tahlil يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 10:33:01

دوللار تەھلىلى 18/12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tahlil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-18 10:34  

12-ئاينىڭ 17-كۈنى يەنى تۈنۈگۈن يېلۇننىڭ ئامىرىكا فىدىراتسىيىسى ئۈسۈم نىسپىتىنى قارار قىلىش يىغىنىدا كىلەر يىلى 4-ئايدا دوللارنىڭ ئۈسۈم ئۆستۈرلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىش بىلەن تەڭ دوللار 88.14تىن باشلاپ شىددەت بىلەن قاڭقىشىغا تۈرتكە بولۇپ 89.15نوقتىنى ياراتتى. (ھازىرقى باھا 88.98)ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا دوللار 87.50 بىلەن 89.50 ئارىسىدا قاپسىلىپ قالدى، دىيىش تامامەن مۇمكىن. كۆز ئالدىمىزدا دوللارغا نىسپەتەن 89.55-90.00 لىق بېسىم ئورنىغا يېقىندىن دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر بۈسۈۋېتەلىسە دوللارغا نىسپەتەن يەنە چوڭ ئۆسۈش بوشلىقى ھازىرلانغان بولىدۇ. ئەگەر بۈسۈۋېتەلمىسە دوللار يەنە داۋاملىق 89.50 بىلەن 87.50 ئارىسدا تەۋرىنىشى مۇمكىن. ئەگەر ئىقتىسادى ئۇچۇرلار دوللارغا چوڭ پايسىز چىقىپ ئۇلاپلا 87.50تىكى تىرەك ئورنىنى بۇزۇۋېتەلىسە 89.50-90.00 رايۇنىدا كۆرۈلگەن ئۇرۇن بىر مەزگىللىك چۇققا نوقتا بۇلۇپ قېلىش ئىھتىماللىقىنمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. تېخنىكىلىق كۆسەتكۈچلەرگە قارىغاندا MACD كۆرسەتكۈچىدە ئۆستىگە قارتا كىسشىش ھالىتى كۆرۈلسە ئۆسۈش ئىھتىماللىقى چوڭراق بولىدۇ. يەنە ئۇنىڭدىن باشقا بۇنىڭدىن كىيىن ئېلان قىلىنىدىغان ئامىركىنىڭ ئىقتىسادى ئۇچۇرلىرى دوللار ئۆسۈمىنى ئۆستۈرۈش قارارىغا پايدىلىق چىقسا يەنە دوللارنىڭ ئۆسۈشىگە نىسپەتەن ئاكتىپ پىشاڭلىق رولىنى ئوينىشى مۇمكىن.
ئاساسى سودا مەشخۇلاتىدا تۈۋەندىكىدەك مەشخۇلات ئېلىپ بېرىش مۇۋاپىق:
1) 87.70-87.80 ئەتىراپىدىن ئۆسۈشكە كىرىپ، زىياننى 30 نوقتا ئاستىدا كونتىرول قىلىپ، پايدىنى كونىتىرول قىلىش ئورنىنى 88.30-88.50 لەرگە قارىتىش مۇۋاپىق.
2) 89.50-90.00 رايۇنىدىن چۈشۈشكە كىرىپ زىياننى 30 نوقتا ئۈستىدە كونتىرول قىلىپ، پايدىنى كونتىرول قىلىش ئورنىنى 88.50 88.30 ھەتتا 87.50 لەرگە قارىتىش مۇۋاپىق.

tahlil يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 12:53:46

90 رايۇنىدىكى بېسىم داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولغاچقا يىڭى تەھلىل يوللانمىدى.  زىياننى كونتىرول قىلىش ئاساسىدا 90.00-90.10 رايۇنىدا چۈشۈشكە كىرىشنى ئاساس قىلىپ ھوسد قىلىش مۇۋاپىق. زىياننى 90.30 دىن يۇقۇرى ئۇرۇندا كونتىرول قىلىمىز.
بەت: [1]
: دوللار تەھلىلى 18/12