xadlan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 21:29:30

‹ بۇ ئائىلىگە قاراڭ › ناملىق تېلېۋىزىيە چاتما تىيارىتىنى ئىشلەشنى...

يېقىندا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلغان ‹ بۇ ئائىلىگە قاراڭ › ناملىق كۆپ قىسىملىق فىلىم كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولدى. مەزكۇر فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن كەڭ تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى شۇنداقلا بۇ فىلىمنى كىمنىڭ قانچىلىك مەبلەغ بىلەن ئىشلىگەنلىگى ھەققىدە بەس مۇنازىرە قىلىشتى، شۇ سەۋەپتىن بۇ فىلىم ھەققىدە كۆپچىلىككە ئازراق چۈشەنچە بېرىشنى لايىق تاپتىم.
بۇ فىلىمنى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇستەقىل مەبلەغ سېلىپ ئىشلىگەن بولۇپ، 1-بۆلۈمىگە 3 مىليوندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان چوڭ ھەجىمدىكى فىلىم بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
بۇ فىلىمنى ئىشلەش تەييارلىغى 2013-يىلى 8-ئايدىلا باشلانغان دىيىشكە بولىدۇ، بۇ فىلىمنى ئىشلەشكە مەسئۇل بولغان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى رەھبەرلىرى مۇشۇنداق ئويىنىڭ بارلىغىنى ماڭا ئېيتقان، ئەمما تېخى قولغا چىققۇدەك سىنارىيە يوق ئىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن مەزكۇر فىلىمنىڭ باش سىنارىيە يازغۇچىسى ۋارىس ئابابەكرى ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتۈم، چۈنكى مەن ۋارىس ئابابەكرى ئەپەندىنىڭ مۇشۇنداق بىر ئەسەرنى يازغانلىغىنى ئىلگىرى ئاڭلىغان ئىدىم. ئىشنىڭ ئوڭ كەلگىنى شۇ بولدىكى ۋارىس ئابابەكرى ئەپەندى بىر يىل بۇرۇن مۇشۇ خىلدىكى سىنارىيىنى 5 قىسىم قىلىپ يېزىپ قويۇپتىكەن، 2013-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە   تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى رەھبەرلىرى ئەستايىدىل ئويلۇنۇشتىن كېيىن بۇ سىنارىيەنى (ئەسلى ئىسمى‹ شادىمان ئائىلە› دەپ ئېلىنغان) ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئىشلەشنى قارار قىلىپ، بۇ فىلىمنىڭ سىنارىيىسىنى ۋارىس ئابابەكرى ئەپەندىنىڭ دەۋاملىق يېزىشىنى بېكىتتى.
سىنارىيە بېكىتىلگەندىن كېيىن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى رەھبەرلىرى ئەتراپلىق تاللاشتىن كېيىن ئاخىرى مېنى بۇ فىلىمنىڭ باش رېژىسسورلىغىغا بېكىتتى، شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىشنىڭ  تەييارلىغىغا كىرىشىپ كەتتىم. سىنارىست بىلەن ھىكايە قۇرۇلمىسى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھىكايە مەزمۇنى بويىچە خۇدىژنىك (گۈزەل-سەنئەت لاھىيىلىگۈچى ) بىلەن سۈرەتكە ئېلىش مەيدانىنى بېكىتىش شۇنداقلا ئۆينى قانداق ياساش قاتارلىق بىرقاتار مەسىلىلەر ئىچىدە بۇ فىلىمنى ئىشلەشكە كىرىشىپ كەتتۇق. (فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن ياسالغان ئۆي ھازىر بۇزۇۋېتىلدى، بۇ ئۆينى ياساپ رەسمى پۇتكەنگە قەدەر 300مىڭ سومغا يېقىن پۇل كەتتى)
ئەمدى موھىم مەسىلە بولسا بۇ فىلىمدىكى پىرسۇناژلار ئوبرازىغا ماس كېلىدىغان ئارتىستلارنى بېكىتىش بولدى. بىر فىلىمدە ماس كەلگەن ئارتىستلارنى بېكىتىش ئىنتايىن قىيىن بىر ئىش بولۇپ، ئارتىستلارنى جايىدا تاللىمىغاندا فىلىم سۈپىتىگە بەلگىلىك تەسىر يېتىشى تۇرغانلا گەپ. بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئارتىستلارنى مەخپى كۆزەتتۇق، ئۇلار بىلەن كۆرۈشتۇق، تاللاش ئارقىلىق ئاخىرى دەسلەپكى قەدەمدە ئەر-خوتۇننىڭ رولىنى ئالغان ئىككى نەپەر ئارتىستنى تاللاپ چىقتۇق. بالىلارنىڭ رولىنى ئالغان ئارتىستلارنى تاللاش ئىشى ئەڭ جاپالىق جەريان بولدى، مەن ۋە ئىككى نەپەر ياردەمچى رېژىسسور بىر ئاي ۋاقىت چىقىرىپ  بۇ ئۈچ نەپەر بالا ئارتىستنى مەكتەپمۇ-مەكتەپ ئىزدەپ يۈرۈپ يامان تەستە تاللاپ بېكىتتۇق. خۇدىژنىك، جابدۇقچى، كىيىمچىك ۋە چىراقچى قاتارلىق خىزمەتچىلەرمۇ ئىككى ئايدەك جىددى تەييەرلىق قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى 2014-يىلى 2-ئاينىڭ بېشىدا بۇ فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىشنى رەسمى باشلىدۇق. 90 كۈندىن ئارتۇق جاپالىق ئىشلەپ ئاخىرى  2014-يىلى5- ئاينىڭ 6- كۈنى كېچىدە بۇ فىلىمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سۈرەتكە ئېلىپ تاماملىدۇق. مونتاژ، ئاۋاز ياساش، مۇزىكا ئىشلەپ كىرىشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر ئۈچۈن يەنە 3 ئايدەك ۋاقىت كەتتى، ئاخىرى  2014-يىلى11- ئاينىڭ ئاخىرىدا بۇ فىلىم تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى. شۇنداق قىلىپ فىلىمنى ئىشلەشكە تەييارلىق قىلىش باسقۇچىدىن تارتىپ، سۈرەتكە ئېلىش ۋە تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشكىچە بولغان جەريانغا بىر يىلچە ۋاقىت كەتتى.
بۇ فىلىمنى دەسلەپتە 100 قىسىم ئىشلەش پىلانلانغان، يەنى ئىككى يىل ئىچىدە ئىشلەپ بولۇش. بۇ فىلىمنىڭ داۋامى بەلكىم 2015-يىللىرى سۈرەتكە ئېلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
مەن ئاخىرىدا مەزكۇر فىلىمنى ئىشلەپ چىقىرىش ئۈچۈن جاپالىق ئىشلەپ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشقان ھەر بىر ئارتىست ۋە خادىملارغا چوڭقۇر مىننەتدارلىغىمنى بىلدۈرىمەن.
مەن يەنە بۇ فىلىمنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن زور كۈچ چىقارغان ۋە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى رەھبەرلىرىگە چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ دادىل قەدىمىگە مۇبارەك! شەرەپلىك قەدەملەر توختاپ قالمىغاي!
تۆۋەندە بۇ فىلىمنى ئىشلەشكە قاتناشقان بىر قىسىم خادىم ۋە ئارتىستلارنىڭ خاتىرە رەسىملىرى ۋە ۋىدىولىرىنى يوللاپ قويدۇم، پەردە ئارقىسىدىكى نامسىز چولپانلار بىلەنمۇ تونۇشۇپ چىققايسىلەر.
ئاخىرىدا مەزكۇر فىلىمنى ياقتۇرۇپ كۆرگەن ۋە قولىغان بارلىق كۆرەرمەن دوستلارغا رەخمەت!

http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111740_67381.jpg

باش رېژىسسور ئەنۋەر تۇرسۇن ئۇيغار
http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111740_94125.jpg
باش سىنارىست ۋارىس ئابابەكرى
http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111740_82756.jpg
فىلىم مۇدىرى ھەسەنجان ھاشىم

http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111740_85352.jpg
خۇدىژنىك ئادىل مەخەت
http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111740_85607.jpg
ئىجرائىيە رېژىسسور ئېرشات شىرزات
http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111741_46639.jpg
ئابدۇكېرىم ئابلىز
http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111741_83226.jpg
خاسىيەت قۇربان
http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111741_64827.jpg
ئايگۈل ئابدۇللا
http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111741_21016.jpg
ئالىپتېكىن نۇرمۇھەممەت
http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111741_92990.jpg

ئىلفىرات ئەخمەت

http://v.youku.com/v_show/id_XODUxMTQ2MDky.html

http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111741_78645.jpg
ئوپېراتۇر  قۇربانئېلى تۇردى
http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111741_22579.jpg
ئوپېراتۇر نادىر مۇخلىس
http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111742_66090.jpg
جابدۇقچى ئىكرام ئىلھام
http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111742_96855.jpg
مەيدان خاتىرلىگۈچى گۈلىستان ئابدۇرېھىم
http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111742_83918.jpg
چىراقچى ئەكرەم ئەكبەر
http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111742_10895.jpg
كىيىمچىك پەرىدە مەمتىمىن ۋە گۈلشاتقىز مەمەتئېلى
http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111742_85025.jpg
گىرىمچىك ئۇلۇغزات رۇستەم
http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111743_93575.jpg
ئاۋاز ئالغۇچى جاۋ بىڭ
http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111743_34131.jpg
مىكروفون ھۇسەن مامۇت ۋە نىجات مۇختەر
http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111743_61424.jpg
ياردەمچى رېژىسسور تاھىر مەمەتئېلى ۋە ياردەمچى ئوپېراتۇر زوردۇن ئاۋۇت
http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111819_59430.jpg
ياردەمچى ئوپېراتۇر زوردۇن ئاۋۇت
http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111819_20566.jpg
ياردەمچى ئوپېراتۇر ئادىل ئابدۇراخمان
http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111819_49517.jpg
ياردەمچى جابدۇقچى ئەرافات ئەختەم
http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111819_98681.jpg
فىلىم مۇدىرى ياردەمچىسى مۇختەر سۇلتان

http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111819_93224.jpg
چىراقچى ئەكرەم ئەكبەر ۋە ئەلقەم ئەخەت

http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218143045_24092.png

http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218172631_60295.png

http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218143423_28844.png

http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218172820_22312.png

http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218172855_51146.png

http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111820_36334.jpg

http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111820_96212.jpg

http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218151951_31351.jpg

http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111820_24771.jpg

http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111821_61396.jpg

http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111821_85811.jpg

http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111821_24510.jpg

http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111821_35048.jpg

http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111821_29228.jpg

http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111821_90941.jpg

http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111821_71872.jpg

http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218111822_53645.jpg

http://xadlan.com/statics/js/editor/attached/image/20141218/20141218143455_46101.jpg

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 02:25:38

يارايسىلەر،ئاخىرى 10 يىلدىن بۇيان كۆرگۈسى كەلگۈدەك بىر فىلىم روياپقا چىقتى.تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنى پۈتۈنلەي نانقېپىلار قاپلاپ كەتمىگەنلىكى ئىسپاتلاندى.

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 02:31:00

سىز ئەنۋەر تۇرسۇننىڭ ئۆزى بولسىڭىز،بىلىمنىڭ زاكىتىنى بېرىپ،ئانچە مۇنچە مۇنبەرگە بىلگەنلىرىڭىزنى تۆكۈپ قويارسىز.

President يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 04:56:19

مەن مەزكۇر فىلىمنىڭ باش سىنارىيە يازغۇچىسى ۋارىس ئابابەكرى ئەپەندى

سىنارىيىسىنى يازغىنى تۇرسۇنبەگدۇ؟

kurbanjannn يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 08:24:57

فىلىمنى ياخشى ئىشلەپسىلەر، ئەجرىڭلارغا رەھمەت.

sad~da يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 08:39:38

فىلىم ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەنگەن فىلىم بوپتۇ . ھەم قىزقارلىق ھەم تەربىۋى ئەھمىيىتى بار

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 08:42:39

ياخشىكەن ، ئەجەپ جىق پۇل كىتىپتا

BlueWolf يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 08:53:19

{:112:}{:112:}{:112:}{:112:}  خورازدىكى خو

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 08:58:12

نېمە قىلار بولغۇيىتتى ئا بېزەلگەن ئۆينى بۇزۇپ، شۇنداقلا ساتسىمۇ شۇ بېزىلىشىنى 200000 قۇشۇپ ئالىدىغان ئادەم چىقاتتى.
بەك ئەپسۇس ، بۇلار ياكى باشقىلارنىڭ شۇ ئۆيدىن پايدىلىنىپ فىلىمنىڭ زاپىرىنى ئىشلەشىدىن قورققانمىدۇ:lol

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 09:20:37

بۇ تىياتىرنىڭ دۇنياغا كەلگىنى بىز ئۈچۈن يوقتىن ياخشى ئەمەس، بەلكى خىلى ياخشى ئىش. يەنە مۇشۇخىل تىياتىرلارنى ئىشلەش كېرەك. مەسىلەن؛ مائارىپتىكى مەسىلىلەرنى ئەپچىللىك بىلەن يورىتىپ بېرىدىغان ...دېگەندەك.

بىر تەكلىپىم : بولسا سىلەرمۇ  نۇرغۇن تاماشىبىننىڭ دىققەت نۇقتىسى بولالىغان بۇنداق مۇۋەپپەقىيەتلىك تىياتىر ئۈچۈن چەتئەللەرنىڭكىدەك مەخسۇس ئورگان توربېتى ئېچىپ قويساڭلار ئېسىل ئىش بولاتتى، بۇنىڭ رولىنى دىمىسەممۇ بولار...

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 09:43:40

نەچچە يىللاردىن بېرى بىر-بىرىدىن لاۋزا ئىشلەنگەن ئۇيغۇرچە تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن بەكلا سەسكىنىپ يۈرەكئالدى بولۇپ كەتكەن ئىدۈك،توينى شىشاڭغا ئالىدىغان شىشاڭچىلارنىڭ ئىشلىگەن ئاتالمىش تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرى ئانا تىلىمىزدا ئىشلەنگەن فىلىملەرگە ئۈمىدسىزلىك ئېلىپ كەلگەنتى،مۇشۇنداق بىر چاغدا مەزكۇر كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى ھەقىقەتەن ئۇسسىغان جايىمىزغا باردى!مۇشۇ فىلىمنىڭ ئالدى كەينىدىكى بارلىق چوڭ كىچىل قېرىنداشلارنى ھارمىغايسىلەر دىمەكچىمەن!

پۇل ئەجەپ جىق كىتىپتا؟ئارتىسلارنىڭ رول ھەققىمۇ تازا يۇقىرى بولغاندۇ ھەقىچان!:P

داۋامىنى تىزرەك ئىشلىسىكەن دەپ ئىنتىزارمىز.مۇشۇ فىلىمدە باش رول ئالغان ئابدۇكېرىم ئابلىز ئاكا بىلەن خاسىيەت ھەدىگە ئامانلىق تىلەيمەن!:victory:

ERTURUK يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 10:29:09

زال ئىچىگە ياسالغان ئۆي ئۇخشايدۇ ھە ئەمسە .... ...ئۆي ئىچىدىلام سۆرەتكە ئىلىپ كىيىن كىم ئارتوق قىلىپ ساتىدىغانمۇ ئىشكەنتۇق ،،،، پۇل بەك كۆپ كىتىپتۇ ... .لىكىن مۇشۇنداق ئىشلەپ بەرسەڭلا ئېلاننى قانچىلىك قۇشۇپ بەسەڭلارمۇ قاقشىماي كۆرىمىز

samawar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 10:33:47

يۇرۇتۋازلىق قىلغىنىم ئەمەس .يەنە  مۇشۇنداق بىر تىلۋىزىيە تىياتىرى ئىشلەنسە 5 بۆلۈم دىسەك .ھەر بىر يۇرۇت بىردىن بۆلۈم قىلىنسا ...ھاي-ھاي  خۇشاللىقتىن نىمە بولۇپ كىتەرمىز!:lol

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 10:39:03


1.  ۆي بىزەشكە كۆپ پۇلنى ىىسراپ قىپسىلەر.
2. فىلىمدا قوشۇمچە كۆرۈنۈشلەرنىڭ قوشۇلىشى كۆپ بولۇپ كېتىپتۇ. نەچچە مىنۇتتا بىر قتىم ھېلىقى قۇچاقنىڭ كۆرۈنىشى، ۋە بىنا سىرتىنىڭ كۆرۈنىشى بەكلا كۆپ بولۇپ كېتىپتۇ. فىلىمنىڭ الدى-كۈينىدىكى مۇزىكا بىلەن چىقىدىغان كۆرۈنۈشلەر. بەك ۇزۇن. اندىن فىلىم ارىلىقىدا قۇشۇلغان ېلانمۇ ۇزۇن.
فىلىمنى كبرىشتۈرگۈچى بۇ جەھەتتە سەل دىققەت قىلسا بوپتىكەن.
يېرىم ساەتلىك فىلىمنىڭ وتتۇرىسىدا قوشۇلغان قوشۇمچە كۆرۈنۈشلەرنى ساناپ بېقىڭلار.

kuysoyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 10:57:14

تۈگەيدىغان يىرىگە كەلگەندە بىر ئېلان ئېلان تۈگەپلا تۈگەيدۇ ،ئاندىن يەنە بىر مەيدا ئېلان .  مۇشۇ يىرىگە دىققەت قىلشىپ قويساڭلار .

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 11:09:00

قول كەسمىسە قان چىقامدۇ ،.بۇنچىلىك چىقىم قىلماي بىر فىلىم قانداق روياپقا چىقىدۇ.
فىلىم ياخشى بولسا بەدەل تۆلەشكە ئەرزىيدۇ.

aslayman يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 13:10:42

86 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-21 10:39 static/image/common/back.gif
1.  ۆي بىزەشكە كۆپ پۇلنى ىىسراپ قىپسىلەر.
2. فىلىمدا قوشۇ ...

ھازىرقى مەركىزى شەھەرنىڭ ئىستىمال سەۋيىسىگە  نىسپەتەن بىر ئوينى راۋۇرۇس زىننەتلەش ئۇچۇن شۇنچىلىك پۇل كىتىشى نۇرمال ئەھۋال

gaqa يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 17:33:55

كۆپ رەخمەت سىلەرگە! 4ياشقا كىرمىگەن قىزىم ھەتتا فىلىمنىڭ ناخشىسىنى پۈتۈنلەي ئۇگۈنۈپ بوپتۇ،«ئەلۋەتتە ئوخشايدۇ...»دىگەن يىرىگىچە:lol:lol:lol:lol، قىزىمغا قاراپ سۈيۈنۈپ كەتتىم . يەنە بىر قېتىم رەخمەت!{:112:}{:112:}

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 18:15:53

ياۋ پانا !!!!!!، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئەستىن كۆتۇرۈلۇپ كەتتكىلى نى زامان ، شىنجاڭدا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بارلىقنى ئىسىمىزگە سالغىنىڭلارغا كۆپ رەخمەت فلىم ھەقىقەتەن ئىسىل ئىشلىنىپتۇ.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 20:22:15

muztag يوللىغان ۋاقتى  2014-12-21 18:15 static/image/common/back.gif
ياۋ پانا !!!!!!، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئەستىن كۆت ...

:lol
راست گەپ!!!
بەت: [1] 2
: ‹ بۇ ئائىلىگە قاراڭ › ناملىق تېلېۋىزىيە چاتما تىيارىتىنى ئىشلەشنى...