ھېچنېمە ئەمەسمەن سېنىڭ ئالدىڭدا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا malika706 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-18 11:26ھېچنېمە ئەمەسمەن سېنىڭ ئالدىڭدا
مەلىكە مۇھەممەت ھىلال
ئۆلتۈرمەكچى بولدۇڭ بىردىنلا،
كېتىشىڭدە ئۆلۈشۈم بەرھەق.
كەينىدىنلا سۆيمەكچى بولدۇڭ،
قايتا كېلىپ سۆيۈشۈڭ ناھەق.
ئوغۇرلايسەن تۇيغۇلىرىمنى،
خالىساڭ سۆي خالىمىساڭ كەت.
مەن قالىمەن سۆزسىز ساداسىز،
مۇھەببەتكە ئېيتىپ مىڭ لەنەت.
بىر بەڭباش يىگىتنىڭ تەسىرىدەك ھېس قىلدىمغۇ مەن ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس يۇمران ھېسسىيات ئەكس ئېتىپتۇ. ئىپپەت بىلەن نەپرەت گېرەلىشىپ شېئرىگە ھۆسۈن بېغىشلىغان.
بەت:
[1]