مەنىلىك ئىسىم تەۋىسسىيە قىلساڭلار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا doctor تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-17 23:47ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇ سىلەر ئىزدىنىشلىقلار:handshake
ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ئىنىممۇ بىر ئۇغۇللۇق بۇپ قالدى ،ئاكا ئوغلۇمغا مەنىلىك ياخشى ئىسىملانى تەۋىسسىيە قىلسىڭىزكەن دەپتى،كۆڭلۈم ئىزدىنىشتىكى بۇرادەرلەنى تارتىپ بۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن شۇڭا مەنىلىك گۈزەل ئىسىملاردىن تەۋسىيە قىلساڭلار بۇۋاقنىڭ ئسمىنى ئاللاھ خالىسا يەكشەنبە كۈنى قويماقچى ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن، http://bbs.izdinix.com/search.php?mod=forum&searchid=6&orderby=lastpost&ascdesc=desc&searchsubmit=yes&kw=%D8%A6%D9%89%D8%B3%D9%89%D9%85 گۈزەل ئىسىملار ئاللاھنىڭ 99سۈپىتىنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلگەن ئىسىملاردۇر
مەسىلەن: ئابدۇللا، ئابدۇرەھىم، ئابدۇلئەزىز، ئابدۇكەرىم .......دېگەندەك
ئۇندىن قالسا مەنىسى ياخشى مەشھۇرلارنىڭ ئىسمىنى قويسىڭىزمۇ بولىدۇ
مەسىلەن:پەخرىدىن، ئۆمەر، ئوسمان، يۇنۇس، ئىبراھىم، يۈسۈپ.......
دېگەندەك
isim.okyan.com
ماۋۇ بەتتە بىزگە ماس كېلىدىغان ئىسىم، فامىلىلەر كۆپ، ھەرپ بويىچە مۇۋاپىق ئىسىم، فامىلە تاللىيالايسىز
مۇھەممەت ياكى مۇستافا قويىڭە.... ئەرەپچە تەۋسىيە قىلمايمەن .
مۇھەممەد،قويسىڭىز ،مۇھەممەت،مەمەتجان،مەمەت،مەت بولۇپ ئۆزگىرىپ كىتىدۇ ،ئابدۇراھمان قويسىڭىز ،يولداشلار ئابۇدۇ
دەپ تۇرۋالدۇ ،ئۇيغۇرلىرىمىز راھمانجان دەپ تۇرۋالىدۇ
شۇنىڭ بىلەن گۇناھ كىمگە بولىدۇ ؟ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇڭ . ئۆزمىزنىڭ ئەڭ گۇزەل ! ماڭا رۇستەم دىگەن ئىسىمدىن بىر خىل يىگىتلىك، ئەركەكلىك پۇراق چىقىپ تۇرغاندەك بىلىنىدۇ. KAPITAN39 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 08:36:16 static/image/common/back.gif
ماڭا رۇستەم دىگەن ئىسىمدىن بىر خىل يىگىتلىك، ئەركەكلى
پالۋاننىڭ ئىسىمى بولغاچقا شۇنداق تۇيۇلىدۇ. سۇتۇق.:( بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Mewdudi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-18 09:25
ئەرھون : ئەر، ئەركىشىنى ، ئەركەكنى كۆرسىتىدۇ. ھون: بىزلەرنىڭ ئەجدادىمىزنى كۆرسىتىدۇ.
فېردون: بۇ ئىسىم غەيراتجان ئوسماننىڭ ‹‹ئۇيغۇلار شەرىقتە ۋە غەرىبتە›› دېگەن كىتابىدا، يۈسۈپ خاس ھاجىبنىڭ ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› داستانىدا تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ تۇرانلارنىڭ دادا قەۋمى ياكى پادىشاھى بولسا كېرەك. مەن ئېنىق ماتىريال كۆرمىگەن. ئىزدىنىپ بېقىڭ.
ئامال بار ئىسىمنى سەل ھازىرقى ئېقىمغا لايىق، ئەمما ئۇيغۇر قەدىمقى ئىسىم ئاتالغۇلىرى بىلەن ئاتىشىڭىزنىڭ ئۈمۈد قىلىمەن. مەسىلەن بىلىكيار، ئەلقۇت، ئالىپتېكىن، ئەلتېكىن دېگەندەك ھازىرغا نىسبەتەنمۇ ھېچبىر مودىدىن قالمايدىغان ئىسىملار. نەسىرۇللا بىلەن پەخرىدىن نى تەۋىسيە قىلمەن:) ئۇيغۇرچە ئىسىم قۇيىشىڭىزلارنى كۆچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن ،يۇقۇرىدىكى قېرىندىشىمىز ئوتانچىنىڭ پىكىرى ئەڭ دانا رىئال پىكىر otanqi يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 08:22 static/image/common/back.gif
ئەرەپچە تەۋسىيە قىلمايمەن .
مۇھەممەد،قويسىڭىز ،مۇھەمم ...
شۇنى دەيمە ھازىرقى ئىسمى قۇيۇلماقچى بولغان بۇۋاقنىڭ دادىسىنىڭ ئسمىمۇ مۇھەممەد ئەلى ئىدى لىكىنزە يىقىن يۇرۇقلارنىڭ ھەممىسى مەمەت ئېلى دەپ چاقىرىپ كۈنۈپ قالدى،
قىنى ئەمىسە ھەممەيلەن بىلگنىڭلارچە ئەڭ ياخشى مەنىلىك ئسىملارنى توختىماستىن تەۋىسسىيە قىلساڭلار، بەخـتيار. ئەلى مۇ ياخشى ئىسم رۇستەم راۋايەتلەردىكى پالۋان، ئەمما ئەفراسىياپنىڭ ئەڭ چوڭ دۇشمىنى.« ئەجداتلىرىمىز ئۆزۇڭنى ئەر چاغلىساڭ، دۇشمىنىڭنى شىر چاغلا » دىگەن ماقالغا ئاساسەن رۇستەمنى تىللاردا داستان قىلغان .
ماڭا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسمى بەك گۇزەل ئاڭلىنىدۇ . مۇھەممەدئوغۇزخان begir يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 12:57 static/image/common/back.gif
ئازات - ئازات سۇلتاننىڭ ئىسمى .
ئادىل - ئادىل مىجىت ئىشل ...
{:107:} مانداق تۇيۇقسىز ، قاتتىق، باشقىلارنى چۆچۈتىۋەتكىدەك كۈلۈپ تاشلىمىغانتىم 21-ئەسىر كىرگەندىن بىرى ، بۈگۈن ماۋۇ تېمىدا، مۇشۇ ئىنكاسقا يولۇققاندا بۇ ۋەقە ئاخىرى يۈز بەردى ئابدۇللاھ ، ئابدۇشۈكۈر ، مۇستافا ، بىلال ، ئابدۇسەمەد .... دىگەندەك ئىسىملار ئۇلۇغ مەنالاغا ئىگە .
بەت:
[1]
2