malak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 21:47:47

مېنىڭ دادام بىر دۆلەت رەھبىرى (رەسىملىك بايان)

رەسىملەر بەيدۇ تورىدىن ئېلىندى.
گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى يازمىسى



دادام ئۇ بىر شوپۇر، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، ئۆزى ۋە ئۆزگىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، ھوشيارلىق بىلەن رولنى چىڭ تۇتقان، ئۇزۇن مەزگىل ئولتۇرغانلىقتىن بەللىرى ئۇيۇغان چىدامچان شوپۇر.



دادام ئۇ بىر دېھقان، باش ئەتىيازدىن كەچ كۈزگىچە ئېتىزدىن كېلەلمەيدىغان، سۇ كېلىپ قالسا، كېچىلەپ سۇ كېچىپ، ئېتىز قىرىدا نان غاجايدىغان جاپاكەش دېھقان. دادام ئۇ بىر ناۋاي، تومۇز ئىسسىقتىمۇ، ئوت لاۋۇلداپ تۇرغان تونۇرغا باش تىقىپ، قاش-كىرپىكلىرى قۇيقىلانغان مېھنەتكەش ناۋاي.




دادام ئۇ بىر مالچى، ھەر كۈن ھەر تۈن تىلسىز ھايۋاناتلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، تىزىغىچە پوق-سۈيدۈككە كېچىپ، قىغ تازىلاپ، ھالال ياشايدىغان مالچى.




دادام ئۇ بىر ئوقۇتقۇچى، ئۆز پەرزەنتلىرىگە مېھرىنى تولۇق بېرىپ بولالماي، ئۆزگىلەرنىڭ بالىلىرىغا پۈتۈن مېھرىنى ئاتىغان، نەچچە ئون يىل بورا توزانىدا ياشىغان، ھاياتلىق يولىنىڭ مەشئىلى، مىننەتسىز تەر تۆككۈچى ئۇستاز.



دادام ئۇ بىر تۆمۈرچى، كۈچلۈك بىلەكلىرى بىلەن ئېغىر بازغاننى كۆتۈرۈپ، لىمنى سوقۇپ يىڭنە قىلالايدىغان، كۈچتۈڭگۈر تۆمۈرچى.



دادام ئۇ بىر تىجارەتچى، مەيلى ئۇششاق مەيلى چوڭ، سودا بولسىلا پەرزەنتلىرى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن، ھالال تىجارەت قىلىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىۋاتقان سودىگەر.




دادام ئۇ بىر تىككۈچى، بىر پارچە رەختنى شۇ ئەپچىل جۈپ قوللىرى بىلەن كېسىپ- تىكىپ، بەدەنگە بەدەن چۈشۈرۈپ، يارىشىملىق لىباسلارنى تىكىپ چىققان قولى گۈل تىككۈچى.



دادام ئۇ بىر ياللانما ئىشچى، كىمنىڭ ئۆيىدە قىلغۇدەك ئىش باركىن دەپ، شۇ كوچا دوقمۇشىدا ئىش كۈتۈپ، پۇزۇر كىيىنگەن كىشىلەرگە قاراپ ھەۋەس بىلەن ئولتۇرۇپ كەتكەن، بايلار ئۆيىنىڭ ئەۋرەز يوللىرىنى تازىلاپ، بىر پىيالە سوغۇق سۇمۇ ئىچەلمەي قالغان ئىشچى.



دادام ئۇ بىر تازىلىق ئىشچىسى، كوچىلاردا تاشلانغان قەغەز پارچىسىدىن تارتىپ، مەستلەرنىڭ چوڭ-كىچىك تەرەتلىرىگىچە، كۈزدىكى غازاڭدىن، مەدەنىيەتسىز كىشىلەرنىڭ تۈكۈرۈكلىرىگىچە تازىلايدىغان، قەھرىتان قىشلاردا سوغۇققا ۋە بىخەتەرلىكىگە قىلچە ئېتىبار بەرمەستىن، يولدىكى رېشاتكىلارنى يۇيىۋاتقان، يازدىكى تومۇز ئىسسىقلاردا، ئاپتاپتىن پاناھلىنىپ، دەرەخ سايىسىدا ئولتۇرۇپلا مۈگدەپ قېلىۋاتقان، قاق سەھەر تۈگۈل يېرىم كېچىدىلا چىقىپ، كوچىلارنى سۈپۈرۈپ تازىلاۋاتقان ئەزىز مېھنەتكەش تازىلىقچى.



دادام ئۇ بىر ئامانلىق قوغدىغۇچى، بىر پۈتۈن ئىدارە ياكى چوڭ سودا ساراينىڭ ئامانلىقىنى قوغدايدىغان، باشقىلارنىڭ كۆزگە ئىلماسلىقى ۋە ياكى ھاقارەتلىك تىل تەگكۈزۈشلىرى بىلەن پەرۋاسىز ھالدا، ئۆز خىزمىتىنى سۆيۈپ قىلىۋاتقان ئامانلىق قوغدىغۇچى.


دادام ئۇ بىر باققال، بىر يىل ئەجىر قىلىپ، ئۆستۈرگەن مېۋىلىرىنى سېۋەتلەپ، ياكى قۇربى يەتسە ھارۋا ئىتتىرىپ، يېزا شەھەر بازارلىرىدا قېچىپ يۈرۈپ، ئون كويغا ئۈچ كىلو دەپ توۋلاپ سېتىۋاتقان باققال. شۇ مېۋىلىرىنى سېتىپ، ئالىي مەكتەپكە ماڭماقچى بولغان پەرزەنتىگە ئاتاپ پۇل يىغماقچى ۋە ياكى كېسەلچان ئايالىنى دوختۇرغا كۆرسەتمەكچى.

مېنىڭ دادام بىر قاسساپ، ھەر كۈنى قوي كالىلارنى سويۇپ تۇرغاچقا، كىيىملىرىدە قان ئۇيۇپ قالغان، يېنىدىن ئۆتكەن ئادەم قوللىرى بىلەن بۇرۇنلىرىنى ئېتىشقان، پۇراپ قالاي دېگەن گۆشلەرنى تاشلىۋېتىشكە قىيماي، ئۆزى يېگەن قاسساپ.



مېنىڭ دادام بىر ئاشپەز، ئاشخانىمۇ ئاشخانا، رېستۇرانمۇ رېستۇران شۇ مېھمانلارنىڭ خېرىدارلارنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان ھاجىتىدىن چىقىش ئۈچۈن، ماي ۋە بۇستا تۇرۇپ، ئېسىل نازۇ نېمەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن قولى تەملىك ئاشپەز.


مېنىڭ دادام بىر رېمونتچى، مەيلى توك مەيلى سۇ، ۋە ياكى مەن ماشىنا-ئېلىكتىر سايمانلىرى بولسۇن، شۇ ئەپچىل قولىدا ماڭمىغاننى ماڭدۇرۇپ، سايرىمىغاننى سايرىتىپ، يانمىغاننى ياندۇرغان توكچى، سۇچى رېمونتچى.


مېنىڭ دادام بىر ھۆكۈمەت كادىرى، ھەركىم دەيدۇ، ھۆكۈمەت كادىرىنىڭ كۈنى ياخشى دەپ. ئەمما ھەركىم ئۆز دەردىنى ئۆزى بىلىدۇ، جىسمانىي ئەمگەكتىنمۇ ئەقلى ئەمگەك كىشىنى بەكرەك چارچىتىدۇ. ئاي بېشىنى ئاي ئاخىرىغا ئۇلاشتۇرالماي، كېچىلەپ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەۋاتقان جاپاكەش ھۆكۈمەت خادىمى.


مېنىڭ دادام بىر ساقچى، جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ، ئۆز جېنىنى ئالقىنىغىمۇ ئالالماي، قانچىلىك ياشايدىغانلىقىغىمۇ كاپالەت بېرەلمەيدىغان، ئائىلىسىگە ئايلاپ قايتالمايدىغان، شۇنچە جاپا تارتسىمۇ پۇقرالار تەرىپىدىن ئىت دەپ ھاقارەت قىلىنغان ئەڭ سۆيۈملۈك ساقچى.


مېنىڭ دادام بىر دوختۇر، بىمارنىڭ سالامەتلىكىنى ھەممىدىن ئەۋزەل بىلىپ، ئۆز تېنى ۋە ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلەلمىگەن، ئوپراتسىيە دېسە، كۈن بويى تاماقسىز قالغان، مەسئۇلىيەتچان دوختۇر.



دادىڭىزنىڭ ئۇخلايدىغان جايىنى كۆرۈپ بېقىڭ، بىرەر كېچە يېتىپ بېقىڭ، بەدەنلىرىڭىزگە شۇ قاتتىق پەنلەر پاتامدىكىن؟
دادىڭىزنىڭ يېگەن نانلىرىنى يەپ بېقىڭ، شۇنچە مەزمۇت چىشلىرىڭىز شۇ نانلارنى سۇندۇرالامدىكىن؟
دادىڭىز كىيگەن شۇ كىيىملەرنى كىيىپ، سوغۇقتا بەش مىنۇت تۇرۇپ بېقىڭ، سوغۇقلارنى ئۆتكۈزەلمەمدىكىن؟


بازارغا بىللە چىقسا، چارچىسىلا ئۇدۇل كەلگەن يەردە ئولتۇرىۋالسا نومۇس قىلىۋاتامسىز؟
ئون مىنۇتتا بىر ھاجەتخانا ئىزدەپ يۈرسە نومۇس قىلىۋاتامسىز؟
ئەجىبا دادىڭىزنى ۋاقتى قەرەلىدە دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ باقتىڭىزمۇ؟
دادام ئۇ دۆلەت رەھبىرىدەك ئالدىراش، دۆلەت رەھبىرىدەك جاپاكەش، شۇڭا مەن دادامنى بىزنىڭ ئائىلىنىڭ رەھبىرى دەپ سانايمەن.
دادىڭىز نېمىلا كەسپنى قىلمىسۇن، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلماڭ. ئۆزىڭىزدىن نومۇس قىلىڭ، شۇنچە ياشقا كىرىپ قالغاندىمۇ، كەسپىدىن ۋاز كەچتۈرۈپ، دادىڭىزنى باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قىلالمىغىنىڭىزدىن نومۇس قىلىڭ!

yasharVB يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 00:08:35

قانداق تەدبىرىڭ بولسا شۇنداق تەقدىرىڭ بولىدۇ.

yasinjanaks يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 07:56:22

yasharVB يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 00:08 static/image/common/back.gif
قانداق تەدبىرىڭ بولسا شۇنداق تەقدىرىڭ بولىدۇ.

سىلىنىڭچە بۇلارنىڭ تەدبىرى تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويۇپتىكەندە ،.........

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 08:32:30

ھەممىسى شەرەپلىك كەسپلەركەن ، كىشىنىڭ ھەققىنى يەۋالمايدىغان ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ جان باقىدىغان ....

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 09:46:04

ئاخىرى يوقمىكىنا ؟

ئاخىرىدا مېنىڭ دادام باشلىق ، ئۇرۇندۇقتا تولا ئولتۇرىۋېرىپ مەزى بېزى ياللۇقىغا گىرىپتار بوپقالدى. :lol
ئاياللار بۈلىمىدە داۋالىتىۋاتىمىز دەيدىغان گېپى بار ئىدى{:92:}


ئۇ يوقيا {:136:}

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 10:31:23

كەسپىنىڭ يوقىرى تۆۋەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆز مىھنىتى بىلەن ھالال ياشاپ ئۆتكەن كىشىلەردىن نۇمۇس قىلىش ئەمەس، پەخىرلىنىش كېرەك.

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 10:31:36

كەسپىنىڭ يوقىرى تۆۋەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆز مىھنىتى بىلەن ھالال ياشاپ ئۆتكەن كىشىلەردىن نۇمۇس قىلىش ئەمەس، پەخىرلىنىش كېرەك.

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 10:45:50

ftp يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 10:31 static/image/common/back.gif
كەسپىنىڭ يوقىرى تۆۋەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆز مىھنى ...

ھەق گەپ ..ھەممە كەسىپنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق قىممىتى بار

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 13:11:18

ئەلادىن بىرسى كەتتى ،   ياخشى يازما بۇلۇپتۇ  ،  دادامنى  شۇنداق  سىغىندىم........

abdulla74 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 16:32:28

«تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىدا بۇرۇن ئۇيغۇر تىلىدا ئاتا-ئانىسىنى، يېقىنلىرىنى «ئۇ» دەيدىغان ئادەت يوق، دەپ تەرجىمانلارغا چۈشەنچە بەرگەن ئىدى. «دادام _ دوختۇر، دادام _ موزدۇز»  بىلەن «مېنىڭ دادام _ ئۇ بىر دوختۇر، مېنىڭ دادام _ ئۇ بىر موزدۇز»نى سېلىشتۇرۇپ ئۆزەڭلار يەكۈن چىقىرىۋېلىڭلار خالايىق.

tomoki يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 16:55:42

كۆپ  رەخمەت سۈرەتلىرىڭىزگە،3-پارچە رەسىم كىچىك ۋاختىمدىكى بىر ئىشنى ئەسلىتىپ قويدى ھەي سەبى باللىقېم ،قايەردە سەن،،،،،،،،،،،،

yasharVB يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 21:48:26

yasinjanaks يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 07:56 static/image/common/back.gif
سىلىنىڭچە بۇلارنىڭ تەدبىرى تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويۇپ ...

ھەئە!

mrdon يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 22:49:10

ياخشى رەسىملەركەن رەھمەت سىزگە
بەت: [1]
: مېنىڭ دادام بىر دۆلەت رەھبىرى (رەسىملىك بايان)