bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 09:06:03

بەگ ئالىپ : مۇز كوچا (ھېكايە)

                                                                                   مۇز كوچا  

                                                                                 (ھېكايە)               

                                                            مۇھەممەتتۇرسۇن ئابلېكىم(بەگ ئالىپ )
                                                                                   

    كۇنۇپكا تاختىسىدىكى مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان « ر » ھەرىپى تىرىڭڭىدە سەكرەپ چىقىپ ئېكران يۇرىقىدا غۇۋا پارقىراپ تۇرغان ئۈستەلدە دۈم يېتىپ قالدى. كېچىدىن بېرى كۇنۇپكا تاختىسى ئۈستىدە ئەسەببىيلىك بىلەن تىنىماي  يورغىلاۋاتقان بارماقلىرىممۇ  شىپپىدە توختىدى .كاردىن چىققان «ر»ھەرىپى   يىمىرىلمەس توغانغادەك ، ئۇنىڭغا باغلانغان   قىيان كەبى  ھېسلىرىمنى  قاينام بولۇپ چۆرگىلەشكە مەجبۇر قىلدى.
بارماقلىرىم ھەركەتتىن توختاش بىلەن  تەڭ ،ئېكرانغا بۇتتەك قادىلىپ قالغان كۆز قارچۇقۇم ھەم خىيالىم  كۇنۇپكا تاختىسىدىكى كەمتۈك ئورۇنغا  ئاغدى.
سول كۆرسەتكۈچ  بارمىقىم سىكۇنىتتا بىر چېكىدىغان « ر » ھەرىپنىڭ   ئاندا ساندا چېكىلىپ تۇرىدىغان باشقا ھەرىپلەرگە  قارىغاندا بالدۇر كاردىن چىقىشى  تەبىي ھادىسە  بولسىمۇ  ،ئەمما ئىسمنىڭ بېشى  «ر» بىلەن باشلىنىدىغان___ ئۇنىڭغا باغلانغان تەپەككۇرىمغا نىسبەتەن ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئىش ئەمەس ئىدى.نىمە ئۈچۈن باشقا 25 ھەرىپ كاردىن چىقماي «ر» ھەرىپلا كاردىن چىقىدۇ... ھېچ قانداق ھېسىىسي تەپەككۇرى بولمىغان  كۇنۇپكا تاختىسى ئۆزنىڭ مۇشۇ «ر» ھەرىپى سەۋەبىدىنلا نەچچە يىلدىن بۇيان تىنىم تاپماي دېگۈدەك ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلىۋالغانمىدۇ...  كۇنۇپكا تاختىسى «ر» دىن ئىبارەت بېشىغا كەلگەن جاپالارنىڭ سەۋەپچىسدىن ۋاز كېچش ئارقىلىق   ئىش تاشلىماقچىمۇ يا! ئەلۋەتتە، مۇشۇ بىر تاللا ھەرىپنىڭ يۇقۇلىشى  كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ  مەۋھۇم دۇنيادىكى بارچە مەنىسىنى  يۇقۇتۇپ ئۇنى  قىممىتى يوق نەرسىگە  ئايلاندۇرۇپ قۇياتتى .
بىكار قالغان  بارماقلىرىم كۆنگەن خۇيى بويىچە تارتمىدىن نان پارچىسى ئىزدەشكە باشلىدى، لېكىن قولۇمغا  ھېچ نىمە چىقىمىدى . دېمەك ،ئالدىنقى ھەپتە ئەكىرىۋالغان بىر پاچە نان تۈگەپ كەتكەن ئىدى.قورسۇقۇم ئاچمىسىمۇ   ئاچلىقتىن ئۆلمەسلىك ئۈچۈن بىرنەرسە يېيىش كېرەك . قېتىپ كەتكەن گەۋدەمنى تەستە ھەركەتكە كەلتۈرۈپ ئورنىمدىن تۇردۇم. تېرمومېتىر سىرتىنىڭ تېمپىراتۇرىسىنى  مىنوس 10 گىرادۇس دەپ كۆرسىتىپ تۇراتتى  . قارشى تەرەپتىكى قىزلار ياتاق بىناسىنىڭ دەرىزە تەكچىسىدە قېلىن قار تۇرۇدۇ،  لېكىن  مۇشۇ ھەپتىنىڭ قايسى كۈنى ياغقىننى ماڭا نامەلۇم ... قانداقلا بولمىسۇن نان ئەكىرىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىش كېرەك ئىدى.  بەش قات ئىسسىق ساقلاش كىيمنىڭ ئۈستىگە قېلىن چاپىنىمنى ۋە پاختىلىق ئىشتىنىمى كىيدىم. تۆت  قات يۇڭ پايپاق ئۈستىگە  تىۋىت بىلەن قاپلانغان ئايىغىمنى  ساپتىم. بېشىمغا  قېلىن پوسمىدىن نەچچىنى  قاتمۇ -قات  كىيپ، ئۈستىدىن قېلىن شارپىلار بىلەن يۈزۈمنى  قوشۇپ ئورۇدۇم.ئاخىرىدا كۆزۈمنىڭ  توڭۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن سۇ ،ھاۋا ئۆتكۈزمەيدىغان كۆز ئەينەكنى تاقىۋالدىم. بىنانىڭ ئىشىكىدىن چىقىشىمغىلا  مۇزلاشقا باشلىدىم.  ۋىجىك ئۇستىخانلىرىمغا تىترەك ئولىشىپ، قۇۋۇرغىللىرىم بىر -بىرىگە  كىرىشىپ قالدى.
    مەكتەپ ھويلىسىدا سانسىزلىغان بىرجۈپلەر قار ئېتىش ئويناۋاتاتتى .ئۇلار شۇنچىلىك ئەسسەبىي ئىدىكى ، بەزى ئوغۇللار  ئىچ كىيىم بىلەنلا گەۋدسىنى قار ئاستىغا كۆمۈپ يېتىشاتتى، قىزلار  يىگىتىنىڭ باتۇرلىقىنى كۆز -كۆز قىلماقچى بولغاندەك بۆرىگە ئوخشاش ھۇۋلايتتى.
       رېئال ئۆتمۈشمدە ھەم  خىيالىي كەلگۈسىمدە ھېچ كىم بىلەن قار ئېتىشپ ئويناپ باقمىغان ئىدىم .بۇ يەردىكى ئەرۋاھقا ئوخشاش قۇرۇق  مەۋجۇتلىقىمغىمۇ  ھېچكىم قار ئېتىپ باقمىدى.بۇ نەس باسقۇر جايغا كەلگەن تۇنجى يىلىدىكى  قىشتا  توختىماي دېگۈدەك قار  ياغدى. قار تازلايمىز دەپ سىنىپقا كىرەلمىگەچكە يېڭى كەلگەنلەر  ئالىي مەكتەپ دېگەن قار تازلاش، تازلىق قىلىش ۋە يىغىن ئېچىش بىلەنلا شۇغىللىنىدىغان يەر ئوخشايدۇ دەپ قېلىشقان ئىدى.كونا ئوقۇغۇچىلار بىزگە ئىچ ئاغرىدىمۇ قولتۇقىغا قىستۇرىۋالغان قىز دوستىنى ئىما قىلىپ  :
- چىدىۋېتىڭلار بايقۇشلار، باھار كەلگەن ئالىي مەكتەپنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى كۆرىشكە مۇۋەپپىق بولىسىلەر،-دېيىشەتتى.
     توپا -شېغىل يېيىتىلغان مەيداننىڭ بىر  تەرىپىنى تازلاپ بولغۇچە باياتىنىلا تازلاپ قويۇلغان تەرىپى بىردەمدىلا قېلىن قار بىلەن كۈمۈلۈپ قالاتتى . ئوغۇللار باتۇرلىقىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن قارنى كۈچەپ كۈرەيتتى. ئۆزىنى چىرايلىق دەپ قارىغان قىزلار بىر يەرگە توپلىشىىپ بار جېنى بىلەن قار تازلاۋاتقانلارغا كۆز قىرىدا ماراپ قويغاچ  كىيگەن،يېگەنلىرىنى سۆزلىشەتتى . چىرايى ئادەتتىكىدەك  قىزلار ھېرىپ تەرلەپ كەتكەن ئوغۇللارنىڭ قولىدىن گۈر
جەكنى تارتىپ ئېلىپ ئاز تولا ئىشلەپ قۇياتتى.  بۇ ھال بىر ھەپتىلا داۋاملاشتى. چىرايلىق قىزلار مەيدانغا چىقمىغان كۈندىن تارتىپ قار تازلاشقا چىقىدىغان ئوغۇللارمۇ تېز ئازايدى.ئاخىرى  مەيداندا  ئالدىنقى قېتىملىق سايلامدا تازلىق باشلىقى بولالمىغان سەھرا چىراي   پاكار بالا بىلەن مەنلا قالدىم . ئۇ بالا  قولىدىكى ئىشنىمۇ توختاتماستىن  يوقلىما قىلغىلى چىققان  سىنىپ باشلىقىغا  :
- مەن ئەمگەككە ھەر كۈنى قاتنىشىۋاتىمەن ،كېلەر قېتىمقى سايلامدا مەن ئۈچۈن گەپ قىلىپ قويمىساڭ خاپا بولىمەن،- دەيتتى.
  سىنىپ باشلىقى ئۇنىڭ قارغا كۆمۈلۈپ كەتكەن قۇلاقچىسىنى ياسالماس دوستانىلىك بىلەن قېقىپ قۇيۇپ:
- سەندەك خىزمەتنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدىغانلارنى  چۇقۇم تازلىق باشلىقى  قىلىپ سايلاش كېرەك ،- دەپ قۇيۇپ ئۇخلىغىلى كىرىپ كېتەتتى.
بىر كۈنى  قار كۈرەۋاتسام سىنىپ باشلىقى ئېغىز ئاچتى:
-ساڭا نىمە قىلىپ بېرەي، مۇئاۋىنىم بولامسەن...
-خىياللىرىمنى بۇزما ،- دېدىم مەن.
قېلىن قار ئاستىدىكى  بوش تۇپراقىنى قار بىلەن قۇشۇپ   ھەمرايىمنىڭ ھارۋىسىغا تاشلايتتىم.
- ئۇ ئالدىراشچىلىقنىڭ دەستىدە كۆزىنى ئېچىشتۇرىۋاتقان مەينەت تەرنىمۇ سۈرىتىشكە ئۈلگۈرمىسىمۇ ماڭا بۇيرۇق سۇقاتتى:
-ھارۋا شۇنچە پاكار تۇرسا ، قارنى ئاسمان پەلەك ئاتساڭ كۈچۈڭ  بىكارغا  خورايدۇ،گۈرجەكتىكى قارمۇ يەرگە چېچىلىپ كېتدۇ،شۇڭا گۈرجەكنى ئېگىز چۆرۈشنى قۇيۇپ، سۈرىتىڭنى تىزراق قىل.
ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرى ئېغىزىدىلا قالاتتى.
-ھىم، گېپىمنى ئاڭلىمايسەن شۇنداقمۇ؟!-دەپ ھەيۋە قىلاتتى ئۇ،- كېلەر مەۋسۇم سېنى ئەڭ ئېغىر ۋەزىپىگە قۇيۇپ قويمايدىغان بولسام.
مەن قارنى توپا بىلەن قۇشۇپ ئاسمان پەلەك تۇزىتاتتىم.مۇشۇنداق  داۋاملارشتۇرغانسىرىم ئىسمى «ر» بىلەن باشلانغان___ئۇنىڭ  توپا ئارلاش قار توزانلىرى ئارىسىدىن بىر پىيالە سۇنى ئېلىپ ئالدىمغا  چىقىدىغانلىقىغا شۇنچە  ئىشىنەچىم ئاشاتتى  . «ر»نىڭ  قايتىپ بارغىلى بولمايدىغان ئۆتمۈشۈمگە ئايلىنىپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش مەن ئۈچۈن  بۇجاھانغا قايتىدىن تۆرىلىش بىلەن ئوخشاش قورقۇنۇچلۇق ئىدى  .  ئۆتمۈشۈمدىكى «ر» نىڭ  مۇشۇ دەمدىكى   قار توزانلىرى  ئارىسىدىن پىيالىدە سۇ كۆتۈرۈپ  چىقىشىنى  كۈتۈشلا ماڭا ئۈمۈد ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلالايتتى .شۇڭا ئاشۇ ئۈمۈد بىلەن  توختىماي قار كۈرەيتتىم . بۇ سەۋدايىلەرچە ئۈمۈدنىڭ ئىشقا ئېشىشى  ياكى   مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلىشىشى مەڭگۈ يەتكىلى بولمايدىغان چەكسىزلىك ئىچىدە بولغاچقا، ئۈمۈدىممۇ چەكسىز ھالەتتە داۋاملىشىۋېرەتتى.مۇشۇ چەكسىزلىك  بولسىلا مەن مەڭگۈ ئۈمۈدۋار ھالەتتە ياشىيالايتتىم.شۇڭا مۇشۇ ئغمغدنى دەپ   قىشلىق تەتىلدىمۇ بۇ مەكتەپتىن  ئايرىلماي قار كۈرىدىم .
  ھاۋا ئىللىپ قار توختىغان كۈنى سىنىپتا سايلام ئېلىپ بېرىلدى.  قىشلىق تەتىلدە مەن بىلەن  قار تازلاشقا قېلىپ «سېنى ئەڭ ئېغىر ۋەزىپىگە قۇيىمەن »دېگەن پاكار بالىغا مەندىن باشقا ھېچ كىم بېلەت تاشلىمىدى. ئۇ ھارۋا سۆرەپ تېشىلىپ كەتكەن ئالقانلىرى بىلەن سۇغۇقتا ئۈششۈپ كەتكەن پۇتلىرىنى كۆزى كور ساۋاقداشلىرىغا كۆرسىتىپ ئەسەبىيلىك بىلەن سۆزلەيتتى. سىنىپتىكىلەر ئۇنىڭ زارىغا  قۇلاق سالمىغاندىن كېيىن ئاخىرقى كوزۇرى بولغان سىنىپ باشلىقىنى ئارىغا سالماقچى بولدى.
لېكىن  تازلىق ھەيىتى بولغان ياسانچۇقىنىڭ  سىنىپ باشلىقى بىلەن قۇشۇپ سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ھەمىسىنى دېگۈدەك  مېھمان قىلىپ بولغىنىدىن خەۋەرسىز ئىدى.
شۇنىدىن كېيىن ئۇ تۈگۈشۈپلا كەتتى.
     ئۇنىڭ كىچىككىنە ئەمەلگە  سەۋدايىلارچە  ئىنتىلىشى مېنىڭ تەپەككۇرىمدا مۇكەممەل بولغان بىر ھېكايىنى پەيدا قىلدى:
.....  ئۇنىڭ نەزىرىدىكى  كۈچلۈك ،نۇقسانسىز  دادىسىغا  مەھەلىنىڭ ئون بېشى   يوقۇلاڭ بىر ئىشلارنى دەپ قاتتىق ھاقارەت قىلدى..ئۇنىڭ دادىسىغا چوقۇنىدىغان ،چوڭ بولغاندا دادىسدەك ھالال ياشايدىغان ئادەم بولۇشنى ئويلايدىغان   مەسۇم يۈرىكى چۇل -چۇل بولدى...ئەمەلدار بولسا ھەممىگە ھۆكىمىرانلىق قىلغىلى بولىدىكەن دېگەن ئىدىيە ئۇنىڭ ساپ يۈرىكىدە ئەپيۈنگۈلدەك بىخلاشقا باشلىدى...
.......
   قىشتا ماڭا ھەمراھ بولغانلىقىنى ئويلاپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلماقچى بولدۇم:
-بىلەمسەن،-دېدىم مەن،- ئۇلار سېنى   تېخىمۇ  ئەمگەكتە تېخىمۇ مۇكەممەل بولسۇن دەپ، تازلىق باشلىقلىقىغا  قويمىدى.
-ئۇنداقتا ھېلىقى ياسانچۇق ئەبلەخ  مەندىنمۇ بەكرەك پىشقان ئىكەندە،-دېدى ئۇ قوللىرىدىكى قاداقنى كۆرسۈتۈپ .
- بىلىشىڭ كېرەك ، ئۇلار پەقەت نامدىلا باشلىق.سىنىپتا ھېچكىمدە باشقىلارغا باشلىق  بولغۇدەك ئىقتىدار يوق، ئۇلار ھەتتا ئۆزىگىمۇ ئىگە بۇلالمايدۇ.  سەندەك بىر مۇكەممەلىككە ئىنتىلىدىغان  ئادەم ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمىغان ئىشنى قىلساڭ ئارتۇق كېتىسەن.
-ئۇنداقتا مەن مۇكەممەل بولغاندا ئاندىن ھەقىقىي باشلىق بولايدىكەنمەندە.
- شۇنداق دېسەكمۇ بۇلىدۇ.
  ئۇنىڭ مۇكەممەللىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى،مېنىڭ ئۆتمۈشتىكى «ر»نى ساقلاۋاتقىنىمغا ئوخشاش چەكسىزلىككە ئىگە بىر ئۈمۈد ئىدى. مەن ئۇنى دەل  مۇشۇ مەڭگۈ يەتكىلى بولمايدىغان ئۈمۈد بىلەن  قۇتقۇزىۋالماقچى ئىدىم.
ھالبۇكى بۇ ئەبلەخنىڭ روھى  سەھرانىڭ ھايۋان تېزىكى  پۇراپ تۇرىدىغان تۇپرىقىغا ئوخشاش پاكىز ھەم ساددا ئىدى. ئۇ    دېھقان ئەجداتلىرى بىرمو ئېتىزنى بارلىقى بىلىپ ئىشەكتەك ئىشلەپ  باي بولۇش  چۈشىنى كۆرگەنگە  ئوخشاش،  كاللىسىنى ئازراقمۇ ئىشلەتمەستىن تىنماي ئىشلەشكە باشلىدى.سىنىپنىڭ پۈتۈن تازلىقى دېگۈدەك ئۇنىڭ ئىدى. بارا -بارا مەكتەپمۇ ئۇنىڭغا كىچىك كېلىپ قالدى.بىر يىلدىن كېيىنىكى سايلامدا ئۇ يەنىلا ئارزۇيىغا يېتەلمىدى.
مەن ئۇنىڭ   ئورۇندۇق پارتىلارنى ئەسەببىيلىك بىلەن ۋەيران قىلىۋاتقان ھالىتىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈگەن ئىدىم.لېكىن ئۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك جىمىپ قالدى. خۇددى ئالىي مەكتەپكە يېڭى كەلگەندە  ياغلىق ئوراپ ،كەچلىرى ياتاقنىڭ سىرتىغا چىقمايدىغان قىزلار ،بىر يىل ئۆتۈپلا چاچلىرىنى رەڭلىك بوياپ گىرمنى بولىشىغا قىلىپ، كەچلىرى سىرتتىن كىرەلمىگەنگە ئوخشاش،ئاز ۋاقىتتىن كېيىن  بۇ ئەبلەخكىمۇ شەھەرنىڭ يامان سۈپەتلىك ۋاباسى يۇقتى.
- سەن سىنىپ باشلىقىنى مېھمان قىلماقچىمۇ،- دېدىم ئۇنىڭغا.
ئۇنىڭ كۆزىدىن ئۆزىگە يات بولغان ھەييارلىق ئۇچقۇنى بالقىدى :
- سىنىپ باشلىقىنىڭ  قولىدىن قانچىلىك ئىش كەلمەكچىدى؟
    ئۇ يېمەي ئىچمەي يىغقانلىرىغا قان ساتقان پۇلىنى قۇشۇپ مەكتەپ مۇدىرىنى مېھمان قىلغان كۈنىنىڭ ئەتىسى سىنىپ باشلىقلىقىدىن تارتىپ قىزلار ھەيئەتلىكىگىچە  بارچە ھۇقۇقىنى قولغا ئالدى  .لېكىن بۇ مەتۇ سولتەكنىڭ  گېپىنى بىرەسى ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
   -باشقىلار گېپىڭنى ئاڭلىمىسا ئۆزۈڭ ئاڭلىساڭ بولىدۇغۇ ،-دېدىم مەن،- باشلىق دېگەن ئاۋال  ئۆزىدىن باشلاش كېرەك.
مەن بۇ گەپنى ئۇنىڭغا پەقەت تەسەللىي بولسۇن ئۈچۈنلا دەپ قويغان ئىدىم، ئەمما ئۇ ئىشكابىمغا تولۇپ كەتكەن كىتاپلىرىمغا قاراپ گېپىمنى راست دەپ قالغاندەك تۇراتتى.شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆزىگە:  «ھەي، ئەخلەتنى تۆكىۋەت »دەپ  بۇيرۇق سوقىۋېتىپ ئاندىن  ئەخلەتنى تۆكىۋېتىدىغان بولدى.
  جەنۇپتىكى چەت  سەھرادىن كەلگەن قىزلار  ئانىسى بوينىغا تاقاپ قويغان  تۇمارنى يۇلۇپ تاشلاپ  ، ئاشىقى سوۋغا قىلغان ئالتۇن زەنجىرنى  ئېسىۋالغان  يىلى  ، بۇ ئەبلەخ    چولپانلاردىنمۇ چانمىغۇدەك ھالەتكە يەتتى .
-ھازىرقى جەمىيەتە   ھۇقۇق  پۇلنىڭ قۇلى خالاس   !-دەيتتى ئۇ ، قىممەت باھالىق تاماكىسىنى پۇرقۇرتىپ.
-جەمىيەت ؟-دېدىم مەن ھەيران بولغاندەك .
-ھەئە،-دېدى ئۇ  كۆرەڭلىك بىلەن،- ئالىي مەكتەپ ئەسلىدىنلا بىر جەمىيەت ، سەندىن باشقا ھەممىسى بۇنى بىلىدۇ.                  
نەچچە ئاي ئۆتۈپ بۇ ئەبلەخ  سىرلىقلا ئۆلدى.  ھايات ۋاقتىدا ھېچكىم كۆزگە ئىلمايدىغان بۇ بالىنىڭ ئۆلىمى توغرۇلۇق چىققان سۆز چۆچەكلەردىن مەزمۇنى چەكسىزلىككە ئىگە بولغان  توم-توم رازىۋتكا رومانلىرى پۈتەتتى .  ئۇنىڭ پانىيدىكى  گۇناھ پاتقىقىدا ئازاپلىنىشتىن قۇتۇلغىنىغا  ئازراق ھەسەت قىلدىم.لېكىن  رېئال  دۇنيا بىلەن ھېچقانداق مەنىۋىي مۇناسىۋېتىم بولمىغاچقا  ئۇنىڭ چەكسىزلىككە ئىگە بولغان ئۆلۈش سەۋەبىنى پەرەز قىلىپ يۈرمۈدۈم .


داۋامى بار ...

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 09:14:02

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار: ئەسلى ھەممىنى بيېزىۋېتىپ ىراقلا يوللىۋېتەي دېگەن ، لېكىن مەۋسۇملۇق ئىنتاھان يېقىنلىشىپ قالغاچقا ئالدىراش بولۇپ قالدىم..لېكىن ۋاقىتنى سوزمايمەن..مۇشۇ ئۈچ كۈن ئىچىدە ھەممىنى يېزىپ تۈگىتىمەن..
يەنە بىر دەيدىغىنىم : سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلى ، ھېكايەمنىڭ قۇرۇلمىسى سەل قالايمىقان، مەزمۇنى چۈشىنىكسىزراق چىقىپ قالدى..شۇنداقتىمۇ ئالدىرماي ئەستايىدىل ئوقۇسا  دېمەكچى بولغانلىرمنى چوقۇم  ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ دەپ قارايمەن..مېنىڭچە ھېكايە مۇھاكىمە ماقالىسىدەك ئۇجۇر -بۇجىرىغىچە چۈشىنىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى تەپەككۇر ئارقىلىق ھېس قىلىدىغان نەرسە
  ھېكايە ياقمىسا  پېقىرغا تىل ئۇزاتمىغايسىلەر .ئىچىدىكى پېرسۇناژلارنى  نېمە دەپ تىللىساڭلار مېنىڭ كارىم يوق ...

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 10:11:18

خەتكۈچ

كەچتە ئولتۇرۇپ ئالدىرىماي ئوقۇي

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 10:12:32

ياخشى ئەسەركەن ،  بىر قانچە سۇئالىم بار ئىدى .
مۇشۇ ئالى مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەنۇپ شىمال نىسبىتى قانچە ؟ نوپۇس نىسبىتى 7:1 بولىدىغۇ دەيمەن .(ئۇيغۇرلارنىڭ يەتمىش پىرسەنتى جەنۇپتا ،ئوتتۇز پىرسەنتى شىمالدا ) ئاددى ھالدا سىنىپىڭىزدىكى بالىلارنىلا نىسبەتلەشتۇرۇپ باقسىڭىز بولىدۇ .
ئالى مەكتەپتە ئالدى بىلەن جەنۇپلۇق ئوقوغۇچىلارئۆزگۇرەمدۇ ؟ ئۇنىڭدىن كىيىن شىمالغا كىلەمدۇ ؟ ئەگەر جەنۇپ شىمالدىن باشقا  ۋىلايەتكە ئايرىساق قايسى ۋىلايەتنىڭ باشتا ئۆزگۇرىدۇ ؟شۇ ۋىلايەت تەۋەسىدىكى شەھەرلىك بالىلار باشتا ئۆزگىرەمدۇ ياكى ناھيەلىكمۇ ؟ يەنە ئايرىساق ناھيەنىڭ ئۆزىدىن كەلگەن بالىلارمۇ ياكى يىراق يىزىلىرىدىن كەلگەن بالىلارمۇ ؟

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 10:35:54

ھېس قىلىشىمچە بۇ ئاساسەن شۇ ئادەمنىڭ تۇرىۋاتقان مۇھىتىغا باغلىق بولىدىكەن ، ئەتراپىدىكى ساۋاقداشلىرى ۋەۈياتەقداشلىرى پەزىلەتلىك ، ۋە تىرىشچان بولسا شۇ كىغىمۇ مايىل بولىدىكەن، ئەگەر ئەتراپىدىكىلەا سەل ئويۇنچى بولسا ئاشۇ كىشىگىمۇ تەسىر قىلىپ ئىش ھەركەتلىرى ئۆزگىرىدىكەن……ئەلۋەتتە ، شۇ كىشىنىڭ مۇستەققىل كۆز قارشى ۋە ئېتىقادى بولسا باشقا گەپ.لېكىن چەتتىنراق كەلگەنەر ساددا بولغاچقا باشقىلارنىڭ يۈرۈش تۇرىشى  تىزلا تەسىر قىلىپ قالىدىكەن…شىمالغا نىسبەتەن ئالىي مەكتەپنىڭ ئىجدىمايى مۇھقتى بەكمۇ  ناتۇنۇش بولغاچقا ئۇلار بەك ئۆزگىرىش ياسىمايدىكەن……قەيەرنىڭ تىز ئۆزگۈرىشىگە كەلسەك، بۇ پەرىقنى بەك ھېس قىلىپ كەتمىدىم، ھەممە يۇرتنىڭ ياخشىللىرمۇ يامانلىرىمۇ بار ئىكەن……

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 11:40:40

نېرى تۇر، ئاپتاپنى توسما،
قايسىبىر پەيلاسوپنڭ ئالدىغا دۆلەت پادىشاھ كېلىپ، نېمە ئالىسەن نېمە دېسەڭ شۇنى بېرىمەن دېگەندە،
شۇنداق دەپ جاۋاب بېرىپتىكەن.

ئاۋۇ دېئالوگدىكى خىيالىمنى بۇزما دېگەن يېرى بەك يارىدى
قۇرۇلمىدىمۇ چاتاق يوققۇ، ئەركىن،
سۆز ئىشلىتىشىڭىز تېخىم ياقتى

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 13:47:19

yusran يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 11:40 static/image/common/back.gif
نېرى تۇر، ئاپتاپنى توسما،
قايسىبىر پەيلاسوپنڭ ئالدىغ ...

ئىشقىپ تىلى بىر خىل قۇرغاق ھەم ئېغىر تۇيۇلۇپ قالدى ماڭا ...:lol

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 14:05:32

bagalip يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 13:47 static/image/common/back.gif
ئىشقىپ تىلى بىر خىل قۇرغاق ھەم ئېغىر تۇيۇلۇپ قالدى ما ...

ئۆزگىچە بولغان بىرخىل ئىچكى دۇنيا پورتىرتى

koklam0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 23:24:06

yusran يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 11:40 static/image/common/back.gif
نېرى تۇر، ئاپتاپنى توسما،
قايسىبىر پەيلاسوپنڭ ئالدىغ ...

داڭلىق فىزىك ئارخىمىد شۇ، پىشاڭدىن پايدىلىنىشنى ئوتتۇرغا قويغان، مۇنداق بىر گىپى بولىدىغان،   
ئەگەر ماڭا بىر تېرەش نوقتىسى بېرىلسە، پىشاڭدىن پايدىلىنىپ يەر شارىنى ئۆرىۋىتىمەن ____دەيدىغان

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 11:06:52

مەن ئۈچۈن ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمىغان مەرھۇم سىنىپ باشلقىغا باغلانغان خىياللىرىمنىڭ   بىر پارچىسى ئاياقلىشىماي تۇرۇپلا، سۇ ئۆتمەس ئەينىكمنى بىر نەرسە توسۇۋېلىپ يولنى كۆرەلمەي قالدىم. قېلىن خىروم پەيلەي كىيگەن قولۇمنى كۆز ئەينىكىمدىكى توسالغۇغا ئاپاردىم  .كۆز ئالدىم ئازراق روشەنلەشكەندىلا كۆز ئەينىكىمگە قار چاپلىشىپ قالغانلىقىنى جەزىملەرشتۈردۇم،قار  بەلكىم  باش ئۈستىمدىكى   دەرخ شاخلىرىدىن چۈشكەن بولىشى مۇمكىن ئىدى.
لېكىن مېنى ئۆزىنىڭ مۇھاببتى دەپ قارايدىغان   پارتىدېشىم بۇ مۇمكىنىلىكنى يوق قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ قورچاق شەكىللىك پەلىيىدە تېخى ئېتىشقا ئۈلگۈرمىگەن  بىر ئۇچۇم قار تۇراتتى .
ئۇ ئۇچۇمىدىكى قارنى ئېتىشقا تەييارلىنىشىغا قولىغا پاسسىدە ئۇرۇپ قارنى چۈشۈرىۋەتتىم.
- چىدىماس،- دېدى  ئۇ ياسالما ئاچچىق بىلەن،- بۇنچىلىك قارغا توڭلاپ ئۆلەمتىڭىز.
- سېنىڭ ئاتقان قارلىرىڭ ئادەمنى  مۇزدىنمۇ بەتتەر توڭلىتىۋېتىدىكەن،- دېدىم ئۇنىڭغا .
بۇ مەكتەپكە ئەمدى كەلگەن  چاغلىرىمىزدا  بۇ قىز ھېچقانداق ئوغۇل بالىغا تىكىلىپ قارىمايتتى.پارتىدېشىنى تالىغاندىمۇ بەكلا ئېھتىيات قىلغان ئىدى. ھە دېسىلا چاچراشقا تەييار تۇرىدىغان ئوغۇللارنىڭ قېشىدا ھەرگىز ئولتۇرالمايتى، قىزلارنىڭ يېنىمۇ ئۇنىڭغا ماس كەلمەيتتى، چۈنكى قىزلارنىڭ ئېغىزىدىن ئۇنىڭ قەلىب تىنىچلىقىنى بۇزىدىغان ئوغۇللارغا ئائىت ناشايىن سۆزلەر ھەر زامان تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئۇ ئاخىرى بېشىنى كىتاپتىن ئاي-يىللاپ كۆتۈرمەيدىغان،___ مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ جايلاشتى. باشقىلار ئۇنى ناماز ئۇقۇيدىغان بۈۋى قىز ئىكەن دېيىشەتتى . سىنىپتىكى ياغلىق ئارتىيدىغان قىزلار ئازىيىپ ئاشىق مەشۇقلار كۆپەيگەنچە ئۇ  تېخىمۇ مەككەم ئورىنىپ يۈرىيدىغان بولدى. ئاخىرىدا شۇنچىلىك دەرىجىگە باردىكى سىنىپتىكىلەر  ئۇنىڭ چىرايىنىڭ قانداقلىقىنمۇ ئۇنتۇپ كېتىشتى .
مەن بۇ مەكتەپكە كېلىپ ئۈچۈنچى يىلى   پارتىدېشىم بىلەن   مەندىن  باشقا بويتاق  قالمىدى.
يانۋاردىكى مېھمانخانىلارنىڭ سودىسى ئەڭ ئاۋات بولىدىغان كۈنى  ئۇ ماڭا گېپنى ئۇچۇق دېدى:
-يالغۇزلۇق جېنىمغا پاتتى، ماڭا ئوغۇل دوست بوللايدىغاندىن سىزلا قالدىڭىز.
باشقىلار بۇ گەپنىڭ مۇشۇ بۈۋى قىزنىڭ ئېغىزدىن چىققىننىغىچە ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيتتى.لېكىن مەن ھېچ گۇمان قىلمىدىم.سىنىپتا ئاشىق مەشۇقلار كۆپەيگەنچە قېلىن ئورىنىۋېلىشى  باشقىلاردىن ئۆزىنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس ،بەلكى ئاشۇ 15 جۈپ ئاشىق مەشۇقنىڭ كۆز ئالدىدا يۈرۈشلىرىگە تاقەت قىلالمايدىغانلىقىدا ئىدى.  يارىلىشنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ئېيتقاندا  20 ياشقا كىرگەن بىر ئايال زاتى قانداقمۇ مۇھابەتتكە ۋە يات جىنىسقا ئىنتىلمىسۇن. لېكىن  قارا سايىسىنى تاشلاپ تۇرغان گۇناھ تۇيغۇسى ئۇنىڭ  قەلبى ۋە جىسمىدىكى سىرلىق ئىنتىلىشنى مەككەم زەنجىرلەپ تۇراتتى .  ئەلۋەتتە سىنىپتىكى بىر توپ ئاشىق مەشۇقلار خۇددى ئاچ قالغان ئادەمگە شورپا پۇراتقاندەك ئۇنىڭ مۇھاببەتكە ئىنتىلىدىغان يۈرىكىگە ۋەسۋەسە سالاتتى.  
پارتىدېشىمغا   ئوغۇل دوست  بولۇش ئۈچۈن  پۈتۈنلەي مۇمكىن بولمايدىغان ئىش___ئاشىق بولۇشىم كېرەك ئىدى . ئەگەر  كېسىپلا ياق دېسەم ئۈمۈدسىزلىك ۋە يالغۇزلۇق ئۇنى يالماپ يۇتۇۋېتەتتى . ئاخىرى ئۇنىڭ بۇ خىيالىنىمۇ  چەكسىزلىككە ئىگە بولغان ئۈمۈدكە ئايلاندۇرىۋەتتىم .
-سەن مېنى خۇشال قىلالىساڭ سېنىڭ ئوغۇل دوستۇڭ بولىمەن،- دېدىم.
ئۇ رەھمەتلىك مۇمىسىغا ئوخشاش قانچە ئەخلاقلىق ،كەمسۆز ،ئىتا ئەتچان  بولسا ئوغۇللارنى خوش قىلغىلى،كۆڭلىنى ئالغىلى  بولۇدۇ دەپ ئويلايتتى.شۇڭا ئۇ مېنىڭ رايىم بويىچە ئىش قىلماقچى بولدى.
-سىز قانداق قىلسام خۇشال بولىسىز دېدى ،- كۆزىنى يەردىن ئۈزمەي  تۇرۇپ .
-خىياللىرىمنى بۇزما ،-دېدىم مەن .
ئاشۇ كۈنلەردە مەن ئۇنىڭ ھېلىقى ئۆلۈپ  كەتكەن سەھرا چىراي  باشلىقىمىزدىنمۇ   بەتتەر ئۈمۈدۋار ئىكەنلىكىنى بايقىدىم.ئۇ  مەن ئېغىز ئېچىشتىن بۇرۇن   ھەرگىزمۇ ئۆزلىكىدىن گەپ قىلىپ خىيالىمنى بۇزۇپ قويمايسلىققا نىيەت قىلغان ئىدى . لېكىن  ئۈستەلگە بېشىمنى قۇيۇپ ياتقاندىمۇ ئۇنىڭ  ئېغىزىمغا تەلمۈرۈپ تۇرىۋاتقانلىقىنى سېزىپ تۇراتتىم .بىر كۈنى كۆرۈشۈپ باقمىغىلى بىر يىلدىن ئاشقان دادام بىلەن تېلفۇندا پاراڭلىشىۋاتقاندا تاقىتى -تاىق بولغان پارتىدېشىم ئۆزىنى تۇتۇۋالماي بىرمۇنچە كۆڭۈل سۆزلىرىنى دەۋەتتى.شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا مۇنداقلا قاراپ قويساممۇ ئېغىزىدىن مەنىسى  چەكسىزلىككە ئىگە بولغان مۇھاببەت ئىبارلىرى تۆكۈلەتتى . ئۇنىڭ ئېتىقاد بىلەن سۇغۇرىلغان ئىرادىسى بىلەن     ئاياللارنىڭ  روھى ھەم جىسمىدىكى    يات جنىسقا بولغان ئىنتىلىش    توختىماي جەڭ قىلىپ  نېرۋىسىنى كاردىن چىقىرىۋاتاتتى.مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ئۆزىنى نورمال دەپ قارايدىغانلار تەرىپىدىن   ساراڭ ئاتىلىپ قېلىشى ئېنىق  ئىدى. مەن  ئۇنى تۈگەشتۈرىۋېتىشى مۇمكىن بولغان    چەكسىزلىككە ئىگە ئۈمۈدنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بېرىشنى قارار قىلدىم .   مېنى يۇمۇر___مەن بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋېتى يوق بىمەنىلىكلەر كۈلدۈرەلىشى مۇمكىن بولغاچقا بىز ھەييارنىڭ ئوينىنى كۆرمەكچى بولدۇق .شۇڭا پارتىدېىشىمغا مېنى ھەييارنىڭ ئوينىنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىل دېدىم .

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 11:55:33

كەينى نىمانداق تەستىقلانمايدۇ..

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 12:27:21

koklam0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 23:24 static/image/common/back.gif
داڭلىق فىزىك ئارخىمىد شۇ، پىشاڭدىن پايدىلىنىشنى ئوتت ...

شۇنداقمۇ؟
مەن تاپالماي
ئەمما ماڭا بەك يارىغان ئۇ سۆز
ئەمەلىيەتتە ھەممىدىن بەكرەك قىممەتلىك نەرسە قۇياش نۇرىغا ئوخشاش ئاللاھ ئىگەم ھەقسىز بىباھا نەرسىلەركەن

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 13:53:59

مېنى يۇمۇر___مەن بىلەن ھېچقانداق مەنتىقىلىق باغلىنىشى يوق يوق بىمەنىلىكلەر كۈلدۈرەلىشى مۇمكىن بولغاچقا ،پارتىدېىشىمغا مېنى ھەييارنىڭ ئوينىنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىل دېدىم .
قايسى دۆلەتتىن  كەلگەنلىكى نامەلۇم بولغان بىر  ھەييار شەھەردىكى ئەڭ چوڭ تىياتىرخانىدا ئۇيۇن قويۇشقا كەلدى.بېلەت باھاسىنىڭ شۇ قەدەر ئۆرە بولىشىغا باقماي تىياتىرخانىدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئاۋاتلىق بارلىققا كەلگەن ئىدى . ھەييار  سەھنىدە بوۋاق بالىنىڭ ھەركەتلىرىنى دوراپ بېرىۋېدى، قۇلاقنى يارغۇدەك گۈلدىراس ئالقىش سادالىرىغا كۆمۈلۈپ سانسىزلىغان گۈلدەستىلەر ئارىسىدا كۆرۈنمەي قالدى.
- ئەڭ نادىر سەنئەت ئەسىرى،-دېدى بىر ئايال چىرايىغا چىقىپ قالغان غەم قايغۇنى  يۇشۇرۇشقا تىرىشىپ  .
-شۇنداق ،ئۆزگىچە ئۇسلۇب ،-دېدى  بىر پور قۇرساق ئەر.
مەن غەم قايغۇدىن جۈدەپ كەتكەن ئايالغا مىختەك قالدىم:
-بۇ ھەييارلىقنىڭ سەنئەتلىك تەرىپى  شۇكى ؛   بوۋاق بالىدىن بۆلەك ھاياتنى  چۈشەنگەن ھەر قانداق  ئەقىل ئىگىسى  گۇناھ تۇيغۇسىدىن ئىبارەت پانىي دۇنيانىڭ دوۋزىقىدا ئازاپ چېكىدۇ دېگەن ھەقىقەتنى  ئىپادە قىلغان  .
- مەن ئاز كۈندىن كېيىن گۇناھلىتىمدىن تۇغۇلغان تەشۋىش ۋە  ئازاپتىن قۇتۇلۇپ ، نىسىۋەمنى ئالغىلى بارىمەن،-دېدى ئايال چۈشۈنىكسىز بىر مۇڭ بىلەن.
-سەن بىر تەلۋە نادانكەنسەن ،- دېدى پور قۇرساق ماڭا ئىچ ئاغرىتقاندەك قىلىپ،بىزغۇ قېرىدۇق،ھاۋايى ھەۋەسلىرىمىز تۈگەپ قالدى، ئەمدى گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلىشىمىز ئاسان بولىدۇ،لېكىن سەن تېخى ياش،ھاۋايى -ھەۋەسلىرىڭ يەتكۈچۈ بار  ... تېخى ئۇزاق ياشايسەن .
مۇنداق بىچارە ئادەمنىڭ  ھېسىداشلىقىنى  قۇبۇل قىلالماي غەزىپىم ئۆرلىدى . ئەمما ئويلىمىغان يەردىن كۈلۈپ سالدىم . خېلى ۋاقىتتىن بۇيان ھېسىياتىم بىلەن چىراي ئىپادەم پەقەتلا باغلاشمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. لېكىن ئامال بار كۈلمەيتتىم ، كۈلسەملا  زىيادە ئۇرۇقلاپ كەتكەچكە پېشانەمدە، يۈزلۈرۈمدە ،بوينۇمدا  باشقىلارنى قورقۇتىۋەتكۈدەك سەت ھەم چوڭقۇر قورۇقلار پەيدا بولاتتى .
مەيدانغا كىرگەندىن بۇيان  ئويۇنمۇ كۆرمەي مېنى قاچان كۈلەركىن دەپ ئولتۇرغان پارتىدېشىم مېنىڭ كۈلكىدىن بەتبەشىرە بولۇپ كەتكەن چىرايىمدىن قورقۇشنىمۇ ئۇنتۇپ ، خۇشاللىقىدىن يەنە بىر پاتمان مۇھاببەت ئىبارىللىرىنى تۆكتىۋەتتى . قاچان قارىسا دىننىي كىتاپلاردىن بېشىنى كۆتۈرمەيدىغان بۇ قىزنىڭ قانداق بولۇپ بۇ گۇناھقا باشلايدىغان مۇھاببەت  ئىبارىلىرىنى دىكتورلادەك ئىشلىتەلەيدىغان بولۇپ قالغانلىقى نامەلۇم. بەلكىم بۇ    مېڭش ،گەپ قىلىش دېگەنلەرگە ئوخشاش  بويىغا يەتكەن بىر قىزغا يارالمىشىدىلا پۈتۈۋېتىلگەن تۇغما تالانت بولسا كېرەك .
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مېنىڭ قىز دوستۇم بولدى.  لېكىن  دائىم ئۇنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالاتتىم. تاماق يېگەندە ئۇ يېنىمدا بولسىمۇ بىر كىشلىكلا تاماق  ئالاتتىم . كىنو كۆرۈشكە توغرا كەلسىمۇ شۇنداق بولاتتى. لېكىن ئۇ ئۈمۈدۋارلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغاچقا سەۋرىچانلىقى چېكىدىن ئاشقان ئىدى.ئۇ مېنىڭ خۇشال بولىشىمنىلا كۆزلەپ،مېنىڭ ئاشۇ سەۋەنلىكلىرىمنى يۈزۈمگە سېلىشتا يوق ماختاپ كېتەتتى...
  بىر كۈنى   تۈرمىدە ياتقىنىغا ئۇزاق بولغان دادامنىڭ ھارامدىن تاپقان  ئوغلىدىن خەت  كەلدى.  ئۇ خېتىدە يامان بىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلقىنى داۋالانمىسا ئۆلۈپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.ئەزەلدىن  ماڭا ئەششەدىي رەقىبتەك مۇئامىلە قىلىدىغان بۇ ئىنىمنىڭ  نەپرەتنى  قايرىپ قۇيۇپ  پۇل سورىشىنى  غەلىتە ھادىسە دېگىلى بولمايتتى .چۈنكى ھارامدىن بولغان بۇ بالىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى گۇناھ تۇيغۇسى ئاتا قىلغان قورقۇنۇچ، ئادەتتىكى ئادەملەردىن كۈچلۈك بۇلاتتى . شۇڭا  قىلغان ئەتكەنلىرىدىن ھېساپ ئېلىنىدىغان  قەبرە سورىقىدىن  ئامال بار يىراق تۇرۇشقا تىرىشاتتى؛شۇڭىمۇ  ھاراملىق دېگەن يىرگىنىچلىك نامنى سوۋغا قىلغان  ، ھاياتىنىڭ ئەڭ قىران چاغلىرىنى ئەرىكسىزلىك بىلەن ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر قىلغان  دۇنياغا يەنىلا تەگسىز ئېچىرقاش بىلەن ئىنتىلەتتى.  
ئۇنىڭ ئۆلۈشىنى خالاپ تۇرساممۇ ئەمما ئۇنىڭ ئارزۇسىغا بېقىش نىيىتىگە كەلدىم. ...
بارماقلىرىم    كۇنۇپكا تاختىسى ئۈستىدە  بىر ھەپتە ئەسەبىيلىك بىلەن يورغۇلاپ ھارامدىن بولغان ئىنىمنىڭ دادا بۆلەك ئاچىسى ___«ر» بىلەن ئانا بۆلەك ئاكىسى___ مېنىڭ ھېكايەمنى يازدى . ئۆزۈم ۋە «ر» دىن باشقا ھېچ قانداق ئادەم چۈشەنمەيدىغان بارچە سۆزلەر «ر» دىن باشلانغان سۆز دۆۋىسىنى  نەشىرياتتىكى يېزىق سودىگىرىگە يۇقۇرى باھادا ساتتىم.بۇ پۇل ئىنىمنىڭ ساقىيىپ يەنە پانىيدىكى  گۇناھ تۇيغۇسى ئىچىدە داۋاملىق ئازاپ تارتىش ئۈچۈن   ئازادە يېتەتتى.
_بۇنى چۈشىنەلىدىڭمۇ؟  بەلكىم بۇ ھېچ نەرسىگە يارىمايدىغان ئەخلەت بولىشى مۇمكىن ،-دېدىم مەن يېزىق سودىگىرىگە .
- ھېكايەڭنىڭ  بىباھالىقى دەل ئۇنىڭ چۈشىنىكسىزلىكىدە، مۇشۇنداق چۈشۈنىكسىز نەرسىلەر ئوقۇرمەنلەرنى چەكسىز تەسەۋۇر بوشلىقى بىلەن تەمىنلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى  ئۆز  خىيالى بويىچە چۈشۈنىشكە شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.
-ئۇنداقتا بۇ ھېكايىگە ئاپتور بولماقچى بولغان  ئادەمچۇ؟ئۇنىڭمۇ چۈشىنىشى ھاجەت ئەمەسما،-دېدىم مەن ئىشەنچ قىلالمىغاندەك .
- يازغۇچىلىقنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسى ئۆزىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىنى بىلمەي ئاڭقارماي تۇرۇپ  يېزىش. بۇ ھېكايەڭنى سېتىۋالغۇچى   خەجلىگەن پۇلىغا يارىشا سەن تەسەۋۇرمۇ قىلالمايدىغان شان- شۆھرەتكە ئېرىشىدۇ .
   ھېكايە يازغان  بىر ھەپتىدە  پارتىدېشىم  مېنى كۆرەلمەي ياتاق بىناسى ئاستىدا ئۇزاق تېنەپ يۈرگەندىن كېيىن ئاخىرى ئەرەنچە ياسىنىپ ياتىقىمغا ئۈسسۈپ كىرىدى. ئۇ مېنى كۆرەلمىگەن  بىر ھەپتە   خېلىلا جۈدەپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ كۆزى كومپىيوتىر ئېكرانىدىكى سانسىزلىغان«ر» ھەرىپلىرىگە چۈششىش بىلەن كۆزلىرى نۇرلىنىپ، ھاياجاندىن نەپەس ئالالماي قالدى:
- سىز مېنىڭ ئىسمىنى ئىشلىتىپ شېئىر يېزىپسىز ...مەن نېمە دېگەن بەخىتىلىك ھە ..
ئۇنىڭ ئىسمىدا «ر» ھەرىپى ئەمەس بەلكى شەكلى «ر»غا ئوخشايدىغان ھېچقانداق ھەرىپ يوق ئىدى. ئۇ ئۇزاقتىن بۇيان مېنىڭ قەلبىمدىكى   شېئىر بولۇشتىن ئىبارەت  ئەسسەبىي خىيالنى   ئويلاۋەرگەچكە ئاخىرى  خىيال بىلەن رېئالىقنى ئايرىيالمايدىغان دەرىجىگە يېتىپ ، كومپىيوتۇردىكى«ر» ھەرىپلىرى  ئۆز ئىسمى بولۇپ كۆرۈنگەن ئىدى. دېمەك  ئۈمۈدۋارلىق كېسىلى ئۇنى  كونتىرول قىلغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە تۈگەشتۈرىۋەتكەن ئىدى.
ئەمدى ئۇ ئىنتىلگەن نەرسىسىگە ئېرىشەلمىسە چەكسىز ھەسرەت ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى.
-ساڭا پەقەت سېنى شېئىر قىلىپ يازىدىغان، يېنىڭدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلمايدىغان،  ئەركىلتىدىغان بىر ئەر  بولسىلا بولدىغۇ،-دېدىم مەن،-  ساڭا ياردەم قىلاي  ،لېكىن بىر شەرتىم بار: ئەمدى خىيالىرىمنى  بۇزما.
-ماڭا سەندىن باشقا  ئوغۇل دوست بولغۇدەك ھېچكىم قالمىدى دېدى ،- ئۇ تەگسىز بىچارىلىك چىقىپ تۇرىدىغان ئاھاڭ بىلەن.
- ياق، سىنىپتا مەندىن باشقا 15 دانە ئوغۇل بالا بار .
مەشۇقلىرى   ئاشۇ  نېسىۋېسىۋىلىرىنى  ئىتقا ئوخشاش مەككەم قوغدىشىدۇ،-دېدى ئۇ ۋەھىمىگە چۆكۈپ،- مەن بىرەسىگە يېقىن كەلسەملا تالاپ ئۆلتۈرۈپ قۇيۇشتىن يانمايدۇ.
-خاتالاشتىڭ ئۇلار ھېچقاچان بىر -بىرنىڭ نىسىۋېسى ئەمەس ، پەقەت يالغۇز قالمىسىلا ئۇلارغا كىم بولسا بولۇۋېرىدۇ.
-لېكىن ئاشۇ ئوغۇللار  چىرايلىق قىز دوستلىرىدىن  تېنىپ مېنىڭ يېنىمغا كېلىشى مۇمكىنمۇ.
-سەن ئۆزۈڭنى قاتمۇ-قات ئورىۋالساڭ ئوغۇللار سېنىڭ بارلىقىڭنى قانداق بىلىدۇ..
-ياق، مەن ئاشۇ قىزلارغا   ئۇچۇق   يۈرەلمەيمەن ، دوۋزاق ئازابىدىن قورقىمەن..
-شۇنداقمۇ؟-دېدىم مەن، -   كۆرۈنىشتە دوۋزاقتىن قورقۇپ قېلىن ئورۇنۇپ يۈرگىنىڭ بىلەن   روھىڭ قانچە قېتىم زىنا قىلىپ بولغانلىقى ئۆزۈڭگە  ئايان. بۇنداق نەپسىڭ بىلەن ئېتىقادىڭ ئارىسىدا قىينىلىپ يۈرگىچە    بۇ يەردىن كېتىپ ئەرگە تەگ.مۇشۇنداق قىلساڭ  روھى-جىسمىڭدىكى ئىنتىلىشلىرىڭ قانائەت تاپىدۇ.ھەم گۇناھ تۇيغۇيسى ئىچىدە قىينىلىپمۇ يۈرمەيسەن.
-مەن ئالىي مەكتەپتە  ئوقۇشۇم، جىق مائاش ئېلىشىم كېرەك... مائاش بولمىسا قەلەندەرمۇ يارتمايدۇ..
-ئەمسە نەپسىڭنى يىغ، يالغۇزلۇققا بەرداشلىق بەر...
-ئەتراپىمدىكى سانسىزلىغان بىر جۈپلەر مېنىڭ يۈرىكىمنى غاجايدۇ.يالغۇزلۇق مېنى تۈگەشتۈرىۋېتىدۇ.
-ئەمسە بۇ ئۇزۇن كىيىملىرىڭنى تاشلاپ ئاشۇ  كېلىشكەن ئوغۇل دوستى بار قىزلارغا ئوخشاش يول ماڭغاندا بىر سىزىق ئۈستىدە قىسىپ دەسسەپ ناز بىلەن ماڭ...ئۇلارغا شالاق كۈلكىللىرىڭنى ھەدىيە قىل...ئاز ۋاقىت ئىچىدە ھەممىسى كەينىڭدىن ئىتتەك سوكۇلدايدۇ...سەنمۇ مۇھاببەتكە تويىسەن...
پارتىدېشىم  نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن يېقىندىلا كەلتۈرىۋالغان  يىگىتى بىلەن دىسكوخانىدىن چىقىپلا نېرۋىسىدىن ئادىشىپ ساراڭ بولغانچە ئۆلۈپ كەتتى .
رەھمەتلىك پارتىدېشىم  ئېنىقكى ئۆز نەپىس خاھىشى بىلەن گۇناھ تۇيغۇسى پەيدا قىلغان قورقۇنۇچ ئىچىدە بەرداشلىق بەرگۈسىز ئازاپ ئىچىدە قېلىپ ،مۇشۇنداق ئاقىۋەتكە قالغان ئىدى...
ھەممىمىز ئۇنىڭ تۇپراق بېشىغا چىقىقتۇق..بۇ قېتىم نېمىشقۇدۇر ھېچكىم  قولتۇقلىشىپ ماڭمىدى... بىر-بىرگە ئېچىرقاش نەزىرىدە قاراشمىدى .ئۇلار ھەممىسى بۇۋاق ۋاقتىدىكىدەك گۇناھسىز مەسۇم ھالەتىگە قايتىشنى ئارزۇ قىلىشاتتى ...قەبرىستانلىققا كېلىش بىلەنلا  ئالۋاستىدەك چاپلىشىۋالغان گۇناھ تۇيغۇسى تۇنجى قېتىم ئۇلارنىڭ ھاۋايى -ھەۋەسلىرىى ئۈستىدىن مۇتلەق غالىپ كېلىپ ، كۆزلىرىگە  قەبرىدىكى يىلانلارنى...دوۋزاقتى يالقۇنلاۋاتقان ئوتلارنى بىر-بىرلەپ كۆرسىتەتتى....
شۇ كۈنى سىنىپىمىزدىكى قىزىل چاچلىق قىز دوستى بار موللابالا خېلى ۋاقىتقىچە ۋەز نەسىھەت قىلدى...ئۇنىڭ ئاۋازى تىرەپ چىقاتتى،  كىملەردۇر خارتىلداپ ماڭقىسىنى ئېقىتىۋاتاتتى ...
  قىز- ئوغۇللار مۇنچىسى بىزنىڭ سىنىپتىكىلەر بىلەن تولدى...كەچتە  ھەممىسى  مەسچىتكە بېرىشتى... كېچىللىرى مەندىن باشقا ئادەم قالمايدىغان ياتاق بۈگۈن ئاۋاتلىشىپ كەتكەن ئىدى...
كېچىدە رامىزاننىڭ 17 كېچىسىدىن باشقا چاغدا ئىشكاپتا توپا بېسىپ تۇرىدىغان جەينامازدا قاتارىسىغا ئولتۇرشتى ...
ئۇلار بېشىنى سەجدىگە تەككۈزگىنىچە تىلى چىققاندىن تارتىپ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلنىشنى ، قەبرىدىكى يىلانلار، جەھەننەمدىكى ئوتلاردىن يىراق بولىشىنى يىغلاپ تۇرۇپ تىلىشەتتى. ئىككىنچى نەپسىنىڭ قۇلى بولماسلىققا ئەھدى قىلاتتى...
ئەتىسى سىنىپتا  ئاشىق مەشۇقلار مەۋجۇت بولۇپ باقمىغاندەك ھېچكىم بىر پارتىدا قۇچاقلىشىپ ئولتۇرۇشمىدى..ھەتتا نامەھرەملەرگە قاراپ سالماسلىق ئۈچۈن ئالدىدىكى رەتتە ئوغۇللار ، كەينى رەتتە ھېلىقى ئۆلۈپ كەتكەن پارتىدېشىمدەك ئۇزۇن كىيىملەرنى كىيىپ يۈزىنى رومال بىلەن تېڭىۋالغان قىزلار ئولتۇردى.
ھېلىقى موللابالا ھەددىدىن ئېشىپ مېنى ئەڭ كەينىدىكى يالغۇز ئورنىمدىن يۆتكىۋەتمەكچى بولدى.لېكىن ئۇنىڭ قىلغان بىر تالاي ۋەز نەسىھەتلىرى بىكارغا كەتتى .
-سەن ئاغزۇن يولدا مېڭىۋاتىسەن...نەپسىڭنىڭ قۇلى بولدۇڭ..
ئەينەككە قاراپ سۆزلەۋاتەمسەن ،-دېدىم مەن موللا بالىغا .
-نامەھرەملەرگە  قارىغان كۆزلىرىڭ سېنى دوۋزاققا باشلايدۇ،- دېدى ئۇ قولىدىكى تەسپىيىنى ماڭا شىلتىپ.
_ئەمدى خىيالىمنى بۇزما ،- دېدىم مەن كەمىرىمدىكى مۈڭگۈز ساپلىق خەنجەرنى ئاستا تۈزەپ قۇيۇپ .
-ئۇنىڭ كۆزى ئۆلۈمنى ئەسلىتىدىغان خەنجەرگە چۈشىشى بىلەن،ئۆڭى جەسەتكە ئوخشاش تاتىرىپ لەۋلىرىنى تىتىرەتكىنىچە جايىغا ئاران بېرىۋالدى.

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 17:18:43

بۇ راستلا بىر ھەۋەسكارنىڭ يازمىسى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ قېلىۋاتىمەن.
بۇ خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئۆزگىچىلىكى بىلەن بىر يەردە كۆرگەندەك

مۇبادا قەلەمكەش توردىشىمىز راستلا بىر ھەۋەسكار بولسا ئۇ چاغدا تۇغما تالانتتىن باشقىسى ئەمەسكەن بۇ
يارايسىز

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 18:46:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagalip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-19 18:47  

yusran يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 17:18 static/image/common/back.gif
بۇ راستلا بىر ھەۋەسكارنىڭ يازمىسى ئىكەنلىكىدىن گۇمانل ...

ھې ھې...مەن بىر ھەۋەسكار..لېكىن ئاز -تولا  نىشانىم بار...مەلۇم ئىشلار قەلبىمنىڭ قاراڭغۇلۇق تەرىپگە ئۆتۈپ كەتكەچكىمىكىن ...خىيالنى كۆپ سۈرىىمەن..شۇڭا يازغان نەرسەم مۇشۇنداق بۇرۇقتۇما چىقىپ قالىدۇ...ئاندىن ئۆزۈممۇ قۇشۇلۇپ بۇرۇقتۇما بولۇپ كېتىمەن .:lol

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 08:27:49

ئۇلارنىڭ خاتىرىسىدىكى قەبرىستانلىقنىڭ سۈرى  خىرەلەشكەنچە ،ھاۋايى ھەۋەسلىرى قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ ، نەپسىنى چاڭقىتىشقا باشلىدى....كەينىدە ئولتۇرغان ئوغۇللار ئالدىدىكى قىزلارنىڭ قېلىن ياغلىق ئاستىدىكى ئاققۇدەك سۈزۈك بويۇنلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشۈپ تۈكرۈكلىرنى غورت -غورت قىلىپ يۇتىشاتتى، بۇ ئاۋاز بارا-بارا يوغىناپ سىنىپنى بىر ئالدى. ئالدىدا ئولتۇرغان قىزلارنىڭمۇ ھالى خاراپ ئىدى....ئۇلار قەستەن چۈشۈرىۋەتكەن قەلەملىرىنى ئالغان بولۇپ كەينىدە قەلەندەردەك تەلمۈرۈشۈپ ئولتۇرغان  ئوغۇل دوستلىرىغا ئېچىرقىغان كۆزلىرى بىلەن ئۇزاق قارىۋالاتتى... شۇ كۈنى كەچ ياتاقتا يەنە مەنلا قالدىم...سىنىپتىمۇ بۇرۇنقىدەك جۈپ-جۈپ ئولتۇرىدىغان ھالەت ئەسلىگە قايتتى.
مەكتەپ مۇدىرى  ئۆلگەندىن  كېيىن جەسىتى مەكتەپ باغچىسىنىڭ ئەڭ گۈزەل يېرىگە قويۇلدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مەكتەپ مۇدىرى  ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن ئەسلىنىپ تۇرۇشنى ئۈمۈد قىلىدىكەن.
ئىشىك باقار  مۇدىرغا جەسىتىنى  كۇتۇپخانا بىناسى ئالدىغا قۇيۇشنى ئېيتقان ئىكەن، مۇدىر  پەقەت قۇشۇلماپتۇ.
-ئۇ يەردىن يىلدا بىرە قېتىممۇ ئوقۇغۇچىلارنى كۆرگىلى بولمىسا مېنى كىم ئەسكە ئېلىشىدۇ ،-دەپتۇ مۇدىر ،-مەكتەپ باغچىسدا كېچە -كۈندۈز ئادەم ئۈزۈلمەيدۇ،مەنمۇ ئەسلىنىپ تۇرىمەن.
مۇدىرنىڭ بۇ قارارى ئويلىمىغان يەردىن مەكتەپكە بىرمۇنچە ئاۋارىچىلىق كەلتۈردى...
ئاشىق -مەشۇقلارنىڭ جەننىتى بولغان مەكتەپ باغچىسىدا مۇدىرىنىڭ قەبرىسىنىڭ پەيدا بولىشى ئاشۇ سانسىزلىغان بىر جۈپلەرنىڭ خىيالىغا ھەر زامان ئۆلۈم دەشىتىنى ئېسىگە سېلىپ ،ئۇلارغا تەسەۋۇر قىلغۇسىز ئازاپ ئېلىپ كېلەتتى.
ياتاقتىكىلەر قىز دوستلىرىنى بىلەن باغچىغا ئۇچرىشىشقا چىقىپ كېتىپ مەستەك ھالەتتە كىرەتتى، ئاندىن جەينامازنى سېلىپ كېچىچە گۇناھلىرىنى تىلىگىنىچە يىغلاپ، ئىككىنچى گۇناھ ئۆتلۈزمەسلىككە ئەھدى قىلىشاتتى...لېكىن كۈندۈزى ئاشىقىنىڭ سىماسى يادىغا كېلىشى بىلەن چاچلىرىغا ئەتىرە سېپىپ مەكتەپ باغچىسىغا راۋان بولىشاتتى.بۇلۇپمۇ موللا بالا بەك قىينىلىپ كېتىۋاتاتتى ..كېچىسى  ئۇنىڭ كۆزلىرى  جەينامازنى ھۆللەپ چىلىق-چىلىق قىلىۋېتەتسە،كۈندۈزى ئاشىقىنىڭ تەگسىز تەشنالىق چىقىپ تۇرىدىغان كۆزلىرىگە تىكىلىپ قاراش ،مەيدىسى ئۇچۇق كۆڭلكتىن كۆرۈنۈپ قالغان ئالمىغا يەۋەتكۈدەك ئېچىرقاش بىلەن ئۆتەتتى.
ئۇ قانچە گۇناھ ئۆتكۈزگەنسېرى كۆز يېشىمۇ شۇنچە ئۇلغۇيىپ كېتىپ باراتتى . كېيىن ئۇنىڭ كۆز يېشى پولنى چىلىق-چىلىق سۇ قىلىۋەتتى. مۇشۇنداقى كېتىۋەرسە مېنىڭ كىتابلىرىمنى بىزەپ قىلىۋېتىش ئىھتىمالى بار ئىدى.
كىتاب ئۇقۇۋېتىپ، بىر زاھىتنىڭ كۆز زىناسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۆزىنى ئۇيۇۋالغانلىقى توغرۇلۇق بايانلار ئۇچىراپ ،كۆز ئالدىم پاللىدە يۇرىدى
موللا بالىغا خەنجىرىمنى كۆرسەتكەچ ئويۇمنى ئېيتىۋېدىم پەقەتلا قۇشۇلممىدى.
ئالىمادىس قانسىراپ ئۆلۈپ كەتسەم دوۋزاققا چۈشۈپ كەتمەمدىم ،-دەيتتى ئۇ.
ئاخىرى ئۇنىڭ  مەكتەپ باغچىسىغا چىقىپ گۇناھ ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن  كارۋېتىغا مەزمۇت بىر ئارغامچا بىلەن مەككەم باغلىۋەتمەكچى بولدۇم ،ئۇمۇ خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى. لېكىن سەھەردە قارىسام شۇنچىۋالا مەزمۇت ئارغامچىنى چىشى بىلەن ئۈزۈپ باغچىغا قېچىپ كەتكەن ئىدى.
ئاشىقىنىڭ شاللاق كۈلكە تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان زەڭگەر كۆزلىرى،ئەپسۇندەك باغلاپ تۇرىدىغان نازلىق ئەركىلەشلىرى ۋە ئېزىتقۇغا ئوخشايدىغان ئازغۇن سىماسى .... باغچىغا چىقىسىلا ئۆلۈم ۋە دەھشەتلىك  ئوت يالقۇنلىرنى ئەسلىتىدىغان قەبرە ..مۇشۇ قارمۇ-قارشى تۇيغۇلارنىڭ گىرەسىمان ئىسكەنجىسى ئاستىدا موللا بالىمۇ نېرۋىسىدىن ئاداشتى..ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇ ساراڭلار  دوختۇرخانىسىدا ئۇيقۇ دورىسنى ئۆلمەسلىكمنىڭ دورىسىنى دەپ قېلىپ خېلى كۆپ مىقداردا يەۋالغاندىن كېيىن شۈك بولغۇنىچە مەڭگۈ گۇناھ ئۆتكۈزەلمەيدىغان يەرگە يول ئاپتۇ.
مۇشۇ ىخلدىكى ساراڭلار باغانسىرى كۆپۈيۈپ، مەكتەپ رەھبەرلىرىنى ۋەھىمىگە سېلىشقا باشلىدى..لېكىن ھېچكىم ئامال قىلالمىدى.
-ماڭا بىر تال كۇنۇپكا تاختىسى بەرسەڭلار ، مەن ئۇلارنى ساقايتىمەن ،- دېدىم مەكتەپ مۇدىرىغا.

مەن مەرھۇم بولۇپ كەتكەن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قەبرىسىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ،ئورنىغا بىر جۈپ ئاشىق مەشۇقنىڭ قۇچاقلىشىپ تۇرغان ھەيكىلىنى ئورنىتىپ قويدۇم...
شۇنىڭدىن كېيىىن ھېچكىم نېرۋىسىدىن ئاداشمىدى ..مەكتەپ باغچىسىمۇ ئىلگىركىدەك ئاشىق مەشۇقلار بىلەن تولدى..ھەتتا ئۇقۇش پۈتۈرگەنلەرمۇ بۇ ئاشىق مەشۇقلار جەننىتدىن ئايرىلىشنى خالىماي،مەكتەپ باغچىسىنى ئۆزلىرىگە ماكان قىلىۋالدى..
مەكتەپ مۇدىرى بۇ ھالەتتىن ناھايىتى خۇشال بولدى، ۋە ماڭا بىر دانە سىپتا ياسالغان سىمسىز كۇنۇپكا تاختىسى ھەدىيە قىلدى.
-سەن مەكتىپىمىزنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭ ،-ھەر قانداق تەلىپىڭ بولسا ئورۇنلايمىز ،-دېدى ئۇ.
-خىياللىرمنى بۇزمىساڭلا بولدى ،-دېدىم مەن.
يېپيېڭى كۇنۇپكا تاختىسنى ۋە بىرنەچچە ناننى  ئېلىپ ياتىقىمغا كىرىپ ئىچىدىن قۇلۇپلىدىم، بۇنداق بولغاندا باشقىلارنىڭ ياتىقىمغا خاتا كىرىپ قېلىپ خىياللىىرىمنى بۇزۇۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلاتتى .
ئەينەككە قارىۋېدىم ، ئۇرۇقلىغىنمىدىن ،ياغاق سۆڭەكلىرىم ئاستىدىكى  ئىككى قوۋزۇم ئىچىگە كىرشىپ قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە ئوخشاپ قالغان ئىدى.نۇردىن ئەسەر يوق كۆزلۈرۈم جەسەتنىڭ رەڭگىگە ئوخشايدىغان يۈزۈمدە قارا سىياھ بىلەن سىزىپ قويۇلغان يۇمىلاق تۆشۈكتەك تىپ-تىنىچ  تۇراتتى.كېچە كۈندۈز ئاغرىۋاتقان بېشىم،ۋە زورلاپ يېمىسەم ئېچىپمۇ قويمايدىغان قورسۇقۇم مېنىڭ ئاخىرقى كۈنلۈرىمنىڭ كېلىپ قالغانلىقىدىن بېشارەت بېرەتتى .
  دېمەك ،«ر» غا باغلانغان رېئال ئۆتمۈشۈم  ۋە خىيالى كەلگۈسۈم  گىرەلىشىپ كەتكەن __«مۇزكوچا »دىن باشلىندىغان ھېكايەمنى يازىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلگەن ئىدى...


بىرىنچى قىسىمى تۈگىدى

xariqyultuzi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 19:42:50

بىر چۈشىنىپ بىر چۈشەنمەي دېگەندەك ئوقۇپ چىقتىم.مېنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىم سەل تۆۋەنرەك ئوخشايدۇ:lol:lo

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 09:47:59

بىرلا ئېغىز گەپ :ئىسىل ئەسەركەن !!!!!

yusran يوللانغان ۋاقتى 2014-12-21 16:27:35

ئاخىرى قېنى يۈز يىل،غېرىبلىقنىڭ پۇرىقى
بەت: [1] 2
: بەگ ئالىپ : مۇز كوچا (ھېكايە)