NURI24 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 16:20:14

17-دىكابىردىكى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى

-ئۆكتەبىر ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1197 ئەتراپىدا، ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن 1200 دوللارلىق مۇھىم ئۆتكەلنىڭ ئاسىتىدا تەڭلىشىپ ماڭدى. سەيشەنبە كۈنى روسىيە روبلى چوڭ چۈشۈشى سەۋەبىدىن خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتىنىڭ يۇقىرى كۈتۈرۈلۈشى بىلەن ياۋرۇپا بازىرى ۋاقتىدا ئالتۇن 30 دوللار ئەتراپىدا ئۆسۈپ كەتتى. لېكىن كىيىن ئامرىكا فىدراتىسىيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ ئۆسۈم قارارىنىڭ نەتىجىسىدە ئالتۇن چۈشۈپ يەنە ئەسلىدىكى ھالەتكە قايتىپ 1190 ئەتراپىغا كەلدى.
چارشەنبە ئامرىكا س پ ئاي ئۇچۇرى ئامرىكا فىدراتىسيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ قارارىدىن بۇرۇنقى ئالتۇن بازىرى ئەھۋالىنىڭ ئالدىدىكى بازارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. لېكىن مۆلچەرلەرگە قارىغاندا ئامرىكا فىدراتىسيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ يىغىن قارارى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئۆسۈش يۈنىلىشى كۈچلۈك بۇلۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بۇلۇشى مومكىن. ئەگەر پەيشەنبە ئەتىگەن ئېلان قىلىنىدىغان ئامرىكا فىدراتىسيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ يىغىن قارارى ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قالسا ئالتۇن يەنە چۈشۈشكە يۈزلىنىشى مومكىن.


ئىقتىساد ئۈندىدار سالونىمىز قايتىدىن ئېچىلدى، سىزنى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى، ھەرخىل ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
  ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad  
تۈنۆگۈنكى تەھلىلدە چۈشۈشكە ئالىدىغان ماللاردا زىيان كۆرۈلدى، روسىيە روبلىسىنىڭ چۈشۈپ كىتىشى بۇنىڭدىكى ئاساسلىق ئامىل.
بۈگۈنكى تەھلىل
1212 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە، زىيان 1217، نىشان 1207~1202
1180 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە، زىيان 1175،نىشان 1185~1190
1225 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە، زىيان 1230، نىشان 1220~1215
1160 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە، زىيان 1155،نىشان 1165~1170
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى  238   يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.15  يۈەن
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .

سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
بەت: [1]
: 17-دىكابىردىكى ئالتۇن باھاسى ۋە تەھلىلى