TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 08:04:40

تاشپولات: ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ يېڭى نەتىجىسىدىن ھۇزۇرلىنايلى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-19 08:06  

ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ يېڭى نەتىجىسىدىن ھۇزۇرلىنايلى

تاشپولات روزى



رىشات ئابباس--2014 AAPS يىللىق ئىلمى يىغىندا. كالىفورنىيە San Diego شەھىرى

مەن ئۇيغۇر ئالىمى رىشات ئابباس بورھان بىلەن تۇنجى قېتىم ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ياپونىيەدە كۆرۈشكەن ئىدىم. ئۇ چاغدا، ياپوندىكى ئاغىنىلەر بىرلىشىپ ئامېرىكىدىن كەلگەن دوكتور رىشات ئابباسنى كاتتا بىر رېستوراندا مېھمان قىلغان ئىدۇق. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن رىشات بىلەن دوست بۇرادەرلەردىن بولۇپ قالدۇق. ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشىدىغان ھەم ۋىجدانلىق، راستچىل، ئاق كۆڭۈل ئادەملەر بىلەن تىزلا دوست بولۇپ كېتەلەيدىكەن كىشىلەر! ئۇ تولىمۇ كىچىك پېئىل، سەمىمىي، كەمتەر بولۇپ باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلغان. ئۇ كالىفورنىيەگە كەلسە بىزنى يوقلىماي ئۆتمەيتتى. 2014-يىلى نويابىرنىڭ 2-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە، دوكتور رىشات ئابباس بورھان، ئامېرىكا تېببىي دورا تەتقىقات ئالىملىرى بىرلەشمىسىنىڭ 2014-يىللىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا (2014 Annual Meeting of American Association of Pharmaceutical Scientists) قاتناشتى. دوكتور رىشات ئابباس بۇ كېڭەشتە، مەلۇم تېببىي دورىنى تېز ۋە قۇلايلىق ئۇسۇل بىلەن بەدەنگە يەتكۈزۈش، دورا بېرىلگەندىن كىيىن دورىنىڭ بەدەنگە بولغان تەسىرلىرى، بەدەننىڭ دورىنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزم ۋە جەريانلىرىنى تەتقىق قىلىشىدىن ئىبارەت ئۆزىنىڭ يېقىنقى يېڭى تېببىي دورا تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىم رىشات بىلەن بىزنىڭ ئۆيدە ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن يېڭى نەتىجىلىرى ۋە ھازىرقى ئىلىم پەننىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق تېمىلاردا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردۇق.


رىشات خەلقئارالىق يىغىنغا قاتنىشىشتىن بىر كۈن بۇرۇن بىزنىڭ ئۆيدە بولدى
ئەمدى دوكتور رىشات ئابباسنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. دوستۇم رىشات بىزنىڭ مەشھۇر ئالىمىمىز ئابباس بورھان ئاكا بىلەن دوختۇر ماريە ھەدىنىڭ ئوغلى بولۇپ، رەھمەتلىك ئالىمىمىز ئابباس بورھان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر تەبىئىي پەن ئالىمى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يېتەكچىسى ۋە يازغۇچى، ئالىي مۇھەررىر ۋە جامائەت ئەربابى ئىدى. ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرىپىدىن «ھاياتلىق ئىلىمى ئالىمى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن مەرھۇم ئابباس بورھان ئەپەندىم دەسلەپتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن ھېسابلانغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىئولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. ئۇ «پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى» نى قۇرۇپ 1978-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە 12 يىل رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر ئىلىنىڭ 1150 شەھەر، ناھىيە، يېزىلىرىدا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش جەمئىيەتلىرىنى قۇرۇپ، دېھقانلارنى ئىلمىي ئۇسۇلدا يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلىگەن. ئابباس بورھان ئەپەندى يەنە 1980-يىلىنىڭ بېشىدا «بىلىم-كۈچ» ژۇرنىلىنى، 1983-يىلى «پەن ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنى تەسىس قىلىپ، باش مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. 80 يىلغا يېقىن ھايات مۇساپىسىدە، بىلىم دۇنياسىدا ئۇيغۇرلارغا ئۆرنەك تىكلىگەن ئابباس بورھان ئەپەندى، بىئولوگىيە ۋە ھاياتلىق كەسپى بويىچە 12 پارچە كىتاب يازغان. 397 پارچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئائىت ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇندىن باشقا، تەرجىمە قىلغان ۋە تەھرىرلىگەن كىتاب ۋە ماقالىلىرىنىڭ سانى 400 پارچىغا يەتكەن. مەرھۇمنىڭ يېزا - ئىگىلىك ساھەسى بويىچە يازغان كىتابلىرى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ دېھقانچىلىق تېخنىكىلىرىنى ئىگىلىشىدە ئىلمىي كۆرسەتمىلىك رولىنى ئويناپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان.


ئابباس بورھان ئاكا
دوكتور رىشات ئابباس بورھان نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ تېببىي دورا تەتقىقات ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ساھەسىدە خەلقئارادا يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان دورا تەتقىقات بىرلەشمە ئىدارىسى – Pfizer دە راك ۋە باشقا كېسەللەر دورا تەتقىقات تارمىقىنىڭ باش يېتەكچى (Lead Clinical Pharmacologist) تەتقىقاتچىسى ۋە كىلىنىكىلىق دورىگەرلىك Clinical Pharmacology تارمىقىنىڭ دىرېكتورى بولۇپ خىزمەت قىلماقتا (2004-يىلىدىن ھازىرغىچە). رىشات 1989- يىلى ئۈرۈمچىدىن ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كېلىپ، 1994- يىلى ئوھىئو شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا (The Ohio State University, Columbus, OH, USA) تېببىي دورا تەتقىقات ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1994- يىلىدىن 1996-يىلىغىچە، رىشات ئابباس بورھان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ تەتقىقات تەجرىبىخانىسىدا (Armstrong Laboratory, Wright-Patterson Air Force Base, Dayton, OH, USA) دوكتور ئاشتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1994- يىلىدىن ھازىرغىچە ئامېرىكادىكى تېببىي دورا تەتقىقات خىزمەت ھاياتىدا، رىشات ئابباس بورھان ئامېرىكا دۆلەتلىك تەتقىقات تەجرىبىخانىلىرىدا، خەلقئارالىق تېببىي دورا تەتقىقات ئىدارىلىرىدە يېڭى دورىلارنى تەتقىق ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش سەھىيىسىدە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك تەتقىقات خىزمەتلىرىدە بولغان ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. رىشات ئابباس بورھان يېڭى دورىلارنى تەتقىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمدە ئۇلارنى كىلىنىكىلىق تەتقىقات تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش جەھەتلىرىدە، داۋاملىق مۇھىم مەسئۇلىيەتلەرنى ئوز ئۈستىگە ئىلىپ، ئالاھىدە نەتىجىلەرنى ياراتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە: راك كېسەللىكىگە شىپا بولىدىغان يېڭى دورىلار، يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىرى، نېرۋا كېسەللىرىگە ھەمدە دىئابىت كېسەللىرىگە شىپا بولىدىغان دورلارنىڭ تەتقىقاتىغا كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشتى. ھازىرغا قەدەر ئۇ 130 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمى ماقالىلەرنى خەلقئارا تېببىي دورا تەتقىقات ژۇرناللاردا ۋە خەلقئارالىق تېببىي دورا تەتقىقات ئىلمى يىغىنلاردا ئېلان قىلدى. شۇنداقلا يەنە دورا ئىلمىگە ئائىت كىتابلارنىڭ بابلىرىنى يېزىپ چىقتى. ئۇ تېببىي دورا تەتقىقات ساھەسىدە يەنە 2 دانە پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى. نۆۋەتتە ئۇ ئىككى خەلقئارالىق تېببىي دورا تەتقىقات ژورنىلىنىڭ تەكلىپ قىلىنغان تەھرىرى بولماقتا.


ئابباس ئاكا،  رىشات ۋە رىشاتنىڭ دوكتور يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور  Hayton بىلەن-2004 AAPS يىغىن جەريانىدا - ئامېرىكا

رىشات ئابباس بورھان نۇرغۇن قېتىم مىنىستىرلىق ۋە خەلقئارالىق پەن-تەتقىقات جەمئىيەتلىرىنىڭ تەقدىرلەشلىرى ۋە مۇكاپاتلاشلارغا سازاۋەر بولدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 1996- يىلى ئامېرىكا دۆلەت مىنىستىرلىقى (the U.S. Department of Defense – Air Force Materiel Command) تەرىپىدىن ئۇنىڭغا بېرىلگەن "پەن ۋە تېخنىكا نەتىجە مۇكاپاتى" (Science and Technology Achievement Award) ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىكتۇر. يەنە بىر پارچە ماقالىسى 1999-يىلى " خەلقئارالىق ئىلمى جەمئىيىتى تەرىپىدىن "ئالاھىدە مۇنەۋۋەر ئەسەر" بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2001--يىلى خەلقئارا دىئابىت كېسىلى تېخنىكىلىق يىغىنىدا يەنە بىر پارچە ماقالىسى "ئەڭ ياخشى مەزمۇنلۇق ماقالە" بولۇپ باھالانغان. 2009-يىلى ئۇنىڭ ئاياللار كۆكرەك راك (breast cancer) كېسەللىكلىرىگە دەۋا دورا (Neratinib) تەتقىقات نەتىجىسى "پەۋقۇلئاددە ئىجادىيلىققا ئىگە نەتىجە" مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.


مۇكاپات-PBPK مودېل ماقالىسى -رىشات ئابباس
بۇ قېتىم ئۇنىڭ كالىفورنىيەدە قاتناشقان ئامېرىكا تېببىي دورا تەتقىقات ئالىملىرى بىرلەشمىسى (American Association of Pharmaceutical Scientists) نىڭ يىللىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولسا، خەلقئارادىكى تېببىي دورا ئالىملىرى، مۇتەخەسسىسلەر، تەتقىقاتچىلار قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ بىر يىل ئىچىدە قازانغان نەتىجىلىرى، ئىجادىيەتلىرى، تەرەققىياتلار، ھەرخىل تېببىي دورا تەتقىقاتىدا قوللىنىدىغان ئىجادىي ئۇسۇل مودېللىرى، جەريانلىرى ۋە يېڭى قائىدە- قانۇنلىرىنى ئېلان قىلىدۇ ۋە مۇزاكىرىگە قويىدۇ. بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىندا ئالاھىدە بولغان تەرەققىيات ۋە مۇزاكىرىنىڭ بىرى فىزىئولوگىيىنى ئاساس قىلغان تېببىي دورىنىڭ بەدەندىكى تەسىر مېخانىزم جەريانىنى تەتقىق قىلىدىغان (ماتېماتىكىلىق كومپيۇتېر مودېل) مودېللار (Physiologically Based Pharmacokinetic Model, PBPK; Physiologically Based Pharmacokinetic and Pharmacodynamics Model, PBPK/PD) ئىدى. بۇ مودېللارنىڭ يېقىنقى يىللارنىڭ بېرى تېببىي دورا تەتقىقاتىدا قوللىنىشقا باشلانغانلىقى، تېببىي دورىنىڭ بەدەنگە بولغان كېسەل داۋالاش تەسىرى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۆرۈلىدىغان ئەكسىچە تەسىرى ۋە بەدەننىڭ دورىنى بىرتەرەپ قىلىش مېخانىزم تەتقىقاتلىرىنى تەرەقى قىلدۇرۇشتا بولغان ئۈنۈملۈك روللىرى بايان قىلىندى.


Neratinib مۇكاپات-رىشات ئابباس
شۇنىڭ بىلەن، بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىندا ئەنە شۇنداقPBPK ۋە PBPK/PD مودېللارنى تېببىي دورا تەتقىق قىلىش ۋە تەستىقلاش جەريانلىرىغا تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك ۋە كەڭ دائىرىدە قوللىنىشى نامايان قىلىندى. ھەم FDA (Food and Drug Administration) (ئامېرىكا تېببىي دورا ۋە يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى ئىدارىسى) مۇ يېقىندا بۇ توغرىلىق قائىدە (Guidance) چىقىرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلدى. دوكتور رىشات ئابباس دەل مۇشۇ دورا ساھەسىدە يېڭىدىن قوللىنىشقا باشلانغان ماتېماتىكىلىق مودېلنىڭ ئىجادىۋى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مۇكەمەللىشىگە ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ئالىملارنىڭ بىرىدۇر.


ئابباس ئاكا ئوغلى رىشات بىلەن 2004-يىلى AAPS يىغىن جەريانىدا - ئامېرىكا
ئون نەچچە يىل بۇرۇن، دوكتور رىشات ئابباس بۇ PBPK ۋە PBPK/PD مودېللارنى چۇڭقۇر تەتقىق قىلغان شۇ مودېللارنىڭ دەسلەپكى تەتقىقاتى، مۇكەممەللەشتۈرۈلۈشى، تەرەققىي قىلدۇرالىشىدا خەلقئارادىكى ئاۋانگارت ئالىملاردىن بىرى بولۇپ، كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى ياراتقان ۋە خەلقئارا ئىلمى جەمئىيەتلىرى، شۇنداقلا ئامېرىكا دۆلەتلىك مىنىستىرلار تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان. دوكتور رىشات ئابباس ئۆزىنىڭ ئۈنۈملۈك، ئەكسى تەسىرى ئاز بولغان دورا ئىجادىيەتلىرىدىن ۋە شۇنداقلا كېسەللەرنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرىشىگە تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولماقتا. بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك 2014- يىلدىكى يەنە بىر مۇھىم خەۋەر، دوكتور رىشات 2004- يىلدىن بېرى ئىجادىي تەتقىقاتغا قاتنىشىپ دورىلارنىڭ كىلىنىكىلىق سىناق بىرىنچى (phase I) ۋە ئىككىنچى باسقۇچ (phase II) لىرىغا زور تۆھپە قوشقان. ئاياللار كۆكرەك راكىنى(breast cancer) نىشانلىق (HER2-targeted) داۋالىغۇچى كاندىدات تابلېتكا دورا Neratinib نىڭ ئۈچىنچى باسقۇچى (phase III)دا 2821  نەپەر كۆكرەك راك بىمارى ئۈستىدىكى تەجرىبىلىك داۋالاشنىڭ  نەتىجىسىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقى مۇشۇ يىل 7-ئاينىڭ 23-كۈنى مەلۇم بوپتۇ. ئۇ دورىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى (HER-2 positive) كۆكرەك راكىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ داۋالاپ ھاياتنى ئۇزارتقانلىقى ئىسپاتلىنىپ چىقىپتۇ. بۇ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى (HER-2 positive) كۆكرەك راك كېسەللەرنى تابلېتكا دورا بىلەن نىشانلىق داۋالاشتا ئالاھىدە زور ئىلگىرىلەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىق مۇكاپاتى – رىشات ئابباس
دوكتور رىشات ئابباس ئۆز كەسپىدە خەلىقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يارىتىپلا قالماي، يەنە مەخسۇس ۋاقىت چىقىرىپ ئامېرىكىدا نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلارغا كەسپى جەھەتتە مەسلىھەت ۋە ياردەمدە بولماقتا. ئۇنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە تەسىرى بىلەن ئامرىكىدا بىر قانچىلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى تېببىي دورا تەتقىقاتى كەسپىدە ئوقۇپ دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرىغا ئېرىشتى. ئۇلار ھازىر خەلقئارالىق تېببىي دورا تەتقىقات مەركەزلىرىدە ۋە FDA دە دورا تەتقىقات ئالىمى ۋە مۇتەخەسسىسى بولۇپ، خەلقئارا تېببىي دورا تەتقىقاتىغا ئۆزلىرىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشماقتا. بىزنىڭ ياش ھاياتلىق ئىلمى ئالىمىمىز تۇرسۇنجان نۇرمەمەتمۇ «پورتلاندىكى كاتتا ئۇچرىشىش» ناملىق يازمىسىدا، ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندە رىشات ئابباسنىڭ ئۇنىڭغا ئالاھىدە تېلېفون قىلىپ ئۇنى مۇبارەكلىگەنلىگىنى ۋە ئۇنۇڭغا ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يازغان ئىدى. ئۇنىڭ يېتىلىۋاتقان ياش ئۇيغۇر تەتقىقاتچى-ئالىملار بىلەن داۋاملىق پىكىرلىشىپ، ئۇلارغا مەدەت بېرىپ تۇرۇشى ۋە ياردىمىنى ئايىماسلىقتەك روھى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ. مەن رىشات ئابباسنىڭ قولغا كەلتۈرگەن كاتتا نەتىجىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە ئۇنىڭ ئۆز كەسپى ساھەسىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.


ئابباس ئاكا 1984-يىلى ئىتالىيە دىن تەكلىپ قىلىپ كەلگەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن دوكتور ئابدۇسالام بىلەن قەشقەردە

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 12:22:57

ئالىملىرىمىزنىڭ تىنى سالامەت، ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن !

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 12:25:56

ئالىملىرىمىزنىڭ تىنى سالامەت، ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن !

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 13:34:46

ئالىملىرىمىزنىڭ تىنى سالامەت، ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

pidakar200789 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 15:27:37

ئالىملىرىمىزغا كاتتا شەرەپلەر يار بولغاي !!

erxat1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 16:51:48

ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسىدە بۇ ئالىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئىدىم..  ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.مۇمكىن بۇلسا مۇنبەرگە تەكلىپ قىلغىنى بۇلغان بۇلسا  ھە.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 17:23:23

ھە، يەنە بىر ئالىمنىمۇ بىلىۋالدۇق، قازانغان  نەتىجىلىرىگە مۇبارەك بولسۇن!
  ھە راست،    رىشات ئەبباس ئىزدىنىش مۇنبىرىگە كىرمەمدىكەن؟

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 17:47:19

مەرھۇم ئابباس ئاكا تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلغان كىشى ئىكەنتۇق.  
مۇشۇ ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Qumaltag يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 19:11:34

‏ھەر قېتىم مۇشۇنداق ئالىملىرىمىز بىلەن تۇنۇشۇپ چىققاندا قەلبىمدە زور ئۈمىد ۋە ئىشەنچ پەيدا بۇلۇپ ،ئۆگىنىش ئىرادەم يەنىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ .ئېگىمىز تاشپۇلاتكام ۋە بارلىق ئالىملىرىمزنىڭ ئۆمىرىنى ئۇزۇن قىلسۇن .

farux يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 19:33:29

ئۆيىڭىزمۇ نوچىكەنغۇ تاشپولات مۇئەللىم. :) بۇ ئالىمنى بۇرۇن ئاڭلىماپتىكەنمەن. ئۇيغۇرغا تۆھپە قوشۋاتقانلارمۇ كۆپ ئىكەن جۇمۇ.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 21:24:59

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-19 23:40  

     1991-يىلىغۇ دەيمەن، مەرھۇم ئالىمىمىز ئابباس بۇرھان ئەپەندىم ئاتۇشتا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ھەققىدە لىكسىيە سۆزلىگەندە بۇ مۇھتەرەم ئالىمنىڭ لىكسىيىسىنى نەق مەيداندىن ئاڭلاپ ئاجايىپ بىر ھاياجانلارغا چۈمگەن ۋە تولىمۇ چوڭقۇر ئىلھاملارغا كەلگەن ئىدىم. رەھمەتلىك بەكمۇ كەڭ دائىرىلىك بىلىمگە ئىگە ۋە يۈكسەك نۇتۇق تالانتىغا ئىگە ئالىم ئىدى. ئاللاھ كىيىنكى ئالەملىك ئىشلىرىنى خەيرلىك قىلىپ بەرگەي.
     شۇ چاغدا شۇ لىكسىيەدىكى بېرىلگەن مەلۇماتلار ۋە بىز ئوقۇغۇچىلارغا قىلغان تەسىرلىك خىتابلىرى ناھايتى ئۇزاق زامانلارغىچە قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلاپ تۇراتتى. ھەتتا بىر قېتىم تاغ تۈۋىدىكى بىر ئېقىندا سۇغا چۈمۈلۈۋېتىپ شۇ ئېرىقتىكى بىر شاقىراتمىغا قاراپ شۇنداق ئۇزۇن خىياللارغا  كىرىپ كېتىپتىمەن... ئابباس بۇرھان ئەپەندىنىڭ لىكسىيىسىدىكى ئېنىرگىيە مەنبەلىرىدىن قانداق قىلىپ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ھەققىدىكى مىڭەمگە ئورناپ كەتكەن تەسەۋۋۇر بويىچە بۇ شاقىراتمىنىڭ پوتىنسىيال ئېنىرگىيىسىنىىڭ بىكارغىلا كېتىۋاتقانلىقى،ئۇ ئېنىرگىيىنى ئېلىكتىر ئېنىرگىيىسىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى ھەققىدە ھەر خىل لاھىيەلەرنى خىيالەن «سىناق» قىلىمەن دەپ مەكتەپكە دەرسكە كېچىككەنلىرىم خۇددى ھازىرقىدە ئېسىمدە...  

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 02:40:41

86 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 17:23 static/image/common/back.gif
ھە، يەنە بىر ئالىمنىمۇ بىلىۋالدۇق، قازانغان  نەتىجىلى ...

ئىزدىنىشتىكىلەرنىڭ يېڭىۋېتىشىدىن قورقامدىكىن;P

Heqqaniyet يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 04:41:27

ئابباس بورھان ئەپەندى دىگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ دەرھال ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن ئېسىمغا كەلدى.

fatihdin يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 09:27:15

ئالىم ئابدۇسالامنى يادرۇ ئالىمى دەپ ئاڭلىغان.  

tashway يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 10:39:06

يەنە بىر ئالىمنىمۇ بىلىۋالدۇق، قازانغان  نەتىجىلىرىگە مۇبارەك بولسۇن!

uyghur2014 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 16:39:50

sawr55 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 19:48:03

ئالىملىرىمىزنىڭ ئۇتۇقلىرىغا مۇبارەك بولسۇن ،تاشپولاتكا ،قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بىزنى چەتئەللەردە ئۆز قەدىر -قىممىتى بىلەن ياشاۋاتقان ئالىملىرىمىز بىلەن ئۇچراشتۇرۋاتقىنىڭىزغا مىڭلارچە تەشەككۈر.
بەت: [1] 2
: تاشپولات: ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ يېڭى نەتىجىسىدىن ھۇزۇرلىنايلى