ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 14:17:00

ئىشەنچنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرىۋاتىمەن(ئالما ئاچچىقسۇ شەربىتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilim@nur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-19 15:13  

ئىلگىرى ئىزدىنىشتە ئىشەنچ كىرىزىسى توغرىسىدا بىر ماقالە ئوقۇغان ،ماقالىدا سۆزلەنگەندەك ئەتراپىمىزنى ئىشەنچ كىرىزىسى ئوراپ تۇرغاندەك ھىس تۇيغۇغىغا چۆمۈپ قالىمىز بەزىدە .بولۇپمۇ بېشىمىزغا شۇنداق كۈن ئۇچىرىغاندا ھېچكىمگە ئىشەنمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىمىز .ئەسلى جاسارەت ۋە باتۇرلۇق قوغلاشقان ئۇيغۇر مىللىتى ئەڭ موھىمى ئىسلام ئەخلاقى بىلەن تەربىيىلەنگەن قەۋمىمىز بۇنداق ئىشەنچ كىرىزىسىگە پېتىپ قالمىساق بولاتتى .لېكىن ئەمەلىيەت شۇكى بەزى ئېنىق ۋە ئېنىقسىز سەۋەپلەر تۈپەيلى ئۇيغۇرلاردا بىرى بىرنىڭ ھەققىنى يەۋالىدىغان، تېنىۋالىدىغان، يالغان گۇۋاھلىق بىرىدىغان، توختامغا ئەمەل قىلمايدىغان، ئورۇنسىز بانا قىلىپ زاكالەت پۇلىنى تۇتىۋالىدىغان ،مالنى ۋاقتىدا بەرمەيدىغان، پۇلنى ۋاقتىدا ئۇرمايدىغان، مالنى سۈپەتسىز تاپشۇرىدىغان، ساختا مال تاپشۇرىدىغان ........ئۇيغۇرلاردا ئىلگىرى قاتتىق ئەيىپ سانىلىدىغان ھادىسىلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى .ئەسلەپ باقسام مەن خېلى چوڭ بولۇپ قالغۇچە «قويمىچى» دىگەن گەپنى ئاڭلاپ باقماپتىمەن . مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا «قويمىچى» دىگەن بۇ سۆز- ئىبارىسىمۇ يېقىنقى ۋاقىتلاردىلا پەيدا بولدىمىكىن دەپ قارايمەن .ئەگەر مۇشۇنداق ئىشەنچ كىرىزىسلىرىنى ئىستەيدىغان بولساق خۇددى پۈتۈن ئۇيغۇر ئىشەنچ كىرىزىسىغا پېتىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلپ قالىدىكەنمىز .لېكىن ئەگەر سىز ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ ئىجابى قاتنىشىپ باقسىڭىزخەلقىمىز تېخى بۇنچىلىك ھالغا چۈشۈپ قالمىغانلىقىنى بايقايسىز .خەلقىمىز ئىچىدە يەنىلا ھەققانىيەت تەرەپدارلىرى كۆپ ، ئاللاھدىن قورقىدىغان، كىشىنىڭ ھەققىنى يەۋىلىشتىن قورقىدىغانلار كۆپ ، دىمەك يەنىلا لەۋزىگە ئەمەل قىلىدىغانلار كۆپ . لەۋزىگە ئەمەل قىلىشنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈپ باققانلار بىلىدۇ . ھېچقانداق توختامسىز پەقەت لەۋزە توختام بىلەنلا نەچچە مىليون سودىنى پۈتتەرگەن سودىگەرلەر قەلبىدىكى خوشاللىقنى ۋە ئۇلارنىڭ سودىسىدىكى بەركەتنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس .بىراۋ سىزدەك ناتونۇش بىرسىگە ئىشىنىپ كارتىڭىزغا نەچچە مىڭ كوي سېلىپ باققانمۇ ؟قانداق ھىسقا چۆمۈلدىڭىز ؟يوقىرقىدەك ئىشەنچ كىرىزىدى ۋەقەلىكىگە ئوخشاش قىسمەتكە ئۇچىراپ ھېچكىمگە ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالغان  بىراۋغا ئىشىنىپ ئۇنىڭ كارتىسىغا نەچچە مىڭ كوي مال پۇلى سالسا قانداق تۇيغۇلارغا كىلەر ؟
مەن ئالما ئاچچىقسۇلۇق قان تومۇر تازلاش شەربىتىنى تارقاتقاندىن باشلاپ كۈندە توختىماي ئىشەنچ ئېلىپ كەلگەن ھۇزۇرنى سۈرۈپ كېلىۋاتىمەن .قارشى تەرەپ مېنى تونىمايدۇ .نەدە تۇرىدىغىنىمنىمۇ بىلمەيدۇ .مەن شېركەتمۇ ،دوختۇرخانىمۇ،يا ساختا مالچىمۇ بۇنى بىلمەيدۇ .لېكىن ئۇلار توختىماي ماڭا پۇل سېلىۋاتىدۇ .ماڭا ئىشىنىۋاتىدۇ .ئۈرۈمچىدە تاسادىپى تونۇشۇپ قالغان بىر ئاكىمىزغا سۆھبەت ئارلىقىدا مەھسۇلاتنىڭ گىپىنى قىلىۋىدىم ئارتۇق سۈرۈشتۈرمەيلا يانچۇقىدىن 500 سومنى چىقىرىپ تۇتقۇزۇپ:قومۇلغا بارغاندا سېلىۋىتەرسىز دەپ مېنى ھاڭ تاڭ قالدۇرۇپ قويدى .ئۇ مېنىڭ نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىمنى ،قانداق ئادەملىكىمنى،ھەتتا ئىسمىمنى بىلمەيتتى .خۇداغا شۇكرىكى بىرىنچى قېتىملىق مال پۇلىدىن تارتىپ ھازىرغىچە بىرەر خېرىدارغا ماڭا ئىشەن پۇلنى سېلىۋەر دەپ ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈپ يۈرمەپتىمەن .قىلغىنىم پەقەت مەھسۇلاتنى ئارتۇق كۆپۈزمەي چۈشەندۈرۈش ،سۆھبەتتە تەبىئىي بولۇپ قېرىنداشلىقنى ھىس قىلدۇرۇش ۋە لەۋزىگە ئەمەل قىلىش بولدى .بەزىلەرنىڭ ماللىرى توشۇش شېركەتلىرىنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلى سوزۇلۇپ كەتسە ئۇلار ئۈچۈن نەچچە كۈنلەپ ئىز قوغلاپ سۈرۈشتۈرۈپ مالنى تېپىشىپ بەردىم .قىسقىسى مەن يامان چوڭ يامان يوغان دەپدەبىلىك ئىش قىلمىدىم .بەلكى بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى قىلىشقا تىرىشتىم .نىمىنى تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن دىگەندەك بەلكىم قىلغان ئەمەل دىيانىتىمگە چۈشلۈك بىر نەتىجىلەرنى ئېلىۋاتىمەن دەپ چۈشەندىم .بەلكىم تورداشلار ئارىسىدا مەندەك ئىشەنچنىڭ ھوزۇرىنى سۈرىۋاتقانلار جىق دەپ ئويلايمەن .مۇشۇ توغرىسىدا پاراڭلىشىپ باقساق .
ئۈندىدارىم :18999036938
قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدىكى ۋاكالەتچى:13079989001،13325620868
غۇلجىدىكى ۋاكالەتچى:18040999793
ئاقسۇ:ئاتۇش،تۇرپان،خوتەن،بايغۇلۇن مۇڭغۇل:  تېخى يوق  

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 15:57:50

ئاللاھ ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت ۋە رەھمەت بەرسۇن

esyankar75 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 16:27:32

ھەقىقەتەن مەنمۇ سىزدەك خىيالدا ، مەن ئوقۇشتىن سېرت تىلفۇن قاپ توپ تارقىتىمەن ، تورلاردا بەرگەن ئېلاننى كۆرۈپ  نۇرغۇن قېرىنداشلار تىلفۇن قىلىپ پۇلنى ئۇرۇپ بېرىدۇ . كارتامغا پۇل كىرگەندە ئويلاپ قالىمەن ، ئەگەر مۇشۇ پۇل بىرەر قار نىيەتنىڭ كارتىسغا كىرگەن بولسا قانداق قىلار بولغۇيتى دەپ .  بىز ئۇيغۇرلاردا مەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان بىر خىل ئىشەنچ تۇيغۇسى بار ، بۇ ئىشەنچ زادى قەيەردىن كەلگەن ؟

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 16:43:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   86 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-19 16:59  

مەن ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئۇچرىغان «قويمىچى»،«قىزىل كۆز»گە.  مەندىن پۇل ئۆتنە ئالماقچى بولۇپ يىغلاپ كېلىدۇ، قايتۇرىدىغان ۋاقتىنى دەپ ۋەدە قىپ.  مەن ئۇنىڭغا ، بۇنداق قېيىن ئەھۋالدا دۇچ كەلگەن بولساڭ، بوپتۇ ياردەم قىلاي دەپ ئۆزەمدە يوق بولسا مەن بىلىدىغانلاردىن ئېلىپ بولسىمۇ پۇلنى بەرگەن چاغلىرىمۇ بار. ئاندىن مەندىن پۇل ئالغان كىشى شۇ قەرەلدە قايتۇرۇش يىراقتا تۇرسۇن ،   مەن ئۇنى ئىزدەپ پۇلنى قايۇتۇرۇشىنى دىسەممۇ بەرمەيدۇ، ياكى يۇقاپ كېتىدۇ، 20 يىل بولۇپ كەتسىمۇ مەن سەندىن پۇل ئالغان يىغلاپ  يۈرۈپ ، ئەمدى بولسىمۇ قايتۇراي دىگىنى بىرى يوق.  شۇنىڭ بىلەن بۇرنۇمغا ئەشۇنداق جىق سۇ كىرىپ بولغلاندىن كېيىن،  كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىكى گەپكە ئالدىراپ ئىشەنچ قىلمايدىغان بولۇپ قالدىم. پەقەت قارشى تەرەپنىڭ جىڭ مۇسۇلمانلىقىغا ئىشەنچ قىلسام،  گېپىگە ئىشىنىمەن . ياراتقۇچىنىڭ جازاسىدىن قورقمىغان ئادەمگە قانداق ئىشەنگىلى بولسۇن؟
مەن  دەسلەپتە  كىشىگە ئۇنى 100 نومۇرلۇق دۇرۇس ئادەم دەپ مۇئامىلە قىلىمەن. لېكىن ، قارشى تەرەپ  بىردەمدىلا ناچارلىق قىپ  نومۇرىنى تارتقۇزۇپ تۈگىتىدىغانلىرى كۆپ.

ئېغىزىدىىن چىققان گېپىگە ئەمەل قىلمايدىغان ئادەملەرنى  پەقەتلا ياقتۇرمايمەن.

شەرىئەتتە، كىشىلەر بىر-بىرىگە پۇل-مال ئۆتنە بەرگەندە ھۆججەت يېزىشىپ قۇيۇشنى ھەم گۇۋاھلىققا ئادەم قۇيۇشىنى كۆرسەتكەن.
مۇشۇنداق قىلىشنىڭ مۇنداق ھېكمىتى بار:
1. ئەتە كىم بار كىم يوق ھېچكىشى بىلمەيدۇ، شۇڭا، ناۋادا پۇل قەرىز بەرگۈچى تۈگەپ كەتكەن تەقدىردە،   ھۆججەت بار بولغانلقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئائىلە -تاۋاباتلىرى شۇ ھۆججەت ئارقىلىق مەرھۇمنىڭ كىمدە ئېلىشى بارلىقىنى بىلەلەيدۇ.
2. ناۋادا پۇل ئالغۇچى تۈگەپ كېتىپ قالسا، پۇل بەرگۈچى ھۆججەت ئارقىلىق مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ئۇقتۇرسا ئۇلار بۇنىڭغا ئىشىنىدۇ، ئۇلار قايتۇرۇشنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەگەر ھۆججەت پۈتۈپ قۇيۇلمىسا ، مەرھۇمنىڭ كىمگە قانداق قەرزى بارلىقىنى ئېغىزدا دىگەن بىلەن ئائىلە تاۋاباتلىرى ئېتىراپ قىلمىسا ئىشەندۈرگىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قەرزنى قايتۇرمىسا، مىيىت جەننەتكە كىرەلمەي قالىدۇ؛
3. ئادەم دىگەن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بەزى ئىشلار يادىدىن چىقىپ قالىدىغان ئىشلار بولىدۇ. ھۆججەت پۈتۈپ قۇيۇلسا، ۋاقىت قانچە ئۇزاقلاپ كەتكەن بىلەنمۇ ئېسىگە سالىدۇ. ئالغۇچىمۇ ھەم بەرگۈچىمۇ ھۆججەتكە ئاساسەن ئېلىم- ېربىمنى بىجىرالايدۇ.
4. قىزىل كۆز كىشىمۇ پۇل ئلغانلىقىدىن تېنىۋالالمايدۇ. سىزنىڭ مەنەپتىڭىز باشقىلارنىڭ  كۈچىدە  قوغدىلىدۇ.
شۇڭا، مەيلى سىز كۈندە كۆرىشىدىغان ، كىشى بولسىمۇ، ياكى دوستىڭىز بولسىمۇ، ياكى ئۇرۇق-تۇققانلرىڭىز بولسىمۇ  چوقۇم قايتۇرۇش كېرەك دەپ ئويلىغان سوممىدىكى پۇل-مال ئۆتنە قىلىشىدىغان ئەھۋالدا ھۆجخەت يېزىشقا ئىمكان بولسىلا  چوقۇم ھۆججەت پۈتۈپ قۇيۇڭ. ئالغان ۋاقتى ۋە قايتۇرىدىغان ۋاقتى ئېنىق بولسۇن.
مەيلى سىز پۇل بەرگۈچى بولسىڭىزمۇ، پۇل ئالغۇچى بولسىڭىزمۇ، ئەتە سىز ھاياتمۇ ئەمەسمۇنى سىز بىلمەيسىز. ئەتە يوق بولۇپ قالسام  بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى قانداق بولىدۇ؟ دىگەننى ئويلاڭ.  مەيلى دوست بولسۇن، ئۇرۇق- تۇقانچىلىقى بار مۇناسىۋەت ياخىشى كىشىلەر بولسۇن، ھۆججەت يېزىپ قۇيۇش ھەرگىزمۇ قارشى تەرەپكە ئىشەنمىگەنلىكنى ئاسا قىلغان بولماستىن، ئەتە سىز بارمۇ يوق  بۇ ئالەمدە؟  دىگەندە سىز يوق بولسىڭىزمۇ بۇ ئىشىڭىز جايىدا بىجىرىلىپ مېڭىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلىڭ.
ھەر ئىككى تەرەپ چوقۇم تۇغرا چۈشىنىڭلار. بىر-بىرىڭىزلارغا ئىشەنگەن بىلەن،  سىز بىلەن ئېلىم -بېرىم قىلغان كىشى ئەتە بارمۇ -يوق؟ بۇنى ھېچكىشى بىلمەيدۇ.
ئەگەر ھۆججەت يېزىش قۇلايسىز بولۇپ قېلىپ ھۆججەت يازغىلى بولمايدىغان ئەھۋللاردا، ياكى ھۆججەت بولسۇن بولمىسۇن، سىز ھاياتلا بولىدىكەنسىز چوقۇم ئېلىم -بېرىمدا ئېغىزىڭىزدىن چىققان ۋەدىنى ئەمەلدە كۆرسىتىڭ.
ھازىرقى كىشىلەردە ئەشۇنداق ئېلىم-بېرىمدە ئېغىدىدكى گەپكە ئەمەل قىلماي بىر-بىرىنىڭ بۇرنىغا سۇ كىرگۈزۈپ،  ھەقىقى مۇھتاج بولغاندا كىشىلەردىن پۇل چىقمايدىغان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ.
شۇڭا، مەن ئەشۇنداق ئېغىزىدىكى گەپكە ئەمەل قىلمايدىغان كىشىلەرگە   بەك ئۆچ.

يۇقۇرىدا كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ىىشەنچنىڭ گېپىنى كۆرۈپ، ۆتنە بېرىشىدىغان ىىشلاردا قانداق قىلىشنىڭ گېپىنى دەپ قويغۇم كەلدى.

باش تىمىدىكى ئەھۋال سودا-سېتىق جەريانىدىكى ئىش بولۇپ، ئۆز-ئارا كۆرۈشمىگەن كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن يۈز كۆرۈشمەي تۇرۇپمۇ ئىشەنچلىك سودا قىلىش ئۈچۈن ھەممە ئادەم ئېغىزىدن چىققىنىغا ئەمەل قىلسا، كىشىلەر بىر-بىرىگە ئىشىنىدىغان بولسا، سودىدىمۇ ھەممە كىشىگە قۇلايلىق بولىدۇ.  

yiltizim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 17:08:55

ماڭا ئەڭ يۇقىرىسى ئوتتۇز مىڭ ئۇرغان كۆرمەي تونۇماي تۇرۇپ. مەنمۇ كۆپ ئويلانغان بۇ ئىشنى. كېيىن يەنە بىر ئاكىمىز بىلەن شۇ توغرىسىدا پاراڭلىشىپ  شۇنداق بولغاننى دەپ بەرسەم، گېپىم تۈگىمەيلا قاتتىق ئىشەنچ بىلەن«ئۇرىدۇ»دېگەنتى. كۆرۈشمەي تۇرۇپ، تونۇماي تۇرۇپ، ئىشخانىنىمۇ بىلمەي تۇرۇپ نەچچە مىڭ كېلومېتىر نېرىسىدىن پۇل ئۇرىدىغان خېرىدارلارغا كۆپ يولۇقتۇم، تەسىرلەندىم، مېنىڭ بېشىمغا كەلگەندىمۇ قورقماي ئۇرىدىغان بولدۇم...
بىراقزە، ئۇزۇن يىل ھەمكارلىشىپ ۋاي ئىشەنچلىك دەپ كەلگەن خۇمسىلار ھارامزادىلىك قىلىپ پۇلۇمنى بەرمەيۋاتىدۇ،ئىككى يىل بولدى.
مۇنداق ئىشلارنىمۇ يېزىپ قويۇڭ:lol

apla يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 17:22:27

سودىڭىز تېخىمۇ روناق تاپسۇن، شۇ ئىشەنچلەر داۋاملاشسۇن.

mamnun يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 17:34:40

مەن ئىككى قېتىم تۇنۇماي تۇرۇپ پۇل سېلپ بېقىپتىمەن .لېكىن بىرسىدە زىيان تارتتىم .
بىرىنچى قېتىم مۇشۇ ئىزدىنشتا يىۋۇدىن ئەرزان كىيىم سېلىپ بېرىمەن دەپ جار سېلىپ يۈرگەن بىرسىگە، ئىشتىن سىرت سودا قىلىپ باقاي دەپ ئويلاپ 1000 يۈەن سالسام ، مالنىغۇ سېلىپ بەردى . لېكىن ھەممسىى خەخكە بىكارغا بەرسىمۇ كىيمىگىدەك كىيملەركەن. qq دا تازا ئۆتكىدەك گەپ قىلىپ قويدۇم ،لېكىن سەۋەبىنى ئۆزەمنىڭ ساددىلىقىدىن كۆرۈپ جىق داۋراڭ سالمىدىم. ئۇ ئاداش ھازىر يوقاپ كەتتى ، ئۆتمەس ماتالىرىنى زورلاپ سېتىپ ۋەيران بوپكەتتىمۇ ئۇققىلى بولمىدى. شۇڭا سودىگەر بولساڭلار ھەرگىزمۇ ئۆزەڭلىگە يارىمىغان نەرسىنى باشقىلارغا ساتماڭلار .
يەنە بىرقېتىم يەنە بىررەيلەنگە تەۋەكۈلگىلا 3000 سالغان ، لېكىن ئۇ قېتىمقى سودىدىن ھەر ئىككىلىمىز ناھايتى رازى بولدۇق.

bariber يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 20:44:31

مەندىن پۇل قەرىز ئالغانلارنىڭ بەرگۈسى يوقمۇ ،تولا مېڭىپ ،خەپ !بۇندىن كېيىن بىرسىگە پۇل ئۆتنە بېرىدىغان بولسام دەۋەتتىم،لېكىن يەنىلا بېرىپ تۇرماي ئامال يوقكەن،لەۋزىدە تۇرۇش ھەقىقەتەن گۈزەل ئەخلاق ئىدى.

tawhid11 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 23:57:38

ھەقىقەتەن شۇنداق .

Uyghurking يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 10:26:59

ئىشقىلىپ ئۆزىمىزدىن چىققانلار قويىۋالسا ئادەمگە بەك ھار كىلىدىكەن.......

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 12:07:26

باشقىلار قەرىز سورىغاندا ئۇنىڭ بۇ پۇلنى نېمە ئىشقا ئىشلىتىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ.
دائىم باشقىلاردىن قەرىز سورايدىغانلاردىن ئىھتىيات قىلىڭ.
سىز بىلەن دەسلەپ ئاز سۇممىدا قەرىز ئىلىپ ۋاقتىدا قايتۇرۇپ، داۋاملاشتۇرغان دېگەندەك ئىشەنچىڭىزگە ئىرىشمەكچى بولغانلاردىنمۇ ئىھتىيات قىلىڭ
قەرىز سورىغاندا ۋەدە دىگەننى ئايىماي بىرىپ دېمىگەن گىپى قالمايدىغانلاردىن ئىھتىيات قىلىڭ
قەرىز سوراشتىن بۇرۇن سىزگە تۇيۇقسىز يىقىنلاشقان، مىھمان قىلغان ياكى سىزنى بەكرەك ماختاپ ئۇچۇرغانلاردىن ئىھتىيات قىلىڭ.

قالغانلىرىنى مۇنبەرداشلار تولۇقللاپ باققاي

Qaf يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 14:49:05

«ھەققىڭزنى ئالداپ يەۋالىدىغان مەقسىتىم يوق...»دەپ تۇرۇپ يېۋىلىشقا ئۇرۇنىدىغان قېرىنداشلار با ر ئەمەسمۇ،..... ئادەم نەپسىگە بېرىلسە شۇنداق ئەقىلدىن كېتىدىكەن،ھەتتا بىر
ئىنسانغا بىر ئالتۇن تاغ بېرىلسە ، يەنە بىر تاغ ئالتۇن بولسا دەپ قانائەت  قىلمايدىكەن بۇ نەپىس... ھەممىمىزنىڭ نەپسىمىزنىڭ قۇلى ئەمەس، بەلكى ئىگىسى بولۇشىمىزنى  ئۈمىد قىلىمەن.

sahl777 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 13:47:43

بىر يولداش مايۈننىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى مۇنداق تەھلىل قىپتۇ.ئاساسلىق مەزمونى:
بىزنىڭ مەملىكىتىمىزدە ئشەنچكە ئېتىبار سۇس. شۇنىڭ ئۈچۈن مال سېتىۋالغانلار سۈپىتىدىن ئەنسىرەيدۇ،ساتقانلاربولسا،پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالالماسلىقدىن ئەنسىرەيدۇ. مۇشۇنداق شارائىت پۇل تۆلەش گۆھىرى(支付宝)(ئۈچىنچى تەرەپ ئارقىلىق پۇل تۆلەش سېستىمىسى)نىڭ مەيدانغا چىقىشىغا تۈرتكە بولدى.


sahl777 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 13:51:39

ئىشەنچنى ئەلا بىلىدىغان،ئشەنچنىڭ لەززىتىنى سۈرۈۋاتقان بىر قەۋمنىڭ ئەزاسى بوغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 11:30:48

sahl777 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-21 13:47 static/image/common/back.gif
بىر يولداش مايۈننىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى مۇنداق تەھلىل قىپ ...

دىمەك ئىشەنچىسىزلىك مايۇنگە بايلىق ئېلىپ كەپتىكەندە ..ھاھاھا ...ئاجايىپ زامان دا ياشاۋېتىپتىمىز .ئاق قارا قارا ئاق بولىدىغان .

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 11:34:45

Qaf يوللىغان ۋاقتى  2014-12-20 14:49 static/image/common/back.gif
«ھەققىڭزنى ئالداپ يەۋالىدىغان مەقسىتىم يوق...»دەپ تۇرۇ ...

مەن مۇناپىقلا بولمىسا ماڭا زىيان سالمايدىغان ھەر قانداق ئادەم بىلەن ئەپ ئۆتىمەن .لېكىن ئۇلارنىڭ ئارسىدىن ئىسىل ئەخلاقلىق ئادەملەر بىلەن تېخىمۇ يېقىن ئۆتىمەن .شۇلار بىلەن ئېلىم بېرىم قىلىشىمەن ،مەيلى كېيىنرەك بەرسىمۇ لېكىن پۇشايمان قىلمايمەن .بىز پۇل ئالالايدىغانلا ئەمەس بىز پۇل قەرىز بىرەلەيدىغان ئادەملىرىمىز بولىشى كىرەك .چۈنكى بانكىدا پۇلنى ساقلىۋەرسىڭىز ھارام سودا قىلىدىغان بايلار بانكىدىكى پۇلىڭىزدىن پايدىلىنىدۇ .ئۆيدە ساقلىسىڭىز خەۋىپ بار ..شۇڭا پۇلنىڭ مەلۇم قىسمىنى ھەقىقەتەن ئىھتىياجىلىق لېكىن قايتۇرۇش ئېچتىمالى يوقىرى سەمىمى ،دىيانەتلىك دوستىڭىزغا بىرىپ تۇرۇڭ .

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 11:36:03

86 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 16:43 static/image/common/back.gif
مەن ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئۇچرىغان «قويمىچى»،«قىزىل كۆز»گ ...

ئەتراپىق ئىنكاس يازغىنىڭىزغا رەھمەت ...

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 11:39:28

بىر نەرسىنى دەپقويمىسام خاتا چۈشىنىش بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ .مەن يازمامدا دىيىۋاتقان مەھسۇلات ئالما ئاچچىقسۇلۇق قان تومۇر تازلاش شەربىتى ھېلىقى خەلىق ئىچىدە دىيىلىۋاتقان يۈرەككە تىرەك سالماسلىقنىڭ ئۈنۈملۈك رېتسىپى دىگەن شەربەت شۇ .ھەقىقەتەن تىرەك سالماقچى بولۇپ بۇ شەربەتنى ئىچىپ ئېچىلىپ كەتكەنلەر نۇرغۇن مۇبالىغە ئەمەس .ئەگەر ئۆيىڭىزدە ياسىسىڭىز بىز سىزگە رىياسەتچلىك قىلىپ بەرسەكمۇ بولىدۇ .بۇ ياخشى رېتسىپ ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ بۇ شەربەتنى ئىچڭ ياكى ياساڭ .18999036938تېلىفۇن .

sahl777 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 11:57:48

ilim@nur يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 11:30 static/image/common/back.gif
دىمەك ئىشەنچىسىزلىك مايۇنگە بايلىق ئېلىپ كەپتىكەندە  ...

ئىشەنچسىزلىك بايلىق دىگەن گەپ يوق. مايۈن جەميەتنىڭ نىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغان.  بۇنىڭدىن بۇنىڭدىن مۇنداق خۇلاسە چىقىدۇ:ئىشەنچ- بازىرى كاساتلاشمايدىغان بايلىق.   

ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-29 14:24:40

sahl777 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 11:57 static/image/common/back.gif
ئىشەنچسىزلىك بايلىق دىگەن گەپ يوق. مايۈن جەميەتنىڭ نى ...

ئىشەنچلىك بولسۇن دەپ بىز ۋاكالەتچىلەرنى چوكۇم مۇشۇ شەربەتنى تۇققانلىرى ياكى تونۇشلىرى ئىچىپ ئۈنۈمىنى كۆرگەن بولىشى ھېچبولمىسا شۇ تۇرۇشلۇق شەھەردىكى بىزنىڭ شەربەتنى ئىچىپ مەنپەئەتلەنگەن قېرىنداشلارنىڭ ئون دەك تېلىفۇنىنى ئەۋەتىپ بەرسەك شۇلارنى زىيارەت قىلىپ ئەھۋال ئىگەللەپ باققان بولىشى شەرت قىلدۇق .چۈنكى بۇ شەربەتنى بەك كۆپىزىپ تەشۋىق قىلىشقا قوشۇلمايمىز . مۇناسىۋەتلىك تېمىلار تۆۋەندە .   
مۇناسىۋەتلىك يوللانمىلىرىمىز
http://bbs.izdinix.com/thread-57753-1-1.html
يۈرەككە كۆۋرۇك سالماسلىقىنىڭ ئاددىي رېتسىپى
http://bbs.izdinix.com/thread-57934-1-1.html
ئالما ئاچچىقسۇلۇق قان تومۇر ئېچىش شەربىتى ياسالدى
http://bbs.izdinix.com/thread-58496-1-1.html
8-تۈركۈمدىكى ئالما سىركىلىك قان تومۇر ئېچىش شەربىتى پىشتى
http://bbs.izdinix.com/thread-58680-1-1.html
ئالما ئاچچىقسۇلۇق قان تومۇر تازلاش شەربىتىنى تەييارلاشتا دىققەت
ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى ۋە ئۈندىدار :18999036938 كىيۇ كىيۇ 328451737
بەت: [1] 2
: ئىشەنچنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرىۋاتىمەن(ئالما ئاچچىقسۇ شەربىتى