musajan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 12:05:13

بالىلارنىڭ كىكىرتىكى ئىششىۋىلىش كىلىسى تۇغرىسىدا مۇنازىرە

كىچىك بالىلارنىڭ كىكىرتىكى ئىششىۋىلىش(扁桃体增大)كىسەللىكى تۇغرىسىدا مۇنازىرە

ئەسسالامۇ-ئەلەيكوم
ئىزدىنىش ئەھلى،مۇنبىرىمىز ئۆزىدىكى ئەزالارنىڭ ئونۋىرسال ساپاسىنىڭ يوقۇرلىقى،بىر قەدەر بىلىملىك كىشىلىرمىزنىڭ توپلىشىپ كىرىشتەك ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن رايونىمىزدا مۇھىم ئورۇننى تۇتۇپ كىلۋاتىدۇ.
بۇ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرمىز يىقىندىن بۇيان ئوتتۇرغا قويۇلۋاتقان ھەرخىل تېمىلاردىن كۆرۋالالايمىز.
بولۇپمۇ تىببى جەھەتتىكى بەزى ھەل بولمايۋاتقان مەسىلىلەر‹بىلگەجان›دەك ئىلىم قوينىدا قانات قىقىپ ئوچۇۋاتقان تورداشلىرمىزنىڭ يىقىندىن ئاۋاز قوشۇشى ئارقىسىدا بەك ياخىشى ئۈنۈملەرگە ئېرىشۋاتىمىز.
  مەنمۇ تۆۋەندە بىر تېمىنى ئىلىپ كەلگەن،بولسا تورداشلار ئاكىتىپ ھالدا بۇ كىسەللىك تۇغرىسىدا بىلىدىغان رىتسىپ ياكى بىلىملىر بولسا ئايىماي ئوتتۇرغا قويساق.
                              
كىسەل:بالىلارنىڭ كىكىرتىكى ئىششىۋىلىش(扁桃体增大)
داۋا:رايونىمىزدا ئاساسەن ئىششىش دەرىجىسى3-دەرىجىگە يەتكەندە كىكىرتەكتىكى بەزنى(扁桃体)كىسىپ ئىلۋىتىش.(غەرىپچە)
نەق مەسىلىگە كەلسەك:
بۇ يىل 7-ئايلاردىن باشلاپ 5ياشلىق ئوغلۇم ئۇخلىغاندا خورەك تارتىدىغان بولۇپ قالدى.بۇ قانداق ئىشتۇ دەپ كىكىرتىكىگە قاراپ باقسام كىكىرتەك بىزى يوغىناپ قاپتۇ،بۇنى كۈرۈپ ناھىيەلىك،ئاپتونوم رايونلۇق بالىلار دوختۇرخانىسى،ئاپتونوم رايونلۇق2-دوختۇرخانا قاتارلىق جايلارغا ئاپىرىپ تەكشۈرتتۈم.
دىئاگنوز:كىكىرتەك بەز(扁桃体增大)يۇغىناپتۇ،بىر تەرىپى2-دەرىجىلىك ئىششىق،يەنە بىر تەرىپى 3-دەرىجىلىك ئىششىقكەن،دوختۇردىن  ئۇقسام:
دورا،ئوكۇل بۇ كىسەلگە پايدا قىلمايدۇ،ئەگەر بالىڭىزنىڭ ئويقۇسى تەسىرگە ئۇچىرمىسا12ياشلار ئەتراپىغا بارغاندا ئۆزى كىچىكلەپ كىتىدۇ،ئەگەر بۇ جەرياندا بالىڭىزنىڭ ئۇخلىغاندا نەپىسى توختاپ قالىدىغان،نەپەس راۋان بولمايدىغان ئەھۋال چىقسا مىڭىسىنىڭ يىتىلىشى ئوكسىگىن كەملىكتىن تەسىرگە ئۇچىرايدۇ،بۇ چاغدا بەزنى(扁桃体)كىسىپ ئىلۋەتمىسەك بولمايدۇ.
ھازىرچە بالىڭىزنىڭ ئۇيقۇسى تەسىرگە ئۇچىرمىغانلىقتىن قايتىپ ياخشى كۈتۈڭ دەپ ھەيدىدى.
بالىنىڭ ئەھۋالى:
كۈندۈزى چاتاق يوق،كىچىسى ئۇخلىغاندا ئوڭدىسىغا ياتقاندا خورەك تارتىدۇ،يانچە ياتقۇزۇپ قويساملا ھىچقانداق خورەك يوق،شۇنداق راھەت ئۇخلايدۇ.
     لىكىن:
ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ كۈڭلى ئونىمايدىكەن،شۇڭلاشقا بۇ جەھەتتە: بىزنىڭ تەۋەرۈك ئويغۇر تىبابىتىمىزدە بۇ كىسەلگە شىپاھ بارمىدۇ؟
بالىلارنىڭ كىكىرتەك بىزىنى(扁桃体)كىسىپ ئىلۋەتدە بەدىنىگە قانداق تەسىرى بۇلىدۇ؟
بەزىلەر ئۇنى بەدەننىڭ ئىممونىت ئەزاسى،ئۇنى ئالسا بولمايدۇ دەيدىكەن.
دەپ بۇ تېمىنى يوللىدىم.
مۇنبىرىمىزدىكى ھەكىم دوسلارنىڭ ياكى باشقا بۇرادەرلەرنىڭ بۇ جەھەتتە ئۆزىنىڭ پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ بىقىشىنى سورايمەن.
يەنە بىر جەھەتتىن:
بىلگەجان
چەت ئەللەردە بۇ كىسەلنى قانداق داۋالايدۇ؟بەزنى كىسىپ ئىلۋەتسە بەدەنگە زىيىنى بارمۇ؟
مۇشۇ جەھەتلەردە بىلىدىغانلىرڭىز بولسا ئوتتۇرغا قويۇپ بەرسىڭىز،ھازىر رايونىمىزدىكى بالىلاردا بۇ كىسەل بەك كۆپكەن.
  تورداشلارغا رەھمەت.

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 13:15:36

مېنىڭمۇ بار بۇ ئانگىنارىم، قوزغالسىلا بىر قۇتا مىۋە شەربىتى ۋە س م ز دەيدىغان دورىدىن بىرنى ئىچىپ ئۇخلىساملا يانىدۇ.

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 13:25:28

بادامسىمان بەز دەيمىزغۇ بۇنى ،كىكىرتەك دەپ  كەتسەك بولماس. يەنى  بىر咽炎دىگەن كېسەل بار.
ماۋۇ يۇقارقىسى كېسەل ئەمەس. خورەك تارتىشى باشقا سەۋەپتىن بولۇشى مۈمكىن. يەنى بۇرۇن بوشلۇقىدا بىر نەرسە بولۇشى. بۇرۇن ياللۇقى بولۇشى مۈمكىن. ھىچنىمە بولمايدۇ.
مېنىڭ ئۇدۇلۇمدىكى چوكاننىڭ 6ياشقا كىرگەن ئوغلى بادامسىمان بەز ياللۇقى بولۇپ ئايدا بىر بالنىسىغا كىرىپ قالىدۇ. قىززىپ تىمپىراترىسى  40قا چىقىپ  كىتىدۇ. ھەممە ئامالنى قىلىپ باقتى. بىچارە ئايال يىغلاپ كېتىدۇ، خۇدادىن مەدەت تىلەپ. بەزىلەردىن ئاڭلىشىمچە بۇ كېسەل تاكى 20، 30ياشقۇچە داۋاملىشارمىش، 30ياشقا كىرگەندە ئوپىراتسىيە قىلىپ ئېلىۋەتكەننى ئاڭلىغان.
لېكىن بەدەندىكى ھەر بىر تال تۈكنىمۇ ئارتۇق ياراتمىغان خۇدايىم. تىرناقنى چوڭقۇرراق ئىلىۋەتسىڭىزمۇ ئاغرىيدۇ نەچچە كۈنگىچە.
نىمە دەپ ئىلىۋەتكۈدەكسىز بىر ئوبدان بەزنى. بۆرەكنى كاردىن چىقىرىدۇ.

sohrat يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 15:04:33

مىنىڭ بالامدىمۇ مۇشۇ كېسەل بار، ھەمىشە ئاغرىپ قالىدۇ، ئوكۇل ئۇرىمىز، بولسا داۋسىنى دىيىشىپ بېرىڭلار.

musajan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 15:13:03

تورداشلار ئادەتتىكى بادامسىمان بەز ئىششىۋىلىش بىلەن بۇ خىل ئىششىۋىلىش ئوخشىمايدۇ.
ئوقۇشماسلىق بولمىسۇن.
مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم:
سىلەر دىگەندەك بادامسىمان بەز ياللۇغلىنىپ ئىششىغاندىن كىيىن بەدەندىكى ياللۇغ قايتىپ كەتسىمۇ بەز يەنىلا يۇغان ھالەتتە تۇرۋىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
بالىدا ھىچقانداق ئىنكاس يوق،قىزىمايدۇ،گېلى ئاغىرمايدۇ.بەز ياللۇغلىنىپ ئىششىغان پىتىلا تۇرۋالىدۇ دىمەكچى

musajan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 15:14:58

بەزىدە بالىلارنىڭ گېلى ياللۇغلانغاندىن كىيىن بادامسىمان بەز ئىششىيدۇ،ئوكۇل ئۇرغاندا ياكى باشقا داۋالاش قىلغاندا ئىششىق زور كۆپچىلىك بالىلارنىڭ يىنىپ كىتىدۇ.
لىكىن مىنىڭ بۇ تېمىدا دىگىنىم:
بەز ئىششىغان پىتى تۇرۋالىدۇ،يانمايدۇ.
خورەك تارتىشى :بەز يۇغىناپ نەپەسلىنىشكە تەسىر قىلىشىدىن بولغانكەن.
مۇشۇ كىسەلگە داۋا بارمىدۇ دىمەكچىتىم

musajan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 15:19:36

بالام7-ئايدا گېلى ئىششىپ قىلىپ بەدىنى قىزىپ ئوكۇل سالدۇرغان ئىدۇق.
بەز شۇ ئىششىۋالغانچە ھازىرغىچە يانىمىدى.
ئالامىتى: ھىچقانداق قىزىمايدۇ،ئاغىرمايدۇ،تاماق جايىدا،شۇ بادامسىمان بەز يۇغان.

musajan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 15:20:07

چەتئەللەردە بۇنداق كىسەلنى قانداق داۋالايدىغاندۇ؟

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 17:34:35

مىنىڭمۇ بەك تولا شۇنداق بولىدۇ مىۋە ئىچىملىكى شاكىلات يىسەملا قوزغىلىپ قالىدۇ.بەك ئاۋارچىلىقكەن مۇشۇ كىسەل.

meslihet يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 21:09:29

بۇنىڭدىن بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ، مېنىڭ بالامنىڭمۇ پات پات ئىششىپ قالىدۇ، بولۇپمۇ سوغوق نەرسىلەرنى كۆپرەك يېۋالغاندا. قىزىش، گال ئاغرىش )تاماق يۇتقاندا تەسىرگە ئۇچراش ئەھۋاللىرى بولغاندا دورا ئىچىدۇ، ئۇنداق ئالامەتلەر يوقايدۇ، بادامسىمان بەزنىڭ ئىششىقىمۇ سەل يانىدۇ، لېكىن باشقا بالىلارنىڭكىدەك كىچىكلەپ كەتمەيدۇ. چوڭ بولغانچە كىچىكلەپ قالىدۇ دەيدۇ دوختۇر.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 21:29:37

106 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 07:26:42

بىز تەرەپتە شوخلا دەيدىغان نەرسەبار شۇنى داۋاملىق يەپ بەرسۇن . خەنزۇچە 红姑娘دەيدىكەن.

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 08:14:37

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaman1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-18 08:27  

نەق بىر ھەپتە بولدى ئانگىنارىم قوزغىلىپ يا بەك يوغىناپ كەتمىدى ئىششىپ ، يا بىراق ساقايمىدى، ئوپراتسىيە قىلىپ ئالدۇرىۋىتەيمىكىن
بەت: [1]
: بالىلارنىڭ كىكىرتىكى ئىششىۋىلىش كىلىسى تۇغرىسىدا مۇنازىرە