تەمتىرىگەن خىياللار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ehsan21 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-20 19:19يېقىنقى دەۋىرلەردە پاك قوزىلاردەك بىغۇبار قىزلىرىمىزنى ،«قېرى بۆرە»لەرگە مەجبۇرى تاڭغان بولساق،ئەمدى بۇ قوزىلارنى بۆرىلەر يامراپ كەتكەن جاڭگالغا ئەركىن قويىۋەتتۇق.ئۇلار «بۆرىلەر»گە ئۆزى تۇتۇلماقتا..
ئاياللار كېلىن چېغىدا قېيىن ئانىسىنى ئۆچ كۆرىدىغان،قېيىن ئانا بولغاندا كېلىنىنى ئۆچ كۆرىدىغان بولۇپ قالدى .
نىكاھ مۇھەببەتنىڭ قەبرىسى ئەمەس،بەلكى ئۇنىڭ كاپالىتىدۇر.ئىككى دۇنيالىق ھالال جۈپ بولۇش،ياخشى پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارمان قىلمىغان مۇھەببەتنى بەخىتنىڭ قەبرىسى دەيمىز.
ئې ئەر، ئايال سېنىڭ قوۋۇرغاڭ،ئۇنى ئىتقا تاشلاپ بەرمە!
باشقىلاردىن «نىمە بەزدەك قارايدۇ!»دەپ خاپا بولماي،ياپىدىغان يەرنى يېپىپ يۈرۈڭ!
ئەقىدە بىر مىۋىلىك دەرەخكە ئوخشىسا،ئەخلاق شۇ دەرەخنىڭ مىۋىسىگە ئوخشايدۇ.بالىلىرىمىز قەلبىگە ئەقىدە ئۇرۇقى تىكمەي تۇرۇپ،ئۇنىڭدىن ئەخلاق مىۋىسى تەلەپ قىلامدۇق؟
ياشلار ئاۋۋال ئۆز روھىنى ئۆلتۈرىدۇ،ئاندىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ.
ئۆيلەر قۇرۇلماقتا، ئائىلىلەر بۇزۇلماقتا.يۇرتلىرىمىزغا خىزىر كەلمەس،ئۆيلىرىمىزگە پەرىشتە كىرمەس بولۇپ قالدى...
ھەممە ئادەم ئالدامچى بولۇپ كەتكەن يەردە،ھەممە ئادەم ھەم ئالدانغۇچى بولىدۇ.
ئاتا-ئانىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشنى بالامغا كىم ئۈگەتتىكىن؟
ھە... ئۆزۈم ئۈگىتىپتىمەن.
ئەگەر ھەممىمىزئۆزىمىزدىن باشقىنى ئويلىمىساق، قىيامەت دىگەن شۇ.
گۇناھنى ئاشكارا قىلىش،يوشۇرۇن قىلغاندىن يامان.ئۇنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلۇشى، ئاشكارا قىلغاندىنمۇ يامان.
بۇرۇن كىشىلەر « ئى اللە ئىگەم! جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىن،ئاغرىق-سىلاقلاردىن ساقلىغايسەن!» دەپ دۇئا قىلسا،ھازىر«ئى رەببىم ساقچىنىڭ قولىغا قېلىشتىن،دوختۇرخانىغا كىرىپ قېلىشتىن ساقلىغىن ..» دەپ تىلەيدىغان بولۇشتى.
بەش يىل باغۋەنچىلىكتە ئوقۇپ،كۆچەت تىكىشنى ئۈگەنمەي ،مېۋىسىنى شېخىنى يىرىپ يېيىشنى ئۈگىنىپسەن.ئالتە يىل قانۇندا ئوقۇپ ،خەلقنى قانداق بۇلاشنى ئۈگىنىپسەن.ئالى مەكتەپتەئۈگىنىپسەن ،ئادەم بولۇشنى ئۈگەنمىدىڭمۇ؟
دۇنيا نوپۇسنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەمەس،ئۇنى ۋەيران قىلىدىغان نوپۇسنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدن قورقىدۇ.
ئانا تىلنى سۆيمىگەن ئانىسىنى سۆيمەيدۇ، ئەقىدىسىنى سۆيمىگەن ئۆزىنىمۇ سۆيمەيدۇ.
{:112:}isil ھەممىسى بەك ئېسىل ھەممىدىن بۇ سۆز بەك ئىسېلكەن
ئەگەر ھەممىمىزئۆزىمىزدىن باشقىنى ئويلىمىساق، قىيامەت دىگەن شۇ. ئىدىيە مۇھىم، ئىدىيەنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەجىر قىلىش ئوخشاشلا مۇھىم. قالتىس!!! غاپىللارنى ئويغا سالالايدىغان ئۆزگىچە تېما!
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-12-21 20:41):
«غاپىللارنىمۇ» دىيىلىشى كېرەككەن ئەسلى... ياخشى سۆزلەركە بۇ سۆزلەر غاپىللاردىن باشقىنى ئويغا سالالمامدۇ؟
بۇ سۆزلەر مىنى ئويغا سالدى ئۇنداقتا مەن غەپلەت ئىچىدىمۇ؟
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-12-21 09:23):
@sahabe ئىسىل جۈملىلەر. كۆپۈنچىسى ياخشى ئىكەن.
بىراق بەزى چاغلاردا بىز دەبدەبىلەرنى ھەقىقەت بىلەن ئارلاشتۇرۇپ قويىمىز. نەق جايىغا تېگىلگەن گەپلەركەن.{:112:} umun99 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-21 02:41 static/image/common/back.gif
كۆپۈنچىسى ياخشى ئىكەن.
بىراق بەزى چاغلاردا بىز دەبدەبى ...
ھەقىقەت بىلەن ئەمەس ئەمەلىيەت بىلەن دېسەڭ توغرا بولىدۇ. kakkur يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 23:26 static/image/common/back.gif
بۇ سۆزلەر غاپىللاردىن باشقىنى ئويغا سالالمامدۇ؟
بۇ سۆ ...
ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت قېرىندىشىم، ئويلىغىنىمنى دەلمۇ-دەل ئىپادىلىيەلمىگەن شۇ گېپىمگە تۈزەتمە يېزىپ قويدۇم. سىزنىلا ئەمەس ھەممە قېرىنداشلىرىمنى چوقۇم مەندىن كۆپ ياخشى دەپ گۇمان قىلىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتىمەن...:handshake ئاۋۇلار تاۋۇز بۇلاۋاتامدۇ؟ يا مەن خاتا چۈشىنىۋالدىممۇ؟ بەش يىل باغۋەنچىلىكتە ئوقۇپ،كۆچەت تىكىشنى ئۈگەنمەي ،مېۋىسىنى شېخىنى يىرىپ يېيىشنى ئۈگىنىپسەن.ئالتە يىل قانۇندا ئوقۇپ ،خەلقنى قانداق بۇلاشنى ئۈگىنىپسەن.ئالى مەكتەپتەئۈگىنىپسەن ،ئادەم بولۇشنى ئۈگەنمىدىڭمۇ؟
:lol بۇ قۇرۇق گەپلارنىڭ نەرى ئېسىل ؟ نېمە ئەھمىيىتى بار ، ھېچقايسسىسىنى چۇشەنمىدىم ، ئالدامچى كۆپ يەردە ئالدانغۇچى كۆپ دېگەننى ئېسىمگە سېلۋالدىم .
بەت:
[1]