dunya يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 11:27:45

چوڭ پىتتىن كىچىك پىت يامان

چوڭ پىتتىن كىچىك پىت يامان
( فىليەتۇن)

      چوڭ پىتتىن كىچىك پىت يامان (فىليەتۇن) جېلىل ئاۋۇت پىتلار قەۋمىنىڭ پادىشاھى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئۆز بەدىنىدىن ماكان ۋە ئۇزۇقلۇق بىرىپ بېقىپ كېلىۋاتقان ئادەملەرگە قانداقراق «خىزمەت» قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە ئادەملەرنىڭ سۆزلىرىنى چۈشىندىغان بىر تۈركۈم تىڭ- تىڭچىلارنى يولغا سالغان ئىكەن. نەچچە ئايلاردىن كېيىن ئۇلار ئىلگىرى- كېيىن پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كى رىپ ، ئىنسانلارنىڭ پىتلار ھەققىدىكى ئىنكاسىنى دوكلات قىلىپتۇ. قىزىق يېرى، ھەممىسى تىلىنى بىر قىلىۋالغان دەكلا : - ئىنسانلارنىڭ :« چوڭ پىتتىن كىچىك پىت بەك يامان» دېيىشكىنىنى ئاڭلىدۇق، - دەپتۇ. پىتلار پادىىشاھى ھەيران بولۇپ : - بۇ زادى نېمە گەپ ئىكەن؟ - دەپ سوراپتۇ. - ئالىيلىرىغا مەلۇم بولغاي ، چوڭ پىتلار ئارىلاپ- ئارىلاپ، قېنىپ- قېنىپ تۇيدۇرماي چاقىدىكەن. ئەمما كىچىك پىتلار بىردەم پايپاقنىڭ قونچىغا، بىردەم ئىشتاننىڭ ئېغىغا كىرىۋېلىپ چاقسىمۇ يەنىلا تويماي، ئادەملەرگە بەدىنىنى قاشلىغۇدەكمۇ ئىمكانىيەت بەرمەي چېقىۋېرىپ، ئۇلارنى بەك بىزار قىلغان ئوخشايدۇ،-دەپتۇ. پادىشاھ غەزەپلىنىپ ، بىر توپ كىچىك پىتلارنى ھۇزۇرىغا چاقىرتىپ ئەكىلىپ ، ئۇلار غا قاتتىق كايىپتۇ. - كايىمىسىلا شاھىم، سىلىنىڭ سىياسەتلىرىگە خىلاپلىق قىلىشقا ھەددىمىزمۇ بىزنىڭ،- دەپتۇ كىچىك پىتلار تازىم بەجا كەلتۈرگەندىن كېيىن، - تىڭ- تىڭچىلار گەرچە ئادەملەرنىڭ سۆزىنى چۈشەنسىمۇ، ئەمما دائىم ئۇلار بىلەن بىرگە بولمىغاچقا ئۇلارنىڭ سۆزىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەپتۇ. بىزلەر ئۇلارنىڭ تىلىنىمۇ، دىلىنىمۇ خېلى ئوبدان چۈشىنىمىز. ئادەملەرنىڭ «چوڭ پىتتىن كىچىك پىت بەك چاقدۇ» دېگىنى يالغۇز بىزگىلا قارتىلغان سۆز ئەمەس. ناھىيە، يېزا، كەنتلەردىكى قۇشۇقنىڭ سېپىچىلىك «ھوقۇق» ىدىن پايدىلنىپ ئۆزلىرىنى قان- قان يىغلىتىۋاتقان «خەلقنىڭ چاكارلىرى»نى يامان دېگىنى. ئادەملەر ئالدى بىلەن ئەنە شۇنداق ئۆزلىرىنى ئەسكى چاپانلىق پىتلىققا ئايلاندۇرۇپ قويغان زامان زورلىرىنىڭ نەسلىنى قۇرتالماي تۇرۇپ ، بىزنىڭ نەسلىمىزنى ھەرگىز قۇرتالمايدۇ. پىتلار پادىشاھى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، كۆڭلى خاتىرجەم بولۇپ ، قۇبۇلنى ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ.
باي ناھىيە توقسۇن يېزا ئوتتۇرا مەكتەپتىن جېلىل ئاۋۇت بۇ فىلىيەتۇن «كروران» ژورنىلىنىڭ 2005-يىللىق 1- سانىغا بېسىلغان.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 12:38:47

2005 نوچى يىزىپتىكەن،باسقانلارمۇ نوچى بىسىپتىكەن

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 12:38:54

بەگدىن دورغىسى يامان

tureli يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 13:32:04

شوجاڭدىن ،يوقلامچىسى يامان .

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 13:34:17

;P

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 14:17:56

تەيجۈن دىن پوداقچىسى يامان

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 14:33:28

تەرەكتۇردىن سوپەك يامان، ئېشەكتىن خوتەك يامان...:lol

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 14:37:17

ساقچىدىن مىنبىڭ يامان

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 14:40:22

ھوشۇقتىن دىڭدىڭ يامان

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 15:10:09

چىۋىن قونسا غىڭشىيسەن ، كالتەك تەگسە جىم ....{:92:}

جايىغا چۈشمىدىمۇ ھە !111

uyghura يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 15:27:12

جۇۋاندىن چوكان يامان{:92:}

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 15:40:44

يامانغا ماسلاشقاندىن مەنمۇ بىر نى دەي ؛

گەپنىڭ كۇس -كۇسى يامان
ئۇسۇراقنىڭ پىس-پىسى :lol

roh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 15:41:01

خۇتۇندىن ئاشنا يامان ...

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 15:59:36

协警 دىگىنى يانتۇ ساقچى دەپ ئاڭلىغان بىر تەرجىماندىن:lol

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 16:20:11

چوڭىمۇ پىت،كىچىگىمۇ پىت.
دوغىنى يامان قىلغىنى بەگ.
دوغا ئادەم ئۇرسا بەگ چىقىپ تاياق يىگۈچىگە تەسەللى بېرىپ ئۆزىنى ياخشى، دوغىنى ئەسكى كۆرسىتىدۇ- بۇ بەك بۇرۇندىن ئوينىلىپ كېلىۋاتقان ئويۇن، ئاجايىپ ئۈنۈملۈك، شۇنىڭ بىلەن 'چوڭ پىت' 'كىچىك پىت ' دىگەن گەپلەر پەيدا بولغۇن. ماھىيىتىنى بىلمىگەن خەلق دوغىنى دۇمبالاپ بەگنى بېشىدا كۆتۈرىدۇ.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 16:39:40

يوللۇغ سىزگە ھە.
كىمنىڭ قانداقلىقىنى بىلگۈچىلىكىمىز بار، ئەمىلىيەتتە ھەققى ساقچىلار قانۇن بويىچە بىجىرسىمۇ ،مىنبىڭ ياكى زاپەر ساقچىلار ئ‍ىشنى چوڭايتىپ جەمىيەت ئ‍امانلىقىغا ناچار تەسىر يەتكۈزىۋاتىدۇ،ھەتتا ئۆزىنىڭ نىمە قىلىۋاتقىنىنىمۇ بىلمەيدىغان مىنبىڭلار جەنۇپتا ناھايىتىمۇكۆپ

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 16:59:16

بۈگۈن نىمە ئىت ، پىت بىلەن قايناپ كېتىپتا :lol

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 18:12:11

ھايۋانلارنى خاتىرلەش كۈنىمىكى .

bariber يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 20:19:07

yollugh يوللىغان ۋاقتى2014-12-19 16:20 static/image/common/back.gif
چوڭىمۇ پىت،كىچىگىمۇ پىت.
دوغىنى يامان قىلغىنى بەگ.
دوغ ...

ئەكىلىڭە قولىڭىزنى قېرىندىشىم،رۇخسەت قىلسىڭىز سىزگە بىر سالام كەتتى.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 23:20:21

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-12-19 23:22

yollugh يوللىغان ۋاقتى2014-12-19 16:20 static/image/common/back.gif
چوڭىمۇ پىت،كىچىگىمۇ پىت.
دوغىنى يامان قىلغىنى بەگ.
دوغ ...

   دوغا ئادەم ئۇرسا بەگ چىقىپ تاياق يىگۈچىگە تەسەللى بېرىپ ئۆزىنى ياخشى، دوغىنى ئەسكى كۆرسىتىدۇ   «دۈشمىنىڭنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇپ كۆڭلىنى ئال» دىگەن گېپىدەك-ھە...
بەت: [1] 2
: چوڭ پىتتىن كىچىك پىت يامان