ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 22:32:36

ياردەم : خەلىقئارالىق پۇل-مۇئامىلە بىلىملىرىدىن ساۋات سۆزلەپ بەرساڭلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilter تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-18 23:02  

يىقىندىن بىرى روبلى قىممىتىنىڭ چۈشىشى قىزىق نوقتىغا ئايلىنىپ بۇ ھەقتىكى خەۋەر ، مۇلاھىزە ماقالىلىرى تورلارنى بىر ئالدى .   بۇنداق خەۋەرلەېنى كۆپ كۆرۈپ نۇرغۇن ئىقتىساد ئاتالغۇلىرىنى ، قائىدىلىرىنى چۈشەنمىدىم ، ھەم ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى بىلىمىنىڭ ماڭا ئوخشاش يۈزە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم .
      گەرچە ئىقتىساد ، پۇل -مۇئامىلە ھەققىدە مەخسۇس ئۇيغۇرچە توربەتلەر كۆپ بولسىمۇ  ئۈگەنچىلەرنىڭ ئىقتىساد ھەققىدىكى دەسلەپكى ساۋات بىلىملەرگە ئىرىشىشى ئۈچۈن پايدىلىنىش ماتىرياللىرى يوق دىيەرلىك  ، ئىقتىساد مەخسۇس توربەتلىرىدە كەسپى ئاتالغۇ كۆپ ئىشلىتىلگەنلىكى ئۈچۈن مۇلاھىزەلەرنى چۈشەنمەك قىيىن  .  

مۇنبىرىمىزدە ئىقتىساد ،  خەلىقئارا سىياسى ۋەزىيەت ……ھەققىدە بىلىمى كۆپ قىرىنداشلار كۆپ ، شۇڭا  روبلى قىممىتىنىڭ چۈشىشىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ  پۇل -مۇئامىلە بىلىملىرىدىن ساۋات سۆزلەپ بەرسەڭلار :
  1. پۇل قىممىتى دىگەن نىمە ؟
2. پۇل پاخاللىقى نىمە سەۋەبتىن بولىدۇ ؟ پۇل پاخاللىقىنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ ؟ قانداق تىزگىنلەيدۇ ؟ ئەگەر قەغەز پۇل ئىشلەتمىسە پۇل پاخاللىقى يۈز بەرمەمدۇ ؟ قەدىمكى دەۋىرلەردە پۇل پاخاللىقى يۈزبەرگەنمۇ ؟

3.  نىفىت ، ئالتۇن ، پاي بازىرى ، بانكا ئۆسۈم نىسبىتى ۋە سىياسى ۋەزىيەتنىڭ پۇل قىممىتىگە بولغان تەسىرى قانداق ؟
4. ئامرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى ئۆزگىرىش سەۋەبلىك باشقا دۆلەت پۇل قىممىتى قانداق تەسىرگە ئۇچرايدۇ ؟
5. خەلىق پۇلىنىڭ قىممىتى روبلى ، دوللار ۋە نىفىت باھاسىنىڭ تەسىرىگە  قانداق ئۇچرايدۇ ؟ تەسىرى قانداق بولىدۇ ؟ ھازىر روبلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدىمۇ ؟        
6. پۇل پاخاللىقى سەۋەبلىك مەركۇز دۆلەت بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتىكىلەر زىيان تارتىدۇ قانداقلىرى پايدا ئالىدۇ ؟
7. ئالتۇن  باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشى نىمە سەۋەبلەردىن بولىدۇ ؟
8. ئالتۇن باھاسى بىلەن نىفىت ، دوللار ، سىياسى ۋەزىيەتنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار ؟ بۇلار بىربىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ ؟
9. قەرەللىك مال سودىسى دىگەن نىمە ؟ قانداق سودا قىلىنىدۇ ؟
10. مانچە نوقتا ، مانچە پوينىت دىگەنلەر نىمىنى كۆرسىتىدۇ ؟

Heqqaniyet يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 01:03:47

http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=60464&highlight=%D8%AF%D9%88%D9%84%D9%84%D8%A7%D8%B1%D9%86%D9%89%DA%AD%2B%D9%83%DB%88%D9%86%D9%89

بۇ يەردە بىر تېما بار ئىدى. ئەزانى چەكلىگەنلىكتىن يازغانلىرىمۇ چىقمايدىكەن. كېيىنچە ئوڭشالسا كۆرۈپ چىقىڭ. سىز سورىغان سوئاللارغا جاۋاب تاپالايسىز.

altunchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 02:20:03

سىز سورىغان ئاۋۇ سوئاللارغا مەن جاۋاب بېرىپ باقاي:
  1. پۇل قىممىتى دىگەن نىمە ؟
پۇلنىڭ قىممىتى، يەنى پۇلنىڭ سېتىۋىلىش كۈچىنى كۆرسىتىدۇ. پۇلنىڭ قىممىتى ئۆسسسە پۇلنىڭ سېتىۋىلىش كۈچىمۇ ئاشىدۇ. پۇل قىممىتى ئاشقان مەزگىلدە ئوخشاش سوممىدىكى پۇلغا ئىلگىرىكىدىن كۆپ تاۋار سېتىۋالغىلى بولىدۇ. پۇل قىممىتى چۈشكەندە، ئوخشاش سوممىدىكى پۇلغا ئىلگىرىكىدىن ئاز تاۋار سېتىۋالىسىز. نۆۋەتتە رۇبلى قىممىتىنىڭ چۈشۈشى يۇقارقى جاۋابنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ماتېرياللارغا ئاساسلانغاندا، قازاقىستان پۇقرالىرى ھازىر رۇبلى قىممىتى چۈشكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بەس-بەستە رۇبلى سېتىۋالغان. ھەتتا مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ رۇسىيەدىن ئۆي سېتىۋىلىشقا باشلىغان.
2. پۇل پاخاللىقى نىمە سەۋەبتىن بولىدۇ ؟ پۇل پاخاللىقىنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ ؟ قانداق تىزگىنلەيدۇ ؟ ئەگەر قەغەز پۇل ئىشلەتمىسە پۇل پاخاللىقى يۈز بەرمەمدۇ ؟ قەدىمكى دەۋىرلەردە پۇل پاخاللىقى يۈزبەرگەنمۇ ؟
بازاردا ئوبورۇت بولۇۋاتقان پۇلنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشى ۋە ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ زىيادە تۆۋەن بولۇشى پۇل پاخاللىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب ھېسابلىنىدۇ. پۇل پاخاللىقى كۆرۈلگەندە، جەمئىيەتنى ساراسىمە قاپلايدۇ، كىشىلەر پۇلغا ئىشەنمەس بولۇپ قالىدۇ، جەمئىيەتتە ئىشسىزلار سانى ئاۋۇپ كېتىدۇ، بازاردىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىدۇ. ئېغىر بولغاندا رايۇن خاراكتېرلىك ئېقتىسادى كىرىزىس يۈز بېرىدۇ. بۇنداق چاغدا كوزۇر مەھسۇلاتلار، قىممەتلىك مېتاللار ئېنىرگىيە مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياج شىددەت بىلەن ئاشىدۇ.
پۇل پاخاللىقى كۆرۈلگەندە، پۇل سىياسىتى يۈرگۈزگۈچى فۇنكىسىيىلىك ئورگان، يەنى مەركىزى بانكا ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش يولى ئارقىلىق ئامانەت قويغۇچىلارنى بانكىغا ئامانەت قويۇشقا جەلىپ قىلىدۇ. دۆلەتلىك مالىيە مىنىستىرلىكى زايۇم تارقىتىپ ئوبورۇت ساھەسىدىكى ئىشىنچا پۇللارنى يىغىۋالىدۇ. تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج مۇناسىۋىتى مەۋجۇتلا بولىدىكەن، پۇل پاخاللىقى ھەر ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ پۇلنىڭ قەغەز ياكى مېتال بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئەمما پۇل پاخاللىقىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ۋە كۆلىمىدە مۇئەييەن پەرق بولىدۇ.
پۇل پاخاللىقى قەدىمقى دەۋرلەردىمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە مەۋجۇت بولغان، ئەمما ھازىرقى زاماندىكىدەك كۆرۈنەرلىك بولمىغان. ئەمما سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئىنسانلارنىڭ سانائەتلىشىش قەدىمىنىڭ تىزلىشىشىگە ئەگىشىپ پۇلنىڭ ئايلىنىش ۋە ئوبورۇت قىلىنىش سۈرئىتى زور دەرىجىدە تىزلەشتى، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە نۇرغۇنلىغان ھاسىلىي پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى مەيدانغا كەلدى، دۆلەتلەر ئارا سودا ئالاقىسى كۈچەيدى. يۇقارقى بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن زامانىمىزدا پۇل پاخاللىقى تېخىمۇ رۇشەن گەۋدىلىنىشكە باشلىدى.
3.  نىفىت ، ئالتۇن ، پاي بازىرى ، بانكا ئۆسۈم نىسبىتى ۋە سىياسى ۋەزىيەتنىڭ پۇل قىممىتىگە بولغان تەسىرى قانداق ؟
بۇ سۇئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن گەپنى بانكا ئۆسۈمىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. بانكا ئۆسۈمى يۇقىرى بولسا، ئىشىنچا مەبلەغ بانكىدا ئامانەت قويۇلىدۇ. بۇ ئالتۇن ۋە نېفىتقا بولغان ئېھتىياجنى پەسەيتىدۇ. پۇل سىياسىتى نورماللىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەندىن كېيىن كىشىلەر يەنىلا پۇلنى بانكىدا قويۇشنىڭ ئانچە ئاقىلانە تەدبىر ئەمەسلىكىنى بايقايدۇ-دە، مەبلەغ سېلىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. ئادەتتە پاي بازىرىدا ئۆرلەش كۆرۈلگەندە، ئالتۇن ۋە نېفىت پەسكويغا چۈشىدۇ. چۈنكى تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ كوزۇر مەھسۇلاتلار بازىرىدىن چېكىنىپ، پاي بازىرىغا قوشۇلىدۇ. ئوخشاش پىرىنىسىپ بويىچە چۈشەندۈرسەك، ئالتۇن، نېفىت قاتارلىق كوزۇر مەھسۇلاتلارنىڭ ئوبورۇتچانلىقى ئېشىپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ جەلپ قىلالىسا، ئۇ پاي بازىرى پەسكويغا چۈشۈپ، كوزۇر مەھسۇلاتلار بازىرى جانلىنىدۇ. نېفىت بىلەن ئالتۇن ئاساسەن يۆنىلىنىش بىردەكلىكىگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بازار يۈرۈشىدە مۇئەييەن پەرقلەرمۇ مەۋجۇت. ئادەتتە نېفىت چۈشسە ئالتۇنمۇ چۈشىدۇ، ئۆرلىسىمۇ ھەم شۇنداق. ھالبۇكى بۇ خىل ھالەت مەلۇم مەزگىل داۋاملاشسا، ئۇلار بىر بىرىدىن يىراقلىشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن بۇ يىل نېفىت بىلەن ئالتۇن ئۇدا نەچچە ئاي بىردەكلىكنى ساقلىغان بولسىمۇ، نېفىت باھاسىنىڭ شىددەتلىك چۈشۈشى نەتىجىسىدە ئېنىرگىيە پايلىرىنىڭمۇ چۈشۈشى كېلىپ چىقتى. نەتىجىدە ئالتۇن بىلەن نېفىتنىڭ بازار يۈرۈشىدە نىسبىي ياتلىشىش كۆرۈلدى.
سىياسىي ۋەزىيەت مۇقىم بولغاندا، پۇل قىممىتى ئاشىدۇ ياكى ئەسلى ئىچكى قىممىتىنى ساقلايدۇ. ئەمما سىياسىي ۋەزىيەتتە داۋالغۇش كۆرۈلگەندە، پۇل قىممىتى چۈشۈپ، قىممەتلىك مېتاللار ۋە نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پاي بازىرىمۇ شىددەت بىلەن چۈشىدۇ.
4. ئامرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى ئۆزگىرىش سەۋەبلىك باشقا دۆلەت پۇل قىممىتى قانداق تەسىرگە ئۇچرايدۇ ؟
ئامېرىكا دوللىرى پۈتۈن دۇنيادا بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان ئوبورۇت ۋاستىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن باشقا دۆلەت پۇللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئېقتىساد يەر شارىلاشقان بۈگۈنكى كۈندە پېرېۋوت نىسبىتىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ پۇل قىممىتىگە كۆرسىتىدىغان ۋاستىلىق تەسىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. بۇنىڭ تەسىرى ئالدى بىلەن ئىمپورت-ئېكىسپورت شىركەتلىرىدە كۆرۈلىدۇ. نەتىجىدە مال باھاسىدىمۇ مۇئەييەن داۋالغۇشلار بولىدۇ.
5. خەلىق پۇلىنىڭ قىممىتى روبلى ، دوللار ۋە نىفىت باھاسىنىڭ تەسىرىگە  قانداق ئۇچرايدۇ ؟ تەسىرى قانداق بولىدۇ ؟ ھازىر روبلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدىمۇ ؟
خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى رۇبلى، دوللار ۋە نېفىت باھاسىنىڭ بىۋاستە تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. يەنى، دۆلەت ئىچىدە ئۇنىڭ سېتىۋىلىش كۈچىدە كۆپ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئەمما ئىمپورت - ئېكىسپورت سودىسىغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن زور. ھازىر خەلق پۇلى رۇبلىغا نىسبەتەن ئىنتايىن زور سېتىۋىلىش كۈچىگە ئىگە. نۆۋەتتە رۇبلى قىممىتى چۈشۈۋاتقان بولغاچقا، ئىمپورت تەننەرقى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. ماھىيەت نۇقتسىدىن ئېيىتقاندا، خەلق پۇلى تېخى تولۇق بازارلاشمىغان پۇل بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ خىل تەسىرلەرگە ئانچە كۆپ ئۇچرىمايدۇ.
6. پۇل پاخاللىقى سەۋەبلىك مەركۇز دۆلەت بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتىكىلەر زىيان تارتىدۇ قانداقلىرى پايدا ئالىدۇ ؟
ئوبورۇت قىلىنغۇچى پۇل بىلەن پاخال پۇلنىڭ پېرېوۋت نىستىدە ئۆزگىرىش بولمىسا، پايدا ياكى مەسىلىسى مەۋجۇت بولمايدۇ. ئەگەر پېرېۋوت نىسبىتىدە ئۆزگىرىش بولسا، پېرېۋوت نىسبىتىدىكى ئۆزگىرىشكە قاراپ مەنپەئەلەنگۈچى ۋە زىيانغا ئۇچرىغۇچىغا ھۆكۈم قىلىش مۇمكىن.
7. ئالتۇن  باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشى نىمە سەۋەبلەردىن بولىدۇ ؟
ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ئاساسلىقى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، سىياسىي مۇھىت، رايۇن ۋەزىيىتى، پۇل پاخاللىقى ۋە پۇل قىسلىقى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ.
8. ئالتۇن باھاسى بىلەن نىفىت ، دوللار ، سىياسى ۋەزىيەتنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار ؟ بۇلار بىربىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ ؟
ئالتۇن باھاسى بىلەن نېفىت باھاسى بىر بىرىگە ئەگىشىدۇ. دوللار ئۆسسە، ئالتۇن ۋە نېفىت چۈشىدۇ. سىياسىي داۋالغۇش كۆرۈلسە، ئالتۇن ۋە نېفىت ئۆرلەيدۇ. ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى كىشىلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش قىزىقىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
9. قەرەللىك مال سودىسى دىگەن نىمە ؟ قانداق سودا قىلىنىدۇ ؟
قەرەللىك مال سودىسى دېگىنىمىز ئەينى تاۋارنىڭ سودىسىنى بەلگىلەنگەن قەرەلدە تاماملاش پائالىيىتىدۇر. قەرەللىك مال سودىسىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، قەرەلنىڭ ئاخىرقى چېكىدۇر. شۇڭا ئالغان تاۋارنىڭ قەرەلى توشقىچە قولدىن چىقارمىغان بولسىڭىز، ۋاقتىدا مۇناسىۋەتلىك شىركەت ياكى ئورۇنلاردىن تىلخەت يېڭىلاشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك.
10. مانچە نوقتا ، مانچە پوينىت دىگەنلەر نىمىنى كۆرسىتىدۇ ؟
بۇ سۇئالدا نېمىنى كۆزدە تۇتۇۋاتقىنىڭىزنى بىلمىدىم. بۇلار سىتاستىكىلىق ئاتالغۇلاردۇر.
مەن مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي، كەم قالغان ياكى خاتا كەتكەن تەرەپلەر بولسا باشقا تورداشلارنىڭ تولۇقلاپ، تۈزىتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارغا قىزىقسىڭىڭىز، مۇنبىرىمىزگە قەدەم تەشىرىپ قىلىڭ! تېما يوللاڭ!
مۇنبىرىمىز ئادرېىسى: http://www.xjuyghurfx.com

Nurlan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 02:31:01

خەتكۈچ

xXx يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 04:15:28

ياخشى تىمىكەن  سۇئاللارمۇ بەك ياخىشى ئۆتتۇرىغا قۇيۇلۇپتۇ   جاۋاپلارمۇ جايىدا بۆپتۇ . سۇئال - جاۋاپلارنىڭ مەزمۇنى يىنە كىڭەيتىلپ مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلسا تىخىمۇ ياخشى بولغۇدەك

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 08:42:53

ئالتۇنچى قىرىندىشىمىزنىڭ ئەستايىدىل جاۋاب بەرگىنىگە رەخمەت
  باشقا قىرىنداشلار سۇئاللارى بولسا ئىنكاس يىزىڭلار
    پاي بازىرىدا ئۆرلەش چۈشۈشنى مانچە پينىت ياكى مانچە نوقتە دەيدىكەن ، بۇ پىرسەنىت دىگەن گەپمۇ ؟
تاشقى پىرىۋوت زاپىسى ، پىروۋت نىسبىتى دىگەننى قانداق چۈشىنىمىز ؟ بۇنىڭ پۇل قىممىتىگە بولغان تەسىرى قانداق ؟
  لاڭشەنپىڭنىڭ بىر ماقالىسىدە  چەتكە ساتقان يەنى ئىكىسپورت قىلغان  ماللار قانچە كۆپ بولسا خەلىق پۇلى شۇنچە پاخاللىشىدۇ دىگەندەك گەپ تۇرىتى ، يەنى چەتتە بىر دوللار قىممىتىدىكى مال ئىكىسپورت قىلسا چەت بىزگە بىر دوللار بىرىدۇ ،  دۆلەت بۇنىڭ ئۈچۈن ئالتە يۈەن خەلىق پۇلى باسىدۇ ، قانچە كۆپ ئىكىپرت قىلسا خەلىق پۇلىمۇ كۆپ بىسىلىدۇ ، پۇل پاخاللىشىدۇ شۇڭا ئىچكى ئىستىمالنى كۈچەيتىش ئىكىسپورتقا كۈچىمەسلىك كىرەك دەپتىكەن  ، مەزمۇنى شۇنداقراقتى ياكى مەن خاتا چۈشىنىۋالدىممۇ

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 09:22:32

بازاردا ئوبورۇت بولۇۋاتقان پۇلنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشى ۋە ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ زىيادە تۆۋەن بولۇشى پۇل پاخاللىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب ھېسابلىنىدۇ……

   مەن يەنە چۈشەنمىدىم ،  روسىيەدە قانداق  بولۇپ پۇل پاخاللاشتى ؟  ئامرىكا ۋە ياۋرۇپانىڭ ئىقتىسادى جازاسى  نىمە ؟ نىفىت باھاسى چۈشسە  روسىيەنىڭ نىفىتتىن كىرىدىغان كىرىمى ئازلايدۇ ، بۇ پۇل پاخال بولۇشنىڭ قايسى سەۋەبى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ؟
   
   ئەرقالدىكى خەۋەردە  موسكۇۋادىكى جۇڭگۇلۇقلار تاللا بازىرىنى قۇرۇقداپ قويدى دەپتۇ ،  روبلى قىممىتى چۈشسە ئەسلى 7 روبلىلىق مال 10 روبلىغا ئۆسىدۇ ، پۇل پاخاللىقى بىلەن بىللە مال باھاسى ۋە  خەلىقپۇلى بىلەن روبلى نىسبىتى تەڭ ئۆزگىرەيدىغان تۇرسا  بۇ جۇڭگۇلۇقلار   قانداق پايدا ئالىدۇ ؟ ياكى بۇيەردە دىيىلۋاتىقىنى روبلى چۈشۈشنىڭ ئالدى كەينىدە باھاسى ئۆزگەرمىگەن مۇقىم باھالىق ماللارمۇ ؟
    بىلىمسىزلىكىمكىن كۆپ سۇئال سوراپ ۋاقتىڭلارنى ئەپ قويدۇم ، كەچۈرىڭلار

altunchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 11:17:28

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 08:42 static/image/common/back.gif
ئالتۇنچى قىرىندىشىمىزنىڭ ئەستايىدىل جاۋاب بەرگىنىگە  ...

پاي بازىرىدا ئۆرلەش چۈشۈشنى مانچە پينىت ياكى مانچە نوقتە دەيدىكەن ، بۇ پىرسەنىت دىگەن گەپمۇ ؟
بۇ يەردىكى مانچە پوئىنت شۇ پاينىڭ شۇ كۈنلۈك ياكى شۇ ھەپتلىك ۋە ئەينى دەۋرىلىكتىكى ئېچىلىش باھاسىغا نىسبەتەن قانچە % ئۆرلەش ياكى چۈشۈش كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. مانچە نۇقتا دېگەننىڭ ئۆزىنى مانچە % دەپ چۈشىنىشكە بولمايدۇ. مەسىلەن: مەلۇم بىر پاينىڭ ئېچىلىش باھاسى 18.00 بولسا، ئۇ ئۆرلەپ 19.80 چىققان بولسا، ئۇ ھالدا بۇ پاي باھاسىدىكى ئۆرلەش نىسبىتى ئاۋۇ ئېچىلىش باھاسىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا %10 ئۆرلىگەن بولىدۇ. ئەگەر ئۆرلەش ۋە چۈشۈش ئەھۋالىنى بىرلەشتۈرۈپ سىتاستىكىلىماقچى بولساق، ئاۋۇ ئېچىلىش باھاسىدىن چۈشكەن نۇقتا ۋە ئاشقان نۇقتىنى ھېسابلاپ چىقىپ، ئاندىن ئۇلارنى قوشۇپ، ئاخىرىدا ئېچىلىش باھاسىنى ئاۋۇ يىغىندىغا بۆلسەك، شۇ ۋاقىت بۆلىكىدىكى تەۋرىنىش نىسبىتىگە ئېرىشەلەيمىز.مەسىلەن: ئېچىلىش باھاسى 18.00، تۆۋەن باھا 16.20، يۇقىرى باھا 19.80 بولغان پايغا نىسبەتەن ھېسابلىساق، ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىت بۆلىكىدىكى تەۋرىنىش نىسبىتى %20 بولىدۇ.
تاشقى پىرىۋوت زاپىسى ، پىروۋت نىسبىتى دىگەننى قانداق چۈشىنىمىز ؟ بۇنىڭ پۇل قىممىتىگە بولغان تەسىرى قانداق ؟
ھەر قانداق دۆلەت ياكى رايۇننىڭ مەركىزى بانكىسى دۇنيادىكى ئاساسلىق ئوبورۇت قىلىنىدىغان پۇلنى مۇئەييەن مىقداردا زاپاس ساقلايدۇ. قانچىلىك زاپاسلاش مەسىلىسى يەرلىكنىڭ ئېقتىسادى ئەھۋالى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى، سودا ئاكتىپ، پاسسىپ بالانىسى قاتارلىق ئامىللار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
لاڭشىيەنپىڭنىڭ بۇ مەسىلىنى قانداق شەرھىلىگەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن. ئەمما ئېكىسپورت قىلغان ماللار قانچە كۆپ بولسا، خەلق پۇلى شۇنچە پاخاللىشىدۇ، دەپ قاراش بىر تەرەپلىمە ھۆكۈمنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئادەتتە ئىمپورت، ئېكىسپورتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش پۇل سىياسىتىنى مۇقىم ساقلاشتىكى بىر خىل ۋاستە، لېكىن ئەڭ ئاداققى ئۇسۇل ئەمەس. ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان ياپۇنىيە، كورىيە، گېرمانىيە، يېڭى زىنلاندىيە ... قاتارلىق دۆلەتلەر ئېكىسپورتنى ئاساس قىلىدىغان دۆلەتلەر. ھالبۇكى، يۇقارقى دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى پىكىر قىلىش ھوقۇقى ھامان ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇۋاتىدۇ. ئېكىسپوت سودىسىدا دەرۋەقە قارشى تەرەپنىڭ خەلق پۇلىغا ئېھتىياجى چۈشىدۇ. ئۇلار ئالدى بىلەن دوللار ياكى جۇڭگو خەلق بانكىسى بىۋاستە پېرېۋوتلاش كەسپىنى يولغا قويغان پۇللارنى خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرىدۇ. ئاندىن بۇ پۇلنى مەھسۇلات تەمىنلىگۈچى تەرەپكە تاپشۇرىدۇ. دېمەك ئاۋۇ چەتئەل پۇللىرى تاشقىي پېرېۋوت زاپىسى سۈپىتىدە دۆلەت خەزىنىسىدە ساقلىنىدۇ. خەلق پۇلى يەنە بازارغا قايتىپ كېلىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئىمپورت ماللارغا ئېھتىياجى چۈشكەندە، زىيادە ئارتىپ كەتكەن تاشقىي پېرېۋوت زاپىسىنى يۈرۈشتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق تاشقىي پېرېۋوت زاپىسىنىڭ نىسبىي مۇقىملىقىنى ساقلىسا بولىۋىرىدۇ. چۈنكى ھازىرقى زامان پۇل مۇئامىلە سېستىمىسى بەلگىلىك ئەۋرىشىمچانلىققا ئىگە.
مەن يەنە چۈشەنمىدىم ،  روسىيەدە قانداق  بولۇپ پۇل پاخاللاشتى ؟  ئامرىكا ۋە ياۋرۇپانىڭ ئىقتىسادى جازاسى  نىمە ؟ نىفىت باھاسى چۈشسە  روسىيەنىڭ نىفىتتىن كىرىدىغان كىرىمى ئازلايدۇ ، بۇ پۇل پاخال بولۇشنىڭ قايسى سەۋەبى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ؟
رۇسىيەدە كۆرۈلۈۋاتقىنى تەمىنلەشنىڭ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان پۇل پاخاللىقى بولماستىن، بەلكى پۇل قىسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قۇرۇلما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە بۆھرانىدۇر. كۆپچىلىككە ئايان بولغىنىدەك،  رۇسىيەنىڭ قىرىم رايۇنىدىكى قىلمىشى ۋە ئوكرائىنا مەسىلىسىدىكى پوزۇتسىيىسىگە قارىتا ياۋرۇپا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب كۈچلىرى قاتتىق ئىمبارگۇ سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، شۇ ئارقىلىق رۇسىيەنى جازالىماقچى بولغان ئىدى. جازا مەزمۇنى سىياسىي جەھەتتە يىتىم قالدۇرۇش، ئېقتىسادى جەھەتتە ئىسكەنجىگە ئېلىش، سودا ئالاقىسى ۋە پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىدا ھەمكارلىق تۈرىنى ئازايتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. بەزى سۈيقەست نەزەرىيىچىلىرى ئامېرىكا بىلەن  سەئۇدى ئەرەبىستان بىرلىشىپ، رۇسىيەنى جازالىماقچى دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەيلى نېمىلا بولمىسۇن، نېفىت باھاسىنىڭ شىددەتلىك چۈشكەنلىكى ئېنىق. ھالبۇكى، نېفىتچىلىك رۇسىيەنىڭ تۈۋرۈك كەسىپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، روسىيە نېفىت ئېكىسپورتى ئارقىلىق تاشقىي پېرېۋوت زاپىسىنى ھەل قىلىپ كەلگەن ئىدى. نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى رۇسىيە تاشقىي پېرېۋوت زاپىسىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ دەل بىز باشتا ئېيتىپ ئۆتكەن قۇرۇلما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە بۆھرانى كېلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەبى.  
جۇڭگولۇقلار نەگىلا بارسا شۇ يەر قۇرۇقدىلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھاياتلىققا بولغان قارىشى ئۆزگىچە. ئۇلار ھاياتنى بەكلا قىزغىن سۆيگۈچىلەردۇر. ئېسىمدە قېلىشىچە، 2011-يىلى ياپۇنىيە فۇكوشىما يادرۇ ئېلىكتىر ئىستانسى مەسىلە كېلىپ چىققان مەزگىللەردە يېمەكلىك تۇز قەھەتچىلىكى كۆرۈلىدىكەن دېگەن گەپلەر تارقالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەر قايسى ماگېزىن ۋە تاللا بازارلىرىدا يېمەكلىك تۇز بىلەن تەمىنلەش جىددىيچىلىكى كۆرۈلگەن. شۇ چاغدىمۇ نۇرغۇن خەنزۇ يولداشلار كۆتۈرەلىگۈدەكلا بولسا، دۇكاندىكى ھەممە تۇزنى سېتىۋىلىشقا ئۇرۇنغان، ھەمدە ئىنتايىن قىسقا مۇددەت ئىچىدە ماگېزىن، سارايلاردىكى ئاش تۇزى ئۆسۈپ قالغان.
ئەمدى مەسىلىنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، پۇل قىممىتىنىڭ چۈشۈشى رۇبلى ئۈچۈن ئەجەللىك زەربە بولدى. بولۇپمۇ نەچچە يىللاردىن بۇيان تاپقان تەرگىنىنى بانكىدا ساقلاپ كەلگەن رۇسىيە پۇقرالىرى ئىنتايىن ئېغىر بەدەل تۆلەپ كەتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ بىر يىل بۇيان بانكىغا قويغان 100000 رۇبلى پۇلى ھازىر ئاران 70000 رۇبلىغا يارايدۇ. ئەمما، رۇبلىغا كۆرە پۇل قىممىتى نىسبىي مۇقىم بولۇپ كەلگەن خەلق پۇلى بۇ قېتىم رۇسىيەدىكى جۇڭگولۇقلار ئۈچۈن ئىنتايىن ئەۋزەللىككە ئايلاندى. ئۇلار ھازىر بىر يىل بۇرۇنقى 100000 رۇبلىنى 70000 رۇبلىغا سېتىۋالالايدۇ. بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلۇۋاتقىنى سېتىۋىلىش كۈچى تۆۋەنلەۋاتقان پۇل بىلەن سېتىۋىلىش كۈچى نىسبىي مۇقىم ھالەتنى ساقلاپ كېلىۋاتقان پۇلنىڭ سېلىشتۇرمىسىدۇر. رۇسلار يەتتە رۇبلى قىممىتىدىكى تاۋارنى 10 رۇبلىغا سېتىۋالىدۇ، جۇڭگولۇقلار 10 رۇبلىلىق تاۋارنى 10 رۇبلىغا سېتىۋالىدۇ. بۇ شۇ يەردە ياشاۋاتقان يەرلىك خەلق بىلەن جۇڭگولۇقلارنىڭ پەرقلىق تەرىپىدۇر.

678123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 11:40:51

  مەن يەنە چۈشەنمىدىم ،  روسىيەدە قانداق  بولۇپ پۇل پاخاللاشتى ؟

بۇنىڭ ئۇبىكتىپ، ۋە سوبىكتىپ سەۋەپلىرى بار.
ئوبۇكتىپىنى دىسەك، ئىختىسادتا ئاساسلىق ئويۇن بار. بۇنىڭ قايىدىسى مۇنداق، ئالدى بىلەن بانكا نۇرغۇن پۇل تارقىتىدۇ، نۇرغۇن پۇل بازارغا كىرگەچكە پۇل پاخال بۇلىدۇ. ئاندىن بانكا ئۆسۇمنى تەييار پۇل نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، پۇلنى قىسىسىدۇ. پۇل قىسىلغاچقا تىجارەت ئازلايدۇ، بۇچاغدا بانكا يەنە رايۇنلار ئارا ساھالار ئارا پۇل تارقىتىشنى باشلايدۇ. نەتىجىدە باي كەمبىغەللىق پەرقى زورىيىپ، مۇقىمسىزلىق يۇز بىرىشكە باشلايدۇ، بۇچاغدا تەشۋىقات نامىراتلارنى يۇلەش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ. ماتىرىك ئىلمى دىگەن كىتاپتا شۇنداق بار.
بۇنى تىخىمۇ بىيىتساق؛
بانكا، ئالدى بىلەن پۇلنى باكاغا تارقاتمايدۇ. ئالتۇن سىتىۋالىدۇ ياكى يىغىدۇ. نەتىجىدە پۇل بازاغا كىرىدۇ. بازادا ئالتۇن قىس بولغاچ ئالتۇن ئۆسىدۇ.  ئاندىن بانكا يىغىپ قويغان ئالتۇنلىرىنى قىممەت باھادا ساتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۇل قىممەتكە ئايلىنىپ بانكىغا كىرىشكە باشلايدۇ.بانكا پۇللىرىنى نىسبەتلەپ يىغىىپ بولغاندا بانكىدىكى ئالتۇن بازاغا چىققاچ ، بازادا ئالتۇن كۆپ باھاسى ھازىرقىدەك چۇشۇپ كىتىدۇ. يەنە بىر تەرپى بازادا پۇل قىس پۇل ئۆسۇشكە باشلايدۇ. ھازىر ئامىركا دوللىرى قاڭقىۋاتقاندەك. دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن پۇل تارقىتىش باسقۇچىدا تۇرۋاتىمىز.
ئاندىن پۇل بىلەن ئىنىرگىيە تەتۇر، پۇل ئۆسسە نىفىت چۇشىدۇ، نىفىت ئۆسسە دوللار چۇشىدۇ.  نىفىت مۇشۇنداق ئەرزان چىغىدا بانكا يىغىلغان پۇللىرىغا ئالتۇن ئالمايدۇ بەلكى نىفىت ئالىدۇ. ياكى نىفىتننىڭ ھوقۇقىنى ھەرخىل تىرەتاراقشىتىش يامىنى كەلسە ئىتىش ئارقىىلق ئۆز كونتۇرولىغا چۇشۇرىدۇ. روسلار بىلەن ئىران ھازىرقى كۇچ سىنىشىشتا نىفىت باھاسىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بىردىن بىر دۆلەت، شۇڭا شۇلارغا پەي قىستۇرمىسا، دوللىرى ئۆسمەيدۇ، نىفىت چۇشمەيدۇ. دوللار ئۆسۇپ پەمىمچە 150نى كۆرسەتكەندە، بانكا ياكى ئامىركا نىفىتنى سىتىۋالىدۇ. نۇرغۇن پۇل بازارغا كىرگەچ، نىفىت قىسىۋىلىنغان بولغاچ ئاندىن نىفىت ئۆسىدۇ. بۇچاغدا بانكا نىفىت سىتىشقا باشلايدۇ.  يەنە بانكىغا پۇل يىغىلغاندا ئۇنىڭغا ئاش سىتىۋالىدۇ.چۇنكى قىممەت نىفىت ئوغۇتقا تەسىر قىلىدۇ. تىراكتۇر مەشغۇلاتىغا تەسىر قىلىدۇ. پايدىنى كۆزلەپ ئاش تىرىمايدۇ. بۇچاغدا نىفىتنى ئاشقا تىگەشسە، ئاش باھاسى كۆتۇرلىشىگە ئاكتىپ بالانىس بۇلىدۇ. ئاش ئۆسكەندە ئاش ساتىدۇ. ئاش قىممەت بولغاچ ، ئالتۇن ئەرزەنشىگەچ تۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ بىر قىتىملىق خاماندا تۆت ھەسسە قىممەت يارتىلىدۇ. شۇڭا باي ئۇ ئامىركىلىقلا.

678123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 11:41:07

  مەن يەنە چۈشەنمىدىم ،  روسىيەدە قانداق  بولۇپ پۇل پاخاللاشتى ؟

بۇنىڭ ئۇبىكتىپ، ۋە سوبىكتىپ سەۋەپلىرى بار.
ئوبۇكتىپىنى دىسەك، ئىختىسادتا ئاساسلىق ئويۇن بار. بۇنىڭ قايىدىسى مۇنداق، ئالدى بىلەن بانكا نۇرغۇن پۇل تارقىتىدۇ، نۇرغۇن پۇل بازارغا كىرگەچكە پۇل پاخال بۇلىدۇ. ئاندىن بانكا ئۆسۇمنى تەييار پۇل نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، پۇلنى قىسىسىدۇ. پۇل قىسىلغاچقا تىجارەت ئازلايدۇ، بۇچاغدا بانكا يەنە رايۇنلار ئارا ساھالار ئارا پۇل تارقىتىشنى باشلايدۇ. نەتىجىدە باي كەمبىغەللىق پەرقى زورىيىپ، مۇقىمسىزلىق يۇز بىرىشكە باشلايدۇ، بۇچاغدا تەشۋىقات نامىراتلارنى يۇلەش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ. ماتىرىك ئىلمى دىگەن كىتاپتا شۇنداق بار.
بۇنى تىخىمۇ بىيىتساق؛
بانكا، ئالدى بىلەن پۇلنى باكاغا تارقاتمايدۇ. ئالتۇن سىتىۋالىدۇ ياكى يىغىدۇ. نەتىجىدە پۇل بازاغا كىرىدۇ. بازادا ئالتۇن قىس بولغاچ ئالتۇن ئۆسىدۇ.  ئاندىن بانكا يىغىپ قويغان ئالتۇنلىرىنى قىممەت باھادا ساتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۇل قىممەتكە ئايلىنىپ بانكىغا كىرىشكە باشلايدۇ.بانكا پۇللىرىنى نىسبەتلەپ يىغىىپ بولغاندا بانكىدىكى ئالتۇن بازاغا چىققاچ ، بازادا ئالتۇن كۆپ باھاسى ھازىرقىدەك چۇشۇپ كىتىدۇ. يەنە بىر تەرپى بازادا پۇل قىس پۇل ئۆسۇشكە باشلايدۇ. ھازىر ئامىركا دوللىرى قاڭقىۋاتقاندەك. دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن پۇل تارقىتىش باسقۇچىدا تۇرۋاتىمىز.
ئاندىن پۇل بىلەن ئىنىرگىيە تەتۇر، پۇل ئۆسسە نىفىت چۇشىدۇ، نىفىت ئۆسسە دوللار چۇشىدۇ.  نىفىت مۇشۇنداق ئەرزان چىغىدا بانكا يىغىلغان پۇللىرىغا ئالتۇن ئالمايدۇ بەلكى نىفىت ئالىدۇ. ياكى نىفىتننىڭ ھوقۇقىنى ھەرخىل تىرەتاراقشىتىش يامىنى كەلسە ئىتىش ئارقىىلق ئۆز كونتۇرولىغا چۇشۇرىدۇ. روسلار بىلەن ئىران ھازىرقى كۇچ سىنىشىشتا نىفىت باھاسىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بىردىن بىر دۆلەت، شۇڭا شۇلارغا پەي قىستۇرمىسا، دوللىرى ئۆسمەيدۇ، نىفىت چۇشمەيدۇ. دوللار ئۆسۇپ پەمىمچە 150نى كۆرسەتكەندە، بانكا ياكى ئامىركا نىفىتنى سىتىۋالىدۇ. نۇرغۇن پۇل بازارغا كىرگەچ، نىفىت قىسىۋىلىنغان بولغاچ ئاندىن نىفىت ئۆسىدۇ. بۇچاغدا بانكا نىفىت سىتىشقا باشلايدۇ.  يەنە بانكىغا پۇل يىغىلغاندا ئۇنىڭغا ئاش سىتىۋالىدۇ.چۇنكى قىممەت نىفىت ئوغۇتقا تەسىر قىلىدۇ. تىراكتۇر مەشغۇلاتىغا تەسىر قىلىدۇ. پايدىنى كۆزلەپ ئاش تىرىمايدۇ. بۇچاغدا نىفىتنى ئاشقا تىگەشسە، ئاش باھاسى كۆتۇرلىشىگە ئاكتىپ بالانىس بۇلىدۇ. ئاش ئۆسكەندە ئاش ساتىدۇ. ئاش قىممەت بولغاچ ، ئالتۇن ئەرزەنشىگەچ تۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ بىر قىتىملىق خاماندا تۆت ھەسسە قىممەت يارتىلىدۇ. شۇڭا باي ئۇ ئامىركىلىقلا.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 14:33:32

بانكا، ئالدى بىلەن پۇلنى باكاغا تارقاتمايدۇ. ئالتۇن سىتىۋالىدۇ ياكى يىغىدۇ. نەتىجىدە پۇل بازاغا كىرىدۇ. بازادا ئالتۇن قىس بولغاچ ئالتۇن ئۆسىدۇ.  ئاندىن بانكا يىغىپ قويغان ئالتۇنلىرىنى قىممەت باھادا ساتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۇل قىممەتكە ئايلىنىپ بانكىغا كىرىشكە باشلايدۇ.بانكا پۇللىرىنى نىسبەتلەپ يىغىىپ بولغاندا بانكىدىكى ئالتۇن بازاغا چىققاچ ، بازادا ئالتۇن كۆپ باھاسى ھازىرقىدەك چۇشۇپ كىتىدۇ. …………
  ئالتۇن باھاسى خالىقئارا بويىچە بىردەك بولىدىغۇ ،  ئەگەر سىز دىگەن   ئۇسۇلنى ئامرىكا  ۋە ياكى روسىيەدەك ئايرىم بىرە دۆلەتنىڭ بانكىلىرى قوللانسا خالىقئارادىكى ئالتۇن بازىرىغا تەسىر كۆرسىتەلەمدۇ ؟   
    دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى سىياسەت يۈرگىزىپ  بانكا ئۆسۈم نىسبىتىنى تەڭشىگەنلىكى خەۋەر قىلىنىدىكەن ،  مىنىڭ چۈشەنمىگىنىم   ھەرقايسى بانكىلارنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ئوخشاش بولمايدىغۇ ، يەنە ھەم    غەرب ئەللىرىدە شەخسى بانكىلار كۆپ بولىدۇ ، شەخسى بانكىلار ھۆكىمەت بەلگىلەپ بەرگەن ئۆسۈم نىسبىتىنى قوبۇل قىلامدۇ ؟   

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 14:37:11

altunchi  قىرىندىشىمىزنىڭ جاۋابىدىن خىلى چۈشىنىپ قالدىم ، رەخمەت
  باشقىلارمۇ سۇئال ، جاۋابلىرىنى تۆكسە  تىخىمۇ كۆپ  ئىشلانى ر  بىلىۋالاتتۇق

678123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 15:27:40

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 14:33 static/image/common/back.gif
بانكا، ئالدى بىلەن پۇلنى باكاغا تارقاتمايدۇ. ئالتۇن سى ...

بۇ ئۇسۇلنى ئامىركىنىڭ بانكىلىرى دوللار بىلەن باشلاپ  ئوينايدۇ. باشقا دۆلەت بانكىلىرى ئۇينىشىپ بىرىدۇ. ناۋادا بۇ ئۇسۇلغا تاڭ تاڭ قىلسا بىردەمدە زىيان تارتىپ قالىدۇ. مەسلەن بۇ ئۇسۇلنى روسيىلىكلەرمۇ بىلىدۇ.ئۆز ۋاختىدا دوللارچۇشۇپ، نىفىت ئۆسكەندە يەنى رەنىلىك قەرىز دەۋرىدە ئامرىكىمۇ چىدىغان. ئەمدى نىفىت چۇشۇپ، دوللار ئۆسىشىگە روسلارمۇ چىدىشى كىرەك چىدىمىسا بولمايدۇ.ئۆھۆ پۆھۆ قىلىشقان بىلەن يەڭ ئىچىدە بەرى بىر.

چوڭ جەھەتتىن ئالغاندا ، دۆلىتىمىزمۇ بۇ ئۇسۇلغا ماسلىشىدۇ. يەنى ھازىر ئامرىكا قۇلىدىكى ئالتۇننى چىقىرىپ بۇلۇپ، دوللارنى يىغىۋاتىدۇ. يەتتە يىلدەك بولدى كەڭرى سىياسەت قىلىۋاتقىلى. بۇنىڭدىن چىكىنىش توغرىسىدا گەپ بۇلىۋاتىدۇ. تىخى دوللارنىڭ پاخاللىقى توغرىسىدا بىر ئوينايدۇ. زاييۇم تارقىتىدۇ، بانكا تەييار پۇل نىسبىتىنى ئاشۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دوللار پاخال بولدى دەپ ھەممىسى ساتىدۇ، پۇلنى يىغىپ بولغاندا دوللار قىس ئۆسۇشكە باشلايدۇ. دوللارنىڭ قىممىتى يۇقرى، نىفىت ئەزان بولغاندىكىن تۇيدۇرماي نىفىت ئالىدۇ.
دۆلىتىمىزمۇ ھازىر چوڭ جەھەتتە پۇل يىغىۋاتىدۇ. يەتتە يىل دىمىدۇقمۇ، چوڭ جەھەتمۇ كىچىك جەھەتتىن تۆت باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىچىك تۆت قىتىم يۇمىلانسا، چوڭ بىر قىتىم تاماملىنىدۇ.مۇشۇنىڭ كىچىك بىرىنجى يۇمىلىنىشىنى ھازىر ئويناۋاتىمىز. يەنى چوڭ جەھەتتە پۇل يىغىشنىڭ كىچىك جەھەتتىكى پۇل تارقىتىش باسقۇچىدا.

altunchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 15:27:53

بۇ ھەقتە يەنە سوئاللىرىڭلار بولسا يوللاپ قويۇڭلار! مەن شەنبە، يەكشەنبە دەم ئالغاندىن كېيىن، دۈشەنبە قايتىپ كېلىپ سوئاللىرىڭلارغا جاۋاب بېرىمەن.

burkut327 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 15:53:05

   مۇشۇ ئىقتىسادىي ئاتالغۇ، بىلىم، ئۇچۇرلار ھەققىدە ئۇيغۇرچە ماتىرىياللار بارمۇ؟
   پىرىۋوت، ئىچىلىش باھاسى، ئۆسۈم نىسبىتى ، پىرىۋوت زاپىسى دېگەن ئاتالغۇلارنى بىر قارىسام چۈشەنگەندەك، بىر قارىسام تازا ئاڭقىرالمايۋاتقاندەك. ئاساسىي چۈشەنچىلەرگە خام ئىكەنمەن.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 16:03:18

---
مانچە نوقتا ، مانچە پوينىت دىگەنلەر نىمىنى كۆرسىتىدۇ ؟
----
شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇلار 1990-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى شاڭخەي ئاكسىيە بازىرىدا  بازارغا سېلىنغان پايلارنىڭ باھاسىنى 100 بىرلىك دەپ ئېلىۋېلىپ، شۇنىڭدىن كىيىنكى باھادىكى داۋالغۇشلارنى ئاشۇ 100 بىرلىككە سېلىشتۈرۈپ ھىساپلاپ چىقىدۇ. مەسىلەن ئەتىسى(12-ئاينىڭ 20-كۈنى) پايلارنىڭ باھاسى ئالدىنقى كۈنگە قارىغاندا 10% ئاشقان بولسا بۇنى 10 نوقتا ئۆستى دەپ ئالىدۇ، يەنى بۇ كۈنى شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى 10% ئۆسۈپ 110 نوقتىغا چىقتى-دەپ خەۋەر بېرىدۇ. بۇ كۆرسەتكۈچ بۈگۈن دەل 3100.8 نوقتىغا كەلدى، تۆنۈگۈنكىگە قارىغاندا 1.67% ئۆستى، يەنى 51.08 نوقتا ئۆستى. بىر نوقتا ئادەتتە بازارغا كىرگەن چىققان نەچچە يۈز مىليۇن پۇلغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، يەنى شۇنچىلىك پۇل كىردى ياكى چىقتى.
بۇنداق كۆرسەتكۈچىلەر كۆپ ، ھەممىسىنىڭ ئاساسى بىرلىكىنى بىكىتكەن ۋاقتى ۋە ئۆز ئىچىگە ئالغان پايلار ئوخشىمايدۇ .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 16:11:01

ئىلگىرى مۇنبەردە خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئاشسا ، دۆلەتنىڭ ئىكىسپورتى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ ، سەۋەبى خەلق پۇلىنى قىممىتى ئاشسا تەننەرخى خەلق پۇلى بىلەن ھىساپلىنىدىغان تاۋارلارنىڭ ياساش تەننەرخى ئېشىپ كىتىدۇ ،دە باھامۇ ئۈسۈپ كىتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن سودا مىقدارى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ ، دەۋاتقان ......


      ئەكسدىن  ئويلىساق ، روبلىنىڭ قىممىتى چۈشسە ، رۇسىيەدە ئىكىسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياسلىىش تەننەرخى تۆۋەنلىدى دىگەن ،گەپ ، تەننەرخ تۆۋەن بولسا ، دەرۋەقە سودا مىقدارى ئاشىدۇ ، سودا مىقدارى ئاشتى دىگەنلىك ، بۇ روسىيەگە نىسبەتەن تېپىلغۇسىز بىر تەرەققىيات پۇرسىتى ....

بۇلارنى قانداق چۈشىنىشكە بۇلىدۇ ؟

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 17:40:26

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 16:11:01 static/image/common/back.gif
ئىلگىرى مۇنبەردە خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئاشسا ، دۆلەتنى
ئىكىسپورت مەھسۇلاتلىرىدىن ھەربى قوراللادىن باشقا يەنە نىمىسى بار؟
كەسىپنى ھەرخىللاشتۇرايلى، جاپالىق ئىشلەيلى، ئۈچ يىلدا ئىكىسپوت ماللىرىمىزنى 50% ئۆستىرەيلى، يەنە 400نەچچە مىليارت دوللار زاپىسىمىز بار، ئىشلىتىپ بولغىچە باشقا رايۇنلار تەرەقىياتى نىفىتنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرىدۇ، چىشى يوق قونچاق ئېيىق بۇلۇپ قالمايلى…دەپ ھاياجان پاراڭ قىلىپ بېرىپتۇ تۈنۈگۈن پۇتىنجان.

Qaf يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 15:27:42

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qaf تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-20 15:34  

ما توربەتنىڭ يانفۇن نۇسخىسى بولغان بولسا تېخىمۇ
ياخشىبولاكەن
http://www.xjuyghurfx.com/

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 15:40:09

خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىمۇ تۆۋەنلەشكە باشلاپتۇ، يەنى دوللار قىممەتلىشىپتۇ. بۇ ئەھۋال يەنە قاچانغىچە داۋاملىشار ؟ ھازىر دوللار ئېلىشنىڭ پەيتىمۇ قانداق ؟
بەت: [1] 2 3
: ياردەم : خەلىقئارالىق پۇل-مۇئامىلە بىلىملىرىدىن ساۋات سۆزلەپ بەرساڭلار