bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 09:18:23

NASA: بىزنىڭ ئىدارىدىكى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-20 09:20  

بىزنىڭ ئىدارىدىكى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى

مەن ئۆزەمنىڭ بۇ يىل 7-نويابىر كۈنى تورلارغا چىقارغان «مىكرو-باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭ زىيانلىرى» دېگەن ماقالىسىدە بىزنىڭ ئىدارىمىز JPL نىڭ باشقۇرغۇچىلىرى جىددىي ۋاقىتلاردا بىزدىن كۆپرەك ۋە قاتتىقراق ئىشلەشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىللە، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغىمۇ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن ئىدىم .  بىزنىڭ ئىدارىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى يالغۇز ئىدارە خادىملىرىنىڭ تۇرمۇشىلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ قىزىقىشلىرىغا ۋە ئۇلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان باشقا ھەممە ئىشلارغىمۇ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ.  ئىدارە خادىملىرىنىڭ قانداق تەلەپلىرى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئىدارىمىزنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ھەر 2-3 يىلدا بىر قېتىم سىرتتىن بىر كەسپىي شىركەتنى ياللاپ، پۈتۈن ئىدارە دائىرىسىدە نامسىز پىكىر توپلاش ئېلىپ بېرىپ، ئاندىن ئۇلارنى تۈرلەرگە ئايرىپ ئانالىز قىلىپ، شۇ ئاساستا ئىدارە خادىملىرىنى رازى قىلىشنى مەقسەت قىلغان يېڭى چارە-تۈزۈملەرنى بېكىتىپ چىقىدۇ.  

بىزنىڭ ئىدارىنىڭ 1-قول باشلىقىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئورنى خېلى ئۈستۈن بولۇپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ۋە باشقا دۆلەت ئەمەلدارلىرى بىلەن پات-پات كۈرىشىپ تۇرىدۇ.  ئۇ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 كىلومېتىردەك كېلىدىغان لوس ئانژېلىس شەھىرىگە خىزمەت بىلەن بارىدىغاندا تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن بېرىپ كېلىدۇ.  ئاشۇنداق بىر ئادەممۇ بىزنىڭ ئىدارىنىڭ خادىملىرى بىلەن ئىنتايىن يېقىن ئۆتىدۇ.  ئۇ ھەر پەسىلدە بىر قېتىم ناسا نىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدە ئىدارىدىكىلەرگە يىغىن ئاچىدىغان بولۇپ، بىز ئۇ يىغىنغا ئۆز ئىختىيارلىقىمىز بىلەن قاتنىشىمىز.  ئۇ ھەر قېتىملىق يىغىندىن كېيىن كەم دېگەندە 15 مىنۇت ۋاقىتنى سوئال-جاۋاب ئېلىپ بېرىشقا ئاجرىتىپ قويىدۇ.  شۇ ۋاقىتتا خالىغان ئادەم ئۇنىڭدىن خالىغان سوئالنى سورىيالايدۇ.  يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يەنە ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم سۆزلىشەلەيدۇ.  ھەر قېتىملىق يىغىننىڭ ئاخىرىدا ئۇ «ئەگەر بىرەر تەكلىبلىرىڭلار بار بولسا مېنى بىۋاستە ئىزدەڭلار.  ئىشخانامغا كېلەلمىسەڭلار ماڭا ئېلخەت يازساڭلارمۇ بولىدۇ»، دەپ تۇرىدۇ.  

قىسقىسى، بىزنىڭ ئىدارىنىڭ باشلىقلىرى ئىدارە خادىملىرىنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ.  خۇددى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكىگە ئوخشاش، بىزنىڭ ئىدارىمۇ «تاغدا ئۇزۇنغا مېڭىش گۇرۇپپىسى»، «ۋېلىسپت گۇرۇپپىسى»، «يېڭىدىن پەرزەنتلىك بولغان ئانىلار گۇرۇپپىسى»، «مۇزىكا گۇرۇپپىسى» قاتارلىق ئىدارە خادىملىرى ئۆزلىگىدىن تەشكىللىۋالغان گۇرۇپپىلار بار.  

بۈگۈن، يەنى 2014-يىلى 19-دىكابىر كۈنى (ئۈرۈمچىنىڭ ۋاقتى كالىفورنىيەنىڭ ۋاقتىدىن 14 سائەت بالدۇر بولۇپ، ھازىر ئۈرۈمچىدە شەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى 9 بولدى، بىزنىڭ ۋاقتىمىز بولسا جۈمە كۈنى كەچ سائەت 7 بولدى. مەن ئۆيگە ئىشتىن قايتىپ كېلىپ، ئاندىن بۇ يازمىنى تەييارلاۋاتىمەن) بىزنىڭ ئىدارىدە ئاشۇنداق گۇرۇپپىلارنىڭ ئىچىدىكى «كلاسسىك ۋە ئاسار-ئەتىقە ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسى» نىڭ «ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى» بولدى.  بۇ پائالىيەت ھەر يىلى دىكابىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بىزنىڭ ئىدارىدىكى كلاسسىك ۋە كونا ئاپتوموبىللارغا قىزىقىدىغان، ھەمدە ئۆيىدە ئاشۇنداق ماشىدىن بىرەرسى بار كىشىلەر شۇ كۈنى ماشىنىسىنى ئىدارىگە ھەيدەپ كېلىپ، ئۇنى بەلگىلەپ بەرگەن يەردە كۆرگەزمىگە قويىدۇ.  كۆرگەزمىنى كۆرۈش ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت بىرگىچە جەمئى 2 سائەت داۋام قىلىدىغان بولۇپ، بۈگۈن چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن چېنىقىش ئۈچۈن يول ماڭغاچ  ئۇ يەرگە مەنمۇ بېرىپ، كۆرگەزمىگە قويۇلغان ماشىنىلارنى رەسىمگە تارتىۋالدىم.  كۆرگەزمىگە قويۇلغان ماشىنىلارنىڭ ئىچىدە 1913-يىلى، 1914-يىلى، 1933-يىلى، ۋە 1934-يىلى ياسالغان ماشىنىلارمۇ بار بولۇپ، قالغانلىرى بۇلاردىن سەل يېڭىراق ئىكەن.  

كۆرگەزمە ئورنىدا تېخى بىر گۇرۇپپا مۇزىكاتلار نېق مەيداندا مۇزىكا ئورۇنلاۋېتىپتۇ.

بىزنىڭ ئىدارىدە ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ ئىچىدە بىر كونا ماشىنىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ماتورىنى پۈتۈنلەي قايتىدىن ياساپ، ھازىرقى «پارتلاپ ئىتتىرىش» (بىزنىڭ ئىدارىنىڭ ئىسمىدىكى ئىنگلىزچە «Jet Propulsion» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى مانا مۇشۇ «پارتلاپ ئىتتىرىش» تۇر)  تېخنىكىسى بىلەن ماشىنىنى سائەتىگە 300 كىلومېتىردىن تېزراق ماڭىدىغان قىلىۋېتىدىغان كىشىلەرمۇ بار بولۇپ، بۇرۇن مەن بىلەن ئىدارىنىڭ ماشىنىسىدا ئىشقا-بېرىپ كېلىدىغان ئادەملەرنىڭ ئىچىدە ئاشۇنداق خادىمدىن بىرسى بار ئىدى.  ئۇنىڭ ماشىنىسىنى مەن بىر قانچە قېتىم كۆرگەن بولۇپ، ئۇ خۇددى ئامېرىكىنىڭ كىنولىرىدىكى ماشىنىلارغا ئوخشايدىكەن.

تۆۋەندىكى مەن بۈگۈنكى كۆرگەزمىدە تارتىۋالغان بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

بىلىمخۇمار: «مىكرو-باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭ زىيانلىرى»
http://bbs.izdinix.com/thread-60579-1-1.html

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 10:50:12

ئامىرىكىدا كىنو ئىشلەشمۇ تەس ئەمەس ئوخشايدۇ ، بۇرۇنقى ماشنىلارنى سۈرەتكە ئالىدىغان ئىش بولسىمۇ ئاسان تاپقۇدەك

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 11:02:58

دۆلىتىمىزدە كونا ماشنا ساقلاش تەس، يولغا چىقسىلا چىدامچانلىقى بىلەن كارى يوق يارىشىغى بار...

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 11:41:33

دۆلىتىمىزدە كونا ماشىنىلارنى ساقلايدىغان مەخسۇس ئورۇن ( بوفىي گوڭسى ) بار ئەمەسمۇ :lol

uyghuryar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 14:46:47

ئۇلار تارىخى بويۇملارنىڭ قىممىتىگە سەل قارىمايدىكەن،بۇ تەرپىنى بىز ئۈگەنسەك بولغۇدەك..

Abdurehman يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 16:18:02

بىزنىڭ كونا نەرسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىمىز ھەقىقەتەن ئاددىي ھەم تېز سۈرئەتلىك ئىكەن. ئاشۇ ماشىنىلار ھەقىقەتەن شۇ ئورۇنغا ھەيدەپ ئەكىلىنگەن ماشىنىلارمۇ؟ چىدامچانلىقىغا باشقىچە قاراشنىڭ ھاجىتى يوقكەن.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 16:24:02

ئەڭ ئاستىدىكى ئاۋۇ مەپىگە ئوخشايدىغان ماشىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن بىر كۆرۈپ باقسام دەيمەن.
جوڭگودا  ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ئۆزى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ ياساش چەكلەنگەن، ئۇنداق ئۆزگەرتىپ ياسىسا بىردەمدە ھەقسىز مومىدىن بەھرىمان بولىدىغان گەپ.

uyghur2014 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 16:31:53

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 18:45:52

يۈز يىلنىڭ ئالدىدىكى ماشنا تۈگۈل، بىزنىڭ بۇ يەردە 90-يىلىنىڭ ماشىنىسى، ھەتتا 2000-يىلىنىڭ ماشىنىسى بولسىمۇ ھۆكۈمەت مەجبۇرى تارتىۋالىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن پۇقرالارنىڭ شۇنچە كونا ماشىنىلارغا ھەيدەشكە يول قويىدۇ؟ ۋەقە چىقسا كىمگە ھېساپ؟
بولۇپمۇ بىزنىڭ شىنجاڭدا، قاتناش ساقچىلىرى ئازراقلا رەسمىيىتى كەم بولغان ماشىنا ۋە موتوتلارنى تارتىۋالىدۇ. ئىشلىتىش ۋاقتى توشۇپ كەتكەنلەرنى قەتئىي قويۇپ بەرمەيدۇ، بۇلاپ ئالغىنى ئالغان، بۇ يەردە موتوت مېنىپ قالپاق كەيمىسىمۇ، تۇتۇۋېلىپ بىرە ئىككى يۈز كوي جەرىمانە تۆلىتىپ قويۇپ بېرىدۇ. ئىشقىلىپ، بىر ئويلىسام، بۇمۇ ھۆكۈمەتنىڭ قوشۇمچە كىرىم مەنبەسىمىكىن دەيمەن.
ئەركىن ئاكا، bilimxumar@ سوراپ باقسام، سىلەرنىڭ ئۇ يەردە مۇشۇنداق ئىشلارغا ئامېرىكا قاتناش ساقچىلىرى قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 20:35:29

ئاۋۇ ئىككىنجى ئۈچىنچى رەسىمدىكى ھاۋارەڭ ۋە قىزىل ماشىنىلار قايسى دۆلەتنىڭ ماشىنىسىدۇ؟ يازدا بىزنىڭ ما ياۋروپادىمۇ ئاشۇنداق ماشىنىلارنىڭ بىر كۆرگەزمىسى ئېچىلغانتى شۇڭا دەيمىنا، ئامىركىنىڭ ماشىنىسىمۇ ياكى ياۋروپانىڭمىدۇ؟

isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 22:21:38

koktash يوللىغان ۋاقتى  2014-12-20 18:45 static/image/common/back.gif
يۈز يىلنىڭ ئالدىدىكى ماشنا تۈگۈل، بىزنىڭ بۇ يەردە 90-يى ...

ماشىنا بىلەن ماشىنىنىڭ سۈپىتى ئوخشىماس! بۇنى ھۆكۈمەتمۇ ئوبدان بىلگەچكە شۇنداق قىلامىكى؟؟ئەگەر چەكلىمىسە بىر ماشىنىنى 40~50 يىل ھەيدىگىلى تۇرسا ماشىنا ساتىدىغانلار  پۇل تاپالماي قېلىشى مۇمكىن..

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 09:41:01

قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ، ئىسىل تىمىلار بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە تەشەككۈر ...

Uztugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 15:37:53

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم بىلىمخۇمار ئاكا،قانداق ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ؟
ئۆتكەندە بىر ماتىرىيالدا Rosetta ناملىق تەكشۈرۈش ئۈسكىنىسىنىڭ 67p/Churyumov-Gerasimenko ناملىق كومېتا بىلەن ئۇچىرىشىپ ،كومېتا ئۈستىگە بۇ يىل 22-نويابىر Phil‘s ناملىق تەكشۈرگۈچنى مۇۋاپىقىيەتلىك قوندۇردىغانلىق توغۇرىسىدا خەۋەر كۆرگەنتىم ،ماتىرىيالدا دېيىلىشىچە بۇ كومېتا يەرشارى بىلەن ئەڭ يېقىن ئارىلىقتىن ئۆتكەندە يەرشارى بىلەن بولغان ئارلىقى 400مىليون كېلومېتىر كېلىدىكەن ،يەنە بۇ كومېتا كائىنات گىرۋەكلىرىدىن قۇياشنىڭ تارتىش كۈچى سەۋەبىدىن تېزلىكى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ قۇياشقا قارىتا تېزلىنىشچان ھەرىكەت قىلىپ قۇياشقا يېقىنلاشقانچە تېزلىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدىكەن ،ئەمدى مېنىڭ بىلمەكچى بولغۇنۇم بۇ سۈنئىي ھەمرانىڭ تېزلىكىنى قانداق قىلىپ كومېتانىڭ سۈرئىتىگە يەتكۈزگىلى بولىدۇ؟ مەن ئويلايمەن پەقەت سۈنئىي ھەمرانىڭ تېزلىكىنى بۇ كومېتانىڭ سۈرئىتىگە يەتكۈزگەندىلا يەنى بۇ ئىككىسى بىر بىرسىگە نىسبەتەن تىنىچ ھەرىكەت قىلغاندىلا ئاندىن سۈنئىي ھەمرادىكى تەكشۈرگۈچنى كومېتا ئۈستىگە نۇرمال قوندۇرغىلى بولىدۇ،يەنى كېلىپ كومېتانىڭ تارتىش كۈچى ئىنتايىن كىچىك بۇلىشى مۇمكىن ۋە تېزلىكى ئۈزلۈكسىز تېزلىشىدۇ،بۇ خىل ئۆزگىرىشچان مۇھىتقا قارىتا سۈنئىي ھەمرانىڭ تېزلىكىنى قانداق قىلىپ كومېتانىڭ سۈرئىتىگە ماسلاشتۇرۇلىدۇ؟

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 21:58:40

يۇقىرىدىكى يازمامدا بەزى ئىشلارنى ئېنىق يازماپتىمەن.  بۇ يەردە قىسقىچە تولۇقلاپ قوياي:

كالىفورنىيەدە ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىن چىقىدىغان ئىسنىڭ بەزى پارامېتىرلىرى ھەققىدە ئۆلچەم بار بولۇپ، ئەگەر ئاشۇ ئۆلچەم قانائەتلەندۇرۇلسىلا ماشىنىنى ئىشلىتىشتىن توسمايدۇ.  يۇقىرىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارنىڭ ئىگىسى ئىدارىگە ھەيدەپ كەلگەن، ھەمدە ئادەتتىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ھەيدەپ تۇرىدىغان ماشىنىلار بولۇپ، ئامېرىكىدا ھەيدىگىلى بولمايدىغان ماشىنىلارنى بۇنداق كورگەزمىلەرگە قويغۇزمايدۇ.  بىز مۇشۇ رەسىملەردىكىدەك ماشىنىلارنى يوللاردا، ھەتتا تېز سۈرئەتلىك يوللاردىمۇ ئارىلاپ ئۇچرۇتۇپ تۇرىمىز.

ئامېرىكىدا بىر شتاتنىڭ قاتناش قانۇنى بىلەن يەنە بىر شتاتنىڭ قاتناش قانۇنى ئوخشىمايدۇ.  يەنى قاتناش قانۇنى جەھەتتە ئامېرىكىدىكى 50 شتات 50 دۆلەتكە ئوخشايدۇ.
بەت: [1]
: NASA: بىزنىڭ ئىدارىدىكى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى