86 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 16:11:33

روھنىڭ تەنگە بولغان تەسىرى

روھنىڭ تەنگە بولغان تەسىرى

روھنى كۆرگىلى بولمىغاندىكىن، يەنە ئادەم بەدىنى ئىچىدىكى ئەزالارنىڭ ئىشلەش مۇرەككەپ  فىزىئولوگىيىلىك جەريانىنى ئۆزىمىز كۈزىتەلمىگەندىكىن، ئادەمنىڭ روھى ئۆز بەدىنىنىڭ فىزىئولوگىيىسىگە قانداق قىلىپ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، پىسخىكىمىز  فىزىئولوگىيىمىزگە تەسىر قىلىش جەريانىنىڭ كونكىرىت قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەك تەس بولىشى مۇمكىن.
بىراق، ياشاش جەريانىمىزدا، روھىي ھالىتىمىزنىڭ قانداق بولىشى، كەيپىياتنىمىزنىڭ قانداق بولىشى، ئىشەچنىڭ قانداق بولىشى دىگەنلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىمىزغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايمىز.
بىز تەن ساغلاملىق تۇغرىسىدا پاراڭلىشىپ قالساق، بەزىدە بەزى كىسەللىرىمىزنىڭ ساقىيىشىغا ، «ساقىىيىپ كېتىمەن» دىگەن ئىشەنچ روھىمىزدا شەكىللەنسە، ساقىيىپ كېتىشىمىزگە ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقى تۇغۇرلۇق ئوخشاش قاراشلاردا بولىمىز. چۈنكى كىشىلەر مۇشۇنداق ھېس قىلىدۇ.
يەنە تېخى مۇنداق گەپلەرنىمۇ ئاڭلايمىز: بەزىدە تىۋىپنىڭ بەرگەن دورىسىغا قارىغاندا، شۇ تىۋىپقا ئىشىنىپ، ئۇنىڭ   بەرگەن دورىسىنى يىسەم ساقىيىپ كېتىمەنغۇ! دىگەن ئىشەنچ كۈچلۈك بولسا، دورىنىڭ تەسىرىدىنمۇ بەكرەك شۇ ئىشەنچنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولىدۇ دەپ ، مۇنداق گەپلەر بار: «بىر ئادەم ئېغىر زۇكام بولۇپ، يۆتۈلۈپ،  قانداقلا قىپ باقسا ساقايماپتۇ. ئۇنىڭغا بىرسى بىر  تىۋىپنى ناھاىيىتى ئۇستا دەپ ماختاپ كۈچلۈك  تەۋسىيە قىلىپ شۇ تىۋىپنىڭ دورىسىنى يىيىشنى ئېيتىپتىكەن. بۇ ئادەم شۇ تىۋىپنىڭ قېشىغا بېرىپتۇ. تىۋىپ بۇ ئادەمنىڭ تۇمۇرىنى تۇتۇپ، ئارتۇق گەپ قىلمايلا، بىر ۋاراق قەغەزگە دورا بولىدىغان نەرسىلەرنى يېزىپ، ئاندىن بۇ قەغەزنى پۈكلەپ ئۇنىڭغا  تۇتقۇزۇپ: «مۇشۇنى قاينىتىپ ئىچسەڭ ئوڭشىلىپ كېتىسەن » دەپتىكەن. بۇ ئادەم ساۋاتسىز بولۇپ خەت تونىمايدىكەن، ئۇ  تىۋىپنىڭ  بەرگەن بۇ قەغىزىنى دورا مۇشۇ شۇ ئوخشايدۇ دەپ، ئۆيىگە بېرىپ قاينىتىپ ئىچىپ ساقىيىپ كېتىپتۇ،  بۇ تىۋىپنى راستلا ناھايىتى ئۇستا تىۋىپكەن دەپ كىسىلىدىن ساقايغىنىغا خۇشال بولۇپ، تىۋىپقا رەھمەت ئېيتقىلى بارغانلىقىنى، بۇ قەغەزنى قاينتىپ ئىچكەندىن كېيىن تېزلا ساقىيىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقانكەن». مۇشۇنداق پاراڭلارنىمۇ ئاڭلايمىز. بۇ يەردە دىمەكچى بولغان گەپ، بىمارنىڭ كۆڭلىدە ئەمدى ساقىيىپ كېتىمەن دىگەن ئشەنچنىڭ كۈچلۈك بولشى، ئۇنىڭ بەدىنىدە شۇ كىسەلگە قاراشى كۈچنىڭ كۈچلىنىپ ئۇنىڭ كېسلىنىڭ ساقىيىشىغا كۈچ قوشقان دىمەكچى.
بۇنداق مىساللار كۆپ، ئەمما بۇنىڭ ئىلمىيلىقى قانچىلىك دەرىجىدە؟  روھىي ھەلەتنىڭ تەنگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى بەزىدە روشەن ھېس قىلىمىز. مەسىلەن، ئىنتايىن قايغۇلۇق بىرەر ئىش تەسىر قىلىپ، يۈرىكىدىن مەسىلە كۆرىلىدىغان،  ئۇزاق ۋاقىت كەيپىياتى ياخشى بولماي گېلىدىن تاماقمۇ ئۆتمەيدىغان بېشى ئاغرىيدىغان دىگەندەك ئىشلارنى كۆپ ئۇچرىتىمىز. يەنە ئاچچىقلاشنىڭ يۈرەككە يامان تەسىر قىلىدىغانلىقىنىمۇ روشەن ھېس قىلىمىز. يەنە جىنىسيەتكىمۇ روھىيەتنىڭ تەسىرى روشەن بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز.
شۇڭا، بۇ جەھەتتە ئىلمىي تەجىربىلەردىن چىقارغان ئىشەنچلىك يەكۈنۈم بولمىسىمۇ،  مەلۇم دەرىجىدە شۇنداق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەنمەن.
زادى قايسى جەھەتلەردە، قانداق تەسىر قىلىدۇ؟ دىگەننى  بىرەر قۇر تەھلىل قىلىپ باقتىم. پەرەز قىلىپ باقتىم.  ھېس قىلغان ئىشلارغا قىياس قىلىپ باقتىم، ئانچە-مۇنچە كۈزىتىپ باقتىم.  شۇنداق قىلىپ ھېس قىلغىنىمنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ باقاي. بەلكىم ئاساسىم يۈزەكى بولسىمۇ،  بەزىبىر ھەقىقەتلەرمۇ مۇشۇنىڭ ئىچىدە بار بولىشى مۇمكىن. كۆپچىلىك دىققەت قىلىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مېنىڭ كۈزىتىشىمچە، ئادەمنىڭ پىسخىكىسى ئۆز بەدىنىگە تۆۋەندىكىدەك جەھەتلەردىن تەسىر قىلىدۇ:
نەپەس سېستىمىمىزغا، يۈرەك قان تۇمۇر سېستىمىمىزغا، ھەزىم قىلىش سېستىمىمىزغا، جىنسىي جەھەتكە، نېرۋا سېستىمىمىزىغا، پۈتۈن بەدىنىمىزنىڭ ئىمۇنت كۈچىگە، پۈتۈن بەدەننىڭ تەڭپۇڭلىقىغا(مەن ئادەم بەدىنىنىمۇ بىر تەبىئەت دۇنياسىدەكلا  تەسەۋۋۇر قىلىمەن. يەر يۈزىدە ئېكولۇگىيىلىك تەڭپۇڭ بولغىنىدەك، بەدەن ئىچىدىمۇ شۇنداق ھەممە ئېلىمېنتلار ، مىكروپلار دىگەندەك ھەممىسى بىر -بىرىگە زەنجىرسىمان تەسىر قىلىىشىغان بىر خىل تەڭپۇڭلۇق ساقلانغاندا ئادەم ساغلام ھىساپلىنىدۇ، ھەممە ئەزالا نورمال ئىشلەيدۇ، تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلغاندا كىسەل ھالەت شەكىللىنىدۇ، دەپ قارايمەن).
ئادەمنىڭ روھىدىكى  خۇشاللىقى، ئىشەنچىسى كۈچلۈك بولىشى، كەيپىياتى ياخشى بولىشى قاتارلىقلار ، تەننىڭ  ساغلام بولىشىغا كۈچ قوشىدۇ. ئەكسىچە، قايغۇرۇش، ئاچچىقلاش، ئىشەنچىسىنى يۇقۇتۇش، كەيپىياتى ناچار بولۇش، كۈن بويى كۆڭلى يېرىم يۈرۈش، روھىي جەھەتتىن بېسىم ئاستىدا ياشاش قاتارلىقلار بولسا بەدەننىڭ نورماللىقىنى بۇزۇشقا كۈچ قوشۇپ كىسەللىك پەيدا قىلىدۇ.
ئەمدى بىر قانچە مىسال ئالاي، كۆپچىلىك تەھلىل قىلىپ بېقىڭلار.

1. مەيلى نىمىلا كىسىەل بولسۇن، شۇ كىسەلنىڭ ساقىيىپ كېتىشىگە روھىدا ئىشەنچ ئاشقانسېرى كىسەلدىن ساقىيىشقا كۈچ قوشىدۇ؛ ئەكسىچە ، ئۇمىدسىزلەنگەنسېرى، كىسەلگە قارشى كۈچى ئاجىزلاپ كىسەلنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىگە كۈچ قوشىدۇ؛

2. بەزىلەر، ئازراق سەمىرگەندىن كېىنلا روھىدا بىر خىل كوڭلى يېرىم بولۇش، يەنى «مەن سەمىرىپ كەتكۈدەكمەن» دىگەن ئىشەنچ ئېشىپ كېتىپ، (ئەكسىچە سەمىرىپ كەتمەي نورمال تۇرىمەن دىگەن ئىشەنچىسى ئاجىزلاپ كەتكەنلىكتىن)، ئۇنىڭ ھەزىم قىلىش سېتىمىسى سەمىرىپ كېتىشكە خىزمەت قىلىشى ئاشىدۇ. ئەشۇ سىمىرىپ كەتمىسەم بولىتى دىگەن ئىشەنچىسى بولمىغانچقا، كۆڭلى يېرىم بولۇپ، سەمىرىپ كېتىدىكەنمەن دىگەن ئىشەنچىسى ئۈستۈنلۈكتە بولغاچقا، ئۇ ئەمدى ئۆزىنى تاماقتىن قىسىپ باقسىمۇ، تاماقنى تۈزۈك يىمەي يۈرسىمۇ، ھەزىم قىلىش سېستمىسى ئۇنىڭ  بەدىنىگە ماي قۇشۇپ سەمىرىپ كېتىشى مۇمكىن. يەنى ئۇنىڭ ھەزىم قىلىش سېستىمىسىگە ئۇنىڭ ئەشۇ روھىي ھالىتى تەسىر قىلغان. سەمىرىپ كەتسەم كېتەي، دىگەن ئاڭ كۈچلۈك بولسا، سەمىرىپ كېتىشىدىن ئەندىشىسى يۇقالسا ، بەدىنى سەمىرىشتىن سەل تۇختشى مۇمكىن. ئەكچىسە، ئورۇقلارنىڭ سەمىرەلمەي يۈرىشىگىمۇ ئۇنىڭ ئېرىسيەت ۋە باشقا ئامىللاردىن ئۇنىڭ ھەمزىم سېستمىسى شۇنداقراق بولغاندىن باشقا ، يەنە ئۇنىڭ روھىي ھالىتى مەلۇم دەرىجىدە كۈچ قوشىشى مۇمكىن. مەن سەمىرەلمەيمەن دەپ كۆڭلى يېرىم بولغانسېرى، يىگەن نەرسىسى بەدىنىگە قۇشۇلماي، باشقا نەرسىلەرگە ئايلاندۇرۇپ كەينىگىلا ئۇزىتىپ بېرىشى مۇمكىن. (شۇڭا، مەن كىشىلەرگە شۇنداق تەۋسىيە قىلىمەن: سەمىرىپ كەكتەن كىشىنى سەمىرىپ كېتىپسەن، ياكى ئورۇق كىشىنى سەن نىمانداق جۈدەپ كەتتىڭ دىگەن گەپنى ھەرگىز شۇ كىشىگە  دىمەڭلار. شۇنداق دىگەنسېرى سېمىزنىڭ ئورۇقلىشىغا توسقۇن بولىدۇ)

3. بەزىلەرنىڭ ئازراق چېچى چۈشسە ھۇدۇقۇپ، «چېچىم چۈشۈپ كېتىىغان بولدى» دىگەن ئىشەنچىسى ئۈستۈنلۈككە چىقىۋېلىپ، چېچى داۋاملىق چۈشۈش ئشىەنچىسىنىڭ تەسىرىدە چېچى تېخىمۇ كۆپ چۈشىدۇ. چۈشمەيدۇ دىگەن ئىشەنچىسى يۇقۇرى بولسا، چېچى تېخىمۇ كۆپ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۈچ قوشىدۇ؛ (شۇڭا، چېچىڭىز چۈشسە، ۋىتامىن دىگەندەك نەرسىلەر بىلەن، تەدبىر قىلىشتىن باشقا، ھەرگىز ئۇنىڭغا كۆڭلىڭزنى يېرىم قىلماڭ، چۈشۈپ كەتسەڭ كەتمەمسەن، چۈشۈپ كەتسەڭمۇ، بېشىمنىڭ تېرىسى ئاغرىمغاندىن كېيىن بوپتۇ! دەڭ)

4. بەزى ئاياللار توي قىلىپلا قوسىغىنى ماراشقا باشلايدۇ. يىگىتنىڭ ھەم قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ شۇنداق قىلىپ بۇ كىلىنگە بېسىم قىلىشقا باشلايدۇ.  شۇنىڭ بىلەن ھامىلدار بۇلۇش ئىشەنچىسى تۆۋەنلەپ، ناۋادا 4 ئاي ئۆتىمىسمۇ ھامىلدار بولمىسا ھامىلدار بۇلامىغۇدەكمەن دىگەن ئىشەنچىسى ئۈستۈن كېلىدۇ دە،  ھامىلدا بولۇشقا توسقۇنلۇق قىلىش رولىنى ئۆتەيدۇ.  ئەشۇ روھىي بېسىمى ھامىلدار بولۇشقا زىيانلىق كۈچ قوشىدۇ. ئەسلى، توي قىلغاندىن كېيىن مۇھەببەتنىڭ ھوزۇرىنى كۆرۈپ شېرىن كۈنلەرنىڭ پەيزىسىنى سۈرۈپ ، ھامىلدار بولۇش-بولماسلىقنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىسە، بەدەنىنىڭ ھامىلدار بولۇشقا ئىشلەيدىغان مىخانىزىمى نورمال ئىشلەيدىغان بولۇپ، ھامىلدار بولغانلىقىنى تۇيمايلا قالىدۇ، «مەن بىر نورمال ئايال ھەممە ئاللارغا ئوخشاش ئاللاھ خالىسا ھامىلدار بولىمەن» ، دەپ ھامىلدار بولۇشنى خيالىغىمۇ كەلتۈرمەي ئەر-خۇتۇنلۇق ئىناقلىقىنى ۋۇجۇتكە كەلتۈرۈپ خاتىرجەم بولىسلا، ھامىلدار بولۇشقا پايدىلىق. (ساغلام بولغان ئەر-خۇتۇنغا قارىتا).
بەزى بىر تۇغماي نەچچە يىل بولۇپ كېتىپ، ھامىلدار بولىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، بىرەر بالىنى بېقىۋالغاندىن كېيىن، ئۇزاققا قالمايىلا ھامىلدار بولغان ئايالللار كۆپ مەھەللىلەردە بىرەردىن بار. مېنىڭچە، بۇلار دەل شۇ روھىي ھالىتى ھامىلدار بولۇشقا  توسقۇن بولغان. بالا بېقىۋالغاندىن كېيىن خىيالى شۇ بالىدا بولۇپ، ئۆزىدىكى ھېلىقى كۆڭۈل يېرىملىقى، ھامىلدار بولۇش بولماسلىقى  مەسىلىسى ئۇنتۇلۇپ قېلىپ، ھامىلدار بولۇش مىخانىزىمى نورمال خىزمەتكە چۈشۈپ، ئۇزاققا قالمايلا بويىدا قالغان، دەپ پەرەز قىلىمەن.
(شۇڭا، مەن بەز ئاتا-ئانا بولغۇچىلارغا، ۋە نىكاھدىن كېين بالىنىڭ گېپىنى قىلىپ، بېسىم قىلىدىغانلارغا شۇنداق دەيمەن: نىمە قىلىسىلەر خەقنىڭ قوسىقىنى ماراپ؟ خۇدا بەرگەن كۈنى تۇغسۇن دەپ ئولتۇرۇڭلار. كىلىنگە بېسىم قىلغىنىڭ ئۇنىڭ تۇغىشىغا زىيانكەشلىك قىلغىنىڭ!)

مەن يەنە مۇنداق بىر ئىشقىمۇ دىققەت قىلدىم. بىزنىڭ مەھەللىدە بەزىلەرنىڭ 8 ئوغلى بار، بەزىلەرنىڭ 9 قىزىمۇ بار.  بىزنىڭ خۇشنىمىزنىڭ ئايالىمۇ كەينى-كەينىدىن ئۈچ ئوغۇل تۇغۇپ، ئۈچىنچىسىنىڭمۇ ئوغۇل بولۇپ قالغانلىقىغا كۆڭلى يېرىم بولۇپ، سۈتىمۇ تۈزۈك چۈشمىگەن ئەھۋال يۈز بەرگەن. يەنە بىر تۇققۇنىمىزنىڭ قىزى كەينى-كەينىدىن ئىككى قىز تۇققنادىن كېيىن، قېين ئاپىلىرى ئۇنى ئوغۇل تۇغمايدىغان بىرنىمەكەنسەن دەپ يەكلەپ، روھىي بېىسىم قىلغان. مەن ئويلايمەن مۇشۇ خىل ئەر-ئاياللار قىز تۇغۇشقا، ياكى ئوغۇل تۇغۇشقا ئىشەنچىسى ئاجىزلاشقانسېرى، ئەشۇ ئەندىشە قىلغان ئىشنىڭ يۈز  بېرىشىغا كۈچ قۇشۇپ قۇيۇش رولى بارمىدۇ قانداق دەپ ئويلاپ قالدم.
(شۇڭا، مەن بەزى كىشىلەرگە شۇنداق دەيمەن: خۇدا نىمە بەرسە رازى بولۇڭلار. قىز بولسۇن ئوغۇل بولسۇن ئوخىشاش دەپ قاراڭلار. شۇنداق بولغاندا، قىز ياكى ئوغۇل بولۇش نىسبىتى تەڭ بولىشى مۇمكىن. )

5. ئۇزاق ۋاقىت روھىي بېسىم، خاپىلىق بولغاندا، مۇشۇنداق روھي ھالەت  يۈرەك كېسىلى بولۇپ قېلىشقا كۈچ قوشۇش مۇمكىن. ئادەم بەدىنى ئىچىدىكى قان تۇمۇرلارنى بىز قانداق قىلىپ كونترۇل قىلالايمىز؟ ئادەم بەدىنىدىكى قاننى بىز روھىمىز بىلەن نېرى-بېرى قىلالامدۇق؟ دىگەندە، ئادەمنىڭ جىنىسيەت ئىشىنى تەھلىل قىلىپ باقتىم(خيالىمىز قاننى ماڭدۇرىدۇ، جىنىسي ئەزاغا چىڭدايدۇ. ). يەنە چۆچۈش، ئاچچىقلاش، قايغۇرۇش قاتارلىق ئىشلار يۈز بەرگەندە يۈرەك بىئاراملىق ھېس قىلىمىز. يەنە باشمۇ ئاغرىيدىغان ئىشلار يۈز بېرىدۇ. شۇنىغا قارىغاندا بىزنىڭ روھىي كەيپىياتمىز قان تۇمۇرلارنىڭ ھالىتىگىمۇ تەسىر قىلىشى مۇمكىن.  يۈرەك كېسىلى بولۇپ قالغان كىشىلەرگە دۇختۇرلار تولىسى كەيپىياتنى ياخشى ساقلانسۇن، خاپىلىق كۆرمىسۇن دەپ تاپىلايدىكەن.
(شۇڭا، مەن كىشىلەرگە كۆپ تەكىتلەيمەن، نىمە قىلىسلەر ئۇششۇاق ئىشلارغا تېىكپ ، چىڭقىلىپ؟ سوغۇققانلىق بىلەن  رىيالىقنى قۇبۇل قىلىپ ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىڭنى قىلساڭلارلا بولمىدىمۇ؟ )

6. بىر ئادەم روھىي ھالىتىنىڭ قانداق بولۇشى، ئۆزگىرىشچانلىقى دىگەندەك خەھەتلەردە، شۇ ئادەمنىڭ دۇنيا قارىشى ، بىلىم ساپاسى قاتارلىقلارغىمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئادەمنىڭ كۆز قارىشىدا، ئۇششاق ئىشقا نىمە قىلاي تېرىكىپ؟ دەيدىغان روھىي ھالىتى شەكىللەنگەندە ، ئاسان ئاچچىقلماسلىقى مۇمكىن. يەنە روھىي كۆتۈرۈشچابلىقىمۇ يۇقۇرى بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇنداق بولغاندا، خېلى چوڭ كېلىشمەسلىكلەرگىمۇ سەۋىر قىلالايدىغان كۈچى بولىدۇ.  ئەكسىچە بولغاندا، دۇنيا قارىشىنىڭ تايىنى يوق، بىلىمىمۇ يوق بەزى كىشىلەر روھىي جەھەتتىن پالاكەت بولۇپ، تۇرمۇشىدا بەزى-بىر ئىسسىق- سوغۇقلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي، روھىي كىسەل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. نېرۋىسى ئېلىشىپ قېلىشى مۇمكىن.  يەنى، كۆڭۈلسىزلىك ئېغىر، روھىي زەربە ئېغىر كېلىپ قالسا، نېرۋا سېستىمىسىنى قالايماقان قىلىپ، نېرۋا كېسىلى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
شۇڭا، دەيمەن ، ھەر ۋاقىت كەيپىاتىڭىزنى تەڭشەپ، كەيپىياتىڭىزنىڭ ياخشىلىنىشغا تەبىر قىلىپ تۇرۇڭ. قايغۇ ھەسرەتلىك ئىشلىرڭىز بولسا، ئىچىڭىزگە يۈتۈپ ئۇنى ساقلاپ بېقىپ يۈرىۋەرمەي، يېقىن ئادەملىرىڭىز بىلەن مۇڭداشسىڭىزمۇ يىنىكلەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئۆزىڭىزگە تەئەللۇققا شۈكرى قىلىشنى بىلىڭ. باشقىلارنىڭ ئىشىغا ھەسەت قىلىشتىن ساقلىنىڭ.  باشقىلارغا قولىڭىزىدن كەلسە ياردەم قىلىپ تۇرۇڭ، باشقىلارغا قىلغان ياردەم ماھىيەتتە ئۆزىڭىزگە قىلغان ياردەمدۇر.  روھىي ساغلاملىقىڭىز تەن ساغلاملىقىڭىزغا پايدىلىق!

tamqi1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 16:15:30

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tamqi1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-20 16:48  

قىلالايمەن دېسەڭمۇ قىلالمايمەن دېسەڭمۇ ئېككىلسىى توغرا
سەن بىر ئىشى قىلالايمەن دېسەڭ،بەدىنىڭدىكى ئىلمىنېتلار دېققەت ھالىتىگە كىلىدۇ.
قىلالمايمەن دېسەڭ بەدىنىڭدىكى ئىلمېنىتلار ئارام ئىلىش ھالىتىگە كىلىدۇ
ئىددىيە ماددىنى بارلىققا كەلتۇرىدۇ
دېگەن گەپلەر مۇشۇ بولسا كېرەك{:92:}
باش تىمىنى روھنىڭ تەنگە بولغان تەسىرى دېگەندىن كۆرە كەيپىيانىڭ تەنگە بۇلغان تەسىرى،دەپ ئالغان بولساق تېخىمۇ ياخشىراق بولاركەن دەپ ئۇيلاپقالدىم (ئۇزەمچە){:92:}

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 16:41:48

خۇدايىم بۇيرىسا قىلالايمەن دەيلى

Elder يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 17:00:17

بەزىدە تىۋىپنىڭ بەرگەن دورىسىغا قارىغاندا، شۇ تىۋىپقا ئىشىنىپ، ئۇنىڭ   بەرگەن دورىسىنى يىسەم ساقىيىپ كېتىمەنغۇ! دىگەن ئىشەنچ كۈچلۈك بولسا، دورىنىڭ تەسىرىدىنمۇ بەكرەك شۇ ئىشەنچنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولىدۇ
بۇ راست ئىش. بۇنى پىلاسېبو ھادىسىسى (placebo effect) دەيدۇ. بەزى كېسەللەردە ھېچقانداق رولى يوق شېكەر، سۇ دېگەندەك نەرسىلەرنى دورا شەكلىگە كەلتۈرۈپ ساتسا، قىسمەن بىمارلار دورا دەپ ئىشىنىپ، يەپ ساقىيىپ كېتىدىغان ئىشلار بار. بۇنى ئادەتتىكى زۇكام، گال ئاغرىقى دېگەنلەرگە قوللىنىدۇ. راك، يۈرەك تىقىلمىسى دېگەنلەرگە ئۇنچىۋالا ئىشلەپ كەتمىسىمۇ...

تېمىدا روھتىن سۆلەپ كېلىپلا پىسخىكىغا ئۆتۈپ كېتىپسىز - ھە. ئەسلى قايسى قانداق بىرەر قۇر ئېنىقلىما بېرىدىغان ئىش ئىكەنتۇق.

ئاندىن سىز كەلتۈرگەن، سېمىرىش، چاچ چۈشۈش دېگەندەك ھادىسىلەردە نوقۇل روھى كەيپىياتنىڭ فىزىئولوگىيەگە بولغان تەسىرىنىلا كۆزەتمەستىن، بەلكى قىلمىشقا بولغان تەسىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك.
مەسىلەن : بەرىبىر سەمىرىمەن دېگەن ئادەم يېگەن ئىچكىنىگە دېققەت قىلماي ئادەتتىكىدىن جىق يەۋېتىدىغان ئەھۋال كۆپ.
چېچېىم ئەمدى چۈپ كېتىدىغان بولدى دېگەن ئادەم، بېشىنى يۇيۇشقا، چاچ تاراشقا دېققەت قىلمايدۇ دېگەندەك...

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 17:18:52

پوزىستىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ  دىگەن شۇدە.......

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 17:40:41

تىمىنى پىسخىكىنىڭ فىزىولىگىيەگە تەسىر قىلىشى دەپ ئالايمىكىن دەپ ئويلىغان ئەسلى. روھىي دىسەم دائىرىسى سەل كەڭ بۇلامدىكىن دەپ ئويلىدىم.

toethogul يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 01:54:37

86 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-20 17:40 static/image/common/back.gif
تىمىنى پىسخىكىنىڭ فىزىولىگىيەگە تەسىر قىلىشى دەپ ئالا ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

بولسا قۇرئان ۋە سۈننەت ئاساسىدا روھ، نەفەس ۋە سەدىر ھەققىدە بىر چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز. بىر مۇسۇلمان بۇ ئۇقۇملارنى قانداق ئايرىش كېرەك؟  بەزى مۇسۇلمان مۇتەپككۇرلار ئىنساندا روھ يوق، بەلكى ئۇنىڭدا بار بولغىنى نەفىس دەيدىكەن، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

sahl777 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 11:23:16

بىر شائىر تېۋىپنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ.سەزگۈر تېۋىپ،شائىردىن سوراپتۇ.  -ئۆزۈڭ يازغان،تېخى ھېچكىمگە ئوقۇپ بەرمىگەن شېئىرىڭ بارمۇ؟  -بار،دەپتۇ،شائىر.  
-ئوقۇ!    شائىر،ئوقۇپ بېرىپتۇ.
-بولدى، ساقايدىڭ ،كەتسەڭ بولىدۇ-دەپتۇ تېۋىپ. -شۇنداق بىر شېئىر يېزىپسەنكى،شېئىرىڭنىڭ  بىتەمىز (تەمىى يوق)لىكىدىن بۇ دەردكە گىرىپتاربوپسەن.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 09:18:38

     ئادەم مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش ئۈچۈن چوقۇم ئۆز-ئۆزىدە قىلماقچى بولغان شۇ ئىشىنىڭ غەلبە قىلىشىغا ھەقىيقى ئشەنچ تۇرغۇزسا، ئادەتتىكى كىشىلەر تەرىپىدىن 《قىلغىلى بولمايدۇ》دەپ قارالغان قىيىن ئىشلارنىمۇ ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولىدىغانلىغى ھەققىدە بۇ تېمىغا يانداش ھالدا مۇنداق بىر ھىكمەتلىك ھىكايەتنى ئەسلەپ قالدىم:
    بىر ئادەم ئېغىر يۈك بېسىلغان بىر ھارىۋىنى سۆرەپ بىر دۆڭگە كەلگەندە سۆرەپ چىقىشقا شۇنچە كۈچىگەن بولسىمۇ زادىلا چىقالماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئامالسىزلىقتىن  يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر كىشىدىن ياردەم تەلەپ قىپتۇ ، نەتىجىدە ئۇ ئادەم ماقۇل بولۇپ ھارۋىنىڭ كەينىدىن مېڭىپ ۋە بۇ ھارۋىچى ئادەم ھارۋىنى سۆرەپ دۆڭدىن ئاسانلا چىقىپ   كېتىپتۇ ۋە ھېلىقى 《ئىتتىرىشىپ》بەرگەن كىشىگە رەھمەت-تەشەككۈرلەرنى ياغدۇرغىلى تۇرغاندا ئۇ كىشى بۇ ھارۋىچىغا : -تەشەككۈرنى ئۆزىڭىزگە ئېيتىڭ، چۈنكى مەن دۆڭدىن چىققىچە ھارىۋىڭىزنى پەقەتلا ئىتتەرمىدىم، مەن پەقەتلا ئىتتەرگەندەك قىلىپ ھە-ھۇ دەپ قۇرۇق ئىنجىقلاپ قويدۇم-خالاس، سىز دۆڭگە ئۆزىڭىز يالغۇز سۆرەپ چىقىپ كەتتىڭىز-دەپتۇ.  دىمەك بۇ يەردە «ياردەم بېرىلىۋاتىمەن» دىگەن شەكسىز ئىشەنچ سەۋەبىدىن ھارۋىچىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى يوشۇرۇن كۈچ ئوتتۇرىغا چىققان.
بىزمۇ بۇ ھاياتتا چىقماق مۈشكۈل  《داۋان》لارغا دۇچ كەپ تۇرىمىز، شۇنداق چاغلاردا بۇنىڭدىن ھالقىش مۈمكىن ئەمەس دەپ مەغلۇپلارچە چېكىنمەستىن،بەلكى يېنىمىزدىلا بىزنى كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقان قۇدرەتلىك ئىگىمىزدىن ياردەم تەلەپ قىلساق ۋە ئۇ زاتنىڭ بىزگە ياردەم قىلىۋاتقانلىقىغا قارىتا ھىچ بولمىغاندا ھېلىقى ھارۋىچى كىشى كەينىدىكى ئادەمنىڭ ياردەم قىلىۋاتقىنىغا ئىشەنچ قىلغانچىلىك ئىشەنچ قىلالىساق،ئۇنداق مۈشكۈللەر ئاسانلىققا  ئايلانماسمۇ؟ مىھرىبان ئىگىمىز بۇنداق چاغدىكى ياردەمنىڭ 《مىخانىزىمى》نى بىزنى ياراتقان چاغدىلا ۋۇجۇدىمىزغا مۇجەسسەم قىلىۋەتكەندۇر،بىزدىكى ئىشەنچ بۇ 《مىخانىزىم》نى ھەركەتكە سالالايدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە رەببىمىز ياردەم قىلسا ھېلىقى كىشىدەك ھە-ھۇ دەپ قويماستىن،بەلكى ئۆزى خالىغان شەكىلدە بىۋاستە ياردەم بېرىشكە ياكى ياردەمچى ئەۋەتىشكە مۇتلەق قادىردۇر.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 09:42:26

     ئاڭلىشىمچە ئادەمدىكى ۋەھىمە پىسخىكىسىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىدىغان تەتقىيقاتچىلار قارىماققا قورقۇنچلۇق ئەمما بىخەتەر بولغان مۇنداق بىر ئاجايىپ تەجرىبىنى ئىشلەپتۇدەك:   بىر ئادەمنى مۇقىم باغلاپ قويۇپ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا بىر تۆمۈر زىخنى قىپقىزىل قىززىتىپ ئاندىن ئۇ قىززىق زىخنى ئۇ ئادەمنىڭ پىشانىسىگە يېقىش ئۈچۈن يېقىن ئەكەلگەندە باغلاقتىكى ئادەم قاتتىق قورقۇپ كەتكەنلىكتىن دەھشەتلىك ۋاقىراپ كۆزىنى يۇمۇۋاپتۇ، دەل شۇ چاغدا تەجىربە ئىشلىگۈچىلەر دەرھال زىخنى نېرى ئەكىتىپ ئالدىنئالا تەييارلىۋالغان چوكا مۇزنى ئەكىلىپ ئۇ ئادەمنىڭ پىشانىسىگە يېقىپلا تارتىۋالسا باغلاقتىكى ئادەم تېخىمۇ ئېچىنىشلىق چىرقىراپ ھۇشىدىن كېتىپتۇ ۋە بىر دەمدىلا چوكا مۇز تەككەن جاي بەئەينى قىززىق نەرسىدە كۆيگەن جاراھەتكە ئوخشاش سۇلۇق قاپارتما جاراھەتكە ئايلىنىپتۇ. دىمەك بۇ تەجرىبە راستلا شۇنداق  ئىشلىنىپ مۇشۇنداق نەتىجە چىققان بولسا ، بۇ تېمىدا ئىلگىرى سۈرۈلگەندەك ئادەمدىكى كېسەللىك قاتارلىق كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ ماددىي ئامىلدىنمۇ بەكىرەك روھىي ۋەھىمە ئامىلىدىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىغا ئىسپات بولغۇدەك.

apsana123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 10:30:44



بىراۋغا بىراۋ قىلچىلىك ياردەم قىلالمايدىغان، ھېچ كىشىنىڭ فىدىيىسى قوبۇل قىلىنمايدىغان، ھېچ كىشىنىڭ شاپائىتى پايدا قىلمايدىغان، ئۇلارغا (يەنى كاپىرلار ۋە گۇناھكارلارغا) ياردەم قىلىنمايدىغان كۈندىن قورقۇڭلار بەقەر

بەندىگە كېلىۋاتقان ھەر قانداق بىر تالاپەتلەر دەل ئۇنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن ، ھېچ بىر كۈچنىڭ شاپائىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن بولغان . بەندە ھامان تالاپەتكە يولۇقمىغانىكەن ، دەل ئۇنىڭ مەلۇم بىر كۈچنىڭ شاپائىتىدە ، ياردىمىدە تۇرىۋاتقانلىقىدىن بولىدۇ . بۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمىلىرى رىئاللىقتا ، كۆز ئوڭىمىزدا ئاشكارا بولسىمۇ ، لېكىن كۆپىنچىسى يۇشۇرۇن بولغانلىقتىن ، كۆپىنچە كىشىلەردە ناشۈكۈرلۈك پىسخىكىسى كۈچلۈك بولىدۇ . ھەمدە ئەنە شۇ ناشۈكۈرلۈكنىڭ بولغانلىقىدىن ئۆزىگە شاپائەت ۋە ياردەم قىلالايدىغان ئەسلى نوقتىدىكى كۈچكە قارىتا ئىزدىنىش ۋە ئۇنىڭ ھەر ۋاقىت ئۆزىنى ھامىي قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن چەكلىنىدۇ . چۈنكى بەندە ئىشەنگەن نەرسىسىگە قىزىقىدۇ ۋە تېرىشىدۇ . بەندە نېمىلەرگە ، قانچىلىك پايدىلىق نەرسىلەرگە ئىشىنەلىسە ، دەل شۇ بۇيىچە ئىش كۆرىدۇ ۋە ئىشەنگەن نەرسىسىنى ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ياردەمچى ئورۇنغا قويىدۇ .

پىسخىكا دەل روھنىڭ كەيپىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقتىن ،  بەندە روھىنى قايسى رەۋىشتە تۇتقۇ قىلالىسا ، ئۇنىڭ پىسخىكىسىمۇ ھەم شۇ بۇيىچە بولىدۇ . مەلۇم تەقدىرلەرمۇ ھەم روھنىڭ كەيپىياتىغا باغلىق بولغانلىقتىن ، كىشى روھىنىڭ توغرا دەۋىر قىلىشىنى تاپمىقى لازىمدۇر . شۇڭا بۇ خىل تېمىلارنىڭ كۆپلەپ يېزىلىشى ۋە كۆپلەپ مۇنازىرە قىلىنىشى بىزلەرگە ھەقىقەتەن تولىمۇ پايدىلىق . شۇڭا بۇ تېمىدا قۇرۇق مۇنازىرىلەر ، كۆڭۈل ئاغرىقى پەيدا قىلىدىغان گەپ - سۆزلەرنى ئاز قىلىپ ، ئەمەلىي نەتىجىلىرىمىزنى ، بىلگەنلىرىمىزنى ئوتتۇرغا قويۇش بىلەن ، تېمىنى موللاشتۇرساق دېمەكچىمەن . (ئۆزەمچە) مۇشۇنداق ئويلاپ قالدىم . باشقىلار قانداق ئويلايدىكىن ؟

kangasman يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 11:12:03

ئۆلۋېلىشنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم .

Ehsan21 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 18:29:28

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ehsan21 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-22 18:51  

ئۆلۋېلىشنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم .
مېنىڭ بىر تەتقىقاتچى دوستۇم بارئىدى.بەش -ئالتە يىلنىڭ ئالدىدا يېنىمغا كەلدى. - ،يوقاپ كەتتىڭغۇ؟ -دىسەم .
-يېقىندا ئەر-خوتۇن پىدائىيلارنى قۇبۇل قىلىپ ،ھامىلىنىڭ ئۆزگۈرۈشى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغان -، شۇ ئىشلار تېخى يېقىندىلا تۈگىدى. مۇڭدىشايلى دەپ سېنى ئىزدەپ كەلدىم، شۇ تاپتا مەن بۇ مۆجىزىلىك جەريانلارنى كۆرۈپ  بەك ھاياجانلىنىپ كېتىپ بارىمەن -، دېدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ توختىمايتتى. شۇ چاغدا ئېسىمدە قالغانلىرىنى دەپ بېرەي
«ئاداش ،تۇخۇم ھۆجەررىسى ئۇرۇقلىنىپ 15كۈن بولغان چاغدا ،ھۆجەيرىلەر توپى ئىچىدىكى بىر نۇقتا لىپلا قىلىپ لىپىلداشقا باشلىدى.شۇ لىپىلدىغان يەر بارا-بارا يۈرەككە ئۆزگىرىدىكەن،شۇ سوققانچە تاكى ئۆلگىچە توختىماي دەم ئالماي سوقىدىكەن. مۇشۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدىغانلارنى ياقىسىدىن تۇتىۋىلىپ ،'ھەي باشقىسىنى دىمەيلا تۇراي،سەن ئاۋۋال مۇشۇ ئاخمىقانىلىقىڭ بىلەن يۈرىكىڭگە يۈز كېلەلەمسەن!'دەپ توۋلىغىم كېلىدۇ.» دىگەن ئېدى.ئۇ دىگەن يەنە بىر گەپ« ئانىسىغا ۋااپاسىزلىق قىلىش دىگەن بۇ ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەسكەن ئاداش. شۇنداق گۇيلار بىر تاۋۇزنى قورسىقىغا تېڭىپ ، كېچە كۆندۈز ئالماي ،يەنە بىر تەرەپتىن ئىشپىرىس بىلەن قېنىنى تارتقاچ بىر ھەپتە يۈرۈپ باقسا ئانىنىڭ نىمىلىكىنى چۈشىنەتتى. ھەي گۇي  ھېچقانداق كارغا كەلمەيدىغان ئەخلەت بوپ ياشىساڭمۇ،  لېكىن ئاناڭ ھايات ۋاقتىدا بىرەر كۈن بولسىمۇ سەندىن ئەنسىرىمەي يېتىپ باقسۇن ، ساڭا قاراپ كۆزلىرىدە مەمنۇنىيەت جىلۋىلىنىپ باقسۇن. ئاناڭنىڭ سۆيگۈسىگە جاۋاپ قايتۇرماي ،يەنە دۇنيادىن ،خەقتىن ئاغرىنىدىغانغا نىمە ھەققىڭ!»
«خالىساڭ ئۆلىۋالىدىغانغا ھەققىڭ يوق سېىنىڭ ،ئۇ جاننى سەن بىر يەردىن سېتىۋىلىپ ئەكەلمىگەن ئېگىسى بەرگەن ئېگىسى ئۆزى خالىغاندا ئالىدۇ. جان رەببىڭنىڭ ئەڭ چوڭ رەھمەتلىرىدىن بىرى، ئۇنى رەت قىلىدىغانغا ،دەپسەندە قىلىدىغانغا ساڭا جۈرئەت نەدىن كەلدى! سەن ئۆلىۋالساڭ ئەڭ چوڭ، تۈگىمەس ،مەڭگۈلۈك ،قەھىرلىك،ئەلىمى يۈرەكلەرگە يېتىپ بارغۇچى ئازاپ سىېنى كۈتىۋالىدۇ. ئۇچاغدا ئۆلىۋالغىلى بولمايدۇ ، كەينىگە قايتقىلىمۇ بولمايدۇ. پۇشايمان قىلىسەن ،ئاھلىرىڭ پۈتكۈل دۇنيانى تېشىپ چىققۇدەك دات -پەريات قىلىسەن . «ئېسىت!تۇپراق بولۇپ كەتسەمچۇ !» دەيسەن . لېكىن كار قىلمايدۇ، نالەڭنى ئاڭلايدىغان ھىچنىمەڭ يوق ئۇيەردە. ساڭا كۆيۈنىدىغان ئاتا- ئاناڭ يوق ،ئۇرۇق تۇغقانلىرىڭ يوق ، كۆيگنلىرىڭ يوق ، پەقەت دەششەت  ئازاپلا بار...شەيتان سېنى شۇياقاققا چاقىرىۋاتىدۇ، سېنى مەسخىرە قىلىپ كۈلىۋاتىدۇ. سەن نىېمىشقا ياخشى كىشىلەردىن بولۇپ ،بەخىت تاپقۇچىلاردىن بولمايسەن. سېىنى گۈزەللىكتىن ،بەخىتتىن توسقان نىمە؟»
مېنىڭ سىزگە دەيدىغىنىم :« ئې ئارام تاپقۇچى جان، رەببىڭ سەندىن رازى بولغان،سەن رەببىڭدىن مەمنۇن بولغان ھالەتتە، مېنىڭ ياخشى بەندىلىرىم قاتارىغا قوشۇلغىن ،جەننىتىمگە كىرگىن !(سۈرە فەجىر)»
روھىڭىزنى پاكلاشقا تىرىشىڭ ،ھاياتىڭىزدىكى ھەقىقى  مەنا ياراتقۇچى بىلەن باغلىنىپ ياشاڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، بىمەنە خىياللار ،ئۈمىتسىزلىك سىزنى باش ئەگكۈزەلمەيدۇ. «روھىنى پاك تۇتقان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ. روھىنى كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىت بولىدۇ.(سۈرە شەمىس)»...

Ehsan21 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 18:37:44

بۈگۈن تېخى بىر ئاكىمىز بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم .ئۇ ئاكىمىز ئېبىن سىنانىڭ كىتابىدا مۇشۇ روھنىڭ مەۋجۈتلۇقى  توغۇرلۇق مۇنداق مىسالنى قەيت قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. بىر ئۇزۇن كەڭرەك ،مۇستەھكەم تاختاينى پەسرەك بىر جايغا قويۇپ ئۇنىڭدىن كىشىلەرنى ئۆتۈشكە بۇيرىسا ،كىشىلەر ناھايىتى ئاسانلا ئۆتۈپ كېتىدىكەن. ئەگەر ئوخشاش شۇ تاختاينى ناھايىتى چوڭقۇر بىر ھاڭنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ،كىشىلەرنى ئۆت دىسە نۇرغۇن كىشىلەر  قورقۇپ ئۆتەلمەيدىكەن. بۇ يەردە تاختاي شۇ ئۆزگەرمىدى ،ئىنسانمۇ شۇ  ئۆزگەرمىدى .سەزگۈلەرنىڭ ئىقتىدارىمۇ شۇ ، ئەمىسە بۇيەردە قورقۇۋاتقان نىمە؟ ئۇ روھتۇر . ئەگەر ئۇنىڭ روھىنىڭ قورقۇنىشىنى تۈگەتكەندىلا ، ئۇيەردىن ئۆتكىلى بولىدۇ...
بەت: [1]
: روھنىڭ تەنگە بولغان تەسىرى