enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 16:10:51

كۈمىس گەمەي پىروگراممىسىنى قۇتلۇقلايمەن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   enwerjula تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-20 17:32  

كۈمىس گەمەي پىروگراممىسىنى قۇتلۇقلايمەن

‏   جەنۇپلۇقلار قازاقچىنى بەك چۈشىنىپ كەتمىگەچكە ئادەتتە ئۇلارنىڭ قاناللىرىنى ئانچە كۆرۈپ كەتمەيمىز،  لېكىن بۈگۈن چۈشتە شىنجاڭ 8-قانىلىدا بېرىلگەن قازاق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ «كۈمىس گەمەي» پىروگراممىسىنى تاسادىپىي ھالدا كۆرۈپ قېلىپ باشتىلا بەكلا ياقتۇرۇپ قېلىپ ئاخىرىغىچە كۆرىۋەتتىم. بۇ پىروگرامما بىزنىڭ «يىپەك يولى ساداسى» پىروگراممىمىزغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئوخشىمايدىغان بىر يېرى، 4 ئۇستاز ئورۇندۇق ئايلاندۇرماي پەقەت ئالدىدىكى چىراقنى يورىتىش ئارقىلىق ئۆزى ياقتۇرغان ماھىرغا بىلەت تاشلايدىكەن. يەنە بىرسى سەھنىنىڭ لاھىيىلىنىشى يىپەك يولى ساداسىدىن خېلىلا كۆركەم بوپتۇ ھەم كۆرۈرمەنلەر رايونىغا كۆرسىتىش بۇلۇڭى بىلەن تەمىنلىشىمۇ يىپەك يولى ساداسىدىن ياخشىراق بوپتۇ. بۇ قاتتىق دېتال تەرەپتىكى ئارتۇقچىلىقى بولسا،  باھالىغۇچىلارنىڭ باھا بېرىشى، ماھىرلارنىڭ جۇشقۇن كەيپىياتى ۋە ناخشا ئېيتىشىمۇ يىپەك يولى ساداسىدىن ئۈستۈنرەك سەۋىيىدە ئايان بولدى.
‏   1- ماھىرلاردا قورۇنۇش، تەمتىرەش ئازراق بولدى، بۇلار بىر- بىرىنى خۇددى بىر ئائىلىدىكى ئۇرۇق- تۇققان قېرىنداشتەك كۆرۈپ خاتالىشىپ قېلىشتىن قورقماي ئۆزىنى ئەركىن قويىۋېتىدىكەن، بۇنداقتا ئۇلارنىڭ سەۋىيىسى ئىنتايىن ياخشى جارى بولىدىكەن. ناخشىنىمۇ ھەرىكەت چىقىرىپ ئوقۇپ سەھنىدىكى ئوبرازىنىمۇ خېلىلا جەلپكارلىققا ئىگە قىلىدىكەن.
‏   2. ماھىرلار كىيىنىشكە خېلىلا ئەھمىيەت بېرىپتۇ. يىپەك يولى ساداسىدا مېنىڭ كۆڭلۈمنى سەل يېرىم قىلغان بىر ئىش، خېلى كۆپ ساندىكى ماھىرلار ئۇدۇللا بازاردىن كوچا قاڭدىغان پېتى كىرىپ كەلگەندەك ئادەتتىكى كىيىم- كېچەكلىرى بىلەنلا سەھنىگە چىقىپ ناخشا ئوقىغان ئىدى. لېكىن كۈمىس گەمەي پىروگراممىسىدا بۇ خىل ئەھۋال ئاز كۆرۈلدى، ماھىرلار سەھنىنى ھۆرمەتلەشنى بىلىپتۇ، قازاق خەلقىنىڭ ئوبرازىنى قانداق نۇرلاندۇرۇشنى ھەم بىلىپتۇ. بولۇپمۇ ماڭا ناراتلىق كېلىشكەن يىگىت شۆھرەتنىڭ زامانىۋىي كىيىنىشى بەك يارىدى.
‏   3- ماھىرلارنىڭ ئاۋاز سەۋىيىسى ياخشى ئىكەن. يىپەك يولى ساداسىدا 6 سان پىروگرامما تۈگىگىچە ئۇسسىغان يەرگە بارغۇدەك ئاۋازدا ئېيتىدىغان ناخشىچىلار بەك ئاز چىققان ئىدى. مەسىلەن، تۇقسۇنلۇق ئەكبەر، قەشقەرلىك مۇتەللىپ ئەخەت، ئۈچتۇرپانلىق يۈسۈپجان، كۇچارلىق گۈلزار دېگەندەك. ئەلۋەتتە، مەن ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالغان يەنە ئاز ساندىكى بەزى ياخشى ماھىرلارمۇ بار...مانا مۇشۇلار يىپەك يولى ساداسىنىڭ جەلپكارلىقىنى چاندۇرماي تۇتۇپ كېلىۋاتىدۇ. كۆپ ساندىكى ماھىرلار بولسا سەھنىگە چىقىشقا لاياقىتى توشمايدىغان ئادەتتىكى غىڭشارمەنلەر بولۇپ يىپەك يولى ساداسىنىڭ كۇرسىنى ئەخلەتلىك دەرىجىسىگە چۈشۈرۈشكە ھەسسە قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ. مېنىڭ نەزىرىمدە ناخشىچىنىڭ ئاۋازى مەيلى بوم، مەيلى زىل، مەيلى ئوتتۇرا ئاۋاز بولسۇن ياكى پەرھات خالىقنىڭكىدەك بوغۇق، تىترەڭگۈ بولسۇن چوقۇم ئاۋازىغا يېپىشىپ تۇرىدىغان مۇڭ، يەنى ئەكس سادا بولۇش كېرەك. بۇنى مۇنداق مىسال بىلەن چۈشىنىشكە بولىدۇ. مۇڭسىز ئاۋاز ياغاچ چوكىنى ياغاچ شىرەگە ئۇرغانغا ئوخشاش تېمبىرى يوق، قۇرغاق بولىدۇ، ياخشى ئاۋاز مىتال چوكا (ئالتۇن چوكا بولسا تېخى ياخشى)نى جانان چىنىگە ئۇرغانغا ئوخشاش بىر خىل ئەكس سادانى ئەگەشتۈرىدۇ، ئاشۇنىڭ ئۆزى مۇڭدۇر. ئاۋازىنىڭ تېمبىرى مېتال چوكىنى جانان چىنىگە ئۇرغاندەك مۇڭ بىلەن چىقمايدىغان ناخشىچىنى ناخشىچى دېگىلى بولامدۇ؟ شۇ سەۋىيىنى ھازىرلىمىغان ۋە ھازىرلىيالمايدىغانلار ناخشىچىلىق ساھەسىنى پاخاللاشتۇرماي ۋاقتىدا ئۆز كەسپىنى تېپىۋېلىشى كېرەك ئىكەن، بەك ناخشا ئوقىغۇسى كېپ كەتسە ك ت ۋ دە خۇمارىنى بېسىقتۇرۇپ تۇرسىمۇ بولىدىغاندەك...كۈمىس گەمەي پىروگراممىسىدا ئەنە شۇنداق پۈچەك ئاۋازدىكى ناخشىچىلار سەھنىگە كىرىۋالىدىغان ھالەت بايقالمىدى. ئومۇمەن ماھىرلارنىڭ ئاۋازى يورۇق، سۈزۈك ۋە مۇڭلۇق بولۇپ پېقىرنى خېلىلا قايىل قىلدى. مەن تارىخىمدا بىرەر قېتىممۇ ئۆزىمىزنىڭ يېقىن قېرىندىشى بولغان قازاقلارنىڭ بىرەر پىروگراممىسىنى بۈگۈنكىدەك بۇنداق تولۇق 2 سائەت كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم،  ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتەتتىم. بۈگۈن كۈمىس گەمەي پىروگراممىسىنى ياقتۇرۇپ كۆرۈش ئارقىلىق قەدرىنى قىلىشقا ئەڭ تېگىشلىك ئۆز قېرىندىشىمنى ئۇزۇندىن بۇيان ئېتىۋارغا ئالماي ياشاپ ئۆتكىنىمنى تۇيۇقسىز بايقىدىم. مەن قازاقچە بىر نەچچە سۆز ئۆگىنىپ بەكمۇ خۇشال بولدۇم، ھەم قازاقچە قانالغا ئۇيغۇرچە قانالغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ كۆپرەك كۆرۈشۈم كېرەككەن دېگەن نىيەتكە كەلدىم. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كۈمىس گەمەي پىروگراممىسىنى قۇتلۇقلاپ يۈرىگىمنىڭ ساداسىنى بىلدۈرگۈم كەلدى...

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 17:53:57

ئەمىلىيەتتە  قازاق قىرىنداشلار ھاۋاسى ساپ كەڭرى يايلاقلاردا ، گۈزەل تاغ دەريالاردا  ياشىغان بولغاچقا ئاۋازى بەك سۈزۈك چىقىدۇ. ئالى مەكتەپتە ئوقىۋاتقان چېغىمىزدا ئالتايلىق باللارنى كەچكىچە ناخشا ئىيتقىلى سالاتتۇق.
قازاق قېرىنداشلارنىڭ « قارا يۇلغۇن »دىگەن ناخشىسىمۇ، ئۇسۇلىمۇ بەك داڭلىق. قاچان ئاڭلىسا ئادەمنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىدۇ. تويلاردا مۇشۇ ناخشىنى ئېيتىپ قالسا ھەممە مىللەت ئوتتۇرىغا چۈشۈپ كېتىدىغان گەپ.

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 18:02:56

قازاق قېرىنداشلار بەك ئاقكۆڭۈل ھەم مىھماندوست. بۇ يىل 5-ئايدا ئىدارىدىن پىيادە مىڭىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەندە ،مەن بىلەن بىللە ماڭغان دوستۇم  دەل ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە «بولالمىدىم »دەپ ئولتۇرىۋالدى. ئارقىغا يانايلى دىسەكمۇ، ئالدىغا ماڭايلى دىسەكمۇ ئوخشاشلا يىراق. ئۇ دوستۇمنىڭ دىئابىت كىسىلى بار ئىدى. قان شكىرى تۆۋەنلەپ كەتكەن چېغى. بىر چاغدا بىر قازاق ئايال ئالدىمىزغا كېلىپ بىزنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى. بىزنى ساراي ئۆيىگە باشلاپ  ئەتكەن چاي ، قايماق، جىنىت قاتارلىق نەرسىلەر راسا مىھمان قىلىپ كەتتى. خۇددى بۇرۇندىن تۇنۇيدىغاندەكلا، قايتار چاغدا مەن سەل خىجىل بولۇپ يانچۇقۇمدىكى 20، 30كوينى داستىرخانغا قويۇپ قويايلى دىسەم ئاۋۇ دوستۇم «خاپا بولىدۇ» دەپ ئۇنىمىدى. چۈنكى ئۇ دوستۇممۇ قازاق ئىدى.
ھازىر قەيەردە مۇشۇنداق تۇنۇمايدىغان، بىلمەيدىغان ئادەمنى ئۆيىگە ئەكىرىپ مىھمان قىلىدىغان ئىش بار.

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 18:17:11

يىپەك يولى ياخشى ئاۋازىنىڭ باشتا نۇرغۇنلىغان كەمچىلىكلىرى بار ئىدى ھازىر خىلى يامان ئەمەس مىڭىۋىتىپتۇ.
بىراق ياخشى ئاۋاز پىرگراممىسىنى تاللىغان ئىكەن چوقۇم ئوخشاش موفاڭ قىلىدىغان گەپ مىنىڭچە ئەيىپلەپ كىتىشكىمۇ بولماس ،قازاقلارنىڭ بۇپىرگۇراممىسى بەلكىم ئۇلارنىڭ يىڭى شەكىلدە قۇرۇپ چىققان ياكى ئۆزگەرىتكەن پىرگۇرامما بولىشى مۇمكىن مەن سىزنىڭ يازغان خىتىڭىزدىن پەرەز قىلىپ چىقتىم.
ياخشى ئاۋاز بولغان ئىكەن چوقۇم ماھىرنىڭ ئاۋازىنى  تاللايدىغان گەپ مىنىڭچە ئۇنىڭغا ھەركەت قوشۇش ھاجەتسىز.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 18:31:47

ئ‍امىركا تالانت سەھنىسى 美国达人غا ئ‍وخشاش پىروگرامما ئوخشىمامدۇ؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 18:34:22

ئاخشامقىسى بەك ئازاپلىق بولدى ئىشقىلىپ  ماھىرلارغا ،
ھەممە گەپنى تۈگىمىگەن ئوخشايدۇ ،دەپتىمىزگە يىغىنچاقلىدى ...

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 18:40:26

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilter تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-20 18:42  

قارا يۇلغۇن ئەمەس قارا يورغا ، بۇ ناخشىنى قىرغىزلارمۇ بىزنىڭ دەپ تالىشىدۇ .
    مىنىڭ قارىشىمدا ھازىرقى دەۋىردە تۈركى قىرىنداشلار  ئىچىدە  تۈرك ،  ئۆزبىكلەردىن قالسىلا قازاقلارنىڭ سەنئىتى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ ،  ئۇلارنىڭ يايلاق ناخشىلىرى قانداق بولسۇن  ئەمما ھازىرقى زامانىۋى سەنئىتىگە قول قويماي بولمايدۇ ،  ئۇيغۇر سەنئەتكارلىمىز  قىلچە  قىزارماي ئۇلارنىڭ ناخشىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ  ئوقۇپ يۈردى ، ھىچ بولمىسا  ئۆزگەرتىپ ئوقۇغىنىنى ئەسكەرتىپ قويسىمۇ بىر مۆرتى ئىدى ، بۇ ئىشنى يىقىندا قازاقىستان ئاداقلىق سەنئەتكارلىرى ئەيىبلەپتۇ .

      

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 18:41:43

otanqi يوللىغان ۋاقتى  2014-12-20 18:31 static/image/common/back.gif
ئ‍امىركا تالانت سەھنىسى 美国达人غا ئ‍وخشاش پىروگرامما ئو ...

شۇنداقمىدۇ ،.
تىما ئىگىسى رەسىمىنى يوللىسا بولۇپتىكەن ،
تالانىت سەھنىسىدە پەقەت ناخشىلا ئوقىمايدىغانتى ماھىلار كۆرسىتىدىغان نۇمۇرلارنىڭ چىكى بولمايتى.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 18:44:55

ئاۋىرمايدۇ يۈرەك  بەك مۇڭلۇق ناخشا  جۇمۇ

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 18:46:15

تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىكىسى قازاق خەلق ناخشىسى 'قارلىغاچ'( خەنزۇچە).
ناخشا ئيېتقۇچى جۇڭگۇنىڭ '1- خانىمى' ، يەنى شى سېكىرتارنىڭ ئايالى پېڭ لى نۇەن.

قازاقچە ئيېتقىنىنى تاپالمىدىم. بەك مۇڭلۇق ناخشا.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 18:52:06

http://v.youku.com/v_show/id_XMTcxODE5NjQ.html

bilimdvv يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 19:18:57

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-12-20 18:40 static/image/common/back.gif
قارا يۇلغۇن ئەمەس قارا يورغا ، بۇ ناخشىنى قىرغىزلارمۇ  ...

«قارا يورغا››نى قىرغىزلار تالىشىدۇ ئەمەس،ئەسلىدىنلا قىرغىزچە ئۇسسۇل،جۇڭگو قىرغىزلىرىدىن تارقىلىپ ئوينىلىپ كەلگەن،دەلىل-ئىسپاتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولغان.تالىشىش بىېھاجەتسىز.

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 20:30:53

پېڭلىنۈەن دىگەن كىم ئەمدى شې دادانىڭ ىوتۇننىڭ ئىسمى پېڭلىيۈەنتىغۇ   :lol

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 20:35:10

ھە  ئە   خەلىقئاردا قىغىزغا بەدى  قارا ژۇرغىنى ... بىر چاغدا قازاقلارنىڭ تۈكۈركى بىلەن تۇشاپ كەتكەن دوسلار چەمبىركىم ...

نەق گەپكە كىللى شىمالىقلا  بىر  گەپ قىلىڭلا  .... كۈمىس گۇمەي  دىگەن نىمە  گەپ  ئۈزى ...


ئاۋۇ ناخشى بىر چاغدا  بىر تارباغتايلىق قازاق جوڭگو ساداسىدى ۋاقىراپ يۈرۈيتى ...


يەنە بىر گەپ ، خەنچىدىن ئۇدۇللا  تەرجىمە قىلىپ ياىشى ئاۋاز دىمەڭلا بى  خوش بوپ قالاي ... بۇ پۇراگىرامما ئەسلى مەنبەسىدە ساداسى دىگەن نام بىلەن دۇنياغا تۇنۇلغان  خەنزۇلار ئاشتاق دەۋاپتۇ ياىشى ئاۋاز دەپ

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 20:47:27

يىپەك يولى تالانىت سەھنىسىنىمۇ  تىخى قويمىدى،ئابدۇكىرەم ئابلىز دىلنار ئابدۇللا يەنە بىرسى خالمۇرات مۇشۇلا يىتەكچى بولدىغان دەپ ئۇختۇرۇش قىلغان

Emperor يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 20:58:02

«كۇمىس كۇمەي» دىكى كۇمىس دېگەن گەپ شۇ ئۇيغۇرچىدىكى كۈمۈش دېگەن گەپ، كۇمەي دېگىنى كاناي، ئاۋاز دېگەن مەنىدە.  يىغىنچاقلىساق، بەلەن كاناي، نوچى ئاۋاز دېگەن دېگەن مەنىدىمىكىن.
بۇ پىروگىراممىغىمۇ نەچچە ئايلار بولۇپ كەتتىغۇ دەيمەن. يېپەك يولى ساداسى باشلىنىشتىن خېلى بۇرۇنلا قويۇۋاتقان بۇ كۇمىس كۇمەينى. شۇ چاغدا ھېس قىلغىنمدا ھەقىقەتەن يۇقۇرى سەۋىيىلىك ناخشىچىلار چىقىپتىكەن. ئۇيغۇر باللارمۇ قاتناشقان، تولىلىق بىر ئۇيغۇر بالا ناخشا ئېيتىپ چىققان. خارەكتىرى يېپەك يولى ساداسىغا ئوخشاش ئاۋازغا ئاساسلىق ئەھمىيەت بېرىپ، ئاندىن سەھنىدىكى قىياپىتى، بەدەن تىلى ۋە ھەر قايسى جەھەتتىكى ئىپادىلىرىگىمۇ قاراپ نومۇر بېرىدىغان بىر پىروگىرامما. بۇنى شۇ باھالىغۇچىلارنىڭ باھا سۆزى ۋە باھالاش ئۆلچىمىگە ئاساسەن قىسمەن قىياس قىلدىم. ئومۇمەن سۈپەتلىك چىققان بىر پىروگىرامما ئىكەن.
يېپەك يولى ساداسى يېڭى يولغا قويۇلغان باشتىكى قىسىملىرىدا، ناخشا ئېيتىش سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكىگە قاراپ،  تەبىئىيلا مۇشۇ كۇمىس كۇمەي بىلەن سېلىشتۇرۇپ قالغانتىم.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 21:13:11

omar14 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-20 20:30 static/image/common/back.gif
پېڭلىنۈەن دىگەن كىم ئەمدى شې دادانىڭ ىوتۇننىڭ ئىسمى پې ...

ھە شۇنداقمىدى :lol  خاتا كېتىپتۇ.:D

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 21:22:01

ghalibjan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-20 20:35 static/image/common/back.gif
ھە  ئە   خەلىقئاردا قىغىزغا بەدى  قارا ژۇرغىنى ... بىر چاغ ...

قارا يورغا دىگەن ناخشىنىڭ ئاڭلاش ئادرىسىنى  قالدۇرۋېتەمسىز؟

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 22:28:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-20 22:36  


黑走马 دەپ ئىزدەڭ

peleck يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 23:36:13

قارا يورغىنىڭ تىكىستى خىلى جانلىق ،  بىلىدىغانلار بىر چاپلاپ قويۇڭلار قايسى تىلدىكى نۇسخسى بولسا............
بەت: [1] 2 3
: كۈمىس گەمەي پىروگراممىسىنى قۇتلۇقلايمەن