ErqalMedia يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 10:49:43

شىنجاڭنىڭ ئۆرۈك قېقى خەلقئارا تاللا بازارلىرىغا كىردى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ErqalMedia تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-19 10:54  

نەچچە مىڭ توننا ئۆرۈك قېقى خەلقئارا تاللا بازارلىرىغا كىردى
ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى
مەنبە : ئاسىيا كىندىكى تورى | يوللىغان ۋاقىت : 19-12-2014

«ئوبوروت دەۋرى قىسقا، باھاسى مۇۋاپىق، مۇلازىمەت سۈرئىتى تېز بولۇش» تۈرىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن، كېلەر يىلى باھاردىن باشلاپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى 1500 توننا ئۆرۈك قېقى خەلقئارا چوڭ تاللا بازارلىرىغا كىرمەكچى. ئىگىلىنىشىچە، جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئۆرۈك يېتىشتۈرۈش كۆلىمى 1 مىليون 180 مىڭ موغا يېتىدىغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 890 مىڭ توننىغا يېتىدۇ. ئۇزۇندىن بۇيان، ئۆرۈك مول-ھوسۇل مەزگىلىدە، مەھسۇلاتلار بىرلا ۋاقىتتا بازارغا سېلىنغاچقا، يېڭى پېتى ساقلاش تەس بولۇش سەۋەبىدىن كارخانا ۋە دېھقانلارنىڭ پايدىسىنى ئاشۇرۇش تەسكە توختاپ، بىر قىسىم كارخانىلارنىڭ جەنۇبى شىنجاڭدا قۇرغان ئۆرۈك مۇرابباسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ كەينى-كەينىدىن توختىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
بۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ يىلنىڭ بېشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت جەنۇبى شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت ئوبلاستتىكى 1500 ئۆرۈك قۇرۇتۇش ئۆيىنى «ئوبوروت دەۋرى قىسقا، باھاسى مۇۋاپىق، مۇلازىمەت سۈرئىتى تېز بولۇش» تۈرىگە كىرگۈزدى، شۇنداقلا، بۇ يىل 6-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېزا-ئىگىلىكنى كەسىپلەشتۈرۈش تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، خوتەن گۈلباغ مېۋە-چېۋە چەكلىك شىركىتى، كۇنمىڭ كاڭلىشىن چەكلىك شىركىتى (昆明康立信有限公司)، شاڭخەي شىڭچى چەكلىك شىركىتى (上海升奇实业有限公) قاتارلىق 10 كارخانا بىلەن جەنۇبى شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ناھىيەلەر سېتىش مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى.
خوتەن ۋىلايىتى ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى لى خۇڭمېي (李红梅) نىڭ دېيىشىچە، ئىلگىرى خوتەننىڭ ئۆرۈك قېقى كىچىك سودىگەرلەر ئارقىلىق مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سېتىلاتتى، بۇ يىل، «ئوبوروت دەۋرى قىسقا، باھاسى مۇۋاپىق، مۇلازىمەت سۈرئىتى تېز بولۇش» تۈرىگە خوتەن گۈلباغ مېۋە-چېۋە چەكلىك شىركىتى قاتارلىق يېزا-ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلات شىركەتلىرى قاتناشقاندىن كېيىن، دېھقانلار سېتىپ چىقىرىشتىن ئەندىشە قىلمايدىغان بولدى، ئۆرۈك قېقىمۇ خەلقئارالىق چوڭ تىپتىكى تاللا بازارلىرىغا كىردى، «ئوبوروت دەۋرى قىسقا، باھاسى مۇۋاپىق، مۇلازىمەت سۈرئىتى تېز بولۇش» تۈرىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن، نۆۋەتتە، خوتەننىڭ چىلان، ياڭاق، ئۆرۈك قېقى قاتارلىق يېزا-ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدا سۈپەت ۋە سېتىش جەھەتتە زور دەرىجىدە ياخشىلىنىش كۆرۈلدى.
http://www.erqal.com/uyghur/html/2014/1219/2723-35.html

شىنجاڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى مەخسۇس سودا سۇپىسى قۇرۇلدى
ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى
مەنبە : ۋاڭيى تورى | يوللىغان ۋاقىت : 19-12-2014
ئىگىلىنىشىچە، مەخسۇس شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان تور سودا سۇپىسى شىنجاڭ داجى (大集)  تورى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى تورغا رەسمىي چىقىرىلغان. بۇ بېيجىڭدىكى شىنجاڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان تۇنجى تور سودا سۇپىسى ئىكەن.
شىنجاڭ داجى تورىنى بېيجىڭ غەربى دىيار داجى ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ۋە تور سودا سۇپىلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. مەزكۇر تور بەت يېڭىچە كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش شەكلى ئارقىلىق شىنجاڭلىق سودىگەرلەر ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ سودا سەھنىسى تەمىنلىگەن، ھەمدە شىنجاڭ كارخانىلىرى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى بېيجىڭدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى يۈكسەلدۈرۈشنى نىشان قىلغان.
بېيجىڭ غەربىي دىيار داجى ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ گوچياڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئېلېكتىرونلۇق سودا كەلگۈسىدىكى يۈزلىنىش بولۇپ، مەزكۇر سودا سۇپىسىنى قۇرۇشتىكى مەقسەت شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە مەملىكىتىمىزدىكى بارلىق بازارلارغا كىرگۈزۈش ئىكەن.
http://www.erqal.com/uyghur/html/2014/1219/2724-30.html

«شىنجاڭ سارىيى» نىڭ بىر كۈندىكى سودا سوممىسى 54 مىليارد يۈەنگە يەتتى
ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى
مەنبە : مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللار | يوللىغان ۋاقىت : 18-12-2014
تەڭرىتاغ تورىدىن ئىگىلىنىشىچە، تاۋباۋ تورى «شىنجاڭ سارىيى» نىڭ 12-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى سېتىش سوممىسى 54 مىليارد يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، تاۋباۋ تورىدىكى شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى ساتقۇچى باشقا تارقاق دۇكانلارنىڭ «11.11» دىكى ئومۇمىي سېتىش سوممىسىدىن بىر ھەسسە ئېشىپ كەتكەن.
تاۋباۋ تورى «شىنجاڭ سارىيى» نىڭ يۈرۈشتۈرۈلۈشىگە مەسئۇل شىنجاڭ مېۋىچىلىك كەسپى داتاڭ سىلۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ليۇ خەنكۈننىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، شىركەت 2014-يىلىدىن باشلاپ تىجارەت يۆنىلىشىنى مەھسۇلات سېتىشتىن تىجارەت سۇپىسى قۇرۇشقا ئۆزگەرتكەن بولۇپ، ھازىر «شىنجاڭ سارىيى» دا 1000 دىن ئارتۇق دۇكاندار بار ئىكەن. 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى شىركەت « 1688 شىنجاڭ سارىيى»، «قەشقەر سارىيى»، «ئىلى سارىيى» نى بىرلا ۋاقىتتا تورغا چىقارغان، يېقىندا «ئاقسۇ سارىيى» نى چىقارماقچى ئىكەن.
http://www.erqal.com/uyghur/html/2014/1218/2710-35.html

ئانا تىلىمىزدىكى ئەڭ كەسپىي ئىقتىسادىي ئۇچۇر تورى _ ئەرقال تاراتقۇسى: www.erqal.com
ئاندىروئىد ۋە ئايفون ئەپلىرىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كود ئارقىلىق چۈشۈرەلەيسىز(سىغىمى: ئاندىروئىد 1.3MB، ئايفون 5.3MB ):

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 14:27:46

ئۈرۈك قېقىنى سالقىن جايدا قۇرۇتۇپ، پۈدىمەي يەيدىغان ھالەتتە قۇرۇتالىسا:lol، ۋە ۋاكىئۇملۇق يالتىراق ئورام بىلەن ئوراپ چىقارسا، خەلقئارادا بەكرەك  بازىرى بولىشى مۈمكىن .
قاقنىڭ خەلقئارادىكى بازار  ئىگلەش نىسبىتى  جەھەتتە ئىران بىلەن تۈركىيىنىڭ ئەڭ ئۈستۈن ئىكەن .

abdulla74 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 16:17:55

بىزنىڭ يۇرتتا، ئۈرۈك قېقىنى گۈلە دەيمىز؛ كۆكباش (سۈت قوناق)تا ئەتكەن ئاشنى چۈلە دەيمىز.

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 16:44:52

كىچىك قوي ئەركەك كالا دېگەندەكلا ئاڭلاندى ماڭا .
گۈلە

erxat1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 17:02:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   erxat1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-19 17:03  

قاقنىڭ نۇچىسىنى چەتئەللىكلە يىسۇن    سىسقىنى بىز  يەيلى..غۇلجىدا  قاق دەيمىز.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 17:18:00

  گۈلە

Uyghurking يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 17:32:04

سۈرەتتىكىدەك قۇرۇتسا تازا ئۈنىمى بولمايدىكەن، يەنىلا ئاپتاپتا قۇرتۇلغان «گۈلە»لەرگە يەتمەيدىكەن.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 17:34:29

ئۇيغۇر تىلىدەك كۈچلۈك تىل، ھەممىسىنىڭ ئ‍ايرىم ئ‍ىسمى بارلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ .
توغرىسىنى بىلىۋالماي بىلەرمەنلىك قىلغان كىشىنى كۆزگە ئ‍ىلىپمۇ كەتمەيمەن . ئ‍ۈرۈك قېقىنى گۈلە
ئۆزىنىڭ گىپىنى يورغىلاتقاننى چۈلە دەيمىز .
بىر چاغدا تۇخۇم تۇغۇش دىگەن سۆزدىكى تۇغۇش دىگەن سۆز خاتا،بەسەيچىنىڭ تەرجىمىسى دەپ توغرىسىنى كۆرسىتىپ بەرىگەن ئ‍ىدى قايىل بولغان ئ‍ىدىم. ئ‍ۇيغۇر تىلى پېئ‍ىلنىڭ تۈرلىنىشى كۈچلۈك تىللارنىڭ بىرى ،باشقىلارغا ئوخشاش نىمە بولسا生
دىمەيمىز ،تۇغۇش سۆزى ئىنسانلارغا خاس سۆز بولۇپ
ھايۋان ياكى نەرسىلەرگە ئ‍ىشلەتمەيمىز دىگەن ئىدى،
مەسىلەن ،توخۇ تۇخۇملىدى ،ئ‍ىت كۈچۈكلىدى
ئ‍ىشەك تەخەيلىدى ،دىگەندەك .
خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بەرسە گىپىنى يورغىلاتقان ئ‍ادەملەر،قانداقمۇ ئ‍الغا ئ‍ىلگىرلىيەلىسۇن ،

kanat520 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 20:00:21

ھەي باللا قايسى يۇرۇتتا توخۇ تۇخۇملىدى دەيدۇ ؟ كىچىكىمىزدىن توخو كاكىلىدى دەپ ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمىزغۇ ؟
چۈلە دىگەن كۆكۋاشتا ئەتكەن ئاش ئەمەس قېرىندىشىم ، چۈلە دىگەن تازا شاخار(بەكىرەك پىشىپ كەتكەن ئۈرۈكتە قۇرۇتۇلغان گۈلە)گۈلەنى سوغا بىر كىچە  چىلاپ  قويسا ئەتىسى شۇنداق بەلەن تەمى چىقىدۇ ئۇسسۇزلۇقنى بەك باسىدۇ ،مانا شۇنى چۈلە دەيمىز ، كىچىك ۋاقىتلىرىمدا يازدا قەشقەرنىڭ ھېيتگاھتىن تارتىپ يىزا بازارلىرىغىچە ھەممە يەردە ساتىدىغان ، ھازىر بارمۇ بىلمىدىم .

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 07:43:00

كىچىكىمدىن قاقنى قاق دەپ چوڭ بوپتىمەن چوڭدادامنىڭ دادىسىمۇ قاقنى قاق دەيدىكەنتۇق

yasinjanaks يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 09:13:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yasinjanaks تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-20 09:15  

ئاقسۇدا ئۆرۈكنىڭ قۇرۇتۇلغىنىنى گۈلە دەيمىز. توخۇنى تۇخۇم تۇغۇپتۇ، مۈشۈك ئارسلانلىدى، ئىت كۈچۈكلىدى،كەپتەر باچكا چىقاردى دەپ ئاتايمىز. ئەمما  قەشقەردە توخۇ تۇخۇم كاكىلىدى دەيدۇ.  ھەممە يەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئاتاش ئۇسۇلى بار. سىز ئاقسۇلۇق بولۇپ قەشقەردە تۇرۋاتقان بولسىڭىز ئەلۋەتتە توخۇ كاكىلىدى دەيسىز. شۇڭا«قارىغۇنىڭ شەھرىگە بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىسۋال».« ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە» دېگەن ماقال تەمسىلىمىزنى ھېلىقى ئەمىركىلىق خانىم يىپەك يولى ساداسىدا دەپتىكەن .{:87:}{:87:}{:87:}{:87:}

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 10:49:14

خوتەندە  تۇخۇم  تۇغۇشنى تۇخۇم قۇيدى  دەيدۇ، نۇرغۇن سۆزلەرگە قاراپ باقسام شەكلىگە ئاساسەن قۇيۇلغان ئىسىملار  بولسا كېرەك.

boss يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 11:24:29

بىزمۇ قاق دەيمىز ، گۈلە دىگەن گەپنى ئالىي مەكتەپكە بېرىپ قەشقەرلىك بالىلاردىن ئاڭلاپتىمەن ،

678123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 16:10:31

خوتەن بۇيىچە گۇماناھىيسى سانجۇيىزىسىنىڭ گۇلىسى بەك بىلەنتى، ھازىر ياڭاق دەپ ئۇرۇكلەرنى كەسكەنمىش.

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 01:48:29

بۈ ئەپنى ئاچقاندىن كىيىن خەۋەر ماۋزوسى قالايمىقان كود شەكىلدە چىقىۋالدى ، بىرىنچى قۇرى شۇنداق چىقىدۇ ئىككىنچى قۇرى نۇرمال ،بۇنى قانداق ئوڭشايمىز ؟ نەشىرنى يۇقرى كۈتۈرسەممۇ شۇنداق.
بەت: [1]
: شىنجاڭنىڭ ئۆرۈك قېقى خەلقئارا تاللا بازارلىرىغا كىردى