Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 08:54:51

(كىتاب ئوقۇش يىلى..)كىتاب توپ تارقىتىدىغانلار بارمۇ؟

2015-يىلىنى كىتاب ئوقۇش يىلى قىلىش ھەققىدىكى ئويلانما ۋە تەشەببۇسلار مېنى جىمجىت خىيالغا چۆمدۈردى.
كىتاب ئىنسان روھىيىتىنىڭ جېنى بولغاچ ، دۇنيادىكى تەرەققىي تاپقانلىكى مىللەت كىتاب ئوقۇشتىن ئايرىلىپ بۈگۈنكى ھالغا كەلگەن ئەمەس. قايسىكى بىر ئىدىيە قاچانكى كىتابقا قارشى كەيپىيات ھازىرلىدى ،شۇ زاماندىن تارتىپ شۇ ئىدىيۋى ئېقىم ساھىبلىرى ھاماقەتلىك كەلگۈنىدە ئېقىپ ، تولدۇرىۋالغۇسىز زىيانلارنى تارتتى.
ئۇنداقتا ،مۇشۇنداق بىر ئېسىل چاقىرىققا مەن نېمە قىلىپ بېرەلىشىم كېرەك؟....دېگەن ئوي مېنى ئىزچىل لەرزىگە سېلىپ كەلدى. ئاخىرىدا ھېس قىلدىمكى ، ھەربىر كىشىنىڭ ياخشى ئىشقا تۈمەنمىڭ پۇرسىتى بولىدىكەن. پەقەت شۇنىڭدا شۇنداق غورۇر ۋە خىيال بولسىلا خالاس.
جەمىئەتنىڭ ئومۇمىي چاقىرىقىغا ، مائارىپ خۇسۇسىيەتلىرىگە ، مۇناسىۋەتلىك قانۇن تەشەببۇسلىرىغا ئۇيغۇن مۇشۇنداق پايدىلىق بىر ئىشقا ئاۋاز قوشالماسلىق - شۇ كىشىنىڭ بارلىق سۆز قىلىش ،«قايناش»تىكى مۇددىئالىرىنىڭ يالغان ۋە ساختا ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. شۇڭا ھەربىر ئىزدىنىشلىقنىڭ كىتاب ئوقۇش يىلى ئۈچۈن مەن نېمە ئىش قىلىپ بېرەلىشىم كېرەك؟....ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىشىنى مۇراجىئەت قىلىمەن.
مەن ئۆزۈمنىڭ سودا ئىشلىرىم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كىتاب سوۋغا قىلىش پائالىيىتى قىلىش ئۈچۈن ، كىتاب توپ تارقىتىدىغان قېرىنداشلارغا مۇھتاج بولدۇم.
بۇ ھەقتە ياردەم قىلالايدىغان قېرىنداشلارنىڭ مۇشۇ تېمىدا ئۇچۇر قالدۇرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
2015-يىلى كىتاب ئوقۇش ،كىتاب سوۋغا قىلىش يىلىمىزنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالغۇسى .بۇندىن كېيىن ھەربىر يىلىمىز مۇشۇ شۇئاردا باشلانغۇسى !!!

sad~da يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 10:06:59

ياخشى باشلىنىش  ، مەنمۇ سىزدىن ئۆرنەك ئالسام بۇلامدۇ نىمە. مىڭ يۈئەندىن ئارتۇق مال ئالغانلارغا بىرتال كىتاپ سوۋغا قىلىپ دىگەندەك

tamqi1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 10:27:37

sad~da يوللىغان ۋاقتى  2014-12-21 10:06 static/image/common/back.gif
ياخشى باشلىنىش  ، مەنمۇ سىزدىن ئۆرنەك ئالسام بۇلامدۇ ن ...

ئىنساپ كىتاپخانىسىنىڭ بىر تارماق دوكىنىنىڭ 100 يۇۋەنلىك كىتاپ سېتىۋالسىڭىز، بىر كىتاپ سۇۋغا قىلىنىدۇ، دىگەن ئېلانىنى كۆرگەن ئىدىم،مۇمكىن بولسا كىتاپ سېتىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، مۇشۇنىڭغا ئۇخشاش پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، كىتاپ ئۇقۇش يىلىغا ئاۋاز قۇشساڭلامۇ بولىدۇ{:92:} ئۇقۇرمەنلار كۆپرەك كىتاپ سېتىۋىلىپ ئۇقۇپ مەنىۋىيتىمىزنى بيىتىپ  مەدىنيەتلىك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشقا ئۇرتاق قانتاشساق، گەپلىرىم سەل تاققۇ-تۇققۇ بوپقالدى توغرا چۇشۇنەرسىلە{:92:}

samawar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 10:30:12

مۇشۇ يىلدا ئەگەر كىتاپ تىجارىتى قىلىدىغانلار ،دۇككان ئاچقانلار ئازراقلا كاللىسىنى ئىشلەتسە نۇرغۇن-نۇرغۇن ئىقتىسادىي ۋە مەنىۋىي ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن. مىسالەن : قاتتىق تەشۋىق قىلىش ...تەشۋىقاتنىڭ رولىنى كىم كەم چاغلىسا ،شۇ كەم تاپىدۇ....(ئۆزەمچە {:92:}{:92:}{:92:})

tamqi1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 10:39:37

2015 -يىلىدا كۆپرەك كىتاپ ئۇقۇش بىلەن بىرگە ،يۈرەككە تەسىرقىلغان كىتاپلار توغرىسدا كىتاپ ئۇقۇش تەسىراتى يېزىپ  مۇنبەردىكىلەربىلەن ئۇرتاقلاشساق دەيمەن،
2015-يىلىدا كىتاپ ئۇقۇغاندىن سېرىت يەنە كۆپرەك  مۇنبەر كۆرۈش،كۆپرەك ژۇرنال  ئۇقۇش بىلەن شۇغۇللانساق
دەيمەن، نەشرىياتلىرىمىز جانلانغان بىر يىل بولسا ھە!!!{:92:}

y.n.elqut يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 13:26:45

بۇ جەھەتتە ئېرپان ئېلىكتىرون شېركىتىنى ھەقىقەتەن ئېسىل ئىش قىلدى، دىيىشكە بولىدۇ. ئېرپان شېركىتى ئېرپان ماركىسىدىكى يانفونىنى بازارغا سالغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بىر دانە يانفون سېتىۋالغانلارغا بىر نەچچە پارچە كىتاپ سوۋغا قىلىپ سېتىش پائالىيىتىنى يولغا قويۇۋاتىدۇ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 13:54:32

مىنىڭچە كىتاپخانىلار ئەگەر شارائىت يار بەرسە 100 يۇەنلىك، 500 يۈەنلىك كىتاپ كارتىسى تارقاتسا بىزمۇ شۇ كىتاپ كارتىسىنىلا سېتىۋىلىپ دوستلېرىمىزغا سوۋغا قىلساق بەزى دوستلېرىمىز ئۆز ئىھتىياجىغا ئاساس شۇ كىتاپخانىلارغا بېرىپ 100 يۈەنلىك كارتىدىن 100 يۇەنلىك كىتاپ، 500 يۇەنلىك كارتا بولسا 500 يۇەنلىك كىتاپ سېتىۋالسا.

yoruqman يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 15:40:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yoruqman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-21 15:44  

دىيارىمىزدا  ھۆكۈمەت قانۇنلۇق نەشىر قىلغان كىتابلارنى چەتئەللەرگە پوچتا ئارقىلىق سېتىپ، ئەۋەتىپ بېرىدىغان كىتابخانا، كىتاب شىركەتلەردىن بارمىدۇ؟
بىلدىغانلار دەپ بەرسەڭلار بولۇپتىكەن.

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 15:48:14

نەشرىياتلار كىتابلارنىڭ پ د ف نۇسخىسىنىمۇ بازارغا سالسا  ئاندىن ئۇنى ئامازون ،تاۋباۋ دېگەندەك يەرلەردە سېتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرسا  بولاتتى .
بۇنىڭ ئىككى چوڭ ئۈنۈمدە ئۇتاتتى .
جۇغراپىيىلىك ئارلىق تۈپەيلى كىتاب سېتىۋالالمايدىغانلار كىتاب سېتىۋالالىغاننىڭ ئۈستىگە پوچتىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتەتتى .
كۆچمە  ئۈسكۈنىلەردەك كىتاب ئوقۇشقا  ئادەتلەنگەنلەر كېتىۋېتىپ ،خالىغان چېغىدا  ئۈندىدار ئەدەبىياتى ئوقۇغاننىڭ ئورنىغا  تۈزۈكرەك بىر نەرسە ئوقۇيالايتتى .

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 09:56:30

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن كىتاپخانىدا بىر مەزگىل ئىشلىگەن› كىتاپ ساتقۇچىلار بىلەنمۇ ئانچە مۇنچە ئالاقەم بار. كىتاپلارنىڭ باھاسىنى ئەمىلى ئەھۋالىغا قاراپ مەلۇم دەرىجىدە پىرسەنتىنى چۇشۇرۇپ ئىلىپ بىرىشكە قولۇمدىن كىلىشىچە ياردەم قىلمەن.

qq: 645236034

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 11:53:51

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

تۆنۈگۈن ئاغىينەم تۇغۇلۇپ يەتتەك كۈنلۈك بولغان ئوغلىنىڭ ئەقىيقىسىنى قىلغان ئىدى، ياخشى كىتابلاردىن بەش ئالتىنى سېتىۋېلىپ سوۋغاتلىققا بەردىم. بۇنى دېيىشىم بەرگەن سوۋغىغا مىننەت قىلىش ئەمەس، بەلكى مۇشۇنداق ئىشلارنى جەمئىيەتلىشىشنى كۆزدە تۇتۇپ، تورداشلارغا تېخىمۇ رىغبەت بولسۇن ئۈچۈن دەۋاتىمەن.
شۇ ئەقىيقىدە مېنى ئەڭ چوڭ ئېچىندۇرغان ئىش، ئۇ يەردىكى ۋاقىت ئىسراپچىلىقى بولدى.
يەنە بىر مەسىلە:
ئىككى ھېيىتتا بالا-چاقىلار ۋە ئۇرۇق تۇغقانلارنىڭ بالا-چاقىلارغا ھېيىتلىق پۇل بېرىش بىزنىڭ ئەنئەنىلىرىمىزدىن بىرى. ئۈرۈمچىدە ئون ياشلار ئەتراپىدىكى بىر بالا ئاتان-ئانا، تاغا ھاممىلىرىنىڭ ھەر بىرىدىن ئاز بولسا يىگىرمە ئوتتۇز يۈەن، بولمىسا ئەللىك يۈۋەندىن بىرەر ئىككىي يۈز يۈۋەنگىچە ھېيىتلىق يىغىدۇ. ئۇرۇق تۇغقىنى كۆپ، ھەم ئىقتىسادى ياخشى بىر ئون ياشلىق ئۇيغۇر بالىسى ئۈرۈمچى شارائىتىدا بىرەر مىڭ سوم ھېيتلىق يىغىشى بارلا گەپ. بۇنچىلىك ياشىتىكى بالا ھېچ بولمىغاندىمۇ بىر ئىككى يۈز يۈۋەن ھېيتلىق يىغالايدۇ. بۇ ياشتىكى بالىلارغا ۋە ئۇرۇق تۇغقانلارنىڭ ئۆسمۈرلۈك يېشىدىكى بالىلىرىغا قارىسام ئۇلار يىغقان ھېيىتلىق پۇللىرىغا ئېلىكترونلۇق ئويۇنچۇق، ئەخلەت يېمەكلىك دېگەندەك نەرسىلەرنى سېتىۋالىپ، ھېيىتلىق پۇلنىڭ «مېغىزى» چاقىدىكەن، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىر يىغقان پۇللىرىنى ساۋاقداشلىرى بىلەن يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ تانسا ئويناش، يەپ ئىچىش، چوڭچىلىق قىلىش دېگەندەك ئىشلار بىلەن تۈگىتىدىكەن. (بۇ ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال ئەمەس، ئەمما ئۈرۈمچىدە شارائىتىدىكى بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلاردا تارىختىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن ئىش.)
شۇڭا، شەخسەن مەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭ بالىلىرىغا ھېيىتلىق پۇل بەرمەستىن، ھېيىتلىق كىتاب سوۋغا قىلىشنى ئويلاشتىم. مەندەك ئويدىكى تورداشلارنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىنى ئەھمىيەتلىك ئىش دەپ قارايمەن.
بالىلىرىمىز، ئەۋلادلىرىمىز ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھەشەمەتلىك ماشنىلىرىدىن، كاتتا ئۆيلىرىدىن، بىر مەزگىللىك ھوقۇقلىرىدىن ئەمەس، ئۆزىنىڭ كىتاب ئىشكابىدىكى كىتابلىرىدىن، ئوقۇغان كىتابلىرىدن پەخرلىنىدىغان ھالەتكەت جەمئىيەتتە ئومۇملاشسا، ئاللاھ خالىسا نۇرغۇن ئىشلىرىمىز بارا-بارا ياخشىلىنىپ كېتىدۇ دەپ قارايمەن. ھەم بۇ قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى تامامەن قىلغىلى بولىدىغان، چوڭلارنىڭ سەللا چىڭ تۇرۇشى بىلەن بىر-نەچچە يىلدىلا ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان ئىش. تورداشلارنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى پىكىرىنى ئاڭلاپ باققۇم بار.

intilguchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 16:40:28

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

مەن نەنجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىدا ئوقىۋاتقان ئاسپىرانت، بىز بىزنىڭ مەكتەپنىڭ مۇسۇلمانلار ئاشخانىسىغا بىر كىتاب جازىسى قويغان ئىدۇق، بۇ يەردىكى ئانا تىل بوشلىقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، لىكىن كىتابلار بىرقەدەر ئاز. ئەگەر مۇمكىن بولسا خالىسىڭىز بىزگە كىتاب سوۋغا قىلىش پائالىيىتى قىلىپ، بىزنىڭ بۇ يىراق جايدا ئانا تىلدا كىتاب ئوقۇش ئارزۇيىمىزىغا ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن ، رەھمەت.  

Alif يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 18:11:56

مېنىڭ بىر شارائىتى ياخىشى كىتابخانا ئاچىقىم بار ئىدى. بۇ ئازرۇسۇممۇ پات ئارىدا ئەمەلگە ئاشىدىغا ئوخشايدۇ.
مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، بىزدە، بولۇپمۇ ياشلاردا كىتاب ئوقۇغۇدەك ۋاقىت بار ھەم كۆپ. لېكىن شۇ ۋاقىتنى ئېكران قۇلى (يانغون كېسىلى) بولۇشقا سەرىپ قىلىۋاتىدۇ. دانىشمەنلىرىمىزنىڭ بىر گىپى بولىدىغان «يارسىز يۈرسەڭمۇ كىتابسىز يۈرمە» دەپ. بۇ سۆزجايىدا ئېيتىلغان.
مېنىڭ تور بېتىمدە مەخسۇس كىتاب تونۇشتۇش سەھپىسى بار. يېڭىلاشقا ۋاقىت يەتمەي قالدى. بولسا مەن بىلەن تور كىتابخانىسى ئېچىشتا ھەمكارلىشىدىغانلار بولسا ماڭا بىر ئۇچۇر بەرگەن بولساڭلار!
قاتتىق شەرت: چوقۇم كىتاب ئوقۇيدىغان بولىشى كېرەك. (ئېسىل كىتابلارنى)

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-26 21:45:07

xxxxxx يوللىغان ۋاقتى  2014-12-22 11:53 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

تۆنۈگۈن ئاغىينەم تۇغۇلۇپ يەتتەك ك ...

بۇ تەكلىپىڭىزنى قوللىنىشنى قارار قىلدىم. ياخشى ئۇسۇل!

Uyghar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-27 20:49:00

سالام دوستلار،

بەك ياخشى پىكىرلەر بولۇۋېتىپتۇ، ھەممىمىزنىڭ ئويلۇنۇپ بېقىشىمىز، قوللىنىشىمىز  ۋە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىمىزغا تېگىشلىك تەكلىپلەر ئىكەن .  

شۇنچە پۇل خەجلەپ  ئېسىل ياسىغان ئۆېىمىزنىڭ بىرەر ئېغىزىنى كىتابخانا، ھېچبولمىغاندا كىتاب ئىشكاپى قىلىپ قويساق، ئاندىن  ياخشى  كىتابلارنى ئېلىپ تىزىپ قويساق، ئەڭ مۇھىمى ئوقۇپ قويساق، پەرزەنتلىرىمىزگە ئۆلگە بولساق. ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن باشلىساق، مەنمۇ ئۆزۈمدىن باشلاي. كۆپچىلىككە رەھمەت !

handuluk يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 10:26:19

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،تېمىڭىزنى كۆرۈپ سۈيۈندۈم.توپقا كىتاپ ئالىدىغان بولسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
13609994143

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 10:48:16

يېڭى يىلغا ئاتلاشتىن بۇرۇن، تۆت خانىلىق ساندا، قىممەتلىك كىتاپلارنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدىم. يەنە نامزات كىتاپلار بار، 2015- يىللىق ئۇيغۇر كىتاپ ئوقۇش يىلىدا، ھەم كىتاپ ئوقۇيمەن، ھەم يىغىپ قويىمەن.

uyghur99 يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 13:50:04

kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى  2014-12-21 13:54 static/image/common/back.gif
مىنىڭچە كىتاپخانىلار ئەگەر شارائىت يار بەرسە 100 يۇەنلى ...

بىلكۈچ كۈتۈپخانىسىنىڭ كىتاب ئۇقۇش ۋە يەتكۈزۈپ بىرىش كارتىلىرى بار، دوسىتلىرىڭىزغا سوۋغا قىلماقچى بولسىڭىز ئوراپ يەتكۈزۈپ بىرىمىز.

Huwqush يوللانغان ۋاقتى 2015-1-8 19:59:58

yoruqman يوللىغان ۋاقتى  2014-12-21 15:40 static/image/common/back.gif
دىيارىمىزدا  ھۆكۈمەت قانۇنلۇق نەشىر قىلغان كىتابلارنى ...

قەتئىي يوق!!!

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 23:02:03

بۇ تېمىغا ئىشىتراك قىلغان بارلىق قەدىردانلارغا تەشەككۈر. بەزەن ئىشلار ئېنىق قارارلىق بولماي ،ۋاقتىدا ئىنكاس قالدۇرالمىدىم.
تېلفون نومۇرلىرىنى قالدۇرغان ۋە ماڭا ئۇچۇر قىلغان قېرىنداشلارغا كۆپ رەھمەت.
بۇ قېتىمقى پائالىيىتىمىز ئۆز كەسپىمىزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان كومپىيۇتېر ژورنىلىنى سوۋغا قىلىش بىلەن باشلىنىدىغان بولدى.
شىنجاڭ كومپىيۇتېر ھەۋەسكارلىرى شىركىتى ھەمكارلىشىدىغان بولدى.
بەت: [1]
: (كىتاب ئوقۇش يىلى..)كىتاب توپ تارقىتىدىغانلار بارمۇ؟