغىلى خېلى  ۋاقىتلار بولۇپ قاپتۇ، شۇنداقتىمۇ  ئۆز ۋاقتىدا بۇ ماقالىدە ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقىغا ئائىت خېلى بىشارەتلەر بېرىلىپتىكەن، بولۇپمۇ يۇقۇرىدا تىلغا ئالغان روسىيەلىك ماتېماتىك ماركوۋنىڭ يوشۇرۇن  ماركوۋ مودېلى (Hidden Markov ModelH) ھازىر كومپيۇتېر  ئۇچۇر پروگراممىلىرىنى تۇزۇشتە بولۇپمۇ ھەرب- بەلگىلەر،يېزىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش، ئاۋاز پەرقلەندۇرۇش، چىراي ۋە بارماق ئىزىنى تونۇتۇش،  رەسىم-سۈرەتتىكى يېزىقلارنى بىر تەرەپ قىلىش يەنى OCR ، ماشىنا ئادەم ئىدراكلىق تەرجىمە تېخنىكىسى  قاتارلىقلاردا كەڭرى ئىشلىتىلىدۇ.

Elder يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 23:07:28

ماتىماتىكا ئاتالغۇچىلىقى مىكىن دەپ خاتا ئويلىۋاپتىمەن ماۋزۇغا قاراپ. لېكىن بەك ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن. 99-يىلى يېزىلغان بولسىمۇ ھازىرغىچە ئۇيغۇر تىلىدا قوللىنىلغىنى بەك ئازمۇ نېمە؟

چومىسكىي 1965- يىلى ئېلان قىلغان « گرامماتىكا تىزىسلىرى » دېگەن ئەسىرىدە يەنە : « بىز تىلشۇناسلىققا مۇكەممەل ماتېماتىكىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئۇستىدە ئىزدەنمەكتىمىز ، بىزنىڭ بۇ مۇددايىمىز ئىنتايىن قەتئى مۇدىئا .... تىل قۇرۇلمىسىنىڭ مودېللىرىنى تۇجۇپىلەپ تۇزۇپ چىقىش بىلىش داۋامىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ »

يۇقاردا دېيىگەندەك، تىل قۇرۇلمىلىرىنىڭ مودىللىرىنى تۈجۈپىلەپ تۈزۈپ چىقىش ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا نىسبەتەن تەخىرسىز بىر ئىش دەپ ئويلايمەن. بىلىشىمچە باشقا تۈركىي تىللاردىمۇ بۇنداق تىل قۇرۇلمىلىرى تەتقىقاتى تولۇق بىر شەكىلدە ئېلىپ بېرىلمىدى، بولۇپمۇ پېئىل تۈرلىنىشى ساھاسىدە. ھەتتا تۈركىيەدىمۇ شۇنداق.

كونا خۇيۇم بويىچە بەزى ئاتالغۇلارنى چىشلەپ تارتىپ باقاي :
ئارىلىق پەن دېگەننىڭ ئارىسال پەن دېيىلىشى تېخىمۇ مۇۋاپىق تۇيۇلدىغۇ.

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 09:01:34

بۇرۇنقى بۇ ماقالامنىڭ قايتىدىن ئىزدىنىش ئەھلىنىڭ دېققىتىنى تارىتقانلىقىدىن خۇشالمەن.

يوللىغۇچىغىمۇ تەشەككۇر !

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 12:35:53

ماتىماكتىكا ۋە تىلشۇناسلىق ئارلىقىدىكى پەن دەپ چۈشەنسە بىرىپتۇ، بىراق تۇزۇك مىسال تەمىنلەنمەپتۇ، بارلىق مىساللار يىزىق شەكلى بىلەن بۇپتۇ.
تەبىئىي پەن ئارلاشقان ماقالىلەردە ئوبرازلىق گىرافىك، جەدۋەل، بىر ئاددىي مىسالنىڭ تەپسىلاتى بىرىلسە ئاندىن ئۇقۇرمەنلەردە ھەقىقي چۈشەنچە پەيدا بۇلىدۇ.

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 14:55:02

مۇشۇ ماتىماتىكا تىلشۇناسلىقى ،ۋە باشقا تارماق ماتىماتىكا ساھەسى تۇنۇشتۇرۇلغان ،ياخشى ئۇچۇر
بىرىدىغان خەنچە كىتابلار بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار؟
بەت: [1]
: ماتېماتىكا تىلشۇناسلىقى