waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 20:31:50

تەڭرىتاغ كوماندىسى يۇقۇرى نۇمۇر بىلەن سىچۋەن كوماندىسىنى يەڭدى

  ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛  ئۈرۇمچى ۋاقتى 12- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 00؛6 دە ،  2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ يىگىرمىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول  كوماندىسى ئۆزمەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا،  سىچۋەن  كوماندىسىنى كۈتىۋالدى.  شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى كوماندىسى   چەتئەللىك ئەزا  ئاندىرى بىراچنىڭ  25 نومۇر، 18 قېتىم گاردىن قايتقان توپ  ئىلىشتەك ياخشى نەتىجىسىگە تايىنىپ  باشتىن ئاخىرى ئۈستۇنلۈكنى ئىگەللەپ ئاخىرى 108-81 نەتىجە بىلەن رەقىبى سىچۋەن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.
   بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن  بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى  ئاندىرى بىراچ 25 نومۇر، 18 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 6 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 6 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ سىباستئان تېلفىر  7 نومۇرئالدى،  5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ليۇۋېي  20 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ لىيۇشۇنەن 18 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 1 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ سۇۋىي 16 نومۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ يۈچاڭدۇڭ 12 نومۇر، 9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ قىرانبېك ماقان 8نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 2 قىتىم توپ تارتىۋالدى.  شىرئەلىجان بىلەن جۇچى مەيدانغا چىقماي دەم ئالدى.
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە 12-ئاينىڭ 19-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى  داۋاملىق ئۆز  مەيدانىدا چۇڭچىڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 10:08:42

يامانكىنا بۇلار

yaxar0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 21:29:08

شىنجاڭ كوماندىسى بۇ پەسىلدە قانچىنچى بولا?
بەت: [1]
: تەڭرىتاغ كوماندىسى يۇقۇرى نۇمۇر بىلەن سىچۋەن كوماندىسىنى يەڭدى