NURI24 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 10:15:31

18-دىكابىردىكى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى


18-دىكابىر ئاسىيا بازىرى خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1198 دوللار ئەتراپىدا، تۈنۆگۈن ئامرىكا فىدراتىسيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ ئۆسۈم قارارى ئېلان قىلىنىشى ۋە يىغىن قارارىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئالتۇن ئاۋال چوڭ ئۆسۈپ 1201 دوللارغا چىقتى، ئاندىن يەنە تېز سۈرئەتتە چۈشۈپ 1183 دوللار ئەتراپىغا كىلىپ يەنە قايتىدىن ئۆستى. تۈنۆگۈن كەچتە ئامرىكا فىدراتىسىيە زاپاس پۇل كومىتىتى بۈركۈت تەرەپكە مايىل بۇلىدىغانلىقىنى ئاشكارلىدى بۇنىڭ بىلەن ئالتۇن 1190 دوللارلىق مۇھىم ئۆتكەلنى بۇزۇپ چۈشتى. يېللىن پۇل سىياسىتى توغرىسىدا سۆزلەپ بولغاندىن كىيىن ئاخپارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا كەلگۈسى ئىككى قېتىملىق يىغىندا نورمال پۇل سىياسىتىنى يولغا قۇيۇش مومكىنچىلىقىنىڭ يوقلىنى بىلدۈردى، شۇڭلاشقا بازار ئامرىكا فىدراتىسيە زاپاس پۇل كومىتىتىنى كىلەر يىلى 4-ئايدا ئۆسۈم قوشۇشى مومكىن دەپ تەھلىل قىلدى.
بۈگۈن ئېلان قىلىنىدىغان ئۇچۇرلار بىر قەدەر ئاز، مەبلەق سالغۇچىلار ئىشسىزلىق فوندىنى ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ سانىغا دىققەت قىلسا بۇلىدۇ.



ئىقتىساد ئۈندىدار سالونىمىز قايتىدىن ئېچىلدى، سىزنى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى، ھەرخىل ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
  ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad  

تۈنۆگۈنكى تەھلىلنى چوڭ يازغانلىقىم ئۈچۈن بىز  ئالىدىغان يەرگە كەلمىدى.
بۈگۈنكى تەھلىل
1207 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە، زىيان 1212، نىشان 1202~1197
1180 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە، زىيان 1175،نىشان 1185~1190
1225 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە، زىيان 1230، نىشان 1220~1215
1160 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە، زىيان 1155،نىشان 1165~1170
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى  238   يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.20  يۈەن
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .

سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
بەت: [1]
: 18-دىكابىردىكى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى