ABC يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 10:34:05

قەغەز كۈلى

قەغەز كۈلى
مېخاد ( تاجىكىستان)
شىرىن قۇربان تەرجىمىسى

   قەيىنلىق كولخورىنىڭ بىر گېكتار يەردىن ئوتتۇز مىڭ كىلوگرام ياڭيۇ ئالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر چاقماق تېزلىكىدە پۈتۈن ئوبلاستنىڭ ھەممە يېرىگە تارقالدى. ئېكىسكۇرسىيىچىلەر تەرەپ ـ تەرەپتىن بۇ يەرگە كېلىشكە باشلىدى. كولخور رەئىسى بېگبايۇۋ خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقىنى بانا قىلىپ،  كەلگەن مېھمانلاردىن قېچىپ ھەدېسىلا ئېتىزلىققا بېرىۋالاتتى. ئۇ سىرىنى باشقىلارغا ئېيتىشنى ئانچە خالىمايتتى. لېكىن پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ بىر دوكتۇرى بوش كەلمىدى. ئۇ بېگبايۇۋنىڭ  سايىسىدەك ئۇنىڭغا چاپلىشىۋالدى.
   ـ مېنىڭچە، ـ دېدى دوكتۇر، ـ سىلەرنىڭ تەجرىبەڭلەرنى دەرھال كېڭەيتىش كېرەك، سىز ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتىنى تولۇق سۆزلەپ بەرسىڭىز، بۇ يەردە دوكتورلۇق دېسىرتاتىيىگە لايىق ماتېرىيال باردەك قىلىدۇ.
   ـ گەپ بىر، قۇلاق ئىككى، مەن سىزگە ئېيتتىمغۇ، ـ دېدى كولخوز رەئىسى بېگبايۇۋ ئۇھ تارتىپ، ـ خىزمىتىمىزدە پەنگە لايىق كېلىدىغان ھېچقانداق نەرسە پەنگە لايىق كېلىدىغان ھېچقانداق نەرسە يوق، سىز مېھمانخانىغا بېرىپ ئارام ئالسىڭىز قانداق؟
   ـ نېمىلەرنى دەۋاتىسىز؟ مەن بۇ يەرگە دەم ئالغىلى كەلمىگەنغۇ!
   ـ سىزگە يەنە بىر قېتىم ئېيتاي، بىزنىڭ بۇ يەردە سىزگە لازىملىق ھېچقانداق نەرسە يوق.
   ـ قىسقىسى، سىز ئۆز تەجرىبىڭىزنى باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىشنى ئىالىمايدىكەنسىز ـ دە!
   بېگبايۇۋنىڭ ئەمدى تاقىتى قالمدىى:
   ـ بولىدۇ، ئۇنداقتا سىز يېقىنراق ئولتۇرۇڭ. مەن سىزگە سۆزلەپ بېرەي. پەقەت بىرلا شەرتىم بار، ئاڭلايسىز، خاتىرە قالدۇرمايسىز.
   بىز ھەر كۈنى دېگۈدەك يۇقىرىدىن ھەر خىل يوليورۇقلارنى تاپشۇرۇپ ئالىمىز. ئۇ رىش، قانداق يەرگە تېرىش ياڭيۇنىڭ پوستى بەك قېلىن بولۇپ كەتسە نېمىلەرنى قىلىش،  كىچىك سورتلاردىن قانداق قىلىپ چوڭ سورتلارنى يېتىلدۈرۈش توغرىسىدا تەپسىلاتلار چۈشەندۈرۈلگەن ھۈججەتلەرنى ئوقۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈنلا ئۈچ خادىممۇ يېتىشمەيدىغان بولۇپ قالدى. ئۇلار يەنە ئىككى ياردەمچى بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئويلاپ بېقىڭ، ھۈججەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقىلا بەش خىزمەتچى كېتىدۇ.
   قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ توغرۇلۇق بىز ئۇزۇنغىچە باش قاتۇرغان بولساقمۇ، لېكىن بىرەر ئامال تاپالمىدۇق. ئاخىردا بۇ مەسىلىنى جامائەت بىەلن مەسلىھەتلىشىش قارارىغا كەلدۇق.
   «ھۈججەتلەرنىڭ ھەممىسىنى  يېغىن كۆيدۈرۈش كېرەك» دېدى جامائەت ئىچىدىن بىرەيلەن مەسلىھەت بېرىپ.
   ئالاھىدە قىزىقارلىقى شۇكى، ئاگرانوم ھېكىمەتۇۋ تېخىمۇ ئاقىلانە پىكىر بەردى: «بۇ ھۈججەتلەرنى كۆيدۈرگەندە، ناھايىتى كۆپ قەغەز كۈلى چىقىدۇ. قەغەز كۈلى بىر خىل ئەلا سۈپەتلىك ئوغۇت. ئەگەر بىز قەغەز كۈلىنى ياڭيۇلۇققا چاچىدىغان بولساق. چاتاق يوق، مول ھوسۇلغا ئېرىشىمىز. تېخىمۇ قىممەتلىك يېرى شۇكى، قەغەز كۈلى ياڭيۇدىكى قۇرتلارنى يوقىتىدۇ. ئويلاپ بېقىڭلار،  ياڭيۇدىكى قۇرتلارنى يوقىتىش ئۈچۈن، بىز ھەر خىل چارىلەرنى قىلىپ باقتۇق، ھېچقايسى ئۈنۈم بەرمىدى.» دېدى ئۇ.
   بۇ ئىشتىن كېيىن، بىز بارلىق ھۈججەتلەرنى كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى ياڭيۇلۇققا چاچتۇق. بۇ ئىش ياڭيۇ مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشىمىزغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسەتتى. مانا بۇ سىز بىلمەكچى بولغان تەپسىلىي ئەھۋال.
   ئالىم ھەيرانلىقتىن ئورۇندۇقتىن يىقىلىپ چۈشۈشكە تاس قالدى. كولخوز رەئىسى بولسا ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىن كېلىپ قۇلىقىغا:
   ـ ئەگەر ئاڭلاشنى خالىسىڭىز، مەن يەنە بىر سىرنىمۇ ئېيتىپ بېرىمەن، ـ دېدى.
   ـ قېنى سۆزلەڭ، ـ دېدى ئالىم بىتاقەت بولۇپ.
   ـ يېقىنقى يىگىرمە يىلدىن بۇيان ياڭيۇچىلىق توغرىسىدا نەشىر قىلىنغان كىتابچىلار بىر قانچە شىكاپقا تولغانىدى. بىز ئۇ كىتابلاردىنمۇ ئاز بولمىغان قەغەز كۈلىگە ئېرىشتۇق. نەتىجىدە ياڭيۇ قۇرتلىرى تولۇق يوقىتىلدى.

               (خەنزۇچە« ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ 1987 - يىل 12 - ئاي 30 - سانىدىن)

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 11:16:47

(خەنزۇچە« ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ 1987 - يىل 12 - ئاي 30 - سانىدىن)

   دىمەكچى بۇ دوكتۇر ئىنىقلا روس دوكتۇرىكەن. بىزدىمۇ نۇرغۇن بۇنداق قەغەز يولۋاسلار:@:@:@

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 11:20:47

ناھايتىمۇ ئەھمىيەتلىك تىمىكەن بۇ، دۆلىتىزدىكى ئىشلارنى قانداق بىلىۋالغاندۇ بۇنداق ئەپچىل مازاق قىلغىلى. نادىرلاپ قويسا بولغۇدەك...

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 12:28:56

پەيزى ھىكايە ئىكەن بۇ

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 12:52:36

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 13:15:14

مو بېشى مەھسۇلاتى 2000 كىلوگىرامدىن ئايلىنىپتۇدە. بىزنىڭ يۇرتلاردا قانچىدىن بولۇۋاتقاندۇ. ئۇلاردىن كەم ئەمەستۇ ھە.

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 13:19:07

:funk::funk::funk:

tureli يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 13:29:16

مەكتەپلەردىكى ئاشۇنداق قۇرۇق ھۆججەتلەرنى كۆيدۈرۈپ قالساق ،كۈلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلارمىز؟ بۇ كۈلنى يا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرەر ئىشىغا ئىشلەتكىلى بولمىسا .

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 15:09:58

دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ 90 -يىللىرىدىكى سانىدا مۇشۇنداق پەيزى ھېكايىلەر بولىدىغان

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 15:31:43

بارلىق قۇرۇق رەسمىيەتچىلىكنى كۆيدۈرۈپ ئوغۇتقا ئايلاندۇرۇپتۇ - دە بۇلار

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 15:39:42

نەچچە يىرىدە ئىملا خاتالىقى باركەنغۇ؟ يېزىپ  بولۇپ ئالدىرىمايراق  بىر ئوقۇۋېتىپ يوللىسا بولمامدۇ بۇنى؟:shutup:
(مەنغۇ بۇ مۇنبەر گە بىرەرمۇ تېما يوللاپمۇ باقمىدىم):funk:

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 15:43:19

ناھايىتى قالتىس ھېكايە
بيۇرۇكراتلىقنى سۆكە مۇشۇنداقمۇ سۆكەر ، كۈلۈپ بوپ جىم بوپ قالدىم .

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

yasinjanaks يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 08:03:52

ئوقۇمىغانلار ئارماندا... {:87:}{:87:}{:87:}{:87:}   بىزمۇ مەكتەپتە ھەر قېتىم خەنزۇچە سەۋىە سىناش ئىمتاھانى قاتارلىق بىر قانچە ئىمتاھانلارنىڭ سوئاللىرىنى ئىمتاھان تۈگىشىگىلا ئاچىقىپ كۆيدۈرىمىز....   دېمەك بىز قەغەز كۈلىنى ئىسراپ قلىۋېتىپتىمىز.:lol:lol

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 10:37:05

tumurjan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 15:39 static/image/common/back.gif
نەچچە يىرىدە ئىملا خاتالىقى باركەنغۇ؟ يېزىپ  بولۇپ ئال ...

باشقىلاردىن قۇسۇر ئىزدىمەي ئۆزىمىزدىققەت قىلايلى!
‹‹نەچچە يىرىدە ئىملا››

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 10:38:55

    بىزمۇ رەسمىيەتۋازلىقنىڭ كۈلىنى ئوغۇت قىلىپ «يېشىللىق» بەرپا قىلالايمىزمۇ؟
بەت: [1]
: قەغەز كۈلى