uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 16:03:55

ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى 12-19

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-19 16:14  

ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن سودا  بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1190.8    دوللار  ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1238.45  دوللا ر ، ئەڭ  تۆۋەن باھاسى 1187.22    دوللا ر  بازار يېپىلىش باھاسى 1222.66     دوللار بولدى .

ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 89.32  دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى  1200  دوللار بولدى .

ئاساسى ئانالىز:     
تۈنۈگۈن ئالتۇن كۈمۈش باھاسى  بىر ئاز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ،تۈنۈگۈن سەھەردە ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئۆسۈم قوشۇشقا بولغان سەۋرچانلىقىنى ساقلاپ قالغان شۇ سەۋەبدىن ئالتۇن كۈمۈش باھاسى يۇقىرى ئۆرلىگەن ، خەۋەر ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ۋە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى ، بىراق دوللار كۆرسەتكۈچنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى سەۋەبىدىن ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەپ قويدى . بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئەنگلىيە ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ، ئەگەر ئەنگلىيە سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى بولسا دوللار كۆرسەتكۈچكە بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن . بۇندىن باشقا بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 11 دىن 30 ئەتراپىدا ياپونىيە ئەڭ يېڭى ئۆسۈم نىسبىتى قارارىنى ئېلان قىلىدۇ . ياۋروپا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە سانلىق مەلۇماتى  . ئامېرىكا ۋاقتىدا ئېلان قىلىدىغان ئىقتىساد سانلىق مەلۇمات يوق دىيەرلىك . ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا ئاساسىي يۈزنىڭ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا بولغان تەسىرى چەكلىك بولىشى مۇمكىن.  




مەشغۇلات باسقۇچى :

1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسى1195-1200 دوللار ئارىقىدا تەۋرەندى ، ئاسىيا بازىرىدا ئاۋاپ كۈزىتىپ 1190 دوللار دىن چۈشۈپ كەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئۆرلەشكە ئىلىپ زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى  1200-1205 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .

2. ياۋرۇپا  بازىرىدا ئالتۇن باھاسى  1205-1208 دوللار ئەتىراپىغا كەلسە ئۆرلەشكە ئىلىپ زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1195-1190 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .

3. ئەگەر كەچلىك ئامىرىكا بازىرىدا  1190 دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسىدىن چۈشۈپ كەتسە 1180-1175 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ .

چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار  1208 ،1210
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1190 ،1180

بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1180-1210
بۈگۈنكى تىرەش   نۇقتىسى 1180
بۈگۈنكى بۆسۈش   نۇقتىسى 1215

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .





ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش

      بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 89.20 ئەتراپىدا ئايلاندى ،  خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1200 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى  . تۈنۈگۈن سەھەردە ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئۆسۈم قوشۇشقا بولغان سەۋرچانلىقىنى ساقلاپ قالغان شۇ سەۋەبدىن ئالتۇن كۈمۈش باھاسى يۇقىرى ئۆرلىگەن ،بۇ خەۋەر ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ۋە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى ، بىراق دوللار كۆرسەتكۈچنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى سەۋەبىدىن ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەپ قويدى . بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئەنگلىيە Gfk ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ، ئەگەر ئەنگلىيە سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى بولسا دوللار كۆرسەتكۈچكە بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن . بۇندىن باشقا بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 11 دىن 30 ئەتراپىدا ياپونىيە ئەڭ يېڭى ئۆسۈم نىسبىتى قارارىنى ئېلان قىلىدۇ . ياۋروپا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە سانلىق مەلۇماتى  . ئامېرىكا ۋاقتىدا ئېلان قىلىدىغان ئىقتىساد سانلىق مەلۇمات يوق دىيەرلىك .





دوللار داۋاملىق ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشىنى كەلتۈرەمدۇ ؟
      
      چەت ئەلدىكى داڭلىق تېخنىكىلىق تەھلىل ئورگىنى FX Empire بۈگۈن بەرگەن دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە ، چارشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسى چۈشكەن ، بىراق يەنىلا 1200 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەنگەن .
      FX Empire نىڭ قارىشىچە ، كېيىنكى بازاردىكى ئالتۇن باھاسى تەۋرىنىشى مۇمكىن ، بىراق ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا دوللار داۋاملىق ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشىنى قوزغىتىشى مۇمكىن .  





پۇل مۇئامىلە بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئامىللار

12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، دوللار كۆرسەتكۈچى ئۆرلەپ ، ياۋرو تۆۋەنلىگەن ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىگەن ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى ئۆرلىگەن ؛ بۇ سودا كۈندە ياۋروپا مەركىزى بانكا قارارى ، كانادا پارچە سېتىش ۋە پۇل پاخاللىقى قاتارلىق ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلار بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى ؛
بۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، FED ئۆسۈم نىسبىتى قارارىنىڭ تەسىرى قىسقا ۋاقىت پەسىيىپ نەخ ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ ، قەرەللىك ئالتۇن باھاسى نورمال ھالىتىنى ساقلىدى ؛ ئامېرىكا خام نېفىت باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىدى .





روسسىيە رۇبلى مۇقىملىشىپ ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى يۇقىرى ئۆرلىدى

12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى نيۇ يورك بازىرىدا ، دوللارنى ياپونىيە يېنىغا ئالماشتۇرۇش پېرېۋوت باھاسى 119.31 ياپونىيە يېنىغىچە يۇقىرى ئۆرلىگەندىن كېيىن يەنە 118.58 ياپونىيە يېنىغا تۆۋەنلەپ كەتكەن بولۇپ ، بازار يېپىلىش باھاسى 118.85 ياپونىيە يېنى بولدى ؛ ئامېرىكا تۇنجى قېتىملىق دەسلەپكى ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى ئازلاپ 10 - ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ھالەتنى كۆرسەتتى ، شۋېيتسارىيە مەركىزى بانكىسى كېلەر يىللىق مەنپىي ئۆسۈم نىسبىتىنى يولغا قويغانلىقىنى ئىلان قىلغان ، شۇ سەۋەپتىن بۈگۈنكى بازاردا دوللارنىڭ سېتىۋېلىش ئەھۋالى كۈچەيدى .
بۇنىڭدىن سىرت ، بۈگۈن روسسىيە پۇل مۇئامىلە بازىرى ئەسلىگە قايتقاندىن كېيىن ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پاي چېكى بازىرى يۇقىرى ئۆرلىدى ، ھەم روسسىيە رۇبلى باھاسى مۇقىملاشتى ، شۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى بازاردا ياپونىيە يېنىنىڭ سېتىش باھاسى ئۆرلىدى .
ياۋرونى دوللارغا ئالماشتۇرۇش پېرېۋوت باھاسى 1.2298 دوللاردىن تۆۋەنلەپ 1.2266 دوللارغىچە بولدى ، بازار يېپىلىش باھاسى 1.2285 دوللار ئەتىراپىدا بولدى ؛ ياۋروپا مەركىزى بانكىسى (ECB) يېڭىدىن كەڭ سىياسەت مۆلچەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن ، بۈگۈنكى بازاردا ياۋرونىڭ سېتىش ئەھۋالى كۈچەيدى .
ياۋرونى ياپونىيە يېنىغا ئالماشتۇرۇش پېرېۋوت باھاسى 146.51 ياپونىيە يېنىدىن تۆۋەنلەپ 145.60 ياپونىيە يېنىغىچە بولدى ؛
فوندستېرلىڭنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش پېرېۋوت باھاسى 1.5604 دوللاردىن يۇقىرى ئۆرلەپ 1.5677 دوللارغىچە بولدى ؛
دوللارنى شۋېتسارىيە فرانكىغا ئالماشتۇرۇش پېرېۋوت باھاسى 0.9821 شۋېتسارىيە فرانكىدىن تۆۋەنلەپ 0.9789 شۋېتسارىيە فرانكىغىچە بولدى ؛




12 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى

           جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلغان ، 2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىكى بانكىلار ئارا تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئوتتۇرچە باھا ئايلىنىشى :
1دوللار 6.1205 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ياۋرو 7.5511 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 100 يېن 5.1557 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 0.78921 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 فوندستېرلىڭ 9.5999 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى  5.0036 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى 4.7620 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 سىنگاپور دوللىرى 4.6633 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛  1 كانادا دوللىرى 5.2815 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.56238 رېنگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولغان  ،  1 يۈەن خەلق پۇلى 9.8448 روسىيە رۇبلىغا تەڭ بولغان ؛ 1 تۈركىيە لىراسى 2.6817 يۈەن خەلق پۇلغا ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.3729 تۈركىيە لىراسىغا تەڭ بولغان .

مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى


bayawat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 21:59:14

ئەسسالامۇئەلەيكۇم
تورداشلار  ئىشەنچلىك ئايرۇپىلان بىلەت سىتىش ئوروننىڭ  نۇمۇرنى بىلسەڭلار قالدۇرغان بولساڭلار،،،،رەھمەت

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 11:50:03

1دوللار 6.1205 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ

بىر چاغلاردا 8 يۈەن ئىدى بىر دوللەر

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 20:12:51

نىفىتنىڭ باھاسىمۇ ئۆرلەپ كىتىپتۇ بۈگۈن ...   ئادەتتە توردا ئالتۇن ئىلىپ ساتىدىغانغا سودا سانائەت بانكىسىدىنمۇ ياخشىرا ئىشەنچىلىك سۇپا بارمۇ ؟؟؟

uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2014-12-22 10:10:31

omar14 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-20 20:12 static/image/common/back.gif
نىفىتنىڭ باھاسىمۇ ئۆرلەپ كىتىپتۇ بۈگۈن ...   ئادەتتە تور ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ياخشىمۇ سىز ؟ئەلۋەتتە بار ، ئەگەر سىز ئالتۇن تور سودىسىغا قىزىقسىڭىز ئۇيغۇر ئالتۇن تورىغا كىرىپ تەپسىلى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ ، بۇ تور بېكەتتە مەخسۇس سىزدەك ئالتۇن سودىسىغا قىزقىدىغان ۋە ئالتۇن كۈمۈش سودىسى قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئوتتۇرغا قويغان سودا دېتالى ، ئاۋازلىق دەرىس ۋە كۈندىلىك سودا تەھلىللەر بار ؛ شىركىتىمىز «ئىلكان مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى » دە توردا ئالتۇن كۈمۈش سودىسى ئېلىپ باردىغان مەخسۇس سودا دېتالىمىز بار ، بۇ سودا دېتالىمىز ئارقىلىق ئالتۇن سېتۋالسىڭىز بۈگۈنكى خەلق پۇلدىكى باھاسى  بويىچە ھېسابلىغاندا  پەقەت 2306 يۈەنگە بىر قول يەنى بىر كىلىو ئالتۇن سېتۋالالايسىز ، بۇنىڭدىن باشقا بۇ سودا دېتالىدا ئالتۇننى ھەم ئۆسۈش يۆنلىشىگە ھەم چۈشۈش يۆنلىشىگە سېتۋالغىلى بولىدۇ ، مۇشۇ ئىككى خىل يۆنلىشتە مال ئېلىپ پايدا زىياننى ئۆزىڭىز كونتىرول قىلالايسىز ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ سودا دېتالىمىزنى ئىشلەتكىنىڭىز ئۈچۈن  بىزگە پەقەت 150 يۈەن رەسمىيەت ھەققى تۆلەيسىز ، بانكىلاردا بولسا 800~1000 يۈەنگىچە رەسمىيەت ھەققى تۆلەيسىز؛  يەنە كېلىپ بۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئالتۇن كۈمۈش ، ئىقتىسادىقا ئائىت تۇنجى بولۇپ ئېچىلغان  شىركەت بولۇپ ، ئىنتايىن بىخەتەر ، ئىشەنچىلىك ، ئاز مەبلەغ ئارقىلىق كۆپ پايدىغا ئىرشەلەيسىز ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزدەك يېڭىدىن قىزقىۋاتقانلار ۋە يېڭىدىن سودا قىلدىغانلار   ئۈچۈن تەربىيلەش ئىلىپ باردىغان مەخسۇس مۇتەخەسىس ئالىيە خانىم بار ،  ئالىيە خانىم سىزنى بۇ ھەقتە ئۆزىڭىز بىمالال سودا قىلالىغىدەك قىلىپ تەربىيلەيدۇ ؛
ئەگەر بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەزمۇنلارنى تېخىمۇ ئىنىق بىلمەكچى ، چۈشەنمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشسىڭىز ياكى بىۋاستە شىركىتىمىزگە كىلىپ شىركەتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى بىلىپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ ، سىزنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالمىز ؛
ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نومۇرى : 13009663479 ، 4000991014 ؛
شىركەت ئورنى : ئۈرۈمچى ئاققۇۋق(نەنمىن ) ياخۇڭ سودا سارىيى Bرايون 1304 ئىشخانا
تور ئادېرىسى : www.uyaltun.com
بەت: [1]
: ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى 12-19