gulmeryem يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 18:37:15

رۇبلى بىر كېچىدە %15 چۈشتى

رۇبلى بىر كېچىدە %15 چۈشتى
ئەرقال تاراتقۇسى تەييارلىدى
مەنبە : ۋاڭيى تورى | يوللىغان ۋاقىت : 17-12-2014

دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكا دوللىرى بىلەن رۇبلىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى تارىختا تۇنجى قېتىم 60 رۇبلى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، ئامېرىكا دوللىرىنى رۇبلىغا ئالماشتۇرۇشتىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەت 66.363 گە يەتتى. تاشقى پېرىۋوت بازىرىدا رۇبلىنىڭ ئەڭ چوڭ چۈشۈش قىممىتى %15 يېتىپ، بازار يېپىلغاندا چۈشۈش قىممىتى %13 گە تارايغان. رۇسىيە مەركىزى بانكىسى ئويلىمىغان يەردىن تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنى %10.5 تىن %17 كە ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ رۇسىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم ئۆسۈم قوشۇشى ھېسابلىنىدۇ. ھۆكۈمەت تەرەپ بۇنىڭ بىلەن رۇبلىنىڭ تۆۋەنلىشىنى توسۇپ، پۇل پاخاللىشىش خەتىرىدىن مۇداپىئەلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
12-ئاينىڭ 11-كۈنى، يۇقىرى پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، رۇسىيە مەركىزى بانكىسى تۈپ ئۆسۈم نىسبىتىنى %9.5 تىن %10.5 كە ئۆستۈرگەن، بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى بازار مۆلچەرىگە ماس كەلگەن. 11-ئايدا رۇسىيە پۇل پاخاللىقى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.1 ئاشقان. رۇسىيە مەركىزى بانكىسى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى پۇل سىياسىتىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدىكى مۆلچەرىدە كۆرسىتىشىچە، 2015-يىلى بىرىنچى پەسىلدىكى پۇل پاخاللىق نىسبىتى %11.5 كە يېتىشى مۇمكىن بولۇپ، مەركىزى بانكا بەلگىلىگەن %10.5 لىك تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەن.
رۇسىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ئېلان قىلغان كەلگۈسى ئۈچ يىلدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) مۆلچەرىدە، رۇسىيە ئىقتىسادى ئىككى يىللىق چېكىنىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، 2017-يىلىغا كەلگەندە ئېشىش ھالىتىگە قايتالايدىكەن.

ئانا تىلىمىزدىكى ئەڭ كەسپىي ئىقتىسادىي ئۇچۇر تورى _ ئەرقال تاراتقۇسى: www.erqal.com
ئاندىروئىد ۋە ئايفون ئەپلىرىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كود ئارقىلىق چۈشۈرەلەيسىز(ئاندىروئىد 1.3MB، ئايفون 5.3MB):

musajan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 08:30:32

مۇشۇ ئىش تۈپەيلى روسىيەدە ئالما تىلىفوننىڭ باھاسى خەلىق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 2500يۈەن ئەتراپىغا چۈشۈپ قاپتىكەن.
بۈگۈن بىرنى ئىلۋىتەي دەپ ئالما شېركىتىنىڭ روسىيەدىكى باش بىتىگە چىقسام:
ھەممە تېلىفوننىڭ باھاسىنى يوق قىلۋىتىپتۇ،نورمال سىتىش مۇلازىمىتىنى توختىتىپ قويۇپتۇ.
ھەي ئىسىت

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 08:32:59

:lol

gulmeryem يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 09:01:27

رۇسىيەنىڭ رۇبلىنى قۇتقۇزۇش تەدبىرى ئۈنۈم بەرمىدى
ئەرقال تاراتقۇسى تەييارلىدى
مەنبە : سىنا تورى | يوللىغان ۋاقىت : 18-12-2014

رۇبلىنىڭ قىممىتى بىر كېچىدىلا %15 چۈشۈپ كەتتى. رۇسىيە ئىقتىسادى ئۈزۈل-كېسىل تۈگەشتىمۇ؟
دۈشەنبە كۈنى (12-ئاينىڭ 15-كۈنى) نيۇيورك تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىكى رۇبلىنىڭ قىممىتى شىددەت بىلەن چۈشۈپ،  بىر دوللارنىڭ  قىممىتى 60 رۇبلىدىن ئېشىپ كەتتى. ئارىلىقتا ھەتتا 67.27 رۇبلىغا چىقىپ،  1998-يىلىدىن بۇيانقى رۇبلى قىممىتىنىڭ بىر كۈنلۈك ئەڭ يۇقىرى چۈشۈش رېكورتىنى ياراتتى. بۈگۈن سەھەردە رۇسىيە مەركىزى بانكىسى جىددىي يىغىن ئېچىپ، بانكا ئاساسىي ئۆسۈم نىسبىتىنى %10.5 تىن %17 گە ئۆستۈردى. 2014-يىلى كىرگەندىن بۇيان ھازىرغىچە رۇسىيە ئۆسۈم نىسبىتىنى ئالتە قېتىم ئۆستۈرگەن بولۇپ، تېخى يېقىندا 80 مىليارد دوللارلىق تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنى ئىشلىتىپمۇ، رۇبلى قىممىتىنىڭ %49 چۈشۈپ كېتىشىنى توسۇيالمىدى.
نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشۈپ كېتىشى، رۇبلى قىممىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ، بۈگۈن سەھەردە ئامېرىكا نېفىت بازىرىدىكى خام نېفىت باھاسى 56.25 دوللارغا چۈشۈپ، 2009-يىلى 5-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان. رۇسىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىسادى مۆلچىرى كىشىنى تېخىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان بولۇپ، نېفىت باھاسى 60 دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە، 2015-يىلى رۇسىيە ئىقتىسادى %4.5 چېكىنىپ كېتىدىكەن.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 09:09:02

دۆلىتىمىز بىلەن تۈزۈشكەن 1500مىليات يۈەنلىك ئۆزئارا تېگىشىش كېلىشىمى (双边本币互换协议) رۇبلىنىڭ كۇرسى چۈشۈش بىلەن ، دۆلىتىمىزنى روسسىيىنىڭ «پۇل بېرىش ماشىنىسى»غا ئايلاندۇرۇپ قويدى دەپ ئانالىزلار بولۇۋاتىدۇ .

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 09:15:32

تويە ئۇكرائىناغا
ئەمىلى جەڭ قىلمىغان بولسىمۇ ئامېرىكا ئىقتىسادى ئىمبارگۇ ئارقىلىق رۇسىيەنى بېلىدىن ئۇشتىۋەتمىگىچە بولدى قىلمايدىغان ئوخشايدۇ
پۇتىننىڭ كۈنى خاراپ بولىدىغان بوپتۇدە، نېفىت باھاسى ئەللىك دوللارغا چۈشۈپ بولدى

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 09:21:31

ئامېرىكا داۋاملىق نېفىت باھاسىنى داۋاملىق چۈشۈرىدىغانلىقىنى ۋە ئوپېك دۆلىتلىرىنىڭ نېفىت ئىشلەش مىقدارىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ
زىياننى رۇسىيە،ۋېنسۇئىلا،ئىران تارتىدىكەن،جۇڭگو پايدا ئالغۇچى دەپ قارىلىپتۇ،نۇر تورىنىڭ خەۋىرىدە جۇڭگوغا ئىلگىرى ھەر كۈنى نېفىت توشۇيدىغان 35 پاراخوت 80 دىن ئېشىپ كەتتى دىيىلىپتۇ

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 09:35:22

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 09:15 static/image/common/back.gif
تويە ئۇكرائىناغا
ئەمىلى جەڭ قىلمىغان بولسىمۇ ئامېرىكا ...

پۇتىننىڭ كۈنى خاراپ بولىدىغان بوپتۇدە، نېفىت باھاسى ئەللىك دوللارغا چۈشۈپ بولدى
ئامېىرىكىنىڭ تاش قاتلىمى گازى ( Shale gas) زاپىسى خېلى مول بولۇپ،  ئوخشاش ئېنىرگىيىدىكى نېفىت بىلەن تەڭ تۇرىدىغان  بۇ گازنى ئېچىش تەننەرقى 50-40دوللار ئەتراپىدا ئىكەن، ئەگەر نېفىت باھاسى بۇ باھادىن بەك تۆۋەن بولسا، ئامىرىكا يەنە سەئۇدى قاراتلىق ئوپېك (نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچىلار ) لارنىڭ باھاسىغا ماقۇل دىيىشى  ۋە ئېنىرگىيە مەنبەسىنى قوغداش ئۇچۇن قىلىۋاتقان جەڭلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدىكەن،. بەزى ئەقىل ئامبىردىكى مەسلىھەتچىلەر ئوباماغا  بۇ تاش قاتلام گازىنى تولۇق ئېچپ ، نېفىتكە بولغان تايىنىشىنى ئازلىتىش مەسلىھەتىنىمۇ بېرىۋاتىدۇ .
سەئۇدى بىلەن ئامېرىكا  بۇ توغرىسىدا پۇت تېپىشىۋاتقان چىراي.

Gulam615 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 09:41:03

    ئويناشماڭ ئەرباپ بىلەن ئەپلەپ سالۇر ھەر باپ بىلەن دىگەن شۇدە. لىكىن روسىيە ئىختىسادى زاۋاللىققا يۈزلەنسە بىرقىسىم دۆلەتلەرگە پايدا بولىدۇ . بازار ئوڭچە قالىدۇ دىگەن گەپ . ئالما شىركىتى ،سامسون شىركەتلىرىمۇ كۆپ ئىختىدارلىق يانفوننى كىرگۈزۈشنى توختۇتۇپتۇ دەپ ئاڭلايمەنغۇ؟يەنە ئوتتۇرا ،يۇقۇردەرجىلىك ماشىنىلارنىڭ باھاسىمۇ 50%ئۆسۈپ كىتىپمىش .

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 10:04:56

بىچارە پوتىن...  ( چارىسىز پوتىن دېگەن مەنىدە :lol )

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 10:16:15

ئوتتۇز دوللارغا چۈشۈپ قالسا نىمە بوپ كېتە سىلەچە؟:lol:lol:lol

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 10:20:16

رۇبلىنىڭ قاتتىق چۈشۈپ كېتىشى بىلەن خاڭجۇ، يىۋۇ تەرەپلەردە -ئومۇمەن ئىچكىرىدە- سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن رەخت-پەخت دېگەندەك تىجارەت قىلىدىغان قېرىنداش بالىلار ھازىردىن باشلاپ قاتتىق زىيان تارتقىلى تۇرۇپتۇ ئاغىينىلەر. شۇ تەرەپلەردە بۇرادەرلىرىڭلار بولسا ئەھۋال سوراڭلار.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 10:25:34

مېنىڭ بەك بىلگۈم بار ئىش شۇكى، رۇس رۇبلىسىنىڭ چۈشۈشىنىڭ، جۇڭگونىڭ 4 تىرلىيونغا يېقىن تاشقى پروۋۇت زاپسىنى خورىتىشقا قانداق تەسىرى بارلىقى.

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 10:27:48

پۇل ئۇرۇشىدا پۇتېن ئاجىز كېلىپ قاپتۇمۇ نىمە؟

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 10:30:12

يەنە داۋاملىق چۈشىۋەرسە ،روسسىيە ئىقسادى چىكىنىدۇ،،،يەنە چىكىنىدۇ ،،ئىشسىزلار كۆپىيىدۇ،،،جەمئىيەت مۇقىمسىزلىشىدۇ،،ئۆكتىچىلەر باش كۈتىرىدۇ،،،،،داۋامى مۇشۇنداق بۇلامدۇ؟

Gulam615 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 10:39:42

Baqka يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 10:25 static/image/common/back.gif
مېنىڭ بەك بىلگۈم بار ئىش شۇكى، رۇس رۇبلىسىنىڭ چۈشۈشىنى ...

خەلقارادا پۇل مۇئامىلىنى دوللارغا سۇندۇرۇپ ،ھىساۋات قىلىدۇ. بۇرۇن بىر دوللار 45رۇپىيە بولسا ھازىر 60رۇپىيەدىن ئىشىپ كەتتى دىگەن گەپ. ئەگەر بىزگە قايتۇرۇش كىرەك بولۇپ قالسا سىز ئويلاپ بىقىڭ كىمنىڭ زىيىنى ئەڭ چوڭ بولىدۇ؟

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 10:56:01

روس زابايلىرى ھاراق ئەپمۇ ئىچەلمەيدىغان بوپ كىتىدىغان بولىدى . ساۋابنى ئامېركا ئالىدىغان بولدى.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 11:00:08

Baqka يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 10:25 static/image/common/back.gif
مېنىڭ بەك بىلگۈم بار ئىش شۇكى، رۇس رۇبلىسىنىڭ چۈشۈشىنى ...

پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىدا بىر ماقالنى ئوقۇغان ئىدىم
http://finance.cankaoxiaoxi.com/bd/20141217/600326.shtml
سىزمۇ ئوقۇپ باقسىڭىز جاۋاپقا ئېرىشىپ قالارسىز .

eltabir9 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 13:24:11

     ئەتىگەنكى تىز خەۋەردىن كۆرۈشۈمچە روسىيىدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى باينىڭ تارتقان زىيىنى ئومۇمى مۈلىكىنىڭ %50 گە بىرىپتىمىش.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 13:40:24

قازاقىستان ، قىرغىزىستان ، ئۆزبىكىستان ، تاجىكىستاننىڭ پۇللىرى  روبلى ئەمەستۇ ؟روبلى قىممىتىنىڭ چۈشىشى بۇ دۆلەتلەرنىڭ  پۇل قىممىتىگە تەسىر قىلامدۇ ؟  بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى روسىيەگە تايىنامدۇ ؟
بەت: [1] 2
: رۇبلى بىر كېچىدە %15 چۈشتى