gulmeryem يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 09:06:16

جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلار ئىسرائىلىيەگە مەبلەغ سالماقتا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulmeryem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-18 09:10  

جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلار ئىسرائىلىيەگە مەبلەغ سالماقتا
ئەرقال تاراتقۇسى تەييارلىدى
مەنبە : تېڭشۈن تورى | يوللىغان ۋاقىت : 18-12-2014
جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ يەر شارى مىقياسىدىكى پەن-تېخنىكا كەسىپلىرىگە سالغان مەبلىغىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىسرائىلىيەدىكى پەن-تېخنىكا تىپىدىكى شىركەتلەرمۇ كۈنسېرى جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ نەزىرىگە ئېلىنماقتا. شۇ سەۋەبتىن، جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلار يېقىندىن بۇيان بەس-بەستە ئىسرائىلىيەنىڭ پەن-تېخنىكا كەسىپلىرىگە مەبلەغ سالماقتا. جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن، ئىسرائىلىيە بىر قەدەر ناتونۇش ھېسابلانسىمۇ، ئەمما جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلار ئىسرائىلىيەنىڭ تېل ئاۋىۋ (特拉维夫) شەھىرىدىكى پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.
ئىسرائىلىيە كەسىپ تەتقىقات مەركىزى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئاۋى لۇۋتون (Avi Luvton) نىڭ ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەت تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللايدىغان تۈرلەرنىڭ سانىدىن قارىغاندا، كەلگۈسى ئىككى يىلدا جۇڭگو ئامېرىكىدىن ئېشىپ ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شېرىكىگە ئايلىنىدىكەن. ئىسرائىلىيە دۆلەت ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2014-يىلى جۇڭگو شىركەتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە شىركەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودا سوممىسى 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 2013-يىلىدىكى 50 مىليون دوللاردىن زور مىقداردا ئاشقان.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل 9-ئايدا ئامېرىكىدا پېيىنى بازارغا سېلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئالى بابا يېقىن كەلگۈسىدە ئىسرائىلىيە بازىرىغا قاراپ تەرەققىي قىلماقچى ئىكەن.

ئانا تىلىمىزدىكى ئەڭ كەسپىي ئىقتىسادىي ئۇچۇر تورى _ ئەرقال تاراتقۇسى: www.erqal.com
ئاندىروئىد ۋە ئايفون ئەپلىرىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كود ئارقىلىق چۈشۈرەلەيسىز(ئاندىروئىد 1.3MB، ئايفون 5.3MB):

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 10:11:54

مەبلەغنىڭ سىرتقا ئىقىشى دېگەن گەپمۇ بۇ

fatihdin يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 10:25:06

ئاڭلىشىمچە ئەگەر بىر كىشى مەلۇم ئورۇنغا بىر يۈئەن مەبلەغ سالسا شۇئورۇنغا (مەسلەن 6 خىل كەسىپ بولسا)  6 يۈئەنلىك ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقىلى بۇلىدىكەن

ARGINA يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 10:30:51

     بۇ مەبلەغ سىرىتقا چىققان بىلەن تېخنىكىغا ئايلىنىپ قايتىپ كىلەمىكىن . تېخى بۇلا ئەمەس كەينىبا ئىشلابۇ ...
دۆلىتىمىز يەنە نىمە چوتلانى سوقىۋاتىدۇ .. دۆلەتكە پايدىسى جىق مېنىڭچە

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 10:51:09

ئويان تاماششا قىززىۋاتىدۇ . داۋاملىق … .

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 11:51:26

Heqqaniyet يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 15:53:57

نورمال ئەھۋالدا مەبلەغنى نەگە سالسا شۇ يەرنىڭ ئادەملىرى پايدىنى ئالىدۇ دىگەن گەپ. ئىسرائىلىيەگە بېرىپ ياشايدىغان كۈنلەر كېلىۋاتقان ئوخشايدۇ.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 16:07:26

شىنجاڭغا شۇنچە كۆپ مەبلەغ سىلىۋاتىدۇ ، شىنجاڭدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ پايدىغا ئىرىشكىنىنى ھىس قىلدىڭىزمۇ ……

Heqqaniyet يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 16:15:40

نورمال ئەھۋالدا دىگەن گەپنى ئوقۇغانسىز گېپىمنىڭ بېشىدىكى.
شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىپ سىلە ياخشى كۈن كۆرەلمىگەن بولساڭلار ئۇنى مەن ئۇخمايمەن دەڭلا. ئەمما ئاشۇ مەبلەغ سېلىنغان شېركەت كارخانىدا ئىشلەيدىغانلار ياخشى كۈن كۆرۈشكە باشلايدۇ.

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 16:17:27

شەخسىلەنىڭ سالغان مەبلىغى بولسا قانداكىن، ماۋۇ جۇڭگو نېفىتى دېگەندەك چوڭ گوروھلارنىڭ مەبلىغى ئاساسەن كۈي بېر دەپ، يېمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى جۇڭگولۇقلا تۆلەۋاتمامدا. يامان ئاغزىمنى بۇزۇۋەتكۈم كىپ كەتتى.

farux يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 19:42:17

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 11:51 static/image/common/back.gif
جۇڭگو دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ .
ئۇلۇغ  ...

ئەلۋەتتە
بەت: [1]
: جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلار ئىسرائىلىيەگە مەبلەغ سالماقتا