elxatrahim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 16:01:44

ئىت


ئىت ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

ئىت بىلەن بۆرە مىسالنى بىل كۆڭۈل،
ھەر زامان بۆرە سىياقتا يۈر كۆڭۈل.

ھازىر شەھەرلەردە تاشلىۋىتىلگەن لالما ئىتلار ئاۋۇپ كەتتى.ئائىلە ئۇقۇتقۇچىلىقى قىلۋاتقان كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە،سەھەردىلا ماشىنا سوقۇپ ئۆلگەن ئىتنىڭ جەسدىگە ئۇچراپ قالدىم.تېنىم قاتتىق شۈركىنىپ كەتتى.يولدىكى ئاپئاق قارلار قېپقىزىل بويىلىپ كەتكەن،بىچارە ئىت قانغا مىلىنىپ ياتاتتى.ھازىر بۇنداق ئىشلارغا تولا يولۇقىدىغان بولۇپ كەتتۇق.ئەمما شۇ قېتىمقىسى پەقەتلا كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ.ھەر قېتىم لالما ئىتلارنى كۆرسەم،شۇ بىچارە ئىت كۆز ئالدىمغا كىلىۋالىدۇ.
بىر مەزگىل ئەرمەك ھايۋان بېقىش مودىغا ئايلانغانىدى.كىشىلەر پاپا ئىتلارنى ئەگشتۇرۇپ يۇرەتتى. ھەتتا ئۇلارغا رەڭگارەڭ كىيىملەرنى كىيگۈزۈپ،خىلمۇ-خىل زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاپ قوياتتى.بەزى مەدەنىيەتلىك خىنىملار تېخى ئىتلارنى كۆتۇرۋالغىنىچە،ئەركىلىتىپ سۆيۇپمۇ ئۈلگۈرەتتى.بىراق كىشىلەر ئۇلارنىڭ ھەر خىل يۇقۇملۇق كىسەللەرنى تارقىتىدىغانلىقنى بىلگەندىن كىيىن،بىچارىلەرنى ۋاپاسىزلارچە كوچىغا چىقىرىپ قويدى.بۇ ئىتلار بولسا ئەخلەت ساندۇقلىرى،كىشلەر توپى،ماشىنلارنىڭ ئارىللىرىدا لاغايلاپ،ھەر ۋاقىت كۆزىمىزگە چىلقىدىغان بولدى.
ئىت قاچانكى ئىنسانغا كۆندى،ئۆز ئەركىدىن ئايرىلىپ قالدى.تەقدىرىنى نۇمۇسسىز ئىنسانغا باغلاپ قويدى.ئۆز كۈچىگە تايانماستىن،ئىنسانلارنىڭ خەير-ئىھسانىغا،ئالدىغا تاشلاپ بەرگىنىگە تەلمۇردىغان بولۇپ قالدى.بەلكىم ھېلىقى ئۆلگەن ئىتمۇ ئىنساندىن نىسىۋە تىلگىلى كوچىغا چىققان بولغىيتى ھە ! ئەمما رەھىمسىز ئىنسان ئۇنى جىنىدىن جۇدا قىلدى.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا،ئىت بىلەن بۆرە بىر ئىمىش.ئىنسانغا كۆنگىنى ئىت،چەكسىز قارلىق ئورمانلاردا،تىك قىيا تاغلاردا يۈرگىنى بۆرە بولغانمىش.بۆرە ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدۇ.ئاچ قالسىمۇ ئادەمىسز تەبىئەت قوينىدا مۇستەقىل ياشايدۇ.ئىنسانغا بېقىنمايدۇ.يىلىگەرلىككە،ھەتتاكى مىھىر-شەپقەتكىمۇ ئېرىمايدۇ،ئالدانمايدۇ.ئىت ئىنسانغا مىڭ قېتىم بىقىنسىمۇ،ئۆيلىرىنى،مال-چارۋىللىرىنى قوغداپ بەرسىمۇ،قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپ قۇللۇق قىلسىمۇ،يەنىلا ئىت.ئىنسان نەزىرىدە ھامان بۆرىدەك بولالمايدۇ.شۇڭا كىشىلەر بۆرىگە تا بۈگۈنگىچە چوقىنىدۇ،ھەۋەس قىلىدۇ.بۆرە ئوشۇقىنى بويۇنىغا ئېسىۋالىدۇ.ئەمما ئىتىنى كەمسىتىدۇ،ئەڭ پەسكەش ئادەملەرنى《ئىت》دەپ تىللايدۇ.
شۇڭا كۆڭلۈم ھەر زامان بۆرىدەك بول دەپ غەليان قىلىدۇ!!!

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 10:22:20

يازمىنىڭ ئاخىرىقى بايانلىرى كىشىنى ئويغا سالىدىكەن.

ئىتقا باش بولسا ئارسلان،
ئىت بولۇر ئارسلانسىمان.
ئارسلانغا باش بولسا ئىت،
ئارسلان بولۇر ئىتسىمان.
    مۇشۇنداق بىر كوبلىت ئىسىمدە، ئەمما كىمنىڭ شىئېرى ئىكەنلىكى يادىمدا قالماپتۇ.

elxatrahim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 10:39:17

ftp يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 10:22 static/image/common/back.gif
يازمىنىڭ ئاخىرىقى بايانلىرى كىشىنى ئويغا سالىدىكەن.

ئ ...

يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ
بەت: [1]
: ئىت