جەسەت: مەڭ
مەڭيىغلىۋېلىشنى ئويلاپ تۇيۇقسىز،
مۇزدەك كۈنلىرىمگە يىقىلدىم تەكرار.
بىر چىنە قىيامنى تەڭشەۋېتىپ،
ئىسمىڭىنى ھەجىلەپ ئۈنلەپ كەتتىم يار.
ئۇيقۇم كەلمەس رىۋايەتلەردەك ئۇلۇغ ۋە رەزىل،
پىشايۋەن گىرۋەكلىرىدىكى مۇز نۇكچىسىدەك ھالال.
سېنى ئىگىز بىنالاردىن تاشلىۋېتىش كېرەك،
كۆكسى دۈم-دۈم، بىلى قىپچىق شەرمىسار ئايال!
قايناق بازاردىكى بىر مىۋە ساتقۇچىنى ئەسلەيمەن،
كۆزلەر شەرھىدىن باشلىنىغان گۇگۇم باشلانغۇسى.
ھېلىلا قايتتىم ئۇ يەرنىڭ قار، يامغۇرلىدىن،
ئېسىمدە، ئۇنىڭ پىشانىسىدە بىر مېڭى بار ئىدى..
ئىت
سۆيگۈ كوچىسىدا ياتقان بىر ئىتمەن،
تۇنۇش ۋە رەھىمسىز ئاۋازلار ئارا.
غاجايمەن، سۆڭەكسىز ئۆتكەن بۇ كۈنلەرنى،
تەلپۈنۈپ-تەلپۈنۈپ يەنىلا ساڭا.
ئۆز-ئۆزىگە ئۆلۈم خەت يېزىش،
بەكمۇ مۈشكۈل ئازابلىق جەريان..
ئاندىن بىر توپ چۈمۈلىلەردەك،
مەن ياشاشقا كۆنىمەن ھامان.
سېنڭ ئاۋازىڭ، مېنىڭ ئاۋازىمدەك..
روھىسىز پەسىللەردە ياڭرار شادىمان.
ھېچنەرسە ئەمدى بۈگۈندىكىدەك قايتىلانمىغۇسى..
بىلىمەن، قەلبىڭ ماڭا بەش قولدەك ئايان!
جانان كۆلەڭگىسىدە چاقنىغان ئالۋۇن،
ئۆلۈم ھەقىقىىتىدە پارلىماقتا...
مەن سېنى ‹نە› دەپ ئاتىدىم،
ئاھ، بۇ يۈرىكىم زارلىماقتا...زارلىماقتا..
ئابدۇكىرەم ئابلىزنىڭ ئېتۇتلىرىدەك قاملاشمىغان بالۇن قاپىيە ئىكەنلا. نىمانداق قاملاشمىغان نەرسىلەرنى يىزىپ يوللاپ ۋاقتىڭلانى ئىسىراپ قىلىدىغانسىلەر ، ئۇنداق قىلغۇچە بەدىنىڭلادىكى ھۈجەيرىلەرنى ئاسراپ قىلىڭلا، مۇشۇ قاملاشمىغان شېئىرىڭلارنى يىزىش ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن بىگۇناھ ھۈجەيرىلەر ئۆلگەن بولىشى مۆمكىن. farux يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 19:42 static/image/common/back.gif
ئابدۇكىرەم ئابلىزنىڭ ئېتۇتلىرىدەك قاملاشمىغان بالۇن ...
ئۆزلىرىمۇ شەكىلگە تۇتقۇن بولۇپ شۇنىڭ بۇيۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلالماي قالغان بالون قاپىيە ئىكەنلا، بۇنداق ئىنكاس يېزىپ يۈرگۈچە بېرىپ ئۇماچ چېلىپ ئوينىماملا؟ ھەربىر ھۇجەيرىسىدىكى گەپلىرىنى دەۋىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بىر ئادەم ئاسمان دىگەن بالا ... شەكىل توغۇرلۇق ئىلمى گەپتىن بىرنى قىلىۋالدىڭ ھە ... ئەپسۇس ، ئىنسانلار شەكىلدىن قۇتۇلۇشقا مەڭگۈ ئامالسىز ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان پەللىگە تېخى يەتمەپسەن...چۈنكى ، شەكىلسىزلىكمۇ بىر شەكىلدۇر... ماندا ئويناش مودا ھازىر... قانداق، سەۋىيەرىڭ يېتىشكۈدەك تۇرامدۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-19 22:38
ئاھ، بۇ يۈرىكىم زارلىماقتا...زارلىماقتا..
--------
چېكىتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ كارامەت مىسرا بولۇپتۇ ماۋۇ.
بۇ مىسرادىكى دەل جايىدا كەلگەن تەكرارلىق خۇددى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تۆۋەندىكى مىسرالىرىدىكى تەكرارلىقتەك سۆيۈملۈك ،گۈزەل ،دەل جايىدا كەلگەندەك ھاياجانلاندۇردى؛
...
ھەممىدىن بەتتەر قەلەمگىر بولسا گەر ئەھلى شەرەر،
ئەلھەزەر ،سۇممەل ھەزەر،سۇممەل ھەزەر ،سۇممەل ھەزەر...
پەچەت مىسرا...
بىر ئادەمنىڭ ئىچكى جېڭى ، مەن بىر ھەقىقەتنى بايقىغاندەك قىلىمەن، سېرىق يۆگەي، مەن شئېر يازمىدىم ،شئېر يازالمايمەن، مېنىڭ بىر تال ھەسەل ھەرىسىدەك بولغۇم بار.....دېگەندەك ئېسىل شئېرلارنى يېزىشىڭىزغا تىلەكداشمەن. سەۋىيەم سەل بوش ئوخشايدۇ...لېكىن ئاز تولا بىر نەرسىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم.. Comeon يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 21:37 static/image/common/back.gif
ئاسمان دىگەن بالا ... شەكىل توغۇرلۇق ئىلمى گەپتىن بىرنى ...
ئاسمانغا كايىما ئاكا، ھەممىسى ئوخشاش پارچە خىش.:lol بۇ يازمىنى ئاخىرىدا farux تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-22 19:59
asman يوللىغان ۋاقتى 2014-12-19 20:11 static/image/common/back.gif
ئۆزلىرىمۇ شەكىلگە تۇتقۇن بولۇپ شۇنىڭ بۇيۇنتۇرۇقىدىن ...
شەكىل ؟ ئوقۇغۇنكى لوتبوللانىڭ شېئىرلىرىنى شۇ ساڭا شەكىل توغۇرلۇق جاۋاپ بەرسۇن. يەنە ئوقۇغۇنكى ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر ئۇستازنىڭ ۋە ئابدۇخالىق شىئىرلىرىنى شۇ ساڭا جاۋاپ بولسۇن. ئەپسۇس سەندە ئۇنچىلىك ئوماچ بولسا ئىدى ،بۇنداق ئەخمىقانە بىچارىلەرچە ئېنكاس تاشلاپ يۈرمىگەن بولاتتىڭ. مەمەت ئۆمەر يەنە 朋友圈 ئويناشنى باشلاپتۇ ...
بەت:
[1]