كىرىپ قاپتۇ قەشقەر چۈشۈمگە
كىرىپ قاپتۇ قەشقەر چۈشۈمگە
كىرىپ قاپتۇ قەشقەر چۈشۈمگە ،
بېغىدا ئۆرۈك ، شاپتۇل پىشقۇدەك
يىزىمىزنىڭ باغلىرى ئۈستىگە قوياش ،
سېخىي ئالتۇن نۇرىن چاچقۇدەك.
كىرىپ قاپتۇ قەشقەر چۈشۈمگە ،
ئاسمىنى كۆك ، چەكسىز تۇرغۇدەك
جىگدە بىرلە تىرەك ۋە سۆگەت،
ئابى كەۋسەر سۈيى ئاققۇدەك .
كىرىپ قاپتۇ قەشقەرچۈشۈمگە ،
بۇلاقبېشى يېشىل تۇرغۇدەك .
كەڭ سامادا لاچىن پەرۋازى ،
يەردە ماشىنامىڭىپ يۈرگۈدەك .
كىرىپ قاپتۇ قەشقەر چۈشۈمگە ،
باغلىرى زەپ ھەيۋەت تۇرغۇدەك .
شامال باغ نەزەر باغ چاھار باغ،
ۋە بەشكىرەملەر گۈزەل تۇرغۇدەك .
كىرىپ قاپتۇ قەشقەرچۈشۈمگە ،
ھىيتكاھ مەسچىت زىيا چاچقۇدەك .
ئابدۇقادىر داموللا ۋە جامائەت،
ناماز ئوقۇپ تەسبىھ ئېيىتقۇدەك .
كىرىپ قاپتۇ قەشقەر چۈشۈمگە
ئوماق باللار مەكتەپتە يۈرگۈدەك
مەھمۇت بوۋام بىلىم بەرگەچكە
ئۇيغۇر شۇنداق ھۆكۈم سۈرگۈدەك
ئاپتۇرى ھاجىئەكبەر ئەزىز تۇمار ئاسقىن بوينىغا ئۇنىڭ،
كۆز تەگمىسۇن، تىل ھەم تەگمىسۇن!
قار نىيەتلەر پېيىدە ئۇنىڭ،
يىل قوينىدا خوراپ كەتمىسۇن.
ئالامەت كېرىشتۈرۈپسىزغۇ.:lol:lol
ئەمدى ئازراقلا ئۆزگەرتىپ خوتەن دەپ چىقاساق بۇلامتا (jan) ئاكا ئاخىرقى 3 كۇبلىتنىڭ ئاھاڭدارلىقىغا يەنە بىزە ئىشلىۋەتكەن بولسىڭىز تېخخمۇ ياخشى چىقاركەن. ئەخمەت گىتتارنىڭ ئۇدارىغا سالسا بىر ناخشا پۇتۇدىكەن aymuhammat يوللىغان ۋاقتى 2014-12-21 10:04 static/image/common/back.gif
ئالامەت كېرىشتۈرۈپسىزغۇ.
مەھمۇد قەشقىرى خوتەنلىكمىتى قايىم
خوتەندە شالامباغ نەزەرباغ چاھارباغ بامىتيا ئەينا aymuhammat يوللىغان ۋاقتى 2014-12-21 10:04 static/image/common/back.gif
ئالامەت كېرىشتۈرۈپسىزغۇ.
خاس قەشقەرچە شىئىرتى بۇ ھۈتتەس دورىماڭ ماقما ئۆزگرتىشكە بوممايتۇ
بەت:
[1]