tahlil يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 13:34:03

EURUSD(ياۋرۇ) تەھلىلى 12/18


12-ئاينىڭ 17-كۈنى يەنى تۈنۈگۈن يېلۇننىڭ ئامىرىكا فىدىراتسىيىسى ئۈسۈم نىسپىتىنى قارار قىلىش يىغىنىدا كىلەر يىلى 4-ئايدا دوللارنىڭ ئۈسۈم ئۆستۈرلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىش بىلەن تەڭ EURUSD(ياۋرۇ) دەسلەپتە 1.2472نوقتىدىن بىراقلا 1.2321دوللارلىق باھاغا چۈشتى. (ھازىرقى باھا 1.2284دوللار)ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا EURUSD(ياۋرۇ)نى 1.2600 بىلەن 1.2245 ئارلىقىدا داۋاملىق تەۋرىنىدۇ، دەپ قاراش تامامەن مۇمكىن ھەم نۆۋەتتىكى تىرەك نوقتا 1.2250-1.2200رايۇنىدىكى تىرەك ئورنىغا يېقىندىن دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر بۈزۇۋېتەلىسە EURUSD(ياۋرۇ) نىسپەتەن يەنە چوڭ چۈشۈش بوشلىقى ھازىرلانغان بولىدۇ. ئەگەر بۇزۇۋېتەلمىسە 1.2250-1.2200 رايۇنىدىكى تىرەك رايۇنى تەگ نوقتا بۇلۇپ قېلىش ئىھتىماللىقى مەۋجۈت. ئەلۋەتتە يەنە ئۇنىڭدىن باشقا بۇنىڭدىن كىيىن ئېلان قىلىنىدىغان ئامىركىنىڭ ئىقتىسادى ئۇچۇرلىرى ۋە ياۋرۇپا رايۇنىنىڭ كەڭرى پۇل سىياسەتلىرى توغۇرسىدىكى ئىقتىسادى ئۇچۇرلار EURUSD(ياۋرۇ)غا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىش كىرەك.
ئاساسى سودا مەشخۇلاتىدا تۈۋەندىكىدەك مەشخۇلات ئېلىپ بېرىش مۇۋاپىق:
1) 1.2250-1.2200 رايۇنىدا ئۆسۈشكە سىناپ، زىياننى 30 نوقتا ئاستىدا كونتىرول قىلىپ، پايدىنى كونتىرول قىلىش ئورنىنى 1.2350-1.2400 لەرگە قارىتىش مۇۋاپىق.
2) ھازىرچە ئىككىنجى خىل سودا يۇلى ئويلىشىلمىدى. ئويلىمىغان يەردىن 1.2200 تىرەك بۇزۇلسا ئاندىن قانداق قىلىشنى قايتا ئويلىشىمىز.
ئۆسۈش-چۈشۈشكە ئېلىش ئۇرۇنلىرىنى ئۆز ۋاختىدا تېخىمۇ ئىنىق بىلمەكچى 506527935 نۇمۇرلۇق QQ ئارقىلىق مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشساق بولىدۇ.
سەمىمى ئەسكەرتىش: مەزكۇر تېمىنىڭ ھېچقانداق شىركەت ياكى گوروھ بىلەن قىلچە مۇناسىۋېتى يوق. پەقەت شەخىسنىڭ خۇسۇسى كۆز قارشىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇلۇپ، مۇۋاپىق دەپ پايدىلانماقچى بولسىڭىزمەبلىغىڭىز بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مال ئالغاندا مال سانىنى كونتىرول قىلىش ۋە زىياننى كونتىرول قىلىشنى ھەر ۋاقىت ئىسىڭىزدىن چىقارماڭ!
بەت: [1]
: EURUSD(ياۋرۇ) تەھلىلى 12/18