perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 18:31:54

ياخشى ماقال-تەمسىللەر

ياخشى ماقال-تەمسىللەر  
* بېخىلغا قول بىلەن يانچۇقنىڭ ئارسى 40كۈنلۈك يول.
* قارغىشچى ئېغىزغا قاغا چىچسۇن.
* قۇشنىڭ سايرىمايدىغنى يوق ، دۈشمەننىڭ قارغىمايدىغنى.
* دوستۇڭ دوسىت بولسۇن،ھېسابىڭ دۇرۇس بولسۇن.
* چىشقاق بالىغا ئىت ئەگىشەر،ھېجايغاق قىزغا يىگىت.
* بالاڭنى مەكتەپكە بەر، بولمىسا مەشرەپكە بەر.
* خوتۇن كىشىنىڭ ھىيلىسى قىرىق ئېشەككە يۈك.
* ھىيلىگەردىن تۇخۇم ئالساڭ،ئىچىدىن سېرىقى چىقماس.
* چىرايلىقتا ۋاپا يوق.
* ۋاپا تاق، جاپا جۈپ.
* ۋاپاسىز قېرىنداشتىن، ۋاپادار ئاشنا ياخشى.
* موللىنىڭ يامىنى ۋاراقچى، ئوغرىنىڭ يامىنى قاراقچى.
* ئىشچان خوتۇن سەھەر تۇرۇپ چېچىنى تارايدۇ، ھورۇن خۇتۇن ۋاقچە تۇرۇپ كۇلۇڭنى كولايدۇ.
* ئاپەت كۆرمەي دېسەڭ ھۇشيار بول.
* تۆگىنىڭ مازار بىلەن ئىشى يوق، سىيگەكنىڭ كېگىز بىلەن.
* باللىق ئۆي بازار، بالسىز ئۆي مازار.
* كۆز قورققاق ،قول باتۇر.
* ئەندىشنىڭ ئېتى قورققاق.
* ئورۇق كالىنىڭ پۇقى يوغان.
* ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك.
* باردا پولدۇرۇڭ-پولدۇرۇڭ، يوقتا قاراپ ئولتۇرۇڭ.
* دورامچۇقنىڭ ئاغزى پۇچۇق.
* دادامغا يوق پۇرچاق ئانامغا نەدە.
* پۇرۇچ يىغساڭ تون بۇلۇر.
* كېيىنكى پۇشمان ئۆزىگە دۈشمەن.
* ئامبال ئوت قويسا يوق سوراق،پۇقرا ياقالمايدۇ جىن چىراغ.
* ھارۋىنىڭ جابدۇقى پۈتمەس ، خوتۇن كىشىنىڭ كىيىمى پۈتمەس.
* پۇلۇڭنىڭ كەتكىنىگە قارىما،ئىشىڭنىڭ پۈتكىنىگە قارا.
* بوغۇزنى پۈتۈن يېسە ، ئايغىدىن تۈتۈن چىقار.
* يىمەي تويدۇم بۇ شالنىڭ كۈرمىكدىن، پۈتۈن چىقتى قوڭۇمنىڭ پۈرمكدىن.
* سۈت ئىچىپ ئاغزى كۆيگەن قېتتىقنىمۇ پۈۋلەپ ئىچەر.
* زاغرا نان قېتتىققا ياخشى،قېرى كالا پېتىققا ياخشى.
* ئەخمەقنى ناماز ئوقۇ دېسە، پىشانىسنى يېرۋالار.
* بۇلۇتنىڭ قەدرى يوق ئاي يېنىدا، پېقىرنىڭ قەدرى يوق باي يېنىدا.
* بايلىق بىلەن پېقىرلىق ئىككىسى ئىككى ئات.
* ئۆردەك گۆشى يىسەڭ غازنىڭ پېيدە بول.
* پىتنىخورنىڭ سۆزى يامان، سۆزىدىنمۇ ئۆزى يامان.
* گەپنىڭ يامىنى پىچىر، ئاتنىڭ يامىنى قېچىر.
* كېڭەش بىلەن پىچىلغان تون قىسقا كەلمەس.
* مىڭ پىراقتىن بىر ئەلمىڭ يامان.
* پىشقان قوغۇن ساپقىدا تۇرماس.
* بەرمەسنىڭ ئېشى پىشماس، ئوچاق بېشىدىن چۈشمەس.
* پىلانسىز ئىش يوق ئىش.
* پىل بىلەن دوسىت بولساڭ، پىلخاناڭنى راسلا.
* ئاتلىق يالغۇز ماڭغۇچە پىيادە بىللە ماڭ.
* ئاۋۋال تائام ،ئاندىن كالام.
* خوتۇن قالسا ئەر تاپار، ئەر قالسا مال تاپار.
* ئەمگەكنىڭ نېنى تاتلىق، ھورۇننىڭ جېنى تاتلىق.
* توخۇنى تاخ دېمە،مۈشۈكنى پەش دېمە.
* نادان قازانغا قارايدۇ،تادان ئوچاققا .
* قىش ئوچىقى تار،قوپ ئۆيۈڭگە بار.
* تاي تىپىرلايدۇ، ھارۋىنى ئات تارتىدۇ.
* ئەخمەققە مەنسەپ تەگسە، قوتانغا زەدىۋال تارتار.
* كۆزۈڭ ئاغرىسا ،قولۇڭنى تارىت. قورسىقىڭ  ئاغرىسا ،نەپسىڭنى تارىت.
* ئۆي تارلىقىدىن كۆڭۈل تارلىقى يامان.
* بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس،باش تارىغان بىلەن خوتۇن.
* ئېشىمنى ئاز دېمەڭ، بېشىمنى تاز دېمەڭ.
* بىكار بولساڭ كېپەك تاسقاپ يە.
* تاشنى سوقسا قۇم بۇلۇر ، تۈمۈرنى سوقسا قىل بۇلۇر.
* ئۆچكە تاغدا پۇل ، ئۈزۈم باغدا پۇل .
* دەرت كەلسە جۈپ ، دۆلەت كەلسە تاغ .
* تاقىسىز ئېشەك تاش يۈرەلمەس .
* ئۆلگەن بولسا ئېڭىكىنى تاڭاي ، تىرىك بولسا يارىسىنى تاڭاي .
* بارلىق ياراشتۇرىدۇ ، يوقلۇق تالاشتۇرىدۇ .
* ئاقساق يول تالىشار ، پىخسىق پۇل تالىشار .
* تاما - تاما كۆل تۇلار .
* پۇل - پىششىق تاماق .
* تامچە سۇدا تال كۆكىرەر .
* تامغىلىق مال يۇقالماس .
* ئاغزىدىن ھەسەل تامىدۇ ، كۆڭلىدىن زەھەر تامىدۇ .
* تويغا بارساڭ تويۇپ بار، تاۋار تورقا كىيىپ بار .
* ئايدا كەلگەنگە ئاياغ ، كۈندە كەلگەنگە تاياق .
* ياتقان ئورنىڭدىن تايىنىپ قوپما .
* ئاي ئورۇق ، يول تايغاق ، يۈك ئېغىر ، مەنزىل يىراق .
* ئالدىرىغاننىڭ ئوشۇقى تېيىپتۇ .
* ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن .
* ئاتنىڭ تەپكىنىگە ئات چىدايدۇ .
* تەدبىرىڭ قانداق بلسا ، تەقدىرىڭ شۇنداق بۇلار .
* ئالتۇن چىقىدۇ يەردىن ، بەخىت كېلىدۇ تەردىن .
* ئۆينىڭ تۆرىگە قارىما ، سايىبخاننىڭ تەرىگە قارا .
* تەرگىسەڭ تېرىق بۇلىدۇ ، تەرگىمىسەڭ ئېرىق .
* كېسەلنىڭ كىلىشى ئاسان ، كېتىشى تەس .
* تامچە سۇ تاشنى تېشەر .
* بېلىق دەريادا سۇغا تەشنا .
* تەر بىلەن كەلگەن ، تەشنالىققا داۋا .
* تاز باشقا يېشىل تەقىيە .
* سۆزۈڭ تاتلىق بولسىمۇ ، تەكرار سۆزلىمە .
* گەپنىڭ تېگىدە گەپ بار ، ساقالنىڭ تۈۋىدە خەپ بار .
* باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە ، قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە .
* ئېگىلگەنگە ئېگىل ، بېشىڭ يەرگە تەگكۈچە . غادايغانغا غاداي ، بېشىڭ كۆككە يەتكۈچە .
* تەڭ تېڭى بىلەن ، تېزەك قېپى بىلەن .
* تەن ساقلىق - تەڭدىشى يوق بايلىق .
* مەن قىلارمەن ئوتتۇز ، تەڭرى قىلار توققۇز.
* تەڭشەلمىگەن ئالەم ماتاكقا سالمىغان جان .
* قورققان مۇش تەڭلەر .
* كىشى نان تەڭلىسە يىمەيمەن دېمە ، قۇلۇڭغا ئال ، يېمىسەڭ يېمە .
* تەلەيلىكنىڭ خوتۇنى ئۆلەر ، تەلەيسىزنىڭ ئۆيى كۆيەر .
* غوجامنىڭ قورسىقى توق، قۇلى بىلەن ئىشى يوق.
* چوڭ توقاچ پىشقۇچە كىچىك توقاچ كۆيۈپتۇ.
* قورساقنىڭ توقلۇقى، كۆڭۈلنىڭ شوقلۇقى.
* تۇغقاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.
* توغرا سۆزنىڭ توقمىقى بار.
* ئاتتىن ئايرىلساڭمۇ،توقۇمىدىن ئايرىلما.
* توكورنىڭ يۇلى كۆپ، گاچىنىڭ ئېپى كۆپ.
* پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ،پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ.
* ھاپتىغا شاپتى، توڭىرلىققا مەرەزدا.
* قېرى دوڭغاق كېلەر،سوغوقتا توڭغاق كېلەر.
* توخۇ توڭغانسېرى دەرەخنىڭ ئۇچىغا چىقار.
* ئۇماچ ئىچىپ چىش كولاپتۇ، مۇز يالاپ بۇرۇت تولغاپتۇ.
* ئوڭ ئايا،سول ئاياغ،بىزنى قىلدىڭ تومتاياق.
* تونلۇققا كۆپ سوغوق ، تونسىزغا ئاز سوغوق.
* توي-تونلۇقنىڭ، ھېيىت ئاتلىقنىڭ.
* بېخىل باي بولسا، ئانسىنى تومۇماس.
* ياخشى مالنى تونۇشقا كۆز كېرەك،ناچار مالنى سېتىشقا سۆز كېرەك.
* سەدىقە بالانى يەر ، توۋا گۇناھنى يەر.
* تويدىن يامانلىساڭ، توي قىلىپ كۆر.
* ئوۋنى ئوۋلا ئوۋچى بىلەن،توينى ئوينا تويچى بىلەن.
* يەر تويدۇرار، ئوت كۆيدۈرەر.
* تويمىساڭ تويۇڭدا تۇيارسەن.
* كىشىنىڭ قولى بىلەن يىلان تۇت.
* كۆپ سۆزلىگەن تۇتۇلار، ئاز سۆزلىگەن قۇتۇلار.
* گەپ دېگەننىڭ تۇرغۇچى بار.
* تىز پۈكۈپ ياشىغاندىن تىك تۇرۇپ ئۆلگەن ياخشى.
* گالدا نان تۇرسا،سۇغا يۈگۈر،گالدا سۇ تۇرسا، گۆرگە يۈگۈر.
* ئادەمنىڭ تەمى سۆز بىلەن،  ئاشنىڭ تەمى تۇز بىلەن.
* تۇزۇڭنى يەپ تۇزلۇقۇڭغا چىچاي.
* سۇ كەلگۈچە تۇغان سال.
*  تۇغماس خوتۇن شۈمەك يىغىپتۇ.
* چۆگۈن ئالساڭ چەپچەكلىكنى ئال، خوتۇن ئالساڭ ئەمچەكلىكنى ئال.
* تۇغۇۋالمىغۇچە، بالا بولماس.
* توخۇ سەمرىسە،تۇغمىقى تەس؛ ئادەم سەمرىسە، قوپمىقى تەس.
* سوراقچىدىن تۇڭچى يامان.
* چالا توڭچى ئادەم ئۆلتۈرەر.
* خوتۇن كىشىنىڭ توللۇقىدىن ئەر كىشىنىڭ بوياقلىقى يامان.
* جان تۇمشۇققا كەلگۈچە جان بەرمە.
* ئادەم قۇلاقتىن سەمرىيدۇ،ھايۋان تۇياقتىن.
* تۆشۈك قۇلاق نىمىنى ئاڭلىماس.
* يىرتىق تۆشۈكتىن كۈلەر،چۆمۈچ قازاندىن.
* تۆشۈك مونچاق يەردە ياتماس،يەردە ياتسا توپا باسماس.
* قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونچۇڭغا.
* ئون تال يىڭنىنى سوقسا،بىر تال تۆمۈنە بولماس.
* تۆھمەت تاش يارىدۇ، بايقىمىساڭ باش يارىدۇ.
* تۆھمەتخور ئاخىرى تۆھمەت بىلەن ئۆلەر.
* مېۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۈۋەن.
* تۈتۈننىڭ ئاچچىقنى مورا بىلەر.
* ئەركىشىگە يەتمىش تۈرلۈك ھۈنەر ئاز.
* تاي ئات بولغۇچە، ئەر مات بۇلار.
* ئۆتمەس ماتا زورلاپ ساتا.
* دۇمباقنىڭ ئاۋازى يوغان،ئىچى قۇرۇق،ماختانچاقنىڭ گېپى يوغان،مېغىزى يوق.
* بار ماختانسا ئېچىلىدۇ،يوق ماختانسا چېچىلىدۇ.
* دوسىت كەينىڭدە ماختار ، دۈشمەن ئالدىڭدا ماختار.
* ئەقىللىق ئېتىنى ماختايدۇ، ئەخمەق خوتۇنىنى ماختايدۇ.
* ياخشىنىڭ ئىزى قالىدۇ، ياماننىڭ مېزى.
* قوشتا يوق،ماشاقتا يوق،خاماندا بار.
* بېشىڭنى كىم سىلسا،ماشايىخىڭ شۇ،يېنىڭدا كىم ئولتۇرسا ،چىرايلىقىڭ شۇ.
* يۇمشاققا ماقۇل، قاتتىققا ياق-ياق.
* پىچاق گۆشكە ماڭار،سۆڭەككە ماڭماس.
* مېلى بارنىڭ مېلىغا،مېلى يوقنىڭ جېنىغا.
* ماندارلىقتا ئات ئۆلمەس، ئەمەنلىكتە ئەر ئۆلمەس.
* ئورۇق قوينىڭ مايىقى چوڭ.
* ئاغزى قايماق،كۆڭلى مايماق.
* غەرەزدىن غەرەز  تۇغۇلار، تاز باشتىن مەرەز.
* مەردنى مەيداندا سىنا.
* مەردنىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن.
* كۆپ ئاتقان بىلەن مەرگەن بولماس، كۆپ سۆزلىگەن بىلەن چېچەن بولماس.
* <<تۇر تۇر>> كۆپ بولسا ، ئۇيقۇدا مەززە يوق.
* مەسلىھەتلىك ئىش بۇزۇلماس.
* چۆچۈرە يىمەكتىن مەقسەت گۆش يىمەك.
*ئون سوقۇرنىڭ توققۇزى مەككار.
* يولۋاس ياتقىندىن مەلۇم.
* تېرىق قۇلقىدىن، بالا كىچكىدىن مەلۇم.
* سەن ئۆل مەن تىرىلەي.
* مەنمەنلىك-شەيتانلىق.
* ئۆزۈڭنى مەھكەم تۇت،قوشناڭنى ئوغرى تۇتما.
* قۇرساقنىڭ مەيلىچە بولسا، ئابرۇيۇڭنى قوشۇپ يەر.
* ئادەمنىڭ سۆلىتىگە قارىما، مېھنىتگە قارا.
* ئاللا بەرمىگەننى موللا بەرمەس



مەنبەســـــــى: يولباش تورى  

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 10:01:41

چىشقاق بالىغا ئىت ئەگىشەر،ھېجايغاق قىزغا يىگىت.

ماۋۇ گەپنى ئاڭلىماپتىكەنمەن، ئەمما گەپنىڭ ئىچىگە يۈگەپ دەيدىغان بولسا ئادەمنى خىلى بىر يەرگە ئۇچۇرۋەتكۈدەك :lol
بەت: [1]
: ياخشى ماقال-تەمسىللەر