amur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 20:32:28

(ئۇيغۇرچە)غەرب تېبابەت كېتابلىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   amur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-18 20:36  

(ئۇيغۇرچە)غەرب تېبابەت كېتابلىرى
ئامۇر2014-يىلى12-ئاينىڭ18-كۈنى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار! مەندە 1985-يىللىرى خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، دىيارىمىزدىكى تېببىي فاكۇلتىتلاردا دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلگەن غەرب تېبابىتىگە ئائىت بىر قىسىم ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ سايىلەننگەن نۇسخىسى بار ئىدى . ئاساسلىقى تاشقى كېسەللىكلەر ئىلمى، ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمى، بالىلار كېسەللىكلىرى ئىلمى، يۈرەك ئېلېكتىر كاردىئوگراممىسى قاتارلىق كېتابلار ئىدى.
خىزمەت جەريانىدا خەلقىمىزنىڭ تېببىي ساھەدىكى ئاتالغۇلارنى چۈشەنمەسلىكى، كېسەلنىڭ ئىسمى ۋە داۋالاشقا مۇناسىۋەتلىك سۆز جۈملىلەرنىڭ راۋان ئۇيغۇرچە بولماسلىقى، دوختۇرنىڭ كەسپى سۆزلەرنى ئانا تىلدا ئىپادىلىيەلمەسلىكى، بېمارنىڭ خەنزۇچە بىلمەسلىكى، شۇنىڭدىن بەزى يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ كىلىپ چىقىشى  ...... قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەر بەكلا ئىچىمنى سىققانتى.  
  2015-يىلى بىزنىڭ كىتاپ ئوقۇش يىلىمىز بولغانلىقىدىن سۆيۈنۈپ، ئۆزۈمنىڭمۇ بۇ يىلدىكى ئىرادەمنى ئىپادىلەپ، بۇ كىتابلارنى كەڭ قىرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، تەتقىقاتى ۋە ئىمكان بولسا قايىتىدىن نەشىر قىلىپ تەبىئي پەنلەرنى خەلق ئارىسىدا ئوموملاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشى ئۈچۈن ھوزۇرۇڭلارغا  سۇندۇم.
ئۈمۈدۈم شۇكى، مۇشۇ كىتابلار ئۆلچەملىك ئېلكىتابلارغا ئايلانسا، مومكىن بولسا قايتا تەھرىرلەپ، كەم جايلىرىنى تولۇقلاپ،يىڭىدىن نەشىر قىلىنسا، تېببىي ساھەدىكى غەرب تېبابىتىگە ئائىت ماتېرياللارمۇ كۆپلەپ ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنىپ، پەننى ئوموملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى تۈرىگە كېرگۈزۈلۈپ،خەلقىمىزنىڭ ئومومىي ساپاسىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىلسا.......

shatmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 06:34:29

ماۋۇ  بەك ياخشى تېما بوپتۇ

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 07:27:57

ياخشى نىيىتىڭىزگە ئاپىرىن، مۇشۇنداق كونكېرىت مەسىلىلەرگە ئائىت تېمىلاردىن بەكمۇ سۆيۈنىمەن، مۇشۇ مەيلى ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنىڭ ئىسىمى ياكى كېسەللىك نامى بولسۇن، مۇشۇنىڭدىكى ئىسىم-ئاتالغۇلارنى توپلاپ ئىزاھلاپ، چۈشىنىشلىك قىلىپ يەتكۈزۈش تولىمۇ زۆرۈر خىزمەتلەرنىڭ بىرى ئىدى، ھازىر خەنزۇچە كېسەللەرگە ئات قويۇش بىلەن ئاۋارىكەن، ئاڭلىغانلار چۈشەنمەي ئاۋارىكەن...

yasinjanaks يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 07:50:39

@amur@
چۈشۈرگىلى بولسا چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويغاچ تۇراساق نەشىر  قىلىنىپ بولغۇچە{:87:}{:87:}{:87:}

amur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 10:20:38

مىسرانىمغا يوللىغانتىم،مەندىن تولۇق نۇسقىسىنى ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى،ئەۋەتكەندىن كىيىنلا تېمامنى ئەخلەت تېما دەپ ئۆچۈرۋەتتى،سەۋەبىنى ھازىرغىچە ئېيىتمىدى...شۇڭا سەمىمىي قېرىنداشلار بىلەن ھەمكارلىشاي دەپ،ئىزدىنىش ئەھلىنىڭ دىيانىتىگە ئىشىنىپ ھوزورۇڭلارغا سۇنغانتىم

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 10:24:33

راست، چۈشۈرۈش ئادىرىسى بولغان بولسا ياخشى بولاتتىكەن.

KARWAN123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 20:59:05

بۇ پەقەت مۇندەرىقىكەنغۇ

amur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-23 09:35:24

ئەگەر بۇ كېتابلارنى ئېلكىتاب قىلىپ ئىشلەشكە قىزىقىدىغان ۋە چىرايلىق مۇقاۋا ياسىيالايدىغان قېرىنداشلار بولسا مەن ئەۋەتىپ بېرىمەن. ئەمما پەقەت ساقلاپ قوياي دەپ ئويلىغانلار سەل ساقلاپ تۇرۇڭلا
بەت: [1]
: (ئۇيغۇرچە)غەرب تېبابەت كېتابلىرى