ABC يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 10:32:20

بىزدىكى يەنە بىر ئىسراپچىلىق

ئىسراپخور يانفۇنلارغا قىسقا ئۇچۇر

نۆۋەتتە ، رايونىمىزدىكى چوڭ - كىچىك شەھەرلەرنى دېمەيلى تۇرايلى ، 20__30 ئۆيلۈك ئادەم توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان خىلىۋەت سەھرا ۋە قىشلاقلاردىمۇ مېتالدىن جازىلانغان ئېگىز مۇنارلار قەد كۆتۈرۈپ كەتتى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ، بۇ مۇنارلار نېفىت قۇدۇقىنىڭ بورۋاي مۇنارى ياكى رادىئو - تېلېۋزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ تارقىتىش، ئۇلاپ تارقىتىش مۇنارى بولمسىلا چوقۇم كۆچمە ئالاقە شىركەتلىرىنىڭ سېگنال تارقىتىش ياكى كۈچەيتىش مۇنارلىرىدۇر . بۇنىڭدىن زامانىمىزدىكى كۆچمە ئالاقە ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ مىسلىسىز تەرەققىياتى ، يەنى يانفۇنلىشىش قەدىمىنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز تېز بولۇۋاتقانلىقىنى بىلۋالغىلى بولىدۇ.

« ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى » نىڭ 2005- يىلى 15- مارتتىكى سانىدا جوڭگۇ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ 2004- يىللىق كىرىم ئەھۋالى ئاشكارلانغان بولۇپ ، مەزكۇر خەۋەردە كۆرستىلىشچە ، مەزكۇر شىركەتنىڭ 2004- يىللىق تىجارەت كىرىمى 192 مىليارد 831 مىليۇن يۈەنگە يېتىپ ، ساپ پايدىسى 42 مىليارد 4 مىليون يۈەندىن ئاشقان . ئايلىق سۆزلىشىش ھەققى 100 يۈەندىن ئاشىدىغان ئابونىتلار ئومۇمىي ئابونىت سانىنىڭ 67% نى ئىگىلىگەن . ئەلۋەتتە، بۇ تېخى بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ تاپاۋىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. لېكىن بۇنچىلىك كۆپ پۇلنىڭيانفۇن ئىچىگە كىرىپ كەتكەنلىكىدىن چۆچۈپ كەتكىلى بولمايدۇ، چۈنكى يانفۇن ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرنىڭ تەقەززاسى ، يۇقىرى پەن - تېخنىكىنىڭ مەھسۇلى . ئۇ كىشلەر ئارسىدىكى ئالاقىنى تېزلىتىپ ، جايلارنىڭ ئارىلىقىنى قىسقارتىدۇ. سىمسىز ئالاقە ۋاستىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن سېگنال قاپلىغانلىكى ھەر قانداق جايدا ئۆز ئارا ئالاقىگە كۆپ قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. يانفۇن بۇ ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن كىشلەرگە نۇرغۇن ئىقتسادى ۋە ئىجتىمائي ئۈنۈم يارىتىپ بېرىدۇ . زامانىمىزدا كىشلەرنىڭ نورمال ئالاقە پائالىيەتلىرىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن سودىلا يانفۇن ئارقىلىق پۈتىدۇ، نۇرغۇن ئىجتىمائي ۋە سىياسى مەسىلىلەر يانفۇن ئارقىلىق ھەل قىلىنىۋاتىدۇ.... بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ، كىشلەر يانفۇنغا كۆپ مىننەتدار بولۇشى كېرەك . ئەمما يانفۇن بىر قىسىم كىشلەرنىڭ قوللىرىدا ئىسراپخورلۇقنىڭ ، سۆلەتۋازلىقنىڭ ، ئومۇمنىڭ پۇلىنى بۇزۇپ چېچىشنىڭ ، ھەتتا چىرىكلىكشىشنىڭ ۋاستىسى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ، كىشلەر يانفۇنغا لەنەت ئوقۇشى كېرەك .

رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ، دېھقانلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئوتتۇرىچە مۇئاش سەۋىيسىىدىن ۋە يىللىق كىرىمىدىن قارىغاندا ، يۇقىرىدا قەيىت قىلىنغان خەۋەردىكى ئايلىق سۆزلىشىش ھەققى 100 يۈەندىن ئاشىدىغان %67 ئابونىتنىڭ ئىچىگە ئۇلارنىڭ كىرەلەيدىغانلىرى ھەرگىز كۆپ ئەمەس . شۇنداق دېيشىكە بولىدۇكى ، بۇ تۈركۈم ئىچىگە كىرەلەيدىغانلار سودا ساھەسدىكى ئېيىغا نەچچە 10 مىڭ يۈەنلەپ سودا قىلالايدىغان خوجايىنلار ، داڭلىق ، كۈچلۈك شىركەتلەردىكى خادىملار ، يۇقىرى مۇئاشلىقلار ۋە ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىغا يانفۇن سېتىۋېلىپ ، يەنە شۇ ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىغا سۆزلىشىدىغانلاردۇر.

ھۆكۈمەت پۇلىغا سايرايدىغان تېلېفۇنلارنىڭ ھەممىسى ئومۇم ئۈچۈن ، خەلىق مەنپەئىتى ئۈچۈن سايرىسا ، بۇ ئارقىلىق ئاممىنىڭ قىيىن، قىزىق نۇقتا مەسلىلىرى تېز ھەل بولسا، ئەرزىيەت ئىشلىرى قولايلاشسا ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقى يانفۇن ئىشلىتىشىتىمۇ بىر گەۋدىلىنىپ باقسا ، كىشلەر يانفۇندىن تېخىمۇ مىننەتدار بولاتتى. مەن ناھىيمىزنى ئارىلاپ مۇخبىرلىق قىلىش جەريانىدا ئۆز ئىگىسىدىكى سۆلەتۋازلىق ، ئىسراپچلىق خاھىشىنىڭ قۇلى بولۇپ كېتىۋاتقان يانفۇنلارنى كۆپ كۆردۈم . يانفۇندا ناخشا تەلەپ قىلىپ ئاڭلاۋاتقانلارنى ، قوشنا ئىشخانىدىكى ئادەمنى چاقىرىش ئۈچۈن توۋلاپ قويۇشقا ياكى كېرسلوسىمان ئورۇندۇقىدىن قوپۇشقا ئېرىنچەكلىك قىلىپ يانفۇنىنى بېسىۋاتقانلارنى ، ئۆز ئارا بىمەنە ئۇچۇر يوللىشىپ كۆڭۈل ئېچىۋاتقانلارنى ، قېرى خوتۇننىڭ پايتىمىسىدەك ئۇزۇن ۋە بىمەنە سۆز - چاقچاقلىرىنى ئەزمىسىنى ئېزىپ تۇرۇپ يانفۇندا قارشى تەرەپكە سۆزلەۋاتقانلارنى ، يانفۇن بىلەن بىر- بىرىنى سۈرەتكە تارتىشىپ ، سۈرەتنى يەنە بىر - بىرىگە يوللىشىپ يايراۋاتقانلارنى كۆرگىنىمدە ، مېنىڭ مۇشۇنداق قىلىۋاتقانلارغا : «ناۋادا سۆزلىشىش ۋە باشقا تۈرلەر ئۈچۈن كېتىدىغان ھەقلەر قوينۇڭلاردىن چىقىدىغان بولسا مۇشۇنداق قىلالامسسىلەر ؟» دېگۈم كېلىدۇ. كىشىنى تېخىمۇ ئەپسۇسلاندۇردىغىنى شۇكى ، بىر قىسىم ھۆكۈمەت پۇلىغا ھەق ئۆلچىمىسىز يانفۇن ئۇرۇدىغانلار ئاۋارچىلقتىن قورقامدۇ ياكى يانفۇنغا توك قاچىلاشقا ئېرىنەمدۇ ئىشقىلىپ ئۆز يانفۇن نومۇرىنىڭ پۇقرالارغا ئاشكارىلىنىپ قېلىنىشنى پەقەتلا خالىمايدىكەن . خەلىق ئېلىپ بەرگەن ، ھەققىنى يەنە خەلىق تۆلەپ بېرىدىغان ، لېكىن خەلىق ئۈچۈن سايرىمايدىغان ، شەخسىي مەنپەئەتكە كەلگەندە شاتۇتتەك بولۇپ كېتىدىغان بۇنداق تۇزكور يانفۇنلاردىن خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىگە نەپ تەگىكىنى بىلەن ئاممىغا زادى قانچىلىك نەپ يېتىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.

ھالبۇكى ، زامانىمىزدىكى بىر قىسىم خەلىق چاكارلىرى يانفۇندىن ئىبارەت بۇ زامانىۋىي ئالاقە قورالىنى ئاممىنىڭ نازارىتىنى قۇبۇل قىلىش، خەلىق ئىچىدىكى قىيىن ، قىزىق نۇقتا مەسلىلىرىنى ئىگىلەپ ھەل قىلىش، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قۇيۇقلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاستە قىلىپ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەم خەلىق ئارسىدا ئاجايىپ ياخشى ئوبراز تىكلىگەن . مەسىلەن : مەركىزىي تېلېۋزىيە ئىستانسىنىڭ ئاخبارات مەخسۇس قانىلىنىڭ مەمىلكەتلىك ئىككى يىغىن ۋاقتىدا ئالاھىدە تەسىس قىلغان سۆھبەت پىروگىراممىسنىڭ مەلۇم بىر سانىدا ، مەمىلىكەتلىك خەلىق قۇرۇلىتىنىڭ ۋەكىلى ، خېلوڭجىياڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق ۋۇچاڭ شەھىرىنىڭ پارتكوم شۇجىسى شىياۋ جىيەنچۈن تونۇشتۇرۇلدى. شىياۋ شۇجىنىڭ دېيىشچە ، ئۇ ئۆزىنىڭ يانفۇن نومۇرىنى پۈتۈن شەھەر خەلقىگە ئاشكارلىۋەتكەن بولۇپ ( ئۇ پىروگىرامما رىياسەتچىسى بولغان سۆھبەت داۋامىدىمۇ يانفۇن نومۇرىنى يەنە بىر قېتىم دېدى ) ، ئۇنىڭ تېلېفۇنى ئاۋام خەلىق ئۈچۈن 24 سائەت مۇلازىمەت قىلىدىكەن . ئۇنىڭ كۈندە قۇبۇل قىلدىغان پۇقرالاردىن كېلىدىغان تېلېفۇن قېتىم سانى كۆپ بولغاندا 100 دىن ئارتۇق ، ئاز بولغاندا 30 دىن 60 قىچە بولىدىكەن . بۇنىڭ ئىچىدە بەزىلەر ئەرىز شىكايەتلىرىنى بايان قىلدىكەن . بەزىلەر بىر كىملەرنىڭ ئىنتىزامسىزلىق ، قانۇنسىزلىق قىلمىشلىرىنى پاش قىلدىكەن ، يەنە بەزىلەر شىياۋ شۇجىدىن ئەھۋال سوراپ ياكى ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ بېقىش ئۈچۈنمۇ ئۇرىدىكەن . شىياۋ شۇجى بولسا ھەر بىر تېلېفۇنغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلدىكەن ، ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈشكە دەرھال ئادەم ئورۇنلاشتۇرىدىكەن . ھازىرغىچە ئىنتىزامسىزلىق ياكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان 30 دىن ئارتۇق كەنت كادىرى ئاممىنىڭ تېلېفۇن ئارقىلىق پاش قىلىشى بىلەن تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنىپتۇ . خەلىق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا يانفۇندىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان بۇ شۇجىنى ھازىر شەھەر ئاھالىلىرى « ئەرزىيەت شۇجىسى » دەپ تەرىپلەيدىكەن . ئۇ يەنە ئېچىۋېتىلگەن ھۆكۈمەت قۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلىپ ، شەھەرلىك پارتكوم ، خەلىق قۇرۇلتىيى ، ھۆكۈمەت ، سىياسى كېڭەش جايلاشقان بىنا ئەتراپىغا قورشاۋ تام سالدۇرماي، خەلىق ھۆكۈمىتىنى خەلىققە كەڭ ئېچىۋېتىپ ، پۈتۈن شەھەر خەلقىنىڭ قەلبىدە يۇقىرى ئوبراز تىكلىگەن ئىكەن .

ھازىر يانفۇن ھېچكىم ئۈچۈن يېڭىلىق ئەمەس، ئۇ ھازىر ئەسكى - تۈسكى يىغىدىغانلاردىمۇ بار. شۇڭا كىشلەر يانفۇنى بارلارنى ئەمەس ، بەلكى يانفۇنى ئارقىلىق ئۆزىگە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىغانلارنى ، يانفۇنىنى خەلىق مەنپەئىتى ئۈچۈن سايرىتالايدىغانلارنى ، يەنى يانفۇن ھەققىگە تۇشلۇق ئەمەلىي ئىش قىلالايدىغانلارنى ھۆرمەتلەيدۇ.

« كىروران » ژورنىلىدىن ئېلىنغان .
ئەسكەرتىش:

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 15:33:38

ماۋۇ ئىسراپچىلىققا زادى ئەھمىيەت بەرمەي بولمايدۇ

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 16:06:16

شۇ شۇ ، يانفۇن پۇلۇم يۈز يۈەندىن ئېشىپ كىتىۋتىدۇ ، تىلىگىرافنىڭ يېڭى تاۋسەنلىرىگە ئۆزگەرتىپ بىرىڭلار دىسەك ئۇنىمايۋاتىدۇ ، پات- پات قالايىمىقان ھەق تۇتىدىغان ئىشلار باركەن ، ئەرز قىلسا ئەرزمۇ ئاقمايدىكەن ، زادى قانداق قىلماق كېرەك زادى ....

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 16:09:00

بىر جۈپ ئەر ئايال ئاجرىشىش ئۈچۈن سوتقا بىرىپتۇ. سودىيە ئەردىن سوراپتۇ
- بىر ئايدا قانچىلىك تاماكا چىكىسەن؟
-100كويلۇق.
-بىر ئايدا قانچىلىك تىلپونپۇلى تۆلەيسەن؟-
-150يۈەن ئەتراپىداا-
-ئەمسە بالاڭغا بىر ئايدا 150كوي رسخۇت بېرەلەمسەن؟-
ياق ،بېرەلمەيمەن، بالىنى ئۆزەم باقىمەن .
سوتنىڭ جۇدىنى تۇتۇپ
-2ياشقا توشمىغان ئىمىۋاتقان بالىنى قانداق باقىسەن. ئىمىتىدىغان بىر نىمەڭ بارمىتى يە-.............. دەپ سوتتىن ھەيدەپ چىقىپتۇ.
بۇ ئەر يەنە بولدى قىلماي « پالانچى سوتچى «ئىمىتىدىغان بىرنىمەڭ بارمۇ»دەپئەرلىك غۇرۇرۇمغا تىگىدىغان گەپنى قىلىپ، مىنى ھاقارەتلىدى»دەپ نۇرغۇن يەرگە تىلپون قىلىپ، ئۇ ئاچچىقى يامان سوتچىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىۋەتكىلى تاس قاپتۇ.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 16:14:21

كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ شىياڭگاڭدىكى يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭلار.

bityon3 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 00:40:39

سىرتقاچىققانداتىلفۇنتۇلاتۇختاپ قىلىپ مەنمۇ تىلگىرافقا يۈتكىۋالدىم كۈچمىدىن .
بەت: [1]
: بىزدىكى يەنە بىر ئىسراپچىلىق