attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 05:14:33

بۇ يىللىق مۇكاپات تۇرى ئەڭ يۇقۇرى بولغان تۇركىيە فىلىمى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   attir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-18 06:10  

2014_يىللىق مۇكاپات تۇرى ئەڭ يۇقۇرى بولغان تۇركىيە فىلىمى (قىشلىق ئۇيقۇ)


فىلىم ئىسمى: قىشلىق ئۇيقۇ
ئەسلى ئىسمى:inter Sleep
فىلىم ئىشلىگەن دۆلەت:تۇركىيە ،ئەنگىلىيە ،گىرمانىيە
فىلىم خىتى؛خەنزۇچە'
IMDBدەرىجىسى:8.9
فىلىم تۇرى:ۋەقەلىك
فىلىم ئۇزۇنلىقى:196مىنۇت
رىژىسور:Nuri Bilge Ceylan
ئارتىسلار:Haluk Bilginer
Melisa Sozen
Demet Akbag
Ayberk Pekcan
Serhat Mustafa Kili
فىلىم مۇكاپات تەپسىلاتى.
گانا 67-قىتىملىق فىلىم كۆرىكىدە بىر قىتىم ياۋرۇپا27قىتىمىلىق فىلىم كۆۋرىكىدە 2قىتىم ئىسمى ئاتالغان.
فىلىم كەسمىسدىن كۆرۆنۇشلەر



فىلىم چۇشۇرۇش ئادرىسى
شۇنلى ئارقىلىق چۇشۇرۇش

ftp://ygdy8:ygdy8@y201.dygod.org:1132/[阳光电影www.ygdy8.com].冬眠.BD.720p.中文字幕.rmvb
كۆچۇرۇپ شۇنلىگە چاپلاڭ

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 10:10:06

تىلى تۈرۈكچىمىكەن يا...

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 11:28:56

ساقلاپ قوياي

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 12:50:47

Kış Uykusu, Nuri Bilge Ceylan tarafından yönetilmiş 2014 yapımı Türk filmi. Film, 2014 Cannes Film Festivali’nde Altın Palmiye kazanmıştır. Film ayrıca aynı festivalde FIPRESCI ödülüne de layık görülmüştür. Filmin ilk gösterimi festival kapsamında 16 Mayıs 2014’te yapılmıştır. Yönetmenliğini Yılmaz Güney’in yaptığı Yol’un ardından Altın Palmiye kazanan ikinci Türk filmidir.

Aydın (Bilginer) emekli bir oyuncudur; aktörlüğü bıraktıktan sonra Orta Anadolu’da kendi halinde küçük bir otelde çalışarak günlerini geçirir. Hayatında ise iki kadın vardır: Kendisine her anlamda uzak ve soğuk olan genç karısı Nihal (Sözen) ve boşanmış olan kız kardeşi Necla (Akbağ). Kışın bastırması ve kar yağışının artması bu küçük taşrada en çok Aydın’ın sinirlerine dokunur ve onu uzaklara gitmeye teşvik eder.
چوڭلىقى : 1.44  | 2.88GB
http://tizyol.net/?p=6877

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 12:53:17

Altın Palmiye دېگەن قانداق مۇكاپات بولاپ كەتتى ئەمدى؟

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 12:53:58

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 12:53 static/image/common/back.gif
Altın Palmiye دېگەن قانداق مۇكاپات بولاپ كەتتى ئەمدى؟

ئالتۇن پالما (پالما دەرىخى) دۇر ؟

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 12:55:07

IMDBدەرىجىسى:8.9   بولسا راۋرۇس يۇقۇرىكەنغۇ بىرىلگەن باھا ، كۆرەيلى ئەمىسە

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 14:19:52

بۇ IMDB نۇمۇرىمۇ ئانچە ئىشەنچىلىك ئەمەسمۇ قانداق ،  چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ بەزىبىر ئەخلەت فىلىملىرنىڭمۇ بەزىدە قارىسا بۇ نۇمۇرى 9 غا يېقىن تۇرغان .   ئادەتتە خېلى نوچى كىنولارنىڭمۇ بۇ نۇمۇردا 7 دىن ئاشمىقى ئاسان ئەمەسكەن .   ياكى بولمىسا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا IMDB  ئورگىنى بامۇ يا  ؟

Western يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 14:55:31

كىنو رىجىسسورى نۇرى بىلگە گېلان .

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 16:30:59

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 12:53 static/image/common/back.gif
Altın Palmiye دېگەن قانداق مۇكاپات بولاپ كەتتى ئەمدى؟

http://www.kowruk.cn/?a=viewstar&id=39

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 16:34:21

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 14:19 static/image/common/back.gif
بۇ IMDB نۇمۇرىمۇ ئانچە ئىشەنچىلىك ئەمەسمۇ قانداق ،  چوڭ ق ...

مەنمۇ شۇنداق ئويلاپ قالدىم. ماۋۇ كىنونىڭمۇ تازا تاينى يوقكەن.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 16:54:33

تۈركىيىلىك قاپلان ئوغلۇ دېگەن رىژىسسۇرىنىڭ « يېمەكلىك تېرىلوگىيىسى»( يەنە بىر نامى « يۈسۈپ تېرىلوگىيىسى»)  دەپ نام ئالغان  جىمجىت كىنولىرى بار ، « سۈت»، «ھەسەل»،«تۇخۇم» دەپ ، تەبىئەتنىڭ ئاۋازىدىن باشقا ئاۋاز يوق...بىراق ئادەمنىڭ يۈرىكىگە تەسىر قىلىدۇ..

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 17:06:13

چۈشۈرمەي بىۋاستە كۆرىدىغان ئادرىسنى ئەۋەتىپ بەرسەڭلار
      كۆرۈپ بولغانلار تەسىراتنى يوللىساڭلار ؟ ياكى باشقا ياخشى كىنولارنى تەۋسىيە قىلساڭلار

President يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 19:20:28

تۈركىيە كىنولىرىغا قىزىقىدىغان دوستلار بۇرۇنقى فىلىملەردىن «كېپىنەكنىڭ چۈشى»، «بۇ بىر ئۇزۇن ھېكايە»، «بۆرىلەر جىلغىسى: ئىراق»، «ئاتام ۋە بالام» دېگەندەك كىنولار، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يىل چىققان «بىرلەشكەن قەلبلەر»، قىرىمدىكى تاتارلارغا ئائىت «قىرىملىق»، كېلەر ئاينىڭ بېشىدا چىقىدىغان، «فەتىھ 1453»نىڭ بىر قىسمى بولغان «فەتھىنىڭ پىدائىيلىرى»، ئوسمان تۈركلىرىنىڭ ئانادولۇغا كېرىشىگە ئائىت تېياتىر «تىرىلىش» قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىپ قويغايسىلەر.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 19:30:09

President يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 19:20 static/image/common/back.gif
تۈركىيە كىنولىرىغا قىزىقىدىغان دوستلار بۇرۇنقى فىلىم ...

سەن تەۋسىيە قىلغان كىنولىرى ئىچىدە «ئاتام ۋە بالام» نى ياقتۇردۇم، ئاۋۇ پولات ئالامدارنىڭ كىنوسى نەق قىزىل ئارمىيە ستايلدا ئىشلەنگەن كىنوغۇ؟ «فەتىھ 1453» مۇ تازا دېگەندەك چىقماپتۇ،ھوللىيۋودنىڭ چوڭ فىلىملىرىنى تەقلىد قىپتىيۇ ، ئېغىر-يىنىك نۇقتىلىرىنىڭ بىرتەرەپ قىلىنشى ياخشى بولماپتۇ...
تۈركىيە، ئىرانلارنىڭ بالىلار تېمىسىدا ئىشلەنگەن كىنولىرى ياخشىدەك بىلىندى.

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 20:04:25

مەنمۇ دىقەت قىلىشىمچە تازا تايىنى يوق دىگەن فىلىملار مۇشۇنداق مۇكاپاتلىنىپ تۇردىكەن ،سەۋەبى بىز ھىس قىلالمىدۇقمۇ ياكى ئۇلارنىڭ تەستىقلاش ئۆلچىمى باشقىمۇ؟
بولۇپمۇ بۇنداق فىلىم كۆۋرىكىدە مۇكاپاتقا كۆپرەك نائىل بولدىغىنى تۇرمۇش ۋە ھەقىقىي چىنلىقى بار فىلىملار ئىكەن ۋوللىۋودنىڭ چوڭ فىلىملىردىكى تىخىنىكا بىلەن ئىشلەنگەن فىلىملارنى ئانچە مۇكاپاتلانغىنىنى بۇلمىدىم .يىقىندىمۇ بۇ فىلىم بايرىمىدا جۇڭگۇ فىلىمىدىن ئادەم دىڭىزى دىگەن بىر فىلىم مۇكاپاتقا ئىرىشتى ئۇمۇ شۇنداق تەبىي ئىشلەنگەن فىلىم لىكىن جۇڭگۇدا ئانچە دىقەت تارتالمىدى.
بەزى تىخى قويۇشنى چەكلەنگەن فىلىممۇ مۇكاپاتلىنىپ قالدىكەن.

President يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 20:06:29

dadash يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 19:30 static/image/common/back.gif
سەن تەۋسىيە قىلغان كىنولىرى ئىچىدە «ئاتام ۋە بالام» ن ...

ئەمدى شۇ ئەھۋالغا قاراپ، تۈركىيەنىڭ سەۋىيىسىدە بوپ قالىدۇ دېگەن كىنولارنى تەۋسىيە قىلدىم.:$

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 20:14:51

attir يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 20:04 static/image/common/back.gif
مەنمۇ دىقەت قىلىشىمچە تازا تايىنى يوق دىگەن فىلىملار م ...

ھوللىيۋۇدنىڭ چوڭ فىلىملىرى پۇل سۈپۈرىدۇ، مېنىڭ  ھېس قىلىشىمچىمۇ  كىنو فېستىۋاللىرىدا مۇكاپاتلىنىشقا ئېرىشىدىغىنى مەلۇم ئىدىيە، ئىجىدىمائى مەسىلىلەر ۋە سىياسى مەسىلىلەر قاتارلىقلارغا دائىر كىنولارئىكەن ...

halis123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 00:58:47

بۇ كىنونى ھازېر تولۇق كۆرۈپ بولدۇم ،  ھەقىقەتەن مۇكاپاتلىنىشقا لايىق، ياخشى ئىشلەنگەن فىلىمكەن ،  گەرچە كىنودا ئالاھىدە ۋەقەلىك، ئالاھىدە كۆرۈنۈش ، يۇقرى تېخنىكا قاتارلىقلار بولمىسىمۇ، ئاز ساندىكى پىرسوناژلار ، ئاددى ۋەقەلىكلەر ئارقىلىق ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى زىددىيەتلەر، ھىسياتلار ۋە ئىددىيەلەر ناھايىتى چىنلىق بىلەن يورتۇپ بېرىلىپتۇ  ،  بۇ كىنو كۆز بىلەن ئەمەس، قەلىب بىلەن كۆرىدىغان كىنولارنىڭ بىرسى ئىكەن .

كىنودا مۇنۇ بىر جۈملە بىر ئېغىز سۆز دىققىتىمنى تارتتى ؛
ۋىجدان ، كۈچلۈكلەرنى قورقۇتۇش ئۈچۈن چۈشۈرۈلگەن ، ئاجىزلار قوللىنىغان سۆزدىن باشقا نەرسە ئەمەس .
  - شېكىسپىر  

arkan2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 19:43:38

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 14:19 static/image/common/back.gif
بۇ IMDB نۇمۇرىمۇ ئانچە ئىشەنچىلىك ئەمەسمۇ قانداق ،  چوڭ ق ...

دېگىنىڭىز ئورۇنلۇق ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭمۇ كىنو فىلىم ئارخىپ ئامبىرى بار بولۇپ، مەلۇم بىر كىنوغا خەلقئارالىق نومۇر باشقا بولسا بەزى دۆلەتلەردىكى نومۇر باشقا قويىلىدۇ.
ئادەتتە خەلقئارالاشقان كىنو فىلىم ئامبىرى   http://www.imdb.com/
بۇنىڭدا خەلقئارا ئۆلچەمنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ نومۇر بېرىلىدۇ.
جۇڭگونىڭ imdb نومۇر قويۇش ئۆلچىمى ئايرىم بولۇپ، ئۇلاردوۋ بىيەن توردىدا ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ مەسىلەن ئالايلۇق جۇڭگودىكى نومۇر 8.3 كەن.
http://movie.douban.com/subject/21770915/
ئۇندىن باشقا زامان تورىمۇ كىنو فىلىم ئامبىرى تور بېكىتى
http://movie.mtime.com/207355/
تۈركىيەنىڭمۇ نومۇر قويۇش ئۆلچىمى ئايرىم بولۇپ، بۇ فىلىمگە قويۇلغان نومۇر 8.3 كەن
مەن ئادەتتە تۈركچە فىلىملارنىڭ بولسۇن ياكى باشقا فىلىملارنىڭ نومۇرىنى بۇ بەتتىن كۆرىمەن، تولۇقراق چىقىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە يېزىق چۈشۈرۈش بېتى بولغان بىلەن كىنو فىلىم ۋە چولپانلارنىڭ ماتېرىياللىرى بەكمۇ تولۇق، مەسىلەن بۇ فىلىم توغرىلىق ھەر قايسى ئەللەردىكى نومۇر بۇ بەتتە:
http://www.turkcealtyazi.org/mov/2758880/kis-uykusu.html
بۇ بەتتىكى ئەڭ ئۈستىدىكى نومۇر 8.3 تۈركىيەنىڭ نومۇرى ئاستىراق خەلقئارالىق imdb نومۇرى ۋە باشقا دۆلەتلەر بەرگەن نومۇر باھالىرى بار....مۇشۇ بېكەتتىن تولۇقراق كۆرگىلى ۋە چۈشەنگىلى بولىدۇ.
بەت: [1]
: بۇ يىللىق مۇكاپات تۇرى ئەڭ يۇقۇرى بولغان تۇركىيە فىلىمى