xahriyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 19:48:37

كەڭ بەلۋاغ تورىڭىزنىڭ سۈرئىتىنى ھەقسىز ئۆستۈرىۋىلىڭ .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xahriyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-17 19:52  


تۈنۈگۈن باشقا بىر ئىش بىلەن جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ ئۈندىدار سۇپىسىنى قوشۇپ ، توساتتىن بۇ ئۇچۇرنى بايقاپ قالدىم ھەم كەڭ بەلۋاغنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ھەقسىز يۇقىرى كۆتۈرۈۋالدىم . ئېھتىمال ئىزدىنىشتىكى مۇتتەھەملەرنىڭ بىر قىسىمى بۇنىڭدىن خەۋەردار بولسىمۇ ، بىر قىسىمى خەۋەرسىز . شۇڭا بۇنداق ياخشى ئىشتىن خەۋەرسىزلەرنى خەۋەردار قىلىپ قويغىلى كەلدىم . ئاستىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇپ بولالمىساڭلارمۇ تەپسىلىي ئوقۇپ ، يولداشلار بەھرىمەن بولغان ئىشتىن بەھرىمەن بولۇڭلار .
جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ كەڭ بەلۋاغ ئابونتلىرى 20 - نويابىردىن كىيىنكى يىل 31 - يانىۋارغىچە ئارىلىقتا ، كومپيۇتېر ياكى يانفون ئارقىلىق جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ تور تىجارەتخانىسىغا چىقىپ ، كەڭ بەلۋاغ تورىنى ھەقسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا ، 24 سائەت ئىچىدە ئېجرا بولىدىكەن .
مەسئۇل تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەت ھەققىدىكى كونكىرت چۈشەندۈرۈشى تۆۋەندىكىچە :
1 . پائالىيەت ۋاقتى : 2014 - يىل 20 - نويابىردىن 2015 - يىلى 31 - يانىۋارغىچە .
2 . پائالىيەت مەزمۇنى : پائالىيەت مەزگىلىدە ، نۇر كابىل ئارقىلىق تورغا ئۇلانغان كەڭ بەلۋاغ ئابونتلىرىنىڭ 20M دىن تۆۋەنلىرى ۋە مىس كابىل ئارقىلىق تورغا ئۇلانغان كەڭ بەلۋاغ ئابونتلىرىنىڭ 8M دىن تۆۋەنلىرى بۇ پائالىيەت ئارقىلىق كەڭ بەلۋاغ سۈرئىتىنى ھەقسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ .
(1) . نۇر كابىل ئابونتلىرىنىڭ ئىچىدە ، يەككە كەڭ بەلۋاغنىڭ 19 يۈەنلىك يۈرۈشلۈك كەسپىنى بېجىرگەنلەر 20M لىق كەڭ بەلۋاغنى ھەقسىز بىر ئاي ئىشلىتەلەيدۇ . 20 يۈەندىن 39 يۈەنگىچە يۈرۈشلۈك كەسپىنى بېجىرگەنلەر 20M لىق كەڭ بەلۋاغنى ھەقسىز ئىككى ئاي ئىشلىتەلەيدۇ . 40 يۈەندىن 59 يۈەنگىچە يۈرۈشلۈك كەسپىنى بېجىرگەنلەر  20M لىق كەڭ بەلۋاغنى ھەقسىز ئۈچ ئاي ئىشلىتەلەيدۇ . 60 يۈەن ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى يۈرۈشلۈك كەسپىنى بېجىرگەنلەر  20M لىق كەڭ بەلۋاغنى پۈتۈنلەي ھەقسىز ئىشلىتەلەيدۇ ، ئاندىن 2000 جۇغلانما نومۇرغا 50M لىق كەڭ بەلۋاغنى ئالماشتۇرسا بولىدۇ .
(2) . نۇر كابىل ئابونتلىرىنىڭ ئىچىدە ، « مېنىڭ e ئائىلەم » نىڭ 128 يۈەن ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن يۈرۈشلۈك كەسپىنى بېجىرگەنلەر   20M لىق كەڭ بەلۋاغنى پۈتۈنلەي ھەقسىز ئىشلىتەلەيدۇ ، ئاندىن 2000 جۇغلانما نومۇرغا 50M لىق كەڭ بەلۋاغنى ئالماشتۇرسا بولىدۇ . 129 يۈەندىن 208 يۈەنگىچە يۈرۈشلۈك كەسپىنى بېجىرگەنلەر   50M لىق كەڭ بەلۋاغنى پۈتۈنلەي ھەقسىز ئىشلىتەلەيدۇ ، ياكى 2000 جۇغلانما نومۇرغا 100M لىق كەڭ بەلۋاغنى ئالماشتۇرسا بولىدۇ . 209 يۈەن ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى يۈرۈشلۈك كەسپىنى بېجىرگەنلەر 100M لىق كەڭ بەلۋاغنى ھەقسىز ئىشلىتەلەيدۇ .
(3) . مىس كابىل ئابونتلىرى 8M لىق كەڭ بەلۋاغنى ھەقسىز ئىشلىتەلەيدۇ .
3 . پائالىيەت چۈشەندۈرۈلۈشى : مەزكۇر پائالىيەت پەقەت شىنجاڭ رايونىدىكى جۇڭگو تېلېگرافى ئائىلە كەڭ بەلۋاغ ئابونتلىرىغىلا قارىتىلغان . ھەر بىر كەڭ بەلۋاغ نومۇرىنىڭ پائالىيەتكە پەقەت بىر قېتىملا قاتنىشىش پۇرسىتى بار . مەزكۇر پائالىيەت ئارقىلىق ئېرىشكەن ھەقسىز كەڭ بەلۋاغ سۈرئىتى مەڭگۈلۈك ( پەقەت سىز كەڭ بەلۋاغ تورىڭىزنى توختىتىپ قويمىسىڭىزلا ) كۈچكە ئېگە . جۇغلانما نومۇر ئارقىلىق ئېرىشىلگەن كەڭ بەلۋاغ سۈرئىتىنىڭ ۋاقتى بىر يىل بولۇپ ، بىر يىلدىن كىيىن ھەقسىز ئىلتىماس قىلىنغان سۈرئەتكە قايتىدۇ . مەسىلەن : 129 يۈەنلىك يۈرۈشلۈك كەسىپنى بېجىرگەنلەرنىڭ ھازىرقى كەڭ بەلۋاغ سۈرئىتى 8M بولۇپ ، بۇ پائالىيەت ئارقىلىق 50M لىق كەڭ بەلۋاغنى ھەقسىز ئىلتىماس قىلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ . يەنە 2000 جۇغلانما نومۇرغا 100M لىق كەڭ بەلۋاغنى ئالماشتۇرسا بولىدۇ . بىر يىلدىن كىيىن 100M لىق كەڭ بەلۋاغ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ، ھەقسىز ئىلتىماس قىلىنغان 50M لىق كەڭ بەلۋاغ ھالىتىگە قايتىدۇ . ھەقسىز ئىلتىماس قىلغاندىن كىيىن ، جۇغلانما نومۇرى ئارقىلىق يەنە بىر دەرىجە يۇقىرى كەڭ بەلۋاغقا ئالماشتۇرماقچى بولغان ، بىراق جۇغلانما نومۇرى 2000 غا يەتمىگەن ئابونتلار « يېڭى e9 ئائىلە بەختى » كەسپىنى بېجىرگەندىن كىيىن ، ئالماشتۇرماقچى بولغان كەڭ بەلۋاغقا ئالماشتۇرسا بولىدۇ . ئىلتىماس قىلغان ئابونتلارنىڭ كەڭ بەلۋاغ سۈرئىتى 24 سائەت ئىچىدە ئەمەلىيلىشىپ بولىدۇ .
كەڭ بەلۋاغ سىم يولىدا مەسىلە بار بولغان ياكى ئىلگىرى باشقا كەڭ بەلۋاغ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش كەسىپلىرىنى بېجىرگەن ئابونتلار بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتنىشالمايدۇ .
مەسئۇل تەرەپ تور بېكىتىنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەت توغرىسىدىكى تور بەت ئادىرىسى :
2014网厅跨年度宽带提速
يۇقىرىقى چۈشەندۈرۈشتە ئەسكەرتىلمىگەن ، ئەمما مەن ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا ھېس قىلغان نۇقتىلار :
ھەقسىز ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن ، جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ تور تىجارەتخانىسى غا بارسىڭىز بولىدۇ . ئىلتىماس قىلىش بېتى : 全民宽带大提速
ياكى ئۈندىدارغا جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ تور تىجارەتخانىسىنىڭ ئۈندىدار سۇپىسىنى ( ئۈندىدار نومۇرى : xj189cn  ياكى 中国电信新疆网厅 ) قوشۇپ ، ئاستىنقى ستوندىكى « 快捷办理 » نىڭ ئىچىدىن « 更改绑定 »  نى چېكىپ ،  كەڭ بەلۋاغ يۈرۈشلۈك كەسپى ئىچىدىكى جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ يانفون نومۇرى بىلەن باغلىغاندىن كىيىن ، « 宽带提速 » نى باسسىڭىز بولىدۇ .
كەمىنە تۈنۈگۈن ئۈندىدار ئارقىلىق ئىلتىماس قىلغان ، بۈگۈن ئەتىگەندىن بېرى 20M لىق كەڭ بەلۋاغدا تورغا چىقىپ ئولتۇرۇپتىمەن . مېنىڭ 129 يۈەنلىك « مېنىڭ e ئائىلەم » يۈرۈشلۈك كەسپى بولۇپ ، چۈشەندۈرۈش بويىچە 50M غا كۆتۈرۈلۈشى كېرەك ئېدى ، لىكىن 20M غا كۆتۈرۈلۈپتۇ . ھەقسىز بەرگەن نەرسىنى يەنە كوچىلاپ سۈرۈشتۈرۈشتىن خىجىل بولدۇم . بەلكىم مەن تۇرۇۋاتقان جايدا كەڭ بەلۋاغنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى 20M بولسا كېرەك . مەن بىلەن ئوخشاش كەسىپ بېجىرگەن بىر دوستۇمنىڭ كەڭ بەلۋاغ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلساق ، « سىزنىڭ كەڭ بەلۋاغ سۈرئىتىڭىز سىز ئىلتىماس قىلماقچى بولغان چەككە يېتىپ بولغان ياكى ئېشىپ كەتكەن ، ئىلتىماس قىلسىڭىز بولمايدۇ » دەپ ئۇچۇر چىقتى . ئۇ دوستۇم كەڭ بەلۋاغنىڭ بىر يىللىق ھەققىنى تاپشۇرغان بولۇپ ، 3 ئاي قوشۇپ بەرگەن ، جەمئىي 15 ئاي ئىشلىتىش مۇددىتى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا توشتى ، شۇندىن كىيىن ئايلىق ھەققىنى تاپشۇرۇپ ئىشلىتىۋاتقان ئېدى . قارىغاندا بۇ پائالىيەت پەقەت كەڭ بەلۋاغنىڭ يىللىق ھەققىنى بىراقلا تاپشۇرغان ، ئىشلىتىش مۇددىتى تېخى ئاخىرلاشمىغان ئابونتلارغا ماس كېلىدىكەن .

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 07:40:38

مەن ئۆستۈرۋالدىم ، رەخمەت。

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 07:42:51

ئېھتىمال ئىزدىنىشتىكى مۇتتەھەملەرنىڭ بىر قىسىمى بۇنىڭدىن خەۋەردار بولسىمۇ ، بىر قىسىمى خەۋەرسىز .

ئادەم تىللىماڭ ھەم چىرايلىق سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە ئادەتلىنىڭ:o

nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 08:21:48

دۇكاندىكى كۆچمىنىڭ سىملىق تورىنى سۆكىۋىتىپ تىلگىرافقا كۈچۈۋالايمىكىن  سەۋەبى كۆچمىدە بەك تولا توربەت ئېچىلمايدۇ

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 08:31:15

ياخشى بوپتۇ جۇما ، كۆچمە ، بىرلەشمىلەرنىڭ تورلىرى چىقىپ تېلگىراف بۇلارغا جەڭ ئېلان قىلۋېتىپتۇ ، مۇشۇنداق ھېس قىلدىم :lol

upukjan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 09:41:01

مەن بۇيىل 1900يۇەن تۈلەپ ،ئايدا 87يۇەن تۈلەش شەرتى ئاستىدا تېلگىرافنىڭ 800مىنوتلۇق سۆزلىشىش ھەققى بار ،ئائىلە تورىغا باغلانغان كەسپىنى ئاچقۇزغان .كىيىن 200يۇەن تۈلەپ تور سۇرئىتىنىM8كۈتۈرگەن.بۇقېتىملىق پائىلىيەتكە ئىلتىماس قىلسام،سىز بۇقېتىملىق پائالىيەت دائىرىسىدە ئەمەس دەپ خەت چىقىلىۋاتىدۇ.

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 10:08:14

ئېھتىمال ئىزدىنىشتىكى مۇتتەھەملەرنىڭ بىر قىسىمى

ئىزدىنىشتا مۇتتەھەم كۆپما شۇندا

Emperor يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 10:44:50

سىز بۇ دائىردە ئەمەس، سۈرئەتنى يۇقۇرى كۆتۈرەلمەيسىز دەييدىيا؟ مېنىڭكى 68 يۈەنلىك يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتتى

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 11:23:36

birmoo يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 08:31 static/image/common/back.gif
ياخشى بوپتۇ جۇما ، كۆچمە ، بىرلەشمىلەرنىڭ تورلىرى چىقى ...

نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا دۆلەتلەرنىڭ  دۇنيادىكى تۇر سۈرئىتىنى رەتكە تىزسا 80 نەچچىنچى ئۇرۇندا،ئۇخشاش تور سۈرئىتى شارائىتىدا ،ئالدىغان ھەققىنىڭ قىممەتلىكى  ئالدىنققى  ئۇننىڭ ئىچىدىمۇ شۇنداق چىققان ،يەنە بىز خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 100 يۈەن تۈلىگەن يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتتە شۇ چاغدا 2 م ب تىزلىككە چىقالىغان بولساق ،مۇشىنچىلىك پۇلغا كۇرىيەلىكلەر 20 م ب تىزلىكتە چىقالايدىكەن.يەنە ھەققە قىممەت سۈرئىتى ئاستا دىگەن گەپ ،شۇنىڭ بىلەن تىلگىرافنىڭ يۈزى قىزىرىپ قالدىمۇ ،ياكى ھۆكىمەت ئالدىغا چاقىرىپ .يا ھەقىنى چۈشۈر يا سۈرئىتىنى تىزلەت دىدىمۇ ئەيتاۋۇر شۇنداق بىر ئىش بۇلۇپ ،شۇنىڭ نەتىجىسى بۇ،،،.

xahriyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 12:33:53

bahadirlarbiz يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 07:42 static/image/common/back.gif
ئادەم تىللىماڭ ھەم چىرايلىق سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە ئادە ...

بۇ يەردە ئادەم تىللىغىنىم يوق . ئىزدىنىشنىڭ مەن بىلەن قۇرداش ئەزالىرى بۇنچىلىك چاخچاقنى ئېغىر ئالمايدۇ . يېڭى ئەزالارغا غەيرىي تۇيۇلغان بولسا ئۆزرە سورايمەن . {:103:}

asad يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 12:37:34

رەخمەت.بۇلىدىغان ئۇچۇركەن.مەن  8M لىقنى ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ سىكۇنتتا 800-900 kb/s لىق سۈرئەتتە ماتىريال چۈشۈرگىلى بولاتتى .سىز ئىشلىتىۋات 20M  توردا چۈشۈرۈش سۈرئىتى  يوقۇرى بولغاندا قانچىلىك بولىدىكەن؟

xahriyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 12:39:45

ftp يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 10:08 static/image/common/back.gif
ئىزدىنىشتا مۇتتەھەم كۆپما شۇندا

ماڭا نىسبەتەن سىز ، مەن ۋە ئىزدىنىشتىكى ھەر بىر ئەزا شۇ « مۇتتەھەم » لەرنىڭ بىرى . ئىزدىنىش مۇنبىرى قېلىپلاشقان سۆزلەرنى ئانچە ياختۇرمايدۇ . يەنە كېلىپ كونا ئەزالار ئارا بۇنچىلىك چاخچاقلىشىش نورمال ئىش . يېڭى ئەزالارغا باشقىچە تۇيۇلغان بولسا ئەپۇ سورايمەن . ئەگەر كونا ئەزالارمۇ قوبۇل قىلالمىسا دەرھال تەھرىرلەپ تۈزەتسەم بولىدۇ . {:114:}

xahriyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 12:43:41

asad يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 12:37 static/image/common/back.gif
رەخمەت.بۇلىدىغان ئۇچۇركەن.مەن  8M لىقنى ئىشلىتىۋاتقان ب ...

ئىلگىرى مېنىڭمۇ ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1.2M تېزلىكتە چۈشۈرەتتى . تۈنۈگۈن 3.4M بىلەن چۈشۈردۈم . تۆۋەندىكىسى تېڭشۈن غوجىدارى بىر مىنۇت ئىلگىرى ئۆلچەپ چىققان نەتىجە .

Emperor يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 12:57:08

مېنىڭكى 1 مىگالىق تور ، 68 سوم يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ئىدى ئەسلى. لېكىن ئادەتتە 3، 4 مىگادىن نەرسە چۈشىدۇ. ھازىرمۇ ئورگان تور بېتىدىن سۈرئىتىنى ئۆلچىسەم چۈشۈرۈش سۈرئىتىڭ 4353.75 ك ب ھەر سىكۇنت دەپ چىقتى

Emperor يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 12:58:25

قارىغاندا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشمنىڭمۇ ھاجىتى يوقمۇ نىمە

mayur يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 13:14:11

سىمسىز غا ئىشلىمەيدۇ ھە بۇ ھەقچان

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 13:27:59

مىنىڭ 20MBلىق ئىدى ، كۆتۈرگىلى بولمىدى

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 14:20:53

مەن بۇ مەشغۇلاتنى قىلغىلى 25 كۈن ئەتراپىدا بولدى ،  ئەسلىدە 20M لىق سۈرئەتتە ئىدى . مەشغۇلات قىلسام 50M لىق  تور سۈرئىتىگە ھەقسىز كۆتۈرۈپ بېرىمىز 2000 جۇغلانما نومۇر قوشسىڭىز 100M قىلىپ بېرىمىز دەپ ئەسكەرتمە چىقتى . قارىسام 3700 جۇغلانما نومۇرۇم بار ئىكەن 2000 نومۇرنى قوشۇپ 100M غا ئىلتىماس قىلسام ئىلتىماسىڭىز تەستىقلاندى 24 سائەت ئىچىدە تور سۈرئىتىڭىزنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ بېرىمىز دەپ ئۇچۇر كەلدى . 24 كۈن ساقلىساممۇ ھىچ ئۆزگۈرۈش بولغىنىنى بىلمىدم تور سۈرئىتى ئوخشاش.
ماتىريال كۆرسەم 100M لىق نۇر كابىل ئۆيىمىزگە كىرگەن بولسا ئاندىن يۇقۇرى كۆتۈرىلىدىكەن ، ئەگەر بىر مەھەللە ياكى بىر بىناغا 100M نۇر كابىل كىرگەن بولسا بۇنى ئورتاق ئىشلىتىدىغان بولغاچ يەنىلا تور سۈرئىتىمىز يوقۇرى كۆتۈرۈلمەيمىش.

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 15:45:01

نۇركابىىل بىلەن مىس كابىلنىڭ پەرقى نىمە؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 16:15:49

پايدىسى يوق ئىش
بەت: [1] 2
: كەڭ بەلۋاغ تورىڭىزنىڭ سۈرئىتىنى ھەقسىز ئۆستۈرىۋىلىڭ .