umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 01:24:35

سەۋەپ(ئۇمۇن)

چوڭقۇرلۇق

(ئۇمۇن)

رەزىل كۈلكەمنى پەقەت مەندىن رەزىل،مەندىن پاسكىنا تۇيغۇلۇرۇڭغا بىغىشلايمەن.
----ئۇمۇن
بىر كىشىنىڭ نازۇك ۋە يىرگىنىشلىك ھىسياتلىرى بىلەن ئورتاقلاشقىنىمدىكى تۇيغۇنىڭ گۈزەللىكىگە مەپتۇنمەن.
ئەڭ مەينەت ھىسياتلىرىنى يۇشۇرشىغا پۇرسەت بەرمىگەن چىغىمدا ئىچ-ئىچىمدىن   كەلگەن بىر خوشاللىق چىرماشلىرىنى ئىشقا سالىدۇ.
مەندىن پاسكىنا،
مەندىن مەينەت ھىسلىرىنى،
ھىس قىلغىنىم ئۈچۈن ئۆزەمدىن پەخىرلىنىش ھىسياتىغا چۆمۈلىشىم تەبىئىي.
دولقۇندەك تاشقىن ،
سىمفونىيەدەك ئىنچىكە،
خۇرۇستالدەك چۈرۈك،
ياپراقتەك تىترەڭگۈ،
بۇلۇتتەك بىغۇبار تۇيغۇلارنىڭ شەھۋەت تۇيغۇلىرى ئىكەنلىكىنى رەت قىلغۇدەك جۈرئەت يوق.
ئىچىمدىن ئاقىدۇ ئىچىمگە.
نەپىسلىك ۋە نازۇكلۇق ئەڭ يوشۇرۇن تۇيغۇلۇرۇڭغا يىغىنچاقلانغان.
يىرگىنىشلىك ئۆتمۈشلىرىڭ بىلەن چاڭقىغان كىلەچىكىمنى تەسۋىرلىگىنىڭدە قانلىرىمدىن چاچراپ تۇرىدۇ جۇشقۇنلۇق.
ئەڭ قەدىرلىك ئىپلاس تۇيغۇلۇرۇمنى ئەقىلسىز ۋۇجۇدۇڭدا تاپقىنىمدا تۇيغۇلۇرۇمدىكى قىممەت ئۆزىنى يوقاتتى.
گۇڭگا يورۇقلۇق ئىسكەنجىسىدىكى كۆكۈچ تۇمانغا،
قەد كۆتۇرۇپ تۇرغان يىگانە دەرەخنىڭ قاخشال شاخلىرىدىن قەلبىمگە سىلىنغان پاياندازغا،
جىمجىتلىق قوينىدا مۈگۈدىگەن بارخانلاردىن سىرلىق ناخشا تامغان باياۋانغا يىيىپ قويغان چۈشلىرىمنى،پاسكىنا تۇيغۇ ئوتۇن بولغان ئاتەشكە تاپشۇرۇپ بەردىم.
ئىپلاس تۇيغۇلارنى يوشۇرشۇڭ ئۈچۈن قورقۇنچاقلىق دىڭىزىغا ئۆزۈڭنى غەرىق ئەت.
يىرگىنىشلىك مەنگە دىڭىزنىڭ سۈيىدەك كۆك كۆزلىرىڭ بىلەن شەرمەندىلەرچە قارىساڭ ئەڭ چاكىنا ھىسياتلارنىڭ بوينىغا مىنىۋالىمەن.
خىجىللىق دىگەن كەلىمىنى بار كۈچۈم بىلەن كۆڭۈل تىمىمغا ئۈسۈتىۋاتقىنىمدا شەيتانلىرىمنىڭ قاقاقلاشلىرى ئەڭ بىغۇبار ۋە ئەڭ ساپ تۇيغۇلارنى چاچرىتىپ ئۆتىدۇ.
ياۋايىي تۇيغۇلارنىڭ ئىپادىلىنىشى ھىسياتتەك قايناق،ئىزغىرىن شامالدەك ھوزۇرلۇق،ئانانىزىم پەيتىدەك لەززەتلىك سىزىملارغا خۇشتار ئەتكىنىدە،چاكىنىلىق  گۈزەللىك بابىدىكى ئىزگۈ مالايىكە ياكى باياۋاندا ئۇرغان شامال بولۇپ تۇيۇلىدۇ قەلبىمگە.
ئاھلارغا ئاھ تىلەيمەن.
ۋايساشلىرىڭغا تىلەكلىرىمنى ئوراپ دىڭىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قىتىغا ئىسمىڭ بىلەن كۆمۇپ قويدۇم...  

سەۋەپ

(ئۇمۇن)

ھەم ئەقىلنىڭ ھەم قەلىبنىڭ ئازابىنى ياشاۋاتىمەن....
ئۇنتۇلغان شامالدەك يوچۇن ھىسلىرى بىلەن قەلبىمنى تىتما-تىتما قىلۋەتكەن ئەقىلنىڭ قوللىرىنى يۈزۈمگە يىقىپ تۇرۇپ ئۆتۈنەي.
ياشاۋاتقىنىم ئۈچۈن ئۆلۈمدىن يىراق تۇرۇش،ئۆلۈش ئۈچۈن ياشاشتىن ۋاز كىچىش ئەڭ بىمەنە ھەركەت تامغىسىنى ئۆزىگە باسقاندا ئۈن تۈنسىز ئىسيانلارغا غەرىق بولغان مىنى ئۇنتۇپ كىتىڭلار...
تاماكا تۇمانىدەك ئەۋرىشىم،
شەھۋەت نەپسىدەك ھوزۇرلۇق،
جىنايەتتىن كىيىنكە مەندەك بىغۇبار رىئاللىققا قورقۇش بىلەن نەزەر سال،لىكىن نەزەرلىرىڭدىن سەۋەب ئىزدىمە.
شەيتاننىڭ يارىلىشى،جازانىڭ تۈزىشى ۋە مۇكاپاتنىڭ ئىلھامىدەك تۇترۇقسىز چۈشەنچىلەردىن قۇتۇلغىنىڭدا ھىچنەرسىنىڭ سەۋەبى يوقلىقىنى چۈشىنىسەن.
سەۋەپسىز دۇنيادىكى،نىمە ئۈچۈنگە جاۋاپسىز رىئاللىقلار چۈشلىرىڭنى بەربات قىلغىنىدا ئاچچىق-ئاچچىق تولغان.
تولغۇنۇشلىرىڭدىن،ھەسرەتلىرىڭدىن جاۋاپ ئىزدىمە،سەۋەپ ئۈچۈن كۈرەش قىلما.
پىلاتوننىڭ ئۆلۈش ئىستىكىدىن ئارستوتىلنىڭ ئۆلۈمدىن قىچىشىغىچە بولغان جەريان ھىچنىمىنىڭ مەنىسىزلىك بىلەن بولغان ئارلىقىچىلىك يىقىن،ھەقىقەتنىڭ سەپسەتە بىلەن بولغان ئارلىقىچىلىك يىراق.
پالما ئاستىدىكى قۇيۇش نۇرىدا تۇيغۇلىرىمنى ئەقلىمگە سىزىش ئۈچۈن ھاياجانلىرىمنى كۆيدۈرۇپ تاشلىدىم.كۆيگەنچە ئۇزاقلاشتىم،ئۇزاقلاشقانچە يالقۇنجۇدۇم.
ئەڭ ئاخىرقى قەدەمنى بىسىش ئالدىدا تۇرغان ماڭا بىچچارە نەزەر بىلەن قارىساڭلار مەغرۇرلۇق بىلەن جاۋاپ قايتۇرىمەن.  

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 18:46:12

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 18:49:58

بۇ تۇردىكى ئەسەرلەرنى نىمە دەپ ئاتىساق بولار، مەن بىر قانچە نام قويۇپ باقاي: مەنىسىزلىك لىرىكىسى، سەپسەتە لىرىكىسى، فىتنە لىرىكىسى.....

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 19:24:27

شەيتانىزىم ....

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 00:00:48

مەن ياقتۇردۇم ، رەھمەت،لىكىن سەۋيەمنىڭ تۇۋەنلىكىدىن تۇلۇق چۇشۇنەلمەي قالدىم. بىرەسىگە ئىنكاس ياندۇرغاندا لا قۇشۇمچىسىنى قاتمىسىڭىز تىخمىۇ ياخشى بۇلاتتى.

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 00:05:20

‏پىلاتونىزم، گېگىلىزم،ماركىسىزم، نىچېشىزم، فاشىزىم، سىتالىنىزم بىر ماھىيەتتىكى سىستېما. بۇلار كىشىلەرنى ھوقۇققا چوقۇندۇرىدۇ، ئەركىنلىككە يول قويمايدۇ، تارىخ ۋە كەلگۈسىنىڭ ھەممە جەريانلىرىنى گويا ھەقىقەتتەك پۈتكەن ھالەتتە تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. پىلاتون «ئوتوپىيە» ئەسىرىدە دۆلەتنى پەيلاسوپلار باشقۇرىشى، پۇقرالارنى تاللاش، ئاجىزلارنى ئۆلتۈرۈش كېرەك دېگەن. نىچې ئۇنى بېيىتىپ كۈچلۈك (ھالقىما)ئادەم  نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، فاشىزم، سىتالىزم، كىمجۇڭباشىزم...غىچە تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلاردىن ئاتالمىش پەيلاسوپلار چىقسا مانا مۇشۇ سىستېمىغا قاتتىق مەپتۇن بولغانلار چىقىۋاتىدۇ. بۇ سىستېما گەپنىڭ راستىنى ئېيتقاندا ئىنتايىن زىيانلىق. ئۇنىڭ زىيىنىنى كارىل پوپپۇرنىڭ ئىلىمپەن پەلسەپىسى ۋە سىياسەت پەلسەپىسى ئارقىلىق كۆرسىتىپ بېرىش كېرەكتەك قىلىدۇ.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 00:14:40

چۈشەنمىدىم، چۈشۈنۈشكە ئۇرۇنمۇدۇم، مەجبۇرى چۈشەندۈرۈلگەن چۈشەنچىلەرنىڭ جىقلىقىدابىردەم بولسىمۇ ئۆزەمنى قىينىماي دىدىم.
ناخشا ئېيتقۇم كېلىۋاتىدۇ، ئېسىل مۇزىكىلاردىن ھوزۇرلانغۇم بار، لېكىن مەندىن باشقىلار ئۇخلاۋاتىدۇ، گەرچە ئومۇننىڭ شەيتانغا مەپتۇن بولۇپ، جىنايەتلىك تۇيغۇلارنى سۆيۈنۈپ خاتىرلىگىنىدەك قورقۇنۇچلۇق ئەركىنلىككە ئۆزەمنى قويىۋىتەلمىسەممۇ، گېزى كەلسە مۇزىكا ئاڭلىماقچى بولغانلىقىممۇ يۇقارقىغا ئوخشاش بىر ئىشلار بولۇپ قېلىشى ئېھتىمال.

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 00:21:43

‏مەن ئۇمۇننىڭ پىلاتون دېگەن گېپىنىلا چۈشەندىم بۇ يازمىسىدا. شۇڭا يۇقارقى مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسنى يېزىش ئارقىلىق بىر ماقالە يېزىشقا ئۆزۈمنى رىغبەتلەندۈرمەكچى بولدۇم. ئۇمۇن بۇرادەر توغرا چۈشەنسە. ئۆتكەندە ئۇمۇن بۇرادەر باشقىلاردىن خېلىلا تىل- ھاقارەت ئاڭلاپ كەتتى. لېكىن مەن بۇ بۇرادەرنى ياقتۇرىمەن.

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 00:22:15

enwerjula يوللىغان ۋاقتى  2014-12-22 00:05 static/image/common/back.gif
‏پىلاتونىزم، گېگىلىزم،ماركىسىزم، نىچېشىزم، فاشىزىم،  ...

لىكىن دەل ئاشۇ سىستىمغا  ئەگەشكەن  مىللەتلارلا  دۇنيا ھۇقۇق چەمبىرنىڭ مەركىزىدىن ئۇرۇن ئالغان ، بەلكىم بۇسىستما خىلى ئۇزۇن مۇددەتكىچە ئىنسانىيەت ئىدىلۇگيە سىدىكى ھۇكۇمران سىستىما بۇلۇپ  تۇرشى مۇمكىن.

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 02:06:51

تاياق توقماق ،تىل ھاقارەت ھۇجۇمىدىن قورقۇپ تۇرۇپمۇ بۇ شېئىرنى ياقتۇرغىنىمنى دەپلىۋېتەي. {:136:}  

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 02:34:14

rita1028 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-22 02:06:51 static/image/common/back.gif
تاياق توقماق ،تىل ھاقارەت ھۇجۇمىدىن قورقۇپ تۇرۇپمۇ بۇ
نەرىنى ياقتۇرۇپ قالغانسىز؟ دىننى چۇشەنچىلەرنى تۇتۇرۇقسىز چۇشەنچە دىگەن يەرلىرىنىمۇ ياقتۇرۇپ قالدىڭىزما؟   ئىسمى جىسمىغا لايىق ھارام لىرىكىسى ئىكەن بۇ.

Heqqaniyet يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 04:40:12

enwerjula يوللىغان ۋاقتى  2014-12-22 00:05 static/image/common/back.gif
‏پىلاتونىزم، گېگىلىزم،ماركىسىزم، نىچېشىزم، فاشىزىم،  ...

قولىڭىزدىن كەلسە ئاشتا بىر قىلسىڭىز بوپتىكەن.

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 05:42:56

enwerjula يوللىغان ۋاقتى  2014-12-22 00:21 static/image/common/back.gif
‏مەن ئۇمۇننىڭ پىلاتون دېگەن گېپىنىلا چۈشەندىم بۇ يازم ...


يازما ئەگزەستانسىيالىزىم(مەۋجۇتلۇق پەلسەپەسى)بىلەن سۇغرۇلغان ھىسياتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن بىرئاز پەلسەپەۋىي  تەپەككۈرتەلەپ قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن.
ئەگزاستىئالىزىم ئەدەبىياتىنىڭ غايىسى ئىنساننى ۋە ئىنساننىڭ مەۋجۇتلىقىنى چۈشۈنۈشتۇر.
مەۋجۇتلىقىمىز ھەققىدە ئىزدىنىش ياشاشنىڭ مەنىسى ۋە ھەقىقىتى ھەققىدە بىزگە كۆپ مەلۇماتلارنى بىرىدۇ.
بىز نىمىشقا مەۋجۇت؟مەۋجۇت بولىشىمىز بىلەن يوقۇلىشىمىزنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
بىز ھەقىقى مەۋجۇتلۇقمۇ ياكى  روھى دۇنيانىڭ ۋە تەڭرىنىڭ كۆلەڭگىسىمۇ؟
مەۋجۇت بولىشىمىزنىڭ ئۆتمۈشتىكى يوقلىقىمىز،ھازىرقى مەۋجۇتلىقىمىز ۋە كەلگۈسىدىكى يوقلىقىمىز بىلەن قانداق باغلىنىشى بار؟؟
خۇددى مەشھۇر ئەگزەستىئالىسىت پاسكالنىڭ دىگىنىدەك:
(باشقا يەردە ئەمەس مۇشۇ يەردە بولغىنىمدىن قاتتىق ھەيرانلىق ۋە دەھشەت ھىس قىلىمەن.
چۈنكى باشقا يەردە بولماي بۇ يەردە بولۇشۇم ياكى بۇرۇن بولماي ھازىر مەۋجۇت بولۇشۇمنىڭ ھىچقانداق سەۋەبى يوق).

پىلاتون، ئارىستوتىلنىڭ ئۆزلۈك پەلسەپەسى ھەققىدىكى قارشلىرى ئەگزاستىئالىزىمنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ.بۇلارنى دىمىسەممۇ سىز بىلىسىز.
بىرىنجى شىئىردا ئىنساننىڭ ئەڭ ياۋايىي تۇيغۇلىرى ئارقىلىق ئىنساننى چۈشۈنۈشكە ئۇرۇنغان بولسا ئىككىنجى شىئىردا  ئۆزلۈك ۋە مەۋجۇتلۇق پەلسەپەسىگە يانداشتۇرۇپ ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بولغان گاڭگىراشنى ئىچىپ بىرىشقا ئۇرۇنغان.
بەلكى بۇ ئۇرۇنۇشلۇرۇم ئىپادىلەش ئىقتىدارىم تەرىپىدىن كۆزلىگەن نىشانغا يىتەلمىگەن بولىشى مومكىن.
ئەنۋەر جۇلا ئەپەندىم تەشەككۈرلەر...

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 09:49:59

كىىپىنەك كىپىنەك خوراز چىللايدۇ
بۇ گۈزەل باغچامدا پەرۋاز قىلغىن شاد
سۆيگۈ ئ‍وتى يانماستى بەلكىم
چىك چىك چىك ئ‍ويغان بالىجان

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 19:12:45

خۇددى مەشھۇر ئەگزەستىئالىسىت پاسكالنىڭ دىگىنىدەك:
(باشقا يەردە ئەمەس مۇشۇ يەردە بولغىنىمدىن قاتتىق ھەيرانلىق ۋە دەھشەت ھىس قىلىمەن.
چۈنكى باشقا يەردە بولماي بۇ يەردە بولۇشۇم ياكى بۇرۇن بولماي ھازىر مەۋجۇت بولۇشۇمنىڭ ھىچقانداق سەۋەبى يوق). بۇگەپلەرنى ئاڭلاپ تۇيۇقسىز بىر سۇئال كاللامغا كىلىپ قالدى ، بۇسۇئالنىڭ كاللامغا كىلىلىپ قىلىش گۇناھمۇ بىلمەيمەن (ئۇلۇغ ئاللا گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغاي) 150 يىلنىڭ ئالدىدا مەن نەدە بۇلغۇيتىم.

AAA يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 19:41:39

ئۇمۇنجان شىئېرنى ئاز يېزىپ ، پاتپات ئىنكاس يېزىپ تۇرۇڭلا شىئېرىڭلاردىن يەنىلا ئىنكاسىڭلارنى ياختۇرىمەن ، ھەربىر ئىنكاسىڭلىنى ئۇقۇسام تىللاپ قۇيىمەن .
تىمىنى چۈشەنمىدىم بەزى كۆزقاراشلىرىڭلار دىققىتىمنى تارتىدۇ،بەزىدە سېلە بىلەن تۇيغۇداش بولغاچقا بۇئىنكاس يېزىلدى.

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 19:46:39

otanqi يوللىغان ۋاقتى  2014-12-22 09:49 static/image/common/back.gif
كىىپىنەك كىپىنەك خوراز چىللايدۇ
بۇ گۈزەل باغچامدا پەر ...

نىمانداق قىززىقچى سىز

qasim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 21:33:04

ئۆزۈم بەزىدە چۈشەنمىسەممۇمۇشۇ زاڭزۇ ،موڭغۇل ناخشىلىر نى ئاڭلاپ كىتىمەن،ئىشقىپ  ئەشۇ ناخشا مۇزىكىلاردىن ئۆزەمچە ھوزۇر ئالىمەن.
ئۇمۇننىڭ ئىنكاسلىرىنى ئىز قوغلاپ ئويتۇم،بۈگۈن تىمىسىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بوپتىمەن.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 19:18:51

ئۇمۇن بۇرادەر ياخشى يازىدۇ،ئىزدىنىۋاتقان زىيالىيلارنىڭ بىرسى.
پەننى نوقتىدىن چۈشەندۈرگەنگە كۆنۈشىمىز كېرەك.زىيالىيلارنى زىيالي بولغىلى قويايلى، ئۇلارنىڭ دىگەنلىرىنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىق ئىككىنچى مەسىلە.
بەت: [1] 2 3 4
: سەۋەپ(ئۇمۇن)