[خەتلىك فىلىم] قايتىش
فىلىم نامى: قايتىش
ئېنگىلىزچە نامى: The Return
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2003-يىلى
دۆلىتى: رۇسىيە
تۈرى: ۋەقەلىك
تىلى: رۇسچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە / ئېنگىلىزچە
IMDB نومۇر: 8.1
رازمىرى: 70*1280
چوڭلىقى: 1.58GB
فىلىم ئۇزۇنلىقى: 01:45:57
رېژىسسور: Andrey Zvyagintsev
باش روللاردا: Vladimir Garin, Ivan Dobronravov, Konstantin Lavronenko
فىلىم ھەققىدە:
ئۆيىدىن ئايرىلىپ يوقاپ كەتكىنىگە 12 يىل بولغان دادا بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئۆيىگە قايتىپ كېلىدۇ، ئىككى ئوغلى ئاندىرى بىلەن ئىۋان ئاللىبۇرۇن چوڭ بولۇپ كەتكەن ئىدى. بالىلار گەرچە ھەر ۋاقىت دادىسىنى سېغىنىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە كۆرۈشكەندە بولسا يېتىرقاش ھېسسىياتى پەيدا بولىدۇ.
دادا ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ رۇسىيەنىڭ شىمالىدىكى بىر كىچىك ئارالغا قاراپ سەپەرگە چىقىدۇ، يولدا ئۇلار نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ، دادا بۇ قىيىنچىلىقلارنى ئاسانلا ھەل قىلىدۇ، ئەمما دادا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق باشتىن ئاخىرى يېقىنلاشمايدۇ. دادا ئوغۇللىرىغا بەكلا قاتتىق قول ئىدى، چوڭ ئوغلى ئاندىرى بۇنىڭغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ، ئەمما كىچىك ئوغلى ئىۋان بولسا بەكلا كاج ئىدى.
بۇ فىلىم 60-نۆۋەتلىك ۋېنتسىيە كىنو-فىلىم فېستىۋالىدا ئەڭ ئالىي مۇكاپات بولغان «ئالتۇن شىر مۇكاپاتى» ۋە «ئەڭ نادىر تۇنجى فىلىم مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.
61-نۆۋەتلىك ئامېرىكا ئالتۇن شار مۇكاپاتىدا «ئەڭ نادىر چەتئەل تىلىدىكى فىلىم مۇكاپاتى» نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن.
بۇنىڭدىن باشقا كىنو-فىلىم فېستىۋاللىرىدا 26 تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، 13 تۈردە نامى ئاتالغان.
كەسمە رەسىملەر:
بۇ بەتكە كىرىپ، چۈشۈرىمەن دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ، شۈنلېيدىن ياكى بەيدۇ بۇلۇت دېسكىسىدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ.
قوشۇمچە:
بىر قىسىم تورداشلار تور بېكىتىمىزدىن فىلىملەرنى قانداق چۈشۈرۈدىغانلىقىنى ئۇقالماپتۇ، شۇڭا فىلىملەرنى قانداق چۈشۈرۈش توغرىسدا ياردەم تېمىسى ئاچتۇق، فىلىم چۈشۈرۈشنى ئۇقالمىغان تورداشلار بۇ بەتنى ئېچىپ كۆرۈپ بېقىڭلار. فىلىم ئۇچۇرىدىكى رازمىرى 70*1280 بولۇپ قاپتۇ، توغرىسى 700*1280 بولسا مۇشۇ يوللۇق ئۇخلاش كىيىمى كەيگەن بالا دىگەن فىلىمنىمۇ تەرجىمە قىلىپ قويساڭلار ،ھەممە قىرىنداشلار تەڭ بەھىرلەنسەك
ماڭا شۇنداق تەسىر قىلغان قالتىس فىلىم ئىدى مەن خەتلىك فىلىم قىلىغنى بۇلمەيدىكەنمەن بولمىسا ئۆزۇم قىلۋىتەتتىم. بولسا، مۇشۇ ماركو-پولو دىگەن كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرىنى تەھرىرلىگەن ئاساستا تەرجىمە قىلىپ باقساڭلار بوپتىكەن، ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەزمۇنلارمۇ باردەك قىلىدۇ .
attir يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 14:36 static/image/common/back.gif
بولسا مۇشۇ يوللۇق ئۇخلاش كىيىمى كەيگەن بالا دىگەن فىلى ...
خەنزۇچە ئىسمىنى قالدۇرۇپ قويىڭە؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا attir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-19 15:34
nurjahan0997 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 15:23 static/image/common/back.gif
خەنزۇچە ئىسمىنى قالدۇرۇپ قويىڭە؟
穿睡衣条纹的男孩
IMDBدەرجىسى 8.8
94مىنۇتلۇق ،
بىر تۇردە مۇكاپاتلانغان ،لىكىن كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ پىكىرى نىمىشكا ئوسكار مۇكاپاتىغا ئىرشەلمەيدۇ بوپتۇ ،ئىشقىلىپ كۆرۇشكە ئەرزىيدۇ. attir يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 14:36 static/image/common/back.gif
بولسا مۇشۇ يوللۇق ئۇخلاش كىيىمى كەيگەن بالا دىگەن فىلى ...
بۇ كىنونى خەتلىك تەرجىمە قىلىپ بولغان. مانا ئادېرسى:
http://www.akburkut.com/eza/forum.php?mod=viewthread&tid=3879
ئۇيغۇرچە ئاۋاز بېرىپ تېلۋىزۇردىمۇ بەرگەن. pis-pas يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 14:58 static/image/common/back.gif
بولسا، مۇشۇ ماركو-پولو دىگەن كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە ت ...
مەن بۇ ماركو پولو دېگەن فىلىمنى كۆرىۋاتىمەن، ئون قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلەپتۇ، ئەمما ھەلەق يەرلىرى بەك كۆپكەن دەيمەن بۇ كىنونىڭ....
كۆرگۈچىلەرگە چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://cn163.net/archives/10975/ ماركوپولونىڭ ساياھەت خاتىرىسى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغانمۇ alip يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 17:58 static/image/common/back.gif
بۇ كىنونى خەتلىك تەرجىمە قىلىپ بولغان. مانا ئادېرسى:
ht ...
رەخمەت مەن بۇ توربەتنى كۆرمەپتىكەنمەن. ilter يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 22:00 static/image/common/back.gif
ماركوپولونىڭ ساياھەت خاتىرىسى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىل ...
قىلىنغان ماۋۇ كنونىڭ مەنىسنى چۈشەنمىدىم مەن .... ماۋۇ كنونىڭ خەنچە ئىسمنى قالدۇرۇپ قۇيۇڭلا توردىن مۇشۇ كىنو توغۇرلۇق ماقالىلەرنى ئاختۇرۇپ باقاي ... رەھمەت بۇ كىتابنى ھىچ كۆرمىدىم يا ، كۆپ يىللار ئىلگىرى نەشىر قىلىنغانمۇ ؟ ئىلكىتابىمۇ يوقمۇ بۇ كىنونى شۇنداق قىزىقىپ كۆردۇم - يۇ، ئەمما سەل چۈشىنەلمەي قالدىم . بولسا مۇنبەرداشلار ئورتاقلىشىپ باقساق خېلى چۈشۈنۈشلىككەنغۇ. دادا بالىلىرىنى 12 يىل تاشلىۋېتىپ تۇيۇقسىز پەيدا بولىدىكەن. ئەمما دادا مېھرىگە قانمىغان كىچىكى دادىسىنى ياقتۇرمىدىمۇ، گەپ تالىشىپ ۋە قىيىشىپلا يۈردى. ئاخىرىدا دادا بالىسىنى قۇتقۇزىمەن دەپ ئېگىز مۇناردىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلىدۇ. بالىلار بار ئاماللارنى قىلىپ دادىسىنىڭ جەسىتىنى قولۋاققا بېسىپ ماشىنا بار قىرغاققا يېتىدۇ، بۇ جەرياندا قولۋاق تاشقا سوقۇلۇپمۇ كېتىدۇ. ئۇلار نەرسە - كېرەكلەرنى چۈشۈرۈۋاتقان ۋاقىتتا قولۋاققا سۇ كىرىپ كېتىپ دادىسىنى دېڭىز تەكتىگە ئېلىپ كىرىپ كېتىدۇ. بالىلار شۇ چاغدا ئاخىرىقى قېتىم يۈرىكىدىن چىقىرىپ «دادا» دەپ ۋارقىرايدۇ. گەرچە كىنو مۇشۇنداقلا ئاياغلاشقان بولسىمۇ، قاتتىق قول دادىنىڭ بالىلىرىغا كۆيۈنىدىغانلىقىنى ھېس قىلىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ فىلىم 87-نۆۋەتلىك ئوسكار «چەتئەل تىلىدىكى ئەڭ نادىر فىلىم» تاللاش تىزىملىكىدىن چۈشۈپ قاپتۇ. يۇقارىقى ئىنكاسىم خاتا يېزىلىپ قاپتۇ، يەنە بىر تېمىغا يازغاندەك قىلغان.{:136:} ئىنتايىن سوغۇق بىر كىنوكەن بۇ {:92:}:lol pis-pas يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 14:58 static/image/common/back.gif
بولسا، مۇشۇ ماركو-پولو دىگەن كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە ت ...
بۇ كىنونى قايسى توربەتتىن تاپقىلى بولدىغاندۇ؟ ئىسمىنى قالدۇرۇپ قويامسىز ،مەن كۆرۈپ باقاي دېگەنتىم. uyghuryar يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 23:58 static/image/common/back.gif
بۇ كىنونى قايسى توربەتتىن تاپقىلى بولدىغاندۇ؟ ئىسمى ...
http://www.6vhao.net/mj/2014-12-14/26298.html
بەت:
[1]
2