dunya يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 11:22:57

تارىم دەرياسى ھەققىدە رىۋايەت

تارىم دەرياسى ھەققىدە رىۋايەت





بۇرۇنىسىدا،  كىشىلەر بىر چوڭ دەريا بويىدا ماكانلاشقان ئىكەن.  دەريا سۈيى بۇ يەردىكى كىشىلەرنى ئەۋلادمۇئەۋلاد سۇ بىلەن تەمىنلەيدىكەن،  كىشىلەر بۇ دەريانى ئانىغا ئوخشىتىپ، «ئانا دەريا»دەپ ئاتايدىكەن.


بىر يىلى،  ئانا دەريا تۇيۇقسىز قۇرۇپ كېتىپتۇ،  كىشىلەر سۇ ئىزدەپ ئۇياق – بۇياققا چېپىپتۇ،  تارىم ئاتلىق بىر يىگىت قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ چېدىرىغا كېلىپ : « كىشىلەرنىڭ ياخشى ھايات كەچۈرۈشى ئۈچۈن مەن جېنىمدىن كېچىپ سۇ ئىزدەشكە رازى»دەپ ئۆتۈنۈپتۇ.  تارىم دادىسى بەرگەن شەمشىرى ۋە ئامراق راۋابىنى ئېلىپ،  ئانا دەريانى بويلاپ ئالتە كۈن يول يۈرۈپتۇ.  ئاندىن جەنۇب تەرەپتىكى قۇملۇققا قاراپ يۈرۈپ كېتىپتۇ.


پىژ - پىژ ئاپتاپتا تارىم ئۇسساپ،  ھېرىپ كېتىپتۇ.  ئۇ چىنارلىققا كىرىپ دەرەخكە يۆلىنىپ،  ئاستا – ئاستا ئۇيقۇغا كېتىپتۇ.  بۇ چاغدا بىر قۇيۇن تارىمنى ئۇچۇرۇپ ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىپتۇ.  ئۇ ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا،  ئۆزىنى باشقا بىر جايدا كۆرۈپتۇ.  تۇيۇقسىز قاتتىق شامال چىقىپ،  بىر بۇغا ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كېلىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا : « تارىم،  ئۈستۈمگە مىنگىن،  مەن سېنى سۇ بار جايغا باشلاپ باراي »دەپتۇ.  شۇنىڭ بىلەن تارىم بۇغىغا مىنپتۇ،  بۇغا ئالدىغا قاراپ ئۇچقاندەك چېپىپ كېتىپتۇ.  ناھايىتى ئۇزاق چاپقاندىن كېيىن،  ئۇلار بىر چوڭ تاغنىڭ ئالدىغا كەپتۇ.  بۇغا تارىمغا :« ئانا دەريانىڭ سۈيى مۇشۇ تاغ ئۆڭكۈرىدىن ئېقىپ چىقىدۇ.


يېقىندا تاغ گۆمۈرۈلۈپ،  بىر يوغان تاش ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزىغا چۈشۈپ سۇنى توسىۋالدى.  سۇنى ئېقىپ چىقسۇن دىسەڭ،  ئۇ تاشنى يۆتكىۋېتىشىڭ كېرەك »دەپتۇ.  بۇغا تارىمغا :« شەمشىرىڭنى مۈڭگۈزۈمگە ئۈچ قېتىم سۈركىسەڭ،  شەمشىرىڭ ئۆتكۈرلىشىدۇ »دەپتۇ.  تارىم شەمشىرىنى بۇغىنىڭ مۈڭگۈزىگە ئۈچ قېتىم سۈركىگەندىن كېيىن،  بۇرۇلۇپلا يوغان تاشنى ئۈچ قېتىم چېپىپتۇ،  « گۈمبۈر »قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ،  يوغان تاش يېرىلىپ،  سۈپسۈزۈك بۇلاق سۈيى ئېتىلىپ چىقىپتۇ.  لېكىن،  تارىمنى ئۆڭكۈر يۈتۈۋاپتۇ.  يۇرتداشلار يوغان تاشنىڭ يېرىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ۋە سۇنىڭ ئېتىلىپ چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،  سۇنى تارىمنىڭ باشلاپ كەلگەنلىكىنى ئۇقۇپتۇ.  ئۇلار تارىمنىڭ ياخشى كۆرىدىغان راۋابىنىڭ سۇ بىلەن ئېقىپ كەلگەنلىكىنى،  لېكىن تارىمنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ،  ئىختىيارسىز ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىشىپتۇ.  شۇنىڭدىن باشلاپ تارىمنى خاتىرىلەش ئۈچۈن كىشىلەر ئانا دەريانى « تارىم دەرياسى» دەپ ئاتىشىدىغان بوپتۇ

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 13:18:15

ئەسلى مۇنداقكەندە.......تارىم دەرياسى  نەدىن باشلىنىپ نەدە ئاخرلىشار؟

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 13:40:11

تېرىم مەدىنيىتى تۈپەيلى قۇيۇلغان ئىسىم دەپ قۇبۇل قىغان مەن

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 14:23:23

perwazqil يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 13:18 static/image/common/back.gif
ئەسلى مۇنداقكەندە.......تارىم دەرياسى  نەدىن باشلىنىپ نە ...

قۇرۇم تېغىدىن باشلىنىپ لوپنۇردا ئاخىرلىشىدۇ

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 18:44:31

Kanji يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 13:40 static/image/common/back.gif
تېرىم مەدىنيىتى تۈپەيلى قۇيۇلغان ئىسىم دەپ قۇبۇل قىغا ...

ئوخشاش پىكىردە مەن.

talibe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 19:29:43

ئەسلى مۇنداقكەندە:)

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 20:48:59

Yaruq يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 18:44 static/image/common/back.gif
ئوخشاش پىكىردە مەن.

قىززىقكەنسىلەر، تېرىم مەدەنىيتى دىگەن گەپ يېقىندا ئوتتۇرىغا چىققان گەپ، تارىم دىگەن قەدىمقى ئىسىم. قانداقمۇ باغلاشسۇن

Aqsu يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 21:43:32

Kanji يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 13:40 static/image/common/back.gif
تېرىم مەدىنيىتى تۈپەيلى قۇيۇلغان ئىسىم دەپ قۇبۇل قىغا ...

تېرىم دېگەن سۆزمۇ تارىم سۆزىدىكى ئا تاۋۇشىنىڭ ئې تاۋۇشىغا ئاجىزلىشىشدىن كېلىپ چىققان.
ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككىسى بىر سۆز. تارىم دېگەننىڭ مەنىسى تېرىماق دېگەنلىك بولىدۇ.
كورلىنىڭ ئاقسۇنىڭ تەۋەلىكىدە ئاساسلىقى تارىم دەرياسى بويىدا تارىم دەپ ئاتىلىدىنغان يېزا-كەنتلەر بار.
تارىم دەرياسىنى قارشى يۆنىلىشىدە بويلاپ قەشقەر تەۋەسىگە كىرگەندە تارىم دېگەن يۇرتلار ئۇچۇرمايدۇ، بەلكى
قەشقەر تەۋەسدە تېرىم دەپ بىر يېزا بار. دېمەك بۇ يەردىكى تېرىم تارىم سۆزىنىڭ قەشقەر تەلەپپۇزىدا ئېيتىلىشىدىن
باشقا نەرسە ئەمەس. قەشقەر تەلەپپۇزىدا بۇنداق ئا تاۋۇشىنىڭ ئې تاۋۇشىغا ئاجىزلىشىش كۆپ ئۇچىرايدۇ.
ئەسەت سۇلاريماننىڭ قايسى بىر ئەسىرىدە بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات بار.

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 22:31:15

arslan428 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 20:48 static/image/common/back.gif
قىززىقكەنسىلەر، تېرىم مەدەنىيتى دىگەن گەپ يېقىندا ئو ...

مېنىڭ سىزگە قايتۇرماقچى بولغان پىكىرىمنى توردىشىمىز «ئاقسۇ» بېرىپ بۇپتۇ. مەن دېسەممۇ ئاشۇنى دەيمەن. شۇڭا بىزنى قىزىققا چىقارمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

Elder يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 02:10:05

تارىمنىڭ ئاسمان مەنىسىدىكى «طارم» (تارەم) سۆزىدىن كەلگەنلىكىنى ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانى چاغاتاي تىلى تەتقىقاتى ھەققىدىكى ماقالىسىدە دەلىللەر بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپتۇ.

تارىم سۆزىنىڭ تېرىماق پېئىلىدىن تۈرلىنىپ چىققانلىقىنى كۆپ يەردە ئاڭلىغان بولساممۇ ئوچۇق دەلىللىرىنى كۆرمىگەن، قېنى دەلىلىنى بىلىدىغانلار يەتكۈزگەيسىلەر.

ئاندىن يۇقارقى رىۋايەت بەك باغلاشمىغان بىر نەرسە بولۇپتۇ، بولۇپمۇ قۇملۇققا ماڭغاندا راۋابنى ئېلىۋالغىنى... تازا «ناخشا ئۇسسۇل مىللىتى» تەشۋىقاتىدىن كېيىن پەيدا بولغان رىۋايەت بولسا كېرەك.

atilla705 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 10:05:32

رايونىمىزدىكى ھەرقانداق جاينىڭ مۇشۇنداق تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى بار...

pirogrammer يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 12:51:47

Elder يوللىغان ۋاقتى  2014-12-20 02:10 static/image/common/back.gif
تارىمنىڭ ئاسمان مەنىسىدىكى «طارم» (تارەم) سۆزىدىن كەلگ ...

راۋاب ئېلىپ ماڭسا نېمە بولۇپتۇ؟ ئاشۇ راۋاب ئېقىپ كېلىپ «تارىم»نىڭ سۇنى باشلىغانلىقىغا دەلىل بوپ كەپتىغۇ ئاۋۇ ئەپسانىدە. ناخشا-ئۇسۇلچى مىللەت دېگەن گەپتىن ئۇنچە بەك خۈدۈكسىرەپ كەتمەيلى، بولۇپمۇ ماۋۇ ئەپسانىگە باغلىغاندا. ئۇ دەۋردە ئەجدادلىرىمىز مۇشۇنداق قۇملۇق-بوستانلىقلاردا ياشىغاندىكىن مۇڭ - پىغانى تۇتىدىغان گەپ. مەنچە بولغاندا ئۇلارنىڭ سەنئەتخۇمارلىقى بىزدەك ئەمەستۇر.
تولۇق ئوتتۇرىدا ئەدەبىيات دەرسى بەرگەن مۇئەللىمىمىز مۇنداق دېگەنتى: ناخشا-ئۇسۇلىمىز قاراخانىلاردىن سەئىدىيە دەۋرىگە كەلگەندە ئەڭ يۈكسەلدى، نېمىشقا يۈكسىلەلىدى؟ دەل قورساق توق، تۇرىدىغانغا ئۆي، ئىلىم-مەرىپەت گۈللەپ ياشنىلالىغاچقا مۇقام تېخىمۇ گۈللىنەلىدى. خەلقىڭنىڭ قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن، تۇرىدىغانغا ئۆيى بار ۋە ئىلىم مەرىپەتتە ئالدىدا ماڭمىغان بولمىسا مۇقاممۇ گۈللەنمىگەن بولاتتى. ئەگەر يۇقارىقىلار بولمىسا ئۇنداق سەنئەت ساغلام سەنئەت ئەمەس دېگەن.

apla يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 13:27:44

يېقىندا پەيدا بولغان رىۋايەتكەن بۇ ، ئىلگىرى بىزدە نەدىمۇ يۇرتداشلار دىگەن سۆز بار ؟

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 14:35:17

apla يوللىغان ۋاقتى  2014-12-20 13:27 static/image/common/back.gif
يېقىندا پەيدا بولغان رىۋايەتكەن بۇ ، ئىلگىرى بىزدە نەد ...

بۇ دىگەن تەرجىمە قىلىنغان رىۋايەت : :lol
http://blog.voc.com.cn/blog_showone_type_blog_id_853247_p_1.html
塔里木河的传说  دىگەن ئابزاسنى ئوقۇڭ

apla يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 16:01:40

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-12-20 14:35 static/image/common/back.gif
بۇ دىگەن تەرجىمە قىلىنغان رىۋايەت :  
http://blog.voc.com.cn/blog ...

توغرا دەيسىز  ، نىمىشقىكىن ئاشۇ يۇرتداش دىگەن سۆز باشقىچىلا كۆرىنىدۇ ماڭا

Elder يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 16:45:38

pirogrammer يوللىغان ۋاقتى  2014-12-20 12:51 static/image/common/back.gif
راۋاب ئېلىپ ماڭسا نېمە بولۇپتۇ؟ ئاشۇ راۋاب ئېقىپ كېلى ...

قۇملۇققا پىيادە سۇ ئىزدىگىلى ماڭغان ئادەم :
1. شەمشەر ئالسا بوپتۇ - ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئالغان.
2. راۋاب ئالسا نېمە پايدىسى بار يۈكنى ئېغىرلىتىپ ؟ بىر ۋەزىپىگە ماڭغان ئادەم يېرىم يۇلدا راۋاب چېلىپ مۇڭلىنارمۇ ؟ قۇملۇقتا تېخى.
مېنىڭچە راۋاب پەقەتلا ئاخىردىكى ئېقىپ كېلىپ خەۋەر بېرىش رولىنى ئۆتەش ئۈچۈنلا قوشۇلغان ئامىل. ھەمدە بۇ رىۋايەتنى توقۇغۇچى ۋەقەلىكنى باشقىچە ئاخىرلاشتۇرۇشقا تەسەۋۋۇرى ئاجىزلىق قىلىپ شۇنداق قېتىپ قويغان چېغى. دېمەك مەدداھ - جۇڭگولۇق.

ئۇ گەپتىن ئەلۋەتتە خۈدۈكسىرىگۈلۈك.
خەلقىڭنىڭ قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن، تۇرىدىغانغا ئۆيى بار ۋە ئىلىم مەرىپەتتە ئالدىدا ماڭمىغان بولمىسا مۇقاممۇ گۈللەنمىگەن بولاتتى.
بۇ ھالەتتە مۇقام گۈللەنگەن بولسا نېمىشقا «ناخشا ئۇسسۇل مىللىتى» ئاتىلىپ قالىمىز ؟ نېمىشقا «باياشات مىللەت» ياكى «ئىلىم مەرىپەت مىللىتى» دېيىلمەيمىز. شۇڭا پالانى پۇكۇنى مىللىتى دەپ بىر مىللەتنى بىرلا نەرسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ قويماسلىق كېرەك. مەركەزلەشتۈرگەندىمۇ ئۇ نەرسە ناخشا ئۇسسۇل بولماسلىقى كېرەك. ئەڭ ئۆكۈنەرلىكى «ناخشا ئۇسسۇل مىللىتى» ئاتالغۇسىنى بەزى كىشىلەرنىڭ پەخىرلىنىپ قوبۇل قىلىشلىرى.

pirogrammer يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 09:51:20

راۋاب بىلەنلا قالمايلى، بۇ رىۋايەتنىڭ مەنبەسى زادى كىم؟ خەلق ئۆزى دېگەنمۇ ياكى ئاللىقانداق بىر مەقسەت ئۈچۈن توقۇلغانمۇ، بۇنى بىلمەي تۇرۇپ مۇلاھىزە يۈرگۈزسەك بالكىم ئەخمەق بوپ قالىدىغاندەك تۇرىمىز. شۇڭا مەزكۇر يازمىنى تەييەرلىغۇچى ئېنىق مەنبەنى ئىزاھاتلاپ قويغان بولسا بوپتىكەن.
ناخشىچى مىللەت دېگەن نامنى بىز ئۆزىمىزگە قويۇۋالمىغان. بۇ ھەم ئۆزىمىزدىن كەتكەن، بارچە مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئارتىشمۇ ياخشى ئەمەس. دېمىسمۇ ھازىرقى ھالىتىمىزدە ناخشا - ئۇسسۇل بىزگە ئەز قاتمايدىغانلىقىمىزنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ياشىلىرىمىزدا ناخشا-ئۇسسۇلغا بېرىلىش ئەۋج ئېلىپ كەتتى. ئىلىم - پەنگە يۈرۈش قىلساق بۇ ئەڭ ياخشىسىتى. بۇ نوقتىنىمۇ كاللىسى سەگەك قېرىنداشلىرىمىز تونۇپ يېتىۋاتىدۇ، ھەم بەزى بىر پائالىيەت ۋە چارە ئاماللارنى قىلىۋاتىدۇ. بىز بۇ «ناخشا-ئۇسسۇلچى مىللەت» دېگەن چىرايلىق نامنى بىر ئىككى يىل ئىچىدە چۆرۈپ تاشلىۋەتمىكىمىز بەسى مۈشكۈلدۇر، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاز بولمىغان كۈچ، تىرىشچانلىق، ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.
مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان مەن ۋە سىز ناخشا-ئۇسسۇلنىڭ زىيىنىنى دەۋەتقان بىلەن زادى قانچىمىز كاللىمىزنى سېلكىۋېتەلىدۇق؟ جۈمە كۈنى كەچتە ھېلىقى «يىپەك يولى ساداسى»نى پەقەت كۆرمەيمەن دەپ كىم مەيدىسىگە مۇسشتلىيالايدۇ؟ بەلكىم ئاز بىر قىسىملىرىمىز مۇشتلىيالىشى مۇمكىن. سەۋەبنى ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزدىن ئىزدىمىسەك بىكار. چوڭلاردىن ئاڭلىشىمچە دوزاقتا مۇنداق ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىنى، يەنى: باشقىلارغا توغرا يولنى كۆرسەتكەن، باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئىنتايىن ياخشى ئادەملىكى، ئەمما دوزاقتا ئۇ ئادەمنىڭمۇ بارلىقىنى، ئۇ ئادەمدىن نېمىشقا دوزاققا چۈشۈپ كەتكىنىنى سورىسا، ياخشى گەپ-ياخشى ئەمەللەرنى مەن سىلەرگە تەۋسىيە قىلدىم، ئەمما ئۆزۈم ئەمەل قىلمىغاچقا دوزاققا مەھكۇم بولدۇم دەپ جاۋاب بېرىپتىكەن.
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، مىللەت ئۈستىدە باش قاتۇرماي ئاۋۋال ئۆزىمىز ئۈستىدە باش قاتۇرايلى! ئاۋۋال ئۆزىنى تۈزىمەي تۇرۇپ مىللەتتىكى ئەيىپ-نوقساننى تۈزەيمەن دېگەن ئادەمنىڭ گېپى ئوسۇرۇقچىلىكمۇ ئەمەس.
   
   Elder قېرىندىشىم، يۇقارىقى سۆزلەر سىزگە قارىتا دېيىلمەستىن، پەقەت ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشىنى مۇنبەردىكىلەرگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويدۇم. خاتا كەتكەن جايلار بولسا تۈزىتىش بېرەرسىلەر.

apla يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 17:50:53

بولدى تالاشمىساقمۇ بولىدۇ، pis-pas  ئەپەندىم ئەسلى ئادرېسىنى قالدۇرۇپتىغۇ.
خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن رايونىمىزدىكى ھەممە ناھىيەگە دىگۈدەك بېرىپ بېقىپتىمەن ، شۇ جەرياندا ب ساياھەت نۇقتىلىرىغىمۇ بارغان، بەزى چۈشەندۈرگۈچىلەرنىڭ رېۋايتلىرىنى  ئاڭلىسا ئادەمنىڭ قۇسقىسى كېلىدۇ. تارىخنى بۇرمىلاش، بىر نىمە مەقسەتلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئەھۋالى بەك ئېغىر .

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 20:00:06

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 23:35:10

بۇ رىۋايەت ئەمەس ، پەقەت قۇرۇق گەپ.
بەت: [1]
: تارىم دەرياسى ھەققىدە رىۋايەت