Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 21:35:06

بالىلاردىكى ئانگىنانى يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولامدۇ؟

قىزىم 1 ياشقا كىرىپ 3 ئايلىق بولدى. 9ئايلىق بولغاندا بىر قېتىم قىززىپ قالغانىدى، تەكشۈرتسەك، قىزىڭىزدا ئانگىنا بار ئىكەن، شۇ قوزغىلىپتۇ، دېدى. بۇ كېسەل مەندە يوق، ئايالىمدا بار، لېكىن، كىچىك ۋاقتىدا بىر تۇتقانچە ھازىرغىچە تۇتۇپ باقمىغانىكەن. بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە، بۇ كېسەل ئېرسىيەت قالىدىكەن، راست شۇنداق بولامدۇ؟
مەن ئويلايمەن، قىزىم تېخى كىچىك بولغانكىن، بۇ كېسەلنى تۈپتىن داۋالاپ ساقايتىقىلى، قايتىلاپ تۇتماس قىلغىلى بۇلامۇ؟
ئىزدىنىشتىكى ھەكىم ۋە ھەكىمەلەر، تىۋىپ ۋە تىۋىبەلەر، دوختۇر ۋە دوختۇرەلەر مۇشۇنىڭغا بىر يول كۆرسەتكەن بولساڭلار.
چوڭ ئادەمنى تۇتۇۋالسىمۇ بىر نۆرىكەن، لېكىن كىچىككىنە بىر بالا شۈمشۈپ، ئىككى كۆزى بىلەن بىچارىلەرچە تەلمۈرۈپ تۇرسا، ئادەمنىڭ يۈرىكى سۇ بولۇپ كېتىدىكەن.:'(

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 08:39:42

ياڭاق مىۋە تۇتۇپ مېغىزچىلىك بولغاندا ئۇزۇپلا يىگۈزىۋەتسىڭىز يىلتىزىدىن ساقىيىدۇ.

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 10:09:43

ياڭاق مىۋە تۇتۇپ مېغىزچىلىك بولغاندا ئۇزۇپلا يىگۈزىۋەتسىڭىز يىلتىزىدىن ساقىيىدۇ.

سىرتىدىكى پوستى بىلەن قوشۇپلا ؟

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 11:10:33

KAPITAN39 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 08:39 static/image/common/back.gif
ياڭاق مىۋە تۇتۇپ مېغىزچىلىك بولغاندا ئۇزۇپلا يىگۈزىۋە ...

سىرتىدىكى پوستى بىلەن قوشۇپلىما ؟

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 13:43:33

شۇنداق. مىغىزچىلىك ۋاختى بەك كىچىك ۋاختىغۇ ياڭاقنىڭ.

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 15:16:15

ئىرسىيەت قالىدىغان كېسەل ئەمەس. بالىڭىزنىڭ ئىممىنىت كۈچى ياخشىلانسا قايتا قوزغالمايدۇ.

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 15:22:07

ئىسسىقى ئېشىپ كەتمىسۇن، سوغۇق، يەللىك نەرسىلەرنى يىمەسلىك كېرەك.كاكىنەچنىڭ مىۋىسىنى يىگۈزۈپ ، پوستىنى دەملەپ ئاغزىنى غەر- غەر قىلسىمۇ بولىدۇ

karwan413 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 15:40:22

مىنىڭ بالاممۇ 1.5 ياشتىن باشلاپ ھەر 15كۈندە بىر قوزغىلاتتى بۇ كېسەل ، قوزغالغاندا قىزىتىپ ،تاماق يىيەلمەي بەك قىينىلاتتى ،كىيىن بىرەيلەندىن شاتۇت مۇرابباسى پايدا قىلىدۇ دەپ ئاڭلاپ ،ئىخلاس تاللا بازىرىدىن ئاتۇشتا ئىشلەنگەن شاتۇت مۇرابباسىدىن (ئىچىدە شاتۇت مىۋىسى بار ) ئېلىپ كېسەللىك ئالامىتى كۈرۈلگەندە كۈندە بىر قۇشۇقتىن سۈيىنى ئىچكۈزۈپ قويغان سەۋەپ بىلەن ئاللا شىپاھلىق بىرىپ  قايتا قوزغۇلۇپ باقمىدى ، شاتۇت مۇرابباسىنى كېسەللىك  ئېغىرلاشقاندا ئىشلتمەڭ ،بولمىسا ئىغىرلاشتۇرۇپ قۇيارمىش .
بەت: [1]
: بالىلاردىكى ئانگىنانى يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولامدۇ؟

<