waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 21:53:44

تەڭرىتاغ كوماندىسى چۇڭچىڭ كوماندىسىنى يەڭدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   waskitbol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-19 22:20  

ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛  ئۈرۇمچى ۋاقتى 12- ئاينىڭ 19- كۈنى كەچ سائەت 00؛6 دە ،  2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ يىگىرمە بىرىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول  كوماندىسى ئۆزمەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا،  چۇڭچىڭ  كوماندىسىنى كۈتىۋالدى.  شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى كوماندىسى   چەتئەللىك ئەزا  سىباستئان تېلفىرنىڭ مۇسابىقە ھالىتىگە كىرىپ 30 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ  ئىلىشتەك ياخشى نەتىجىسىگە تايىنىپ  باشتىن ئاخىرى ئۈستۇنلۈكنى ئىگەللەپ ئاخىرى 111-95 نەتىجە بىلەن رەقىبى چۇڭچىڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. تەڭرىتاغ كوماندىسى ئۇدا ئىككى مەيدان غەلبە قىلدى. نۆۋەتتە  تەڭرىتاغ كوماندىسى 15 مەيدان غەلبە قىلىش 6 مەيدان مەغلۇپ بۇلۇشتەك نەتىجە بىلەن بىرلەشمىنىڭ نەتىجە رەت تەرتىپىدە بەشىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ.
   بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن  بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى  ئاندىرى بىراچ 19 نومۇر، 12 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 1 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ سىباستئان تېلفىر  30 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ تاڭجىڭدۇڭ  13 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لىيۇشۇنەن 15 نومۇر،1 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 3 قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ سۇۋىي 10 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ يۈچاڭدۇڭ 8 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ليۇۋېي  3 ئالدى؛ قىرانبېك ماقان3 نومۇر، 2قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 1 قىتىم توپ تارتىۋالدى.  شىرئەلىجان بىلەن جۇچى داۋاملىق مەيدانغا چىقماي دەم ئالدى.
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە 12-ئاينىڭ 21-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى  قارشى تەرەپ مەيدانىدا شەنشى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php

بەت: [1]
: تەڭرىتاغ كوماندىسى چۇڭچىڭ كوماندىسىنى يەڭدى