uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 16:24:00

ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى 12-18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-18 16:42  

ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن سودا  بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1190.8    دوللار  ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1238.45  دوللا ر ، ئەڭ  تۆۋەن باھاسى 1187.22    دوللا ر  بازار يېپىلىش باھاسى 1222.66     دوللار بولدى .

ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 89.15  دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى  1197  دوللار بولدى .

ئاساسى ئانالىز:     
      بۈگۈن سەھەردە  ئامېرىكا فېدېراتسىيە سىياسى باياناتىدا بېشارەت بېرىشىدە ، ئامېرىكا كېلەر يىلى ئۆسۈم قوشۇش سىگنالىنى بەرگەن . شۇنداقلا ئۇزۇن مەزگىل نۆلگە يېقىن ئۆسۈم نىسبىتىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن ، بۇ ئەھۋال ئامېرىكا ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچىسىنى نامايان قىلىدۇ . دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن سودا فوندى SPDR نىڭ زاپىسى 1.8 توننا كېمەيگەن ، كېمىيىش ھالىتى 2 كۈن داۋاملاشقان . بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا  ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ ئەڭ يېقى قارارى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى تەسىرى بۈگۈنكى بازارغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن . ياۋروپا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا گېرمانىيە IFO سودا گۈللىنىش كۆرسەتكۈچى ۋە ئەنگلىيە پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى قاتارلىقلار ، ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇماتلار مۆلچەردىكى قىممەتكە يەتمىسە دوللار يۇقىرى ئۆرلەپ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا پايدىسىز بولىشى مۇمكىن . ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى بولسا ئامېرىكىنىڭ شۇ ھەپتىلىك ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى ۋە سودا مەسلىھەت ئۈستۈن تۇرۇش كۆرسەتكۈچى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلار . ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا ئاساسىي يۈزنىڭ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا بولغان تەسىرى چوڭ بولىشى مۇمكىن.  


مەشغۇلات باسقۇچى :

1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسى 1188-1197   دوللار ئارىقىدا تەۋرەندى ، ئاسىيا بازىرىدا ئاۋاپ كۈزىتىپ 1205-1208  دوللار ئەتىراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى  1195-1190 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .

2. ياۋرۇپا  بازىرىدا ئالتۇن باھاسى   1188  دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە چۈشۈشكە ئالغان مالنى  1180 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .

3. بىر كۈن ئىچىدە 1180 دوللاردىكى تىرەش نۇقتىسىدىن چۈشۈو كەتمىسە ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولىدۇ ،  بۈگۈنكى سودا ئاۋال ئۆرلەپ ئاندىن چۈشۈشنى ئاساس قىلىدۇ

چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار  1208 ،1210
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1190 ،1180

بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1180-1208
بۈگۈنكى تىرەش   نۇقتىسى 1180
بۈگۈنكى بۆسۈش   نۇقتىسى 1210

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .





ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش

          بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 89.10 ئەتراپىدا ئايلاندى ،  خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1193 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى  ئاخشام ئالتۇن بازىرى دىققەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا فېدېراتسىيە FOMC يىغىنى ئاخىرى بىر جاۋاب بەردى ، گەرچە ئامېرىكا فېدېراتسىيە مەلۇم ۋاقىتتىكى قارارىنى ئۆزگەرتمىگەن ، بىراق ئامېرىكا كېلەر يىلى ئۆسۈم قوشۇش سىگنالىنى بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن ئالتۇن باھاسى چۈشۈپ 1190 دوللار بولغان .  بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا  ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ ئەڭ يېڭى قارارى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى تەسىرى بۈگۈنكى بازارغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن . ياۋروپا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا گېرمانىيە IFO سودا گۈللىنىش كۆرسەتكۈچى ۋە ئەنگلىيە پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى قاتارلىقلار ، ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇماتلار مۆلچەردىكى قىممەتكە يەتمىسە دوللار يۇقىرى ئۆرلەپ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا پايدىسىز بولىشى مۇمكىن . ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى  ئامېرىكىنىڭ شۇ ھەپتىلىك ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى ۋە سودا مەسلىھەت ئۈستۈن تۇرۇش كۆرسەتكۈچى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلار .

ئەسكەرتىش :
بىر گرام ئالتۇن        238.40   يۈەن (خەلق پۇلى).
بىر  گرام كۈمۈش      3.22 يۈەن (خەلق پۇلى).  
بىر ئۇنسىيە  ئالتۇن   1206.95  ئامېرىكا دوللىرى.
بىر ئۇنسىيە  كۈمۈش  16.140   ئامېرىكا دوللىرى.
بىر ئۇنسىيە 31.1035 گرامغا تەڭ.





2015 - يىللىق ئالتۇن باھاسىغا بولغان مۆلچەر

      ياۋرۇپا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار قوش ئۈزۈلمە فوند Tiberius گۇرۇھى چارشەنبە كۈنى دوكلاتتا  ، مۆلچەرلىگىنىدە 2015 - يىلى كىرگەندىن كېيىن  پۈتكۈل دۇنيا ئىقتىساد ھالىتى ياخشىلىنىدۇ ، بۇ ھالەت تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋار باھاسىنىڭ كۈچلۈك بولىشىنى ئالغا سۈرىدۇ ، جۈملىدىن نېفىت باھاسى يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن ، بىراق ئالتۇن باھاسى يەنىمۇ تۆۋەنلىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىگەن .
     ئالتۇن ھالىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ،  Tiberius گۇرۇھى كۆرسەتمە بېرىپ ، كەلگۈسىدە ئامېرىكا پۈتكۈل دۇنيا ئىقتىساد جانلىنىشىنى قوزغىتىدۇ ، شۇ سەۋەبتىن 2015 - يىلى ئالتۇن باھاسى 950-1200 دوللار ئەتراپىدا بولىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى .





پۇل مۇئامىلە بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئىقتىسادى ئامىللار

      12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە رەئىسى يېلۈن ئۆسۈم قوشۇش خەۋىرى توغرىسىدا كۆرسەتمە بەرگەندىن كېيىن ، دوللار چوڭ ئاساستا يۇقىرى ئۆرلەپ ، دوللاردىن باشقا پۇللار تۆۋەنلىدى ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى يەنىلا بېسىمغا ئۇچرىدى ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسى يۇقىرى ئۆرلىدى ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى ئۆرلىدى ؛ بۇ سودا كۈندە ئەنگلىيە پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى ۋە ئامېرىكا دەسلەپكى ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى قاتارلىق ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلار بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى ؛
      بۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە رەئىسى يېلۈن ئۆسۈم قوشۇش خەۋىرى توغرىسىدا كۆرسەتمە بەرگەندىن كېيىن ، نەخ ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلەپ ، قەرەللىك ئالتۇن باھاسى مۇقىم ھالىتىنى ساقلىدى ؛ خەلقئارا خام نېفىت زاپىسى ئازلاپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن NYMEX خام نېفىت باھاسى چوڭ ئاساستا يۇقىرى ئۆرلىدى .





ياۋرو ، فوندستېرلىڭ ، ياپونىيە يېنى ۋە ئاۋسترالىيە دوللىرى قىسقىچە تەھلىلى

      12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاسىيا بازىرى ئاخىرلىششىدا ، ياۋرو / دوللار باھاسى 1.2335 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ فوندستېرلىڭ / دوللار باھاسى 1.5585 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ دوللار / يېن باھاسى 118.60 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛ ئاۋسترالىيە دوللىرى / دوللار  باھاسى 0.8130 ئەتىراپىدا ئايلاندى ؛
      تەھلىل قىلغۇچىلارنىڭ كۆرسەتمە بېرىشىچە ، ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى قارارى تەسىرىدە ياۋرو بېسىمغا ئۇچراپ تۆۋەنلەپ  1.2370 يېقىنلاشتى ، تۆۋەن نۇقتىسى 1.2321 ئەتىراپىدا بولدى ، نۆۋەتتىكى ياۋرو / دوللار بازار باھاسى 1.2315 ئەتىراپىدا بولۇپ ، ئەگەر يەنە تۆۋەنلىسە نىشان 1.2200 بولىشى مۇمكىن ؛
فوندستېرلىڭ / دوللار باھاسى جەھەتتە ،  فوندستېرلىڭ تۆۋەنلەپ ھالقىلىق تىرەش نۇقتىسى 1.5600 ئەتىراپىدا بولسىمۇ ، لېكىن نۆۋەتتىكى پېرېۋوت باھاسى بازار باھاسىدىن تۆۋەنلەپ كەتمىگەن ، ئەگەر فوندستېرلىڭ / دوللار باھاسى  1.5550 نۇقتىدىن يەنە تۆۋەنلەپ كەتسە ، قايتىدىن تۆۋەنلىشى مۇمكىن ؛
دوللار / يېن باھاسى جەھەتتە ، بۇ ھەپتە دوللار يۇقىرى ئۆرلىشى ياردىمىدە دوللار / يېن پېرېۋوت باھاسى يۇقىرى ئۆرلىگەن بولۇپ ، بۆسۈش نۇقتىسى 119 ئەتىراپىدا بولدى ، لېكىن قىسقا ۋاقىتلىق ئۆرلەش يۆنىلىشى چەكلىك بولۇپ ، ئۇزاق مەزگىللىك يۆنىلىشى يەنىلا ئۆرلەش ھالىتىنى ساقلىدى ؛
ئاۋسترالىيە دوللىرى / دوللار  باھاسى جەھەتتە ، ئالدىنقى سودا كۈندە ئاۋسترالىيە دوللىرى / دوللار  پېرېۋوت باھاسى تۆۋەنلەپ 0.8100 يېقىنلاشقان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇرۇلۇش نۇقتىسى 0.8108 دىن كىچىك ئاساستا يۇقىرى ئۆرلىدى ، بۇنىڭدىن قارىغاندا ئاۋسترالىيە دوللىرى / دوللار  باھاسى 2015 - يىلىغىچە تۆۋەنلەش ئەھۋالى داۋاملىشىشى مۇمكىن ؛
بۈگۈن بېيجىڭ ۋاقتى 15:00 دە ، ياۋرو / دوللار باھاسى 1.2323/25 ، فوندستېرلىڭ / دوللار باھاسى 1.5571/76 ، دوللار / يېن باھاسى 118.68/71 ، ئاۋسترالىيە دوللىرى / دوللار  باھاسى 0.8131/35 بولدى .     



12-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى

       جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلغان ، 2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىكى بانكىلار ئارا تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئوتتۇرچە باھا ئايلىنىشى :
1دوللار 6.1195 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ياۋرو 7.5653 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 100 يېن 5.1693  يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 789100. يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 فوندستېرلىڭ 9.5573 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى  4.9833  يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى 4.7254 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 سىنگاپور دوللىرى 4.6688  يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛  1 كانادا دوللىرى 5.2582 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 563610.رېنىگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولغان  ،  1 يۈەن خەلق پۇلى 9.9979 روسىيە رۇبلىغا تەڭ بولغان ؛ 1 تۈركىيە لىراسى 2.6719 يۈەن خەلق پۇلغا ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.3743  تۈركىيە لىراسىغا تەڭ بولغان .  


مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى



ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 22:50:43

مىنىڭ پۇل -مۇئامىلە ھەققىدە بىلىمىم  ئاز ، ۋاقتىڭىز بولسا ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز : سىزنىڭ ئالتۇن بازىرى دىڭىنىڭىز قايسى بازار ؟ ئاسىيا بازىرى ، ياۋرۇپا بازىرى دەپسىز ، ئەجىبا ئالتۇن باھاسى دۇنيا بويىچە بىردەك بولماي رايۇنلار بويىچە باھا پەرقى بولامدۇ ياكى مەن چۈشىنمىدىممۇ ؟
دوللار كۆرسەتكۈچى دىگەن نىمە ؟
قەرەللىك مال سودىسىچۇ ؟ قانداق  ئىلىپ بىرىلدۇ ؟ خەلىقئارالىق ئىقتىسادتا قاندا تەسىرگە ئىگە ؟

uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 15:21:34

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 22:50 static/image/common/back.gif
مىنىڭ پۇل -مۇئامىلە ھەققىدە بىلىمىم  ئاز ، ۋاقتىڭىز بول ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ياخشىمۇ سىز ؟بىز يەر شارىنى ئىلىپ ئېيتىساق يەر شارى يوملاق شەكىلدە بولۇپ ،  ئادەتتە  رايونلار ئارا ۋاقىت ئوخشىمايدۇ  ؛ مەسلەن : بۇ يەردە كەچ بولغاندا ئاسىيا ، ياۋروپا ، ئامېرىكا قاتارلىق جايلاردا كۈندۈز ۋاقتى بولۇپ ، بۇ رايونلاردا نورمال سودا ئېلىپ بىرلىدۇ ، ئاسىيا ۋاقتى ئەتگەن سائەت 7:30 دىن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 3:00 كىچە بولغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا ئاسىيا بازىرىدا نورمال ئالتۇن سودىسى ئىلىپ بېرىلدۇ ؛ ياۋرو ۋاقتى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 3:00  دىن كەچ سائەت 10:00 گىچە ، بۇ ۋاقىتتا ياۋروپا بازىرىدا نورمال ئالتۇن سودىسى ئىلىپ بېرىلدۇ ؛ ئامېرىكا ۋاقىتى 8:30 دىن 2:30 گىچە بولۇپ ، بۇ ۋاقىتتائامېرىكا بازىرىدا نورمال ئالتۇن سودىسى ئىلىپ بېرىلدۇ ؛ شۇڭا ئالتۇن بازىرى  ئاسىيا بازىرى ، ياۋروپابازىرى ، ئامېرىكا  بازىرى دەپ ئايرىلىدۇ ، لېكىن بۇ ئالتۇن باھاسى پەرىقلىق بولمايدۇ ، بىر رايوننىڭ بازىرى ئاخىرلىششىغا يەنە بىر رايوننىڭ بازىرى ئېچىلىدۇ ؛ بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى ئەلۋەتتە سىز دېگەندەك خەلقئارا بولىدۇ ؛  بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلار كەڭ دائىرلىك بولۇپ ھەممىنى يىزىپ چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ ؛
پۇل مۇئامىلە بازىرىغا كەلسەك ، پۇل مۇئامىلە بازىرى ئاساسلىقىئاسىيا بازىرى ، ياۋروپابازىرى ، ئامېرىكا  بازىرى قاتارلىق رايونلار ئارسىدا چەتئەل پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش ، سېتىش ، سېتۋىلىش قاتارلىق نۇرغۇن ئىقتىسادى تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ ؛ ئەگەر سىز بۇ ھەقتىكى بىلىملەرنى تەپسىلى بىلمەكچى بولسىڭىز بىۋاستە بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ ياكى شىركىتىمىزگە كىلىپ مەسلەھەت سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ ؛ شىركىتىمىزدە مەسلەھەت بىردىغان مەخسۇس مۇتەخخەسىس بار ؛ شىركىتىمىز دەل پۇل مۇئامىلە ، ئىقتىساد ۋە ئالتۇن كۈمۈش سودىسى بىلەن شۇغۇللىندىغان مەبلەغ سېلىش شىركىتى بولۇپ ، سىزنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىڭىزنى تولۇق ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشىڭىز ئۈچۈن ياخشى بىر ئورۇن ، ھەم سىزنى رازى قىلالايدۇ ؛
شىركەت ئسمى : ئۈرۈمچى ئىلكان مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى ؛
شىركەت ئورنى : ئۈرۈمچى ئاققۇۋق(نەنمىن ) ياخۇڭ سودا سارىيى Bرايون 1304 ئىشخانا
تور ئادېرىسى : www.uyaltun.com
ئالاقىلشىش نومۇرى : 4000991014 ، 13009663479 ؛
بەت: [1]
: ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى 12-18