malak يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 19:39:46

كېيىن چىققان مۈڭگۈز بىلەن بالدۇر چىققان قۇلاق

گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى يازمىسى
قىزىقارلىق ئىشلار يۈز بېرىدىغان جاھانكەن بۇ، نېمىشقىدۇر داۋاملىق مەندىن كىچىك بالىلارلا مېنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ. ئەمما، دېمىسەم بولمايدۇ، ماۋۇ بەكلا ئېشىپ كەتتى! ئالتە ياش ھەي! ئالتە ياش! نەق ئىنىم بىلەن تەڭتۈش بالىدە بۇ!
كۈندىكى ئادىتىم بويىچە بۈگۈنمۇ يەنە شۇ چېنىقىش سارىيىغا كەلدىم. تېرىنىرنىڭ ماڭا ئامراقلىقىدىنمۇ ئىشقىلىپ، كەچلىك تاماقنى شۇ يەردە بىللە يەيتتۇق. ئەمدى قولۇمنى يۇيۇپ چىقاي دەپ تازىلىق ئۆيىگە كىرىشىمگە، بىر ئېگىز ئورۇق كەلگەن ئاق پىشماق ئوغۇل بالا بىر تال بارمىقىنى مۇزدەك تۇرۇبا سۈيىگە تۇتۇپ تۇرۇپتۇ. قارىسام قولىدىن تامچىپ چىققان قان سۈزۈك سۇ بىلەن بىرلىشىپ سۇس قىزغۇچ رەڭدە چۈشۈۋاتاتتى. قولۇمنى يۇيۇپ بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىغا باردىم:
- بارمىقىڭىز يارىلاندىما؟
- ھە، شۇ مۇنداقلا... كىچىك ئىشلا بۇ...-ئۇ قولىنى سۇدىن تارتىپ، تۇرۇبىنى توختىتىۋەتتى. قارىسام قان توختايدىغاندەك ئەمەس، ئۇنىڭ قولىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ دېدىم:
- قان توختىمايۋاتىدۇ، مەن پىلاستىر ئەچىقىپ چاپلاپ قويايمۇ؟
- ياقەي، ھازىرلا توختاپ قالىدۇ، بولدى، رەھمەت!- ئۇ شۇنداق دېگەچ قولىنى كەينىگە ئەپقاچتى. مەن توختاپ تۇرۇڭ، دەپلا تېرىنىر ئىشخانىسىغا كىردىم-دە، پىلاستىر ئېلىپ چىقىپ، ئۇنىڭ قولىغا چاپلاپ قويدۇم.
ھەممە ئىش مۇشۇنىڭدىن باشلاندى. ئۇنىڭ بارمىقىغا پىلاستىر چاپلاش جەريانىدا ئەلۋەتتە قولۇم ئۇنىڭ قولىغا تېگىپ كېتىدۇ شۇنداقمۇ؟ ئۇ بالا دەل مۇشۇ قولۇم تەگكەن ۋاقىتتا «توك ئۆتۈشۈپ كەتكەن» دەك بوپتۇ، شۇ دەقىقىدىن باشلاپ مېنى ئۇنتۇيالماپتۇ. قايسى ئۈسكۈنىدە مەشق قىلسام شۇ تەرەپكە كېلىپ ماڭا قاراپ مەشق قىلىدۇ، مەشقتىن چۈشسەم كەينىمگە چۈشۈۋېلىپ، گۈللۈك دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەتكۈچە قاراپ تۇرىدۇ. بۇنى سېزىپ قالغاندىن كېيىن، ئۇ ئېغىز ئاچالمىسا مەن بولساممۇ تويلاشقان ئادىمىم بارلىقىنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم.
ئۇ كۈنى چېنىقىش سارىيىدا بوكس مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، ئۇ سەھنىدە قالتىس ماھارىتى بىلەن رەقىبىنى KO قىلىپ يەر چىشلەتتى. بىز قىزلار قورقۇپ ئالدىنقى قاتاردا ئولتۇرالمايمىز، شۇڭا كەينى تەرەپتىرەك ئېگىز جايدىن ئورۇن ئېلىپ كۆرەتتۇق. شۇنچە كۆپ ئادەم ئىچىدىن مېنى قانداق تېپىۋالدىكىن ئۇقمىدىم. مۇكاپاتقا بەرگەن مېدالنى بوينىغا ئاسقان چاغدا، مېدالغا سۆيۈپ قويۇپ، شۇ ئەينى ۋاقىتتا يارىلانغا بىگىز بارمىقى بىلەن مەن تەرەپنى كۆرسەتتى. مەيداندىكىلەر ھەتتا تىرىنېرمۇ ھەيرانلىقتا ماڭا قاراشتى، بۇ بالىنىڭ زادى نېمە مەقسىتى باردۇ؟ بولمىسا شۇندىن بۇيان بىر ئېغىزمۇ سۆزلىشىپ باقمىغانىدۇق، ئەجىبا مېنىڭ نازۇك بەدەن، گۈلدەك چىرايىم ئۇنى مەپتۇن قىلىۋالمىغاندۇ-ھە؟!
- توختاپ تۇرۇڭ!
كەينىمدىن بىرى مۈرەمنى يېنىك نوقۇلىدى، قارىسام دەل شۇ بالا:
- سىزنى مەن ئاپىرىپ قويسام بولامدۇ؟ ئەمدى سىزنى قوغدىيالايدىغان بولدۇم! - ئۇ شۇنداق دەپ، بايىقى مېدالىنى ئىشارە قىلدى. مەن كۈلۈپ كەتتىم:
- ھە ماقۇلە!-دېمىسەم بولمايدىغان ۋاقتى كەلدى، شۇڭا مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دەۋالاي!
يولىچە پەقەت نەچچە ئېغىزلا شۇ چېنىقىش سارىيىغا قانداق كىرگەنلىك توغرىسىدىكى مەنىلىك ۋەقەلىكلەرنى پاراڭلاشتۇق، بىردەملىك سۈكۈتتىن كېيىن، مەن ئېغىز ئاچتىم:
- ئۇكام دېسەم خاپا بولمايدىغانسىز، قانچە ياشقا كىردىڭىز؟
- مۇشۇنى سورىمىسۇن دەپ ئۇزۇندىن بېرى يۈرىكىم سۇ دەڭە!
- نېمىشقا ئەمدى؟
- مەن سىزدىن ئالتە ياش كىچىك، ئەمدى 19 غا كىردىم.
- مېنىڭ قانچە ياش ئىكەنلىكىمنى قانداق بىلدىڭىز؟-ھەممە قىزبالا ئۆزىنىڭ شەخسىي تەرجىمىھالىنى باشقىلارنىڭ قانداق ئىگەللىۋالغانلىقىغا بەكمۇ قىزىقىدۇ، مەنمۇ ئەل قاتارى سوراپ قويدۇم.
- مەن بىلمەيدىغان ئىشلىرىڭىز ئاز جۇمۇ!؟ ھى ھى ھى....
- نېمە؟ قانداقسىگە؟
- بولدى، ئىشقىلىپ مېنى ئۇكىلىرىڭىزدەك كىچىك چاغلىماڭ-ھە!؟ سىزنى قوغدىيالايمەن راستلا!
- ئەمسە مېنىڭ تويلاشقان ئادىمىم بارلىقىنىمۇ بىلىدىغانسىز؟-گەپنى ئوچۇقلا دەۋېتەي دەپ كۆزۈمنى يۇمۇپلا بۇ گەپنى ئېغىزىمدىن چىقاردىم، بۇ چاغدا بىز مەن ئولتۇرۇشلۇق گۈللۈكنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغانىدۇق. ئۇ كۈلۈپ كېتىپ:
- بولدى، يالغاننى توقۇيمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ، كىم بىلەنلا بولسا، سىز مەندىن باشقا ئادەم بىلەن توي قىلالمايسىز! مەن سىز بىلەن توي قىلىپ چۈش كۆرگەن. چۈشۈمنىڭ ئوڭغا تارتىشىغا ئىشىنىمەن!
- ھا ھا ھا ھا ، ھەي كىچىك بالا! چۈش دېگەن چۈش، راستىنلا مېنىڭ تويلاشقان ئادىمىم بار.
- بولدى، بولدى، ئەينەككە كىرىپ قاراپ بېقىڭە، كۆزلىرىڭىز قىزىرىپ كېتىپتۇ. ياخشى چۈش كۆرۈڭ! تېلېفون نومۇرىڭىزنى ئەتە ماڭا دەپ بېرىسىز-ھە!-ئۇ شۇنداق دەپلا كەينىگە ئۆرۈلۈپ يۈگرۈپ كېتىپ قالدى. ئۇ شۇقەدەر گۆدەك ئىكەنكى، پەقەت شۇ بوي بەستىلا ئۇنىڭ گۆدەكلىكىنى پەردازلاپ تۇراتتى.
ئۆزۈمنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىردىم-دە، مېھمانخانا ئۆيدىكى يەرگە سېلىنغان گىلەم ئۈستىدە شۇ كونا ئادىتىم بويىچە پۇتۇمنى ئالماپ ئوڭدىسىغا ياتتىم. ھە راست، ئەينەك! ئەينەكنى ئېلىپ سىنچىلاپ ئۆزۈمگە قارىدىم، كۆزۈمنىڭ ئىچىگە، ئاندىن كۆز قۇيرۇقىدىكى شۇ نەچچە تال قورۇققا قاراپ، يەنە ئالتە ياش، ياق يەنە بەش ياش كىچىك بولسامچۇ؟! دېمەك، ئۇ ماڭا ھەم يېقىپ قالغانىدى!
ئىشتىن چۈشۈپ، ئۆيگە كېلىپ تەنتەربىيە كىيمىمنى ئالماشتۇردۇم، چېنىقىش سارىيىغا بېرىش ئۈچۈن ئەزەلدىن ئانچە ياسىنىپ ئەينەككە قارىمايدىغان ئادەم، بۈگۈن ئۆزۈمچە سۇس گىرىم قىلىپ، ئەينەككە ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا قاراپ كەتتىم. ئۆزۈمنىڭ بۇ ئەخمەقلەرچە ئىشىدىن كۈلۈپ سالدىم، مەنمۇ تەڭلا ئەخمەقلىق قىلغىلى تۇردۇمغۇ...
گۈللۈك دەرۋازىسىغا چىقىشىمغا خۇددى ئۇ بىر يەردىن چىقىپ قالىدىغاندەك يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سوقۇشقا باشلىدى. بىردەم تۇرۇپ تۆت ئەتراپىمغا قاراپ چىقتىم، ياۋ، دېگەندەك ئۇدۇلۇمدا قولىنى پۇلاڭلىتىپ تۇرماسمۇ! ۋاي ئانىمەي، ئەمدى يۈرىكىممۇ تۇيىۋالىدىغان بولۇپ قالدىمۇ نېمە؟! ئۇ ماڭا قولىدىكى بىر پىلاستىنكا سېلىنغان قاپچۇقنى بەردى:
- بۇنىڭ ئىچىدە مېنىڭ ئىجاد قىلغان ناخشىلىرىم بار. ھەم مەن ياقتۇرىدىغان ناخشىلارنى قايتىلاپ ئېيتقانلىرىممۇ بار. سىزمۇ بەلكىم ياقتۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
- سىز ئېيتقان ناخشىلارما؟-ھەيرانلىق بىلەن ئاغزىمنى ئېچىپ قاراپ قاپتىمەن. ئۇ:
- ئاغزىڭىزنى يپىۋېلىڭ، قەدەملىرىڭىزنى يۆتكىۋېلىڭ! ھاھاھا!-ئۇ شۇ قەدەر ئوماق، يۈزىنىڭ تېرىسى مېنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە سۈزۈك، كۈلۈشلىرى شۇنداق شادىمان. مەنمۇ تەڭلا ئەگىشىپ كۈلۈپ كەتتىم.
- بىزنىڭ بىر مۇزىكا ستودىيىمىز بار، بۇندىن كېيىن بەلكىم دىققەت قىلسىڭىز كۆپرەك ئۇچرىتىپ قالارسىز. -ئۇ شۇنداق ئوماقلىق بىلەن بېشىنى تاتىلاپ قويۇپ،- بولدىلا ئۆزۈمنى ماختىماي، ھەي، سىز چوڭ بولغان بىلەن كىچىك بالىلاردىنمۇ بەك ئوماقكەنسىز-ھە؟! ھەيران قالسىڭىز ئېغىزىڭىزنى يۇمۇشنى ئۇنتۇپ قالىدىغان! ھا ھا ھا !
- ساراڭ، -نەدىن كەلدى بۇ ئەركىلەش ئارىلاشقان سۆز، ئىختىيارسىز دەپ ساپتىمەن. ئۆزۈممۇ خىجىل بولۇپ كەتتىم.
- تېلېفون نومۇرىڭىزنى دەڭە!
- دېدىمغۇ مېنىڭ...
- ھە، بولدى، يەنە يالغان توقۇماقچىما؟ تويلاشقان ئادىمى بار ئادەمگە شۇنچە ۋاقىتتىن ھېچكىم تېلېفون قىلمايدىكىنا؟ سىزنى ئالماقچى بولغان ئادەم، سىزنى شۇنچە كۆپ ئوغۇللار بار چېنىقىش زالىغا ئەۋەتەمدا؟ مەندەك قوغداپ يۈرمەمدۇ مۇنداق؟!
- ئۇ باشقا يەردە خىزمىتى ئالدىراش...
- ھەرقانچە خىزمىتى ئالدىرش بولسىمۇ، ھازىر دېگەن ئىشتىن چۈشكەن ۋاقىت، ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە تېلېفون قىلىشقا خىزمىتىنى باھانە قىلىپ، بىر قېتىممۇ تېلېفون قىلمىغان ئەركىشىنى ساقلاپ ئولتۇراسىزمۇ؟
- ئۇف!
- ئىشقىلىپ، ئۇنداق ئادەم يوق! -ئۇ شۇنداق دەپلا، قولۇمدىكى يانفونۇمنى تارتىۋالدى، ئېكرانىغا يانتۇ قىلىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن، مەخپىي نومۇرىنى بىرلا بېسىپ ئېچىۋالدى. شۇندىن بۇيان ئىككىمىزنىڭ ئالاقىسى قويۇقلاشتى دېسەممۇ بولىدۇ. مەنمۇ شەيتان! خەت يازسا شۇ ھامان قايتۇرۇپ، يازماي قالسا، تولا ئېكراننى يېڭىلاپ ئۇچۇرىنى كۈتۈپ كېتىمەن.
ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلىغانسېرى ئامراق بولۇپ قېلىۋاتاتتىم. ئۆزۈمنى كورىيە ۋە ئۆزبېكلەرنىڭ كىنولىرىدىكىدەك ناخشىچىنىڭ ناخشىلىرى مەن ئۈچۈن ئېيتىلسا، شۇ ناخشا كېچىلىكىدە مەن بىر ئادەم ھەممىسىنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چىقىرۋەتسەم.... ئۆزۈمچە خىيالىي بەخت بۆشۈكىدە ئەللەيلىنىۋاتاتتىم. ئۇنىڭغا دېگەن يالغان مۇھەببىتىم مېنىڭ ئېسىمدىنمۇ كۆتۈرۈلۈپ كەتتى، ئۇمۇ قايتا تىلغا ئالمىدى. شۇ تەرىقىدە بىر يىل ئۆتتى. ئەمما، ئۆيدىكىلەر مېنى توي قىلىشقا ئالدىرىتىشقا باشلىدى، ئەمما ئۇنىڭ تېخى توي قىلىدىغان ۋاقتى ئەمەستە!
ئۆيگە كېلىۋاتقان ئەلچىلەرنىڭ ئايىغى ھەم ماڭا تونۇشتۇرىۋاتقان يىگىتلەرنىڭ تېلېفونى ئۈزۈلمەيتتى. قانداق قىلارمەن؟ مېنىڭمۇ كۆڭلۈم شۇنىڭغا مايىل بولۇپ قالغان تۇرسا، ئۇنىڭغا ئەمدى ئالاقىلاشماسلىقنى ئېيتىشىم كېرەكمۇ؟
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، توۋا، سىزمۇ تېلېفون قىلىدىكەنسىز ھە؟!
- شۇ بىر ئىش بار ئىدى سىزگە دەيدىغان. ئالدىراشمۇ يا؟
- ھە دەڭە، ئالدىراش ئەمەس! سىزلا تېلېفون قىلىدىغان ئىش بولسا ئالدىراش ئەمەس!
- ھەي، ئۈندىدارغا چىقىڭە بولدى، ئاۋازلىق دېيەلمىگۈدەكمەن. شۇنىڭغا يازاي!
- ۋۇي، مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى دېيەلمەيۋاتامسىزما؟ ھا ھا ھا !
- ساراڭ، خوش، ئۈندىدارنى ئېچىڭ!-بوغۇزۇمنى ئاچچىق يىغا قاپلىدى. قانداقمۇ دېيەلەيمەن؟
«قاراڭ، سىز ھازىر تېخى ئەمدى 20 ياشقا كىردىڭىز، ئەمما مەن 26 گە كىرىپ بولدۇم. ئۆيدىكىلەرنىڭ ئارزۇسى بويىچە ھازىر توي قىلمىسام بولمايدۇ....» بۇ سۆزلەرنى يېزىپ بولۇپ، يەنە ئۆچۈرۋەتتىم، مۇشۇنىڭ بىلەن تۆتىنچى قېتىم يېزىپ ئۆچۈرۈشۈم. ئەمدى يازاي دەپ تۇرسام خەت كەلدى:«مەن ئۆيدىكىلەرگە دېدىم، ياش مەسىلىسى ھېچ ئىش ئەمەس، ياخشى ئۆتسەڭلارلا بولدى، دەيدۇ. بۇ يىل ئۆكتەبىردە توي قىلايلى! ئەسلى باشقىچە ئۇسۇلدا توي تەكلىپى قوياي دېگەنىدىم، ئەمما بۈگۈن دېمىسەم سىزدىن ئايرىلىپ قالىدىغاندەك تۇرىمەن! كېيىنچە تولۇقلاپ قويىمەن!»
ئاھ خۇدا، ماۋۇ سەتچىلىكنى، خۇددى مەن تويغا ئالدىراپ كەتكەندەك بىر ئىش بولدى دېسە! ئەمدى مەن نېمە دەيمەن؟«ياقەي، ساراڭ، مەن بۇنى دېمەكچى ئەمەستىم.» پەقەت مۇشۇنىلا دېيەلىدىم. يالغانلىقى چېنىپ تۇرسىمۇ يالغان سۆزلىدىم.
شۇنداق قىلىپ، بىرىنچى ئۆكتەبىر كۈنى رېستۇران يېتىشمەسلىك سەۋەبى بىلەن، 2- ئۆكتەبىر كۈنىدە نىكاھ تويىمىزنى ئۆتكۈزدۇق. گەرچە مەن ئۇنىڭدىن چوڭ بولساممۇ، مىجەزىمىز بەكمۇ كېلىشەتتى.
مەندىن ئالتە ياش كىچىك يولدىشىمنى چوڭ قىلىۋېلىش تۈگۈل ئۇ مېنى چوڭ قىلالماي ھەلەك!

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 08:02:51

تاتلىق يېزىلغان ھىكايە ئىكەن.:lol

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 08:14:32

مەن بىرقىتىم ئوقۇپ بولغۇنۇم ئىسىمدە .

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 08:21:42

bahadirlarbiz يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 08:02 static/image/common/back.gif
تاتلىق يېزىلغان ھىكايە ئىكەن.

شىكەدەكما؟

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 09:08:50

مېنىڭ خاتۇنۇممۇ مەندىن چوڭ شۇندا بىلەن ئۆتمىز:lol

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 09:33:26

گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى كىم بولىدۇ ؟ سىزمۇيە ؟

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 09:35:36

ئۈزىدىن چوڭ خوتۇن ئالسا ساۋاپ بۇلىدۇ

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 10:06:24

توخۇنىڭ تىرىسى تاتلىق، خوتۇننىڭ...
                                    _ ئابدۇكىرەم ئابلىز ماقال - تەمسىللىرىدىن.

uyghura يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 12:22:51

گەرچە بۇ ھېكايە بولسىمۇ تۇرمۇشىمىزدا بۇنداق ئەھۋاللارنى يۈز بەرمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ ، بۇ يىگىت ھازىر كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆزىدىن ئالتە ياش چوڭ قىز بىلەن توي قىلغان بىلەن يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئايالى بۇ يىگىتتىن بالدۇرراق قېرىيدۇ ، بالدۇر سەتلىشىدۇ ، بۇنداق ئەھۋالدا كۆڭۈلنىڭ  بۆلۈنىشىنى بولمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ !

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 13:04:36

Kanji يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 09:08 static/image/common/back.gif
مېنىڭ خاتۇنۇممۇ مەندىن چوڭ شۇندا بىلەن ئۆتمىز

كەنجى بالىلارغا ئۆزىدىن چوڭ ئىلىپ بىرىدۇ زادى {:86:}

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 13:21:11

15ياش پەرىق قىلغاننىمۇ باردەيدۇ. مايتاغ، قارايلىدا جىقكە بۇنداق ئىش. شۇ چوكانچاقلار كىچىك قىزلاردەك ياسىنىپ يۈرەمىش.

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 18:28:07

ھوي ئا قىزنى ئەرلەرنىڭ قول يۇيۇش ئۆيىدە نىم با دەيمە. :lol

borhan730 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 00:21:42

مەن توي قىلىشقا بەك ئالدىراپ كەتمەيمەن{:87:}.يەنە ئون يىگىرمە يىلدىن كىيىن ئۆزەمدىن 18 ياش كىچىك خوتۇن ئالغۇم بار:lol

yalghuz1944 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 02:29:48

ھۆرمەتلىك پەيغەمبىرىمىز رەسۇلۇللا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئۈزىدىن 15ياش چوڭ خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن  توي قىلغان.

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 06:22:26

ھىچقانداق بىر كىشى ئۆمۇرلۇك ئىشىغا چەك قويالمايدۇ.
بەزىلەر ئۆزىدىن نەچچە ئون ياش كىچىك قىزنى ئىلىپ ئۆزىنى نوچى چاغلايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس.
بەزىلەر پىشقان قىزلارنى ياقتۇرسا بەزىلەر تىخى ئۆسۆپ يىتىلىپ بولالمىغان قىزلارغا قول ئۇزتىدۇ.
ھەركىمنىڭ كەلگۇسدىكى ھەمراھىنى تاللاش ئۆلچىمى ئوخشاش بولمايدۇ.
مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتتىي نەزەر ھەمراھىنى ياخشى تاللىغان مۇھىم چىراي تۇرقى ۋە ياش ئىچنىمە ئىلىپ كىلەلمەيدۇ .
ئەرلەرنىڭ تۇرمۇشى رەڭسىز دۇنيا ئاياللار شۇ دۇنياغا رەڭ قوشقۇچى ئەگەر ياخشى لايىققا ئۇچرىسىڭىز تۇرمۇشىڭىز  گۇزەللىك ۋە بەخىت خاتىرجەملىككە تولىدۇ،بەزىبىر ناچار تۇردىكىلەرگە ئۇچراپ قالسىڭىز تۇرمۇشىڭىزدە نە خاتىرجەم بەخىتتىن سۆز ئاچقىنى بولمايدۇ.
بەت: [1]
: كېيىن چىققان مۈڭگۈز بىلەن بالدۇر چىققان قۇلاق