malak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 15:25:19

[نىيازى] ھۆل ئورۇندۇق


گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى يازمىسى
مۇشۇ بىر قەھرىتان سوغۇقتا، بىر تومۇز ئىسسىقتا بېكەتتە تۇرۇپ ئاپتوبۇس ساقلاشنى ھەممىدىن يامان كۆرىمەن. ئويلاپ قالىمەن، مۇشۇ ئاپتوبۇسلار مەن بىلەن قېرىشامدىكىن دەپ، چۈنكى مەن قايسى ئاپتوبۇسنى ساقلىسام، شۇ ئاپتوبۇس كەلمەيدۇ-يۇ، باشقا كۈنى ساقلىساممۇ كەلمىگەن ئاپتوبۇسلار كەينى كەينىدىن كېلىۋېرىدۇ. بەزى چاغلاردا يېرىم سائەتتىمۇ بىرسى كەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىمدا ئەمدى تاكسى توسۇپ چىقىشىمغا، ھېلىقى قېرىشقاق ئاپتوبۇس خۇددى تامنىڭ كەينىدە مۆكۈپ تۇرۇپ، مېنىڭ كېتىشىمنى ساقلاپ تۇرغاندەك قول تۇتۇشۇپ ئىككى ئۈچىسى تەڭلا كېلىدۇ. ئۇف، نېمىسىنى دەي! بۈگۈنمۇ ئاران تەستە كەلگەن بۇ ئاپتوبۇسقا چىقماقچى بولۇپ، ئالدىمدىكى كەينىمدىكى ياشانغانلارغا ئالدىن چىقىۋېلىڭ دەپ شەرەت قىلىپ، ئەدەب بىلەن كەينىدىن چىقتىم.
تەلىيىمگە ئاپتوبۇستا خېلى جىق ئورۇن بىكار ئىدى. كەينىدە ئولتۇرۇشقا ئامراقلىقىمدا ئىككى سەۋەب بار، بىرىنچىدىن، ياشانغانلار چىقسا ئورۇن بەرمىسەكمۇ بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، چۈشىدىغان ئىشىككە يېقىن، چۈشىدىغان چاغدا قىسىلىپ ئىشىك تۈۋىگە بېرىپ بولغۇچە، ماشىنا قوزغىلىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
ئورنۇمدا ئولتۇرۇپ، ئاپتوبۇسقا چىققانلارنىڭ ئىش ھەرىكەتلىرى كۆزىتىشكە باشلىدىم.
-ئاستىراق ماڭ، ئاۋۇ بوش ئورۇندا ئولتۇرە ھە! – بەستىلىك قارامتۇق كەلگەن بۇ كىشى سەككىز ياشلار چامىسىدىكى بودەك ئوغلىنى ئالدىدا چىقىرىۋېتىپ، ئۆزى خۇددى تاغنى سۆرەپ ماڭغاندەك ھالسىراپ چىقىۋاتاتتى، ئۇ كىشىنىڭ ئۆپكىسى نېمە بولۇپ كەتكەندۇ دەيمەن، بىز ئادەتتە بىر نەپەس ئالىدىغان ۋاقىت ئىچىدە ئۇ ئادەم ئىككى يېرىمنى نەپەس ئالاتتى-دە، ھاۋانى ئىچىگە سۈمۈرگەندە، ئۆپكىسىدىن ناھايىتى ساز «خىڭ، خىڭ، خىڭ» قىلىپ ئاۋاز چىقاتتى. دېمى سىقىلغانلىقتىنمۇ ياكى سېمىز ئادەم توڭلىمامدۇ، ئەيتاۋۇر، يوغان پەلتۇسىنىڭ مەيدىسىنى ئېچىۋېتىپ، قىشنىڭ سوغۇق ھاۋاسىغا ياراشمىغانلا بىر قىياپەتتە تۇراتتى. ئاۋۇ بودەك بالىسى بولسا، قاش كۆز بۇرۇن ئېغىز خۇددى مۇشۇ دادىسىنىڭ چىرايىنى سويۇپ ئېلىپ چاپلاپ قويغاندەكلا بولۇپ، ئەمما يۈز تېرىسى شۇ چاپلاشتىن بۇرۇن كىرئالغۇدا مېھرى سوپۇن پاراشوكىدا بىر يۇيىۋەتكەندەك سۈزۈك ئاپئاق ئىدى. ئۇ بالا يۈگرۈپ كېلىپ، بوش ئورۇندا ئولتۇردى-دە، باشقا بىرەيلەننىڭ ئولتۇرىۋالماسلىقى ئۈچۈن ئالدىدىكى ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىنى قۇچاقلىۋالدى، ئەلۋەتتە، ئۇ ئالدىدىكى بۇ ئورۇننى دادىسىغا ئېلىپ قويغانىدى. دادىسى بولسا كېلىپلا ئوغلىنىڭ يېنىدا ئۆرە تۇردى، ئوغلى ئېلىپ قويغان بۇ ئورۇندا ئولتۇرمىدى. ھە، ئېسىل ئادەمكەن، باشقا ياشانغانلار چىقسا ئولتۇرار بەلكىم دەپ، بۇ ئورۇندا ئولتۇرمىغان چېغى!
يەنە بىر بېكەتكە كەلدۇق، ئاپتوبۇستىكى ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان بۇ يېقىملىق ئاۋاز توختىماي ئەسكەرتىش بېرىپ تۇراتتى، ياشانغانلارغا، مېيىپلارغا، ھامىلدارلارغا ئورۇن بېرىڭلار دەپ... ئاپتوبۇسقا يەنە ياشلارمۇ، ياشانغانلارمۇ چىقتى. بۇ چاغدا ئاپتوبۇستا پەقەت شۇ بىرلا ئورۇن بىكار ئىدى، ئۆرە تۇرغانلارمۇ ھەم ئاز ئەمەس. ئىشىكتىن چىققانلار ئەڭ ئاۋۋال باشقىلار ئولتۇرىۋالمىسۇن دېگەندەك، يۈگرۈپ شۇ ئورۇندۇق قېشىغا كېلەتتى-يۇ، يەنە ئولتۇرماي ئۆرە تۇراتتى. ئاياللارمۇ ھەم شۇ، ئەرلەرمۇ، ياشلارمۇ ياشانغانلارمۇ ھەم شۇ... بۇ زادى نېمە ئىش بولغىيدى؟
ئېسىل نوركا چاپاننىڭ ساختىسىنى كىيگەن، ئىككى ئىت يالىسا بىر ھەپتىلىك تامىقى بولغۇدەك گىرىم قىلغان، ناشتىلىقتا ئەتتىرنى ھەسەل ئورنىدا ئىچكەندەك پۇراقلىق بۇ ئايال يېشىغا ماس كەلمىگەن ھالدا شۇنداق ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىۋالغانكى، ئۆزىنىڭ بەستىنىڭ يوغانلىقى، نوركا پەلتۇنىڭ كەڭلىكى بىلەن بىرلىشىپ، غايەت زور دىۋىنىڭ ئوبرازىنى ياراتقانىدى. خۇرۇم چاپان كىيگەن، چاچلىرى سەل پەل بۈدرە، پاكار ھەم ۋىجىك كەلگەن، كۆزلىرى ئورىدەك، ئۆڭى سېرىق بىر ئەر ئۇ ئايالنىڭ سومكىسىنى كۆتۈرۈپ ئەگىشىپ ئاپتوبۇسقا تەڭلا چىقتى. ئايال ئۇ ئايىقىدا مېڭىپ بوش ئورۇنغا كېلىپ بولغۇچە، ماشىنا قوزغىلىپ كەتتى، مۈدۈرۈلۈپ تۇتقۇچنى تۇتتۇم دەپ، باشقىلارنىڭ مۈرىسىنى، باشلىرىنى تۇتۇپ دېگۈدەك كېلىۋاتقان ئايالغا، ئاۋۇ ئەر ئالدىن بېرىپ ئورۇنغا قارىدى-دە:
-بۇ ئورۇندۇق ھۆلكەن،-دەپ ئايالنىڭ چىرايىغا قارىدى. ئايال، سەت بىرنى ئالىيىۋەتكەندىن كېيىن، ئىشىك تەرەپكىرەك سۈرۈلۈپ ماڭدى. ئاپتوبۇسنىڭ ئىچى شۇ ئايالنىڭ تارقاتقان ئەتتىر پۇرىقى بىلەن تولدى.
ھە، ئەسلى، شۇنچىۋالا ئادەم مۇشۇ ئورۇندۇقتىكى ھۆلچىلىكنى دەپ ئولتۇرماي، ئۆرە تۇرۇپتىكەندە!
ئويلاپ قالدىم، ئاپتوبۇستا، شۇنچە كۆپ ئادەم بار، بىرەرىنىڭ سومكىسىدا ياكى يانجۇقىدا قەغىزى يوقمىدۇ شۇ ئورۇندۇقنى سۈرتىۋېتىپ ئولتۇرىدىغانغا؟! يىگىرمىدەك ئادەم ئۆرە تۇردى يۇ، شۇ ئورۇندۇقنى بىرسى كېلىپ سۈرتىۋەتمىدى. ياز بولسىغۇ، بىردەمدە قۇرۇپ كەتسە ئولتۇرىۋېرەركەن، قىشتا مۇشۇنداق ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدىكەن. ئىچىم ئاچچىق بولۇپ ئولتۇرغاندا، چۈشىدىغان بېكىتىمگە كەلدىم. مەن ئورنۇمدىن دەس تۇردۇم-دە، بىردە ئۆزۈم ئولتۇرغان ئورۇندۇققا، بىردە شۇ ھۆل ئورۇندۇققا قارىۋېتىپ، ئۆزۈم بايىلا قوپقان ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە يوغان ئاياغ ئىزىمنى قالدۇرۇپ قويۇپ، چۈشۈپ كەتتىم.
ھە، ئەمدى كۆرەي، ھەممىڭلار شۇنداق ئۆرە تۇرۇپ مېڭىڭلار!

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 16:17:46

ھىچكىم يوققۇ ئۇرۇندۇقلاردا

uyghura يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 17:39:30

مىجەزىڭىز ئېسىل قىزكەنسىزغۇ لاي پۇتىڭىزدا تامغا بېسىپ قويغىنىڭىزغا قارىغاندا … {:112:}
   

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 18:57:11

ھاھا..بەلەن قىپسىز....لېكىن ئۇنى ئاپتۇبۇس شوپۇرى سۈرتىمىسە ..خەخ ھەرگىز سۈرۈتمەيدۇ...:lol

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 20:44:05

تىگى-تەكتىدىن پەس بىر ئىنسانكەن ھىكايىدىكى ئورۇندۇققا تامغا باسقۇچى...

boranjan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 20:45:12

بۇنداق ئىشقا يولۇققاندا قىلىنىدىغان ئۈچ خىل پوزىتسيە:
1.شۇ ھۆللۈكنى كۆرگەن ھامان سۈرتۈپ تازىلىۋېتىش.(ئادتتىكى ئادەملەرنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ.لېكىن شوپۇر ئادەتتىكى ئادەم)بەلكىم سۈرتىۋتكەننى باشقىلار كۆرسە،ئۇنى مۇنداق ئىككى خىل ئويلىشى مۇمكىن.بىرسى ياخشى ئادەم،بىرسى «ساراڭ».
2.ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي،كارى بولماسلىق.ھېچكىمنڭ سىز بىلەن ھەم كارى بولمايدۇ.
3.سۈرتۈپ ئولتۇرالمىغاندىكىن،ئولتۇرغدەك ئورۇن تاپالمىسۇن ھورۇنلار دەپ،باشقىسىنىمۇ ھۆل قىلىپ قويۇش.
(كىچىكلەر كۆرسە دورىشى مۇمكىن.چوڭلار كۆرسە نارازى بولىشى مۇمكىن.)
ئەمدى قالدىسى ھەركىمنىڭ ئۆزىگە باغلىق.

1453 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 21:37:50

مەن بولساممۇ شۇنداق قىلاركەنمەن{:92:}

bayawat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 21:52:21

ئەسسالامۇئەلەيكۇم
تورداشلار  ئىشەنچلىك ئايرۇپىلان بىلەت سىتىش ئوروننىڭ  نۇمۇرنى بىلسەڭلار قالدۇرغان بولساڭلار،،،،رەھمەت

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

cooloff يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 22:29:36

سۈرتىۋىتىپ ئولتورمىغاننىڭ ھەممىسى ماڭقۇرتلار...

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 03:27:03

ھېكايىنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى - ھەجمى قىسقا، ۋەقەلىكى ئىخچام، قاتناشقان ئادەم سانى ئاز بولۇشتەك ئىسراپچىلىقتىن خالى ھالدا پۈتۈپ چىققانلىقىدۇر. ئەسەردە ئالغا سۈرۈلگەن  ئىدىيە ھەقىقەتەن بەك ئىلغار ئىكەن. ئەسەرنى شۇنچىلىك ياقتۇرۇپ ئوقۇپ، ئەڭ ئاخىرقى يېرىم قۇر  ( « ھە، ئەمدى كۆرەي، ھەممىڭلار شۇنداق ئۆرە تۇرۇپ مېڭىڭلار!» )  خەتنى كۆرگىنىمدىن ئەپسۇسلاندىم. چۈنكى ، تېپىشماق ئوينىغاندا سوئال بىلەن جاۋاپنى تەڭلا دەۋەتسە، قىزىقى قالمايدۇ. بۇ ھېكايىنىڭ جاۋابى ئاشۇ ئاخىرقى يېرىم قۇر خەتكە يوشۇرۇنغان ئىدى. ئاپتور ئۇنى ئوقۇرمەنلەرگە ھاۋالە قىلماي، ئۆزى ھەل قىلىۋەتكىنى ياخشى بولماي قالدى. كېيىنكى ئەسىرىدە جاۋابىنى بىزگە قالدۇرىشىنى ئۆتۈنىمەن.
ئەتتىگەنلىك ناشتىدا ھوزۇرلىنارسىز:

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 07:26:58

ھېكايىدە بولسىمۇ دەسسىگىلى قۇيۇڭلار…
بەت: [1]
: [نىيازى] ھۆل ئورۇندۇق