Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 08:42:48

«قىشلىق ئۇيقۇ» نى كۆردۇق

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Hechkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-19 09:12  



ئۈچ سائەتتىن ئۇزۇنراق بۇ فىلىمنى ئاخشام بىر ئولتۇرۇشتا تولۇق كۆرۈپ چىقتىم. بەزى تەسىراتلارنى ئورتاقلاشقۇم كەلدى.

1. كىنو قانداق تۈرگە ئايرىلدى بىلمىدىم، ئەمما مەن ئايرىسام بۇ تىپىك بىر پىسخىكىلىق كىنو.

2. تۈركچىسى پىششىق بۇرادەرلەرگە تەۋسىيە قىلىنىدۇ. «تۈركچەم ياخشى ئەمەس، ئەمما خەنچە خەتلىكى چىقىپتۇ، شۇنىڭدىن كۆرىمەن» دېگەنلەر ئەڭ ياخشىسى توختاپ قېلىڭلار. فىلىمدە پۈتۈن زىددىيەت توقۇنۇشلىرى، ھەتتا كۇلمىناتىسىيە نۇقتىسى ھەرىكەتتە ئەمەس، دىئالوگدا ئىپادىلىنىدۇ، بۇ جەھەتتىن تىلىنى بىلمىگەنلەرگە قاتتىق زېرىكىشلىك تۇيۇلىشى تۇرغان گەپ. يەنە بىر نۇقتا، فىلىمنى گۈزەل-سەنئەت، سۈرەت تېخنىكىسى، لايىھە... قاتارلىق كەسپىي جەھەتلەردىن كۆرگۈچىلەر ئۈچۈنمۇ بىر نەچچە پارچە ئېسىل كۆرۈنۈشتىن باشقا چوڭ بىر نەرسە يوق.

3. فىلىمدە باشتىن-ئاخىر ئادەمنىڭ ۋارقىرىۋەتكۈسىنى كەلتۈرىدىغان بىر خىل ئېغىر ھېسسىيات ھاۋاسى بار. فىلىمگە ئەگەر مەن ئىسىم قويسام «تېلىقىش» ياكى «مەن» دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇشۇم مۇمكىن ئىدى. «قىشلىق ئۇيقۇ» دېيىلگەندە ئادەمدە تەبىئىي ھالدا قىشلىق ئۇيقۇنىڭ ئۆزى ئەمەس، «قىشلىق ئۇيقۇدىن ئويغىنىش» دېگەندەك بىر ئۇقۇم كۆز ئالدىمىزغا كېلىدىغان ئادەت شەكىللىنىپ قالغىنىنى مۇشۇ فىلىمدىن ھېس قىلدىمكى «قىشلىق ئۇيقۇ» ئۇيقۇنىڭ ئۆزى، «... دىن ئويغىنىش» بولسا باشقا نەرسە. ھەتتا بۇ ئويغىنىش ئۇيقۇدىن كېيىن تەبىئىيلا ئۇلىشىپ كېلىدىغان بىر نەرسىمۇ ئەمەس، ئۇزۇن، مۇرەككەپ، جاننى قىينايدىغان بىر جەريان، مەۋجۇت بىر جەريان.

4. «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» نى شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى ئوقۇش كەلمەي تېخى مۇشۇ كىنونى كۆرۈشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئىككى كۈندە ئوقۇپ تۈگىتىۋېتىپ، شۇنىڭ ئېغىر تەسىرىدە تۇرۇۋاتقان مەن، كەينىدىنلا «قىشلىق ئۇيقۇ» نى كۆرۈپ قېلىشىمنى تاسادىپىيلىقمىدۇر دەپ ئويلىدىم. ئىككىسى خۇددى بىر-بىرىنىڭ داۋامىدەك، كېڭەيتىلمىسىدەك بىر تۇيغۇ بار ئىچىمدە. قەيەرلىرى ئوخشايدىغاندۇر، تېخى بىر جاۋاپ تاپالمىدىم.

5. فىلىم ئەمەلىيەتتە ئادەمگە ئوقۇغان پۈتۈن كىتابلىرىنى ئەسلىتىشكە يەتكۈدەك دەرىجىدە ئىنچىكە تەپسىلاتلارغا ۋە ھەجىمگە ئىگە. مەمەت ئاۋاقنىڭ ئېتى، يېتىم يۈسۈپ، چېخوۋنىڭ پېرسوناژلىرى، پۇشكىننىڭ دۇئېل سەھنىسىگە چىقىشى ... دېگەنلەر ئۇچراپ تۇرىدۇ. (ئەمەلىيەتتىمۇ فىلىم ئاخىرىدا چېخوۋ ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىلدى دەپ ئەسكەرتمە چىقتى)

داۋاملىق يېزىلىدۇ.

-------------
فىلىم چۈشۈرۈش

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 12:27:31

داۋامىنى كۈتەي

halis123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 12:55:13

مەنمۇ ئاخشام تولۇق كۆرۇۋەتتىم ،  ھەقىقەتەن مۇكاپاتلىنىشقا لايىق، ياخشى ئىشلەنگەن فىلىمكەن ،  گەرچە كىنودا ئالاھىدە ۋەقەلىك، ئالاھىدە كۆرۈنۈش ، يۇقرى تېخنىكا قاتارلىقلار بولمىسىمۇ، ئاز ساندىكى پىرسوناژلار ، ئاددى ۋەقەلىكلەر ئارقىلىق ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى زىددىيەتلەر، ھىسياتلار ۋە ئىددىيەلەر ناھايىتى چىنلىق بىلەن يورتۇپ بېرىلىپتۇ  ،  بۇ كىنو كۆز بىلەن ئەمەس، قەلىب بىلەن كۆرىدىغان كىنولارنىڭ بىرسى ئىكەن .

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 13:07:23

مەنمۇ كۆرگەن ئاخشام ، لىكىن پەقەت چۇشۇنەلمىدىم، يىرىم بولغاندىلا ئۇچۇرۋەتتىم ، پەلسەپىۋى  كىنوكەن ، تۈركچىگىمۇ پىششىق بولمىسىڭىز بۇ كىنو ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلدىكەن،

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 13:23:53

مۇنداقچە ئىيىتقاندا مۇشۇنداق تەبىيلىك بىلەن ئىشلەنگەن فىلىملارمۇ ئادەمگە باشقىچە زوق بىرىدۇ.
لىكىن داۋاملىق فىلىم كۆرگەندە نىمە ئۇچۇن دىگەن سۇئال كاللامغا كىرۋالدۇ.
ئۇ كىچىك بالىنىڭ ماشنىنىڭ دەرىزىسىنى تاش بىلەن چىقىۋىتىشى ،دادىسىنىڭ قىشىغا بالىنى ئىلىپ كەلگەندە ئۇشۇقلۇق قىلىپ ئۆزىنىڭ دەرىزىسىنى چىقىپلا تەڭلەشتۇرۋالغىنى كاللامدىن ھىچ ئۆتمىدى.

abduzaher يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 16:10:07

ئامال يوق .تۈركچىنى پىششىق بىلمىگەچكە خەنچە خەتلىكىنى كۆگەچ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇدۇق ،باشلىنىشىدىلا ھىلىقى ئاجايىپ سىلىنغان ئۆيلىگە ھەيران قاغان ئىدىم،ئايدىن ئەپەندى بەك جىنىنى قىيناپ كەتكەندەك تۇيۇلدى ماڭا،تۇرمۇشنى ھەقىقەتەن چىن ئىپادە قىپتۇ دەپ ئويلىدۇم مەن.ئايدىن ئەپەندى دىن توغۇرلۇق تازا قايناپ سۆزلەۋاتسا سىڭلىسى سەن مەسچىتكە باغانمۇ دەپ سورىغان يىرى  نەخ ھازىرقى  مەسچىتكە بىرىپمۇ ساممايدىغانلا  دىن توغۇرلۇق كىتاب يازىدىغان ،جاھاندا با ئەخلاقسىزلىقلىنى ئۆزى قىلىپ جەمىيەت بۇزۇلۇپ كەتتى قاقشايدىغانلانى ئېچىپ بەگەن دەپ چۈشەندىم.

Qelich يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 17:00:52

مەنمۇ ئاخشام ئولتۇرۇپ كۆرىۋەتتىم. ھىس قىلغانلىرىم:
1. بۇ كىنو كىنودىن زوق ئېلىش ئۈچۈن كۆرىدىغانلارغا پەقەت ماس كەلمەيدىكەن دەپ ئويلىدىم. باش پىسرۇناژ بىلەن سىڭلىسىنىڭ دىئالوگلىرى، باش پىرسۇناژ بىلەن ئايالىنىڭ پاراڭلىرى، كىنو تۈگەي دىگەندىكى ئۈچ ئەرنىڭ پاراڭلىرى..... ئىت ئۈچىيىدەك ئۇزۇن دىئالوگلار ئادەمنى تىزلا ھاردۇرۇپ قويىدىكەن. شۇڭا باشلىنلا-باشلانمايلا كۈلكە باشلىنىدىغان، ياكى ئولتۇرسا تىلللىشىپ، ئورنىدىن شۇنداق تۇردى مۇشتلىشىپ كىتىدىغان كىنو كۆرۈپ كۆنۈپ قالغانلار بۇ كىنونى قەتئىي كۆرەلمىگۈدەك.
2. كىنو بەك ياخشى سۈرەتكە ئېلىنغان. ھەر بىر سۈرەت، ھەر بىر كۆرىنىشكە بىر پاتلام مەنا مۇجەسسەملەنگەندەك بىلىندى ماڭا. مەسىلەن، ئا بالىنىڭ ماشىنا ئەينىكىنى تاش ئېتىپ چېقىۋېتىشى، ھېلىقى مىراخورنىڭ ئات تۇتقان ۋاقىتتىكى كۆرۈنۈش، باش پىرسۇناژنىڭ ئىستانبولغا مېڭىش ئالدىدا ئاتنى قويۇپ بىرىشى، توشقان ئوۋلىشى...... ئىشخانا تېمىدىكى رەسىملەر....
3. ئۇزۇن دىئالوگلار ئارقىلىق رىئال تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى چىن تەسۋىرلىگەن. ئاۋۇ ئايدىن بەگ بىلەن سىڭلىسىنىڭ پاراڭلىرى تۈگىمىگەنسىرى، ئايدىن بەگ سىڭلىنىڭ گەپلىرىگە تىرىككەنسىرى مەنمۇ بەزىدە تىرىكىپ قالدىم. سىڭلىسىنى بىر توختاپ قالسىكەن دەپ شۇندا ئارزۇ قىلدىم، لېكىن توختاپ قالمىدى، تۇل ئايال دېگەن شۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالدىم. ئۇ ئايالنىڭ پىسخىكىسىدا مەسىلە باردەك، لېكىن بەزى دېگەن سۆزلىرى شۇنداق ئۇرۇنلۇق.
4. ئاخىرىنى مۇنداق تۈگە دەپ ئويلىمىغان.  يەنە چۈشىنەلمىگەن نۇرغۇن يەرلەر بار. مەسىلەن، ئىسمائىلنىڭ پۇلنى ئوتقا تاشلىۋېشى، ئايدىن بەگنىڭ خوتىنىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى ئايدىن بەگدىن يۇشۇرىشى....
ئىشقىلىپ كىنو خېلى يامان ئەمەس ئىشلىنىپتۇ، ئاشۇ مۇكاپاتلارغا لايىقكەن دەپ ئويلۇدۇم ئۆزۈمچە.{:90:}{:90:}

Uyghurking يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 17:33:58

توخۇتۇركام يازدىمىكى دەپتىمەن {:92:}

farux يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 19:27:14

ئەمسە مەن كۆرمەيلا قوياي.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 20:27:28

داۋامىنى يېزىۋىتىڭ ...

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 14:29:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Hechkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-20 14:34  

6. فىلىمدە نەجلانىڭ تىلى بىلەن زامانلاردىن بېرى خېلى مودا بولۇۋاتقان بىر سەپسەتە بازارغا سېلىنىدۇ، يەنى رەزىللىككە سۈكۈت قىلىش، يامانلىققا كۆز يۇمۇش ۋە بۇ ئارقىلىق رەزىللەرنىڭ، يامانلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن تەسىرلىنىپ رەزىل قىلىقلاردىن قول ئۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىش.
بۇ يېڭى قاراش ئەمەس. تارىختا ۋە ھازىرمۇ بۇنىڭ نۇرغۇن ۋارىيانتلىرىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. ھەتتا بۇ سەپسەتە ئازغۇن خرىستىئانلارنىڭ ھەزرىتى ئىساغا چاپلىغان ئەڭ چوڭ بوھتانلىرىدىن بىرى بولغان «ئوڭ مەڭزىگە ئۇرغانغا سول مەڭزىنى تۇتۇپ بېرىش» سەپسەتىسىنىڭ ئەينى ئۆزىدۇر.

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 14:49:01

ھازىر چىققان خەۋەردە دېيىلىشىچە، يىللىق ئوسكار ئەڭ نادىر چەت ئەل تىلى فىلمى مۇكاپاتىغا كۆرسىتىلگەن بۇ فىلىم بىرىنچى ئايلانمىدىلا تىزىملىكتىن چۈشۈپ قاپتۇ.

Economist يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 15:25:15

ئ‍ەسسالامۇئ‍ەلەيكۇم ھىچكىم

ھىلىقى بالقاننىڭ ئ‍ەڭ ھىم ئ‍ىشىكىدىن كىرىش دىگەن يازمىڭىزنىڭ ئ‍اخىرىنىمۇ ئ‍وقۇساق بولىتتى.
بەت: [1]
: «قىشلىق ئۇيقۇ» نى كۆردۇق