altunchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 12:04:06

دوللار داۋاملىق يۇقىرى قاڭقىمدۇ

ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتىتى (FOMC) بېيجىڭ ۋاقتى 03:00 تە سىياسەت باياناتى، فېدراتسىيە ئاساسى ئۆسۈم نىسبىتى، ئىشسىزلىق نىسبىتى، پۇل پاخاللىقى ۋە ئېقتىسادنىڭ ئېشىش مۆلچىرى قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىدۇ. يېرىم سائەتتىن كېيىن، يەنى 03:30 دا رەئىس يەللىن (Janet Yellen) مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنى چاقىرىدۇ.
ئانالىزچىلار ئامېرىكا فېدراستىيە ئېھتىيات كومىتىتى تۆۋەن پۇل پاخاللىق مەسىلىسىدىن ئەنسىرىمەيدۇ، بەلكى ئاساسى ئۆسۈم نىسبىتىنى 0 ئەتراپىدا ساقلاش ۋەدىسىدىكى «خىلى ئۇزاق بىر مەزگىل ئىچىدە» دېگەن ئىبارىنى ئېلىپ تاشلايدۇ، دەپ قارىدى. چۈنكى،  ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتىتى 100 يىللىق تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك بوش قويىۋىتىلگەن پۇل سىياسىتىدىن چېكىنىپ چىقىش يولىدا ئىزدەنمەكتە.

بلۇمبىرگنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدە ئايان بولۇشىچە، 56 نەپەر ئانالىزچىدىن %68 كىشى ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتىتى «سەۋرىچان بولۇش، ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىش» دېگەندەك سۆز ئىبارىلەر بىلەن ئۆز سىياسىتىنى شەرھىلەيدۇ دەپ قارىغان. %23 ئانالىزچى «خىلى ئۇزاق بىر مەزگىل» دېگەن بۇ شەرھى بايان داۋاملىق ساقلىنىپ قالىدۇ، دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

كۆپ سانلىق ئانالىزچىلار ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتىتى كېلەر يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆسۈم قوشىدۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر قېتىملىق ئۆسۈم كېڭەش يىغىنىدا ئۆسۈم قوشۇش مەشغۇلاتى قىلمايدۇ، دەپ قارىدى.

ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيىتقاندا، بۈگۈن كەچ دوللار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم پەيىت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتىتىمۇ 2014-يىلىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۆسۈم كېڭەش يىغىنىدىن قارار چىقىرىش ئالدىدا تۇرماقتا.

نۆۋەتتىكى خەلقئارا ئېقتىساد ئىنتايىن جىددىي خەۋىپكە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ياۋرۇپا، جۇڭگو ۋە ياپۇنىيە ئېقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تەدرىجى ئاستىلىدى. رۇسىيە ئېقتىساد كىرىزىسى پارتلىدى. خەلقئارالىق خام نېفىت باھاسى شىددەت بىلەن چۈشۈپ، چۈشۈش كۆلىمى 2014-يىل ئىچىدە %50 كە يەتتى. كۆپ تەرەپلىمىلىك زەنجىرسىمان ئامىللار تۈپەيلىدىن ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتىتىنىڭ بۇ قېتىملىق كېڭەش يىغىنى ئىنتايىن زور ئېنىقسىزلىققا ئىگە بولۇپ قالدى.

ناۋادا ئامېرىكا فېدراتسىيە ئېھتىيات كومىتىتى بوش قويىۋىتىلگەن پۇل سىياسىتىدىن چېكىنىش مەيدانىدىكى قەتئىيلىكىنى ئىپادىلەپ، پۇل سىياسىتى ھەققىدىكى بايانىدىن «خىلى ئۇزاق بىر مەزگىل» نى چىقىرىپ تاشلاپ، تېخىمۇ قەتئىيلىكنى بىلدۈرىدىغان سۆز ئىبارىلەرنى ئىشلەتسە، ئۇ ھالدا دوللار داۋاملىق تىرەشكە ئىگە بولۇپ، كۈچلۈك ئۆرلەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇنداق بولماي ئەكسىچە كەپتەر مەزھىپى تۈسىدىكى سىياسەت بايانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا، رەئىس يەللىنمۇ مۇخبىرلانى كۈتىۋىلىش يىغىنىدا مۇشۇنداق تۈستە سۆز ئىبارە ئىشلەتسە، شەك-شۆبھىسىزكى، دوللارمۇ كۈچلۈك زەربىگە ئۇچرايدۇ.

يۇقارقى ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتقاندا بۈگۈن يىغىن قارارى ئېلان قىلىنىپ، يەللىن مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنى چاقىرغىچە بولغان مەزگىلدە ئېھتىيات بىلەن بازار كۆزىتىش ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
مەنبە: ئۇيغۇر پۇل مۇئامىلە مۇنبىرى

altunchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 14:23:08

http://www.xjuyghurfx.com/forum.php?mod=viewthread&tid=354

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 14:34:21

ئىفىت بەك چۈشۈپ كەتتى، شۇڭا دۆلەت ئىچى پۇل پاخاللىغى تۆۋەن چىقىدۇ، ئۈسۈم ئۆستۈرۈشكە باناسى يوق بۇلىشى مۇمكىن. ئا گەپنى ھازىرچە ئېلىۋەتمەسلىكى مۇمكىن.
CPIسى نەچچە پىرسەنت ھازىر؟

altunchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 15:36:38

0996 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 14:34 static/image/common/back.gif
ئىفىت بەك چۈشۈپ كەتتى، شۇڭا دۆلەت ئىچى پۇل پاخاللىغى ت ...

kuysoyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 16:31:35

شۇنىڭ بىلەن قانداق بولۇپ كەتتى ،مەندە 200 نەچچە دوللار بار ئىدى ،خەلق پۇلىغا ئالماشتۇراي دىسەم 1490 يۈەن بولىدىكەن ،ئۆسىدىغان ئىش بولسا ساقلاپ قوياي :lol

678123 يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 16:35:10

دوللارنىڭ ئۆسىشى مۇقەررەر، بەلكى قاڭقىپ 150نى كۆرسىتىشكە تەمشىلىۋاتىدۇ.

Hizir يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 16:36:41

ئەرقالنىڭ تاراتقۇسىدىكى خەۋەرلەر بەك ياخشىكەن. مەن بۈگۈن ئاڭلاپ بەك ياخشى خەۋەر چىقىدىغىنى ھېس قىلدىم.
خەلىق بانكىسى ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىپتۇ. جوڭگودا پۇل پاخاللىقى ئەمەس بەلكى پۇل قىسلىقى كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم دەپ مۇلاھىزە قىلىپتۇ.
نۆۋەتتە نامەرتلىك قىلىۋاتقان OPEC نىڭ ئەزالىرى نېفىتنى داۋاملىق كېمەيتمەي ئىشلەپ چىقىرىدىكەن. توۋا دېمەي ئامال يوق. روسىيە قارىغاندا بىرگە قارشى نەچچە ئون كۈچلۈك دۆلەتلەرگە تاخلايدىغان ئوخشايدۇ. روسىيە سەت بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. جوڭگو بۇ چاغدا روسىيەگە ئازراق ياردەم قىلىپ دوسلۇقنى ئىپادىلىسە ياخشى بولاتتى دەپ ئىنكاسلارنى يېزىپتۇ خەنزۇچە توربەتتكى خەۋەرگە.
ئەينى چاغدا ئامېرىكا جوڭگودىكى بىر ئادەتتىكى بانكىنى بايخۇت قىلىپ چاۋشەننى تەس كۈنگە قويغاندا روسىيە ئوتتۇرغا چىقىپ بۇ ئىشلارنى ئوڭشاپ قويغانتى. بۈگۈنگە كەلگەندە روسىيەگە ياردەم قىلىدىغان بىرسى يوق. قىززىق جاھەنكەن بۇ. پۇتىن قانداق ئامال ئىشلىتە بۇ ئىشلارغا؟
مەنچە ئويۇننىڭ قىززىقى ئالدىمىزدا...

okojan يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 17:02:08

مەندە  خىلى كۆپ  دوللار بار ئىدى  بولسا ئۆسسە. بولتى.

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2014-12-17 22:11:11

ياخشاراق مەبلەغ سالىدىغان تۈرلەر بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار !! باش قاتتى  . بەك جىق بولمىسىمۇ بىر ئاز مەبلەغ بار ئىدى . دۇكان ئالايلىمۇ ، زاۋۇت قۇرايلىمۇ  دىگەندەك ئويلاردا يۈرۈپتىمىز ، بەزىلەر ئىقتىساد تۇراقسىز مەزگىلدە مەبلەغ سالماسلىقنى تەۋسىيە قىلىپ ئالتۇن ياكى دوللار ئېلىپ خەلېق پولېنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ئېھتىماللىقىدىكى زىياندىن مۇداپىيەلىنىشنى ئېيتتقانلار چىقتى .

altunchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 01:00:34

imtiyaz يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 22:11 static/image/common/back.gif
ياخشاراق مەبلەغ سالىدىغان تۈرلەر بولسا تەۋسىيە قىلساڭ ...

سىز قايسى تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشقا قىزىقىسىز؟ مۇشۇنىڭغا قاراپ مەسلىھەت بەرسەك بولىدۇ.

altunchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 15:41:23

بۇ تېما جۇڭگونىڭ 2015-يىللىق ئۆي-مۈلۈك بازىرىغا قارىتا يېزىلغان ئانالىز ئىكەن. قىزىققۇچىلار كۆرۈپ بېقىڭلار!
http://www.xjuyghurfx.com/forum.php?mod=viewthread&tid=355

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 20:24:34

altunchi يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 01:00 static/image/common/back.gif
سىز قايسى تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشقا قىزىقىسىز؟ مۇشۇنىڭ ...

زاۋۇت ساھەسى : زاۋۇت ساھەسىدە چوكامۇز ياساش زاۋۇتىنى  ، قەغەز يەشىك ياساش ياۋۇتى ، تازلىق قەغىزى ياساش زاۋۇتى ، ئاپتۇماتىك گىلەم يۇيۇش زاۋۇتىنى ياساش قۇراشتۇرۇش  قاتارلىقلاردىن بىرنى تاللاش ياكى سودا سارايرىلىدىن دوكان سېتىۋېلىش دىگەندەك خىياللارنى قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن . كىلەريىلقى ياكى ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئىقتىساد قايناملىرىدا قايسۇسى ياخشاراق بۇلار دىگەندەك .

altunchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-18 20:39:25

imtiyaz يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 20:24 static/image/common/back.gif
زاۋۇت ساھەسى : زاۋۇت ساھەسىدە چوكامۇز ياساش زاۋۇتىنى  ...

ئەگەر ئۆزىڭىز قول تىقىپ ئىش قىلماقچى بولسىڭىز، چوقۇم ئۆزىڭىزگە تونۇشلۇق بولغان ساھەنى تاللاپ مەبلەغ سېلىڭ!

altunchi يوللانغان ۋاقتى 2014-12-19 11:34:11

kuysoyar يوللىغان ۋاقتى  2014-12-17 16:31 static/image/common/back.gif
شۇنىڭ بىلەن قانداق بولۇپ كەتتى ،مەندە 200 نەچچە دوللار ب ...

ساقلاپ قويسىڭىز بولىدۇ.

kuysoyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-20 22:07:22

altunchi يوللىغان ۋاقتى  2014-12-19 11:34 static/image/common/back.gif
ساقلاپ قويسىڭىز بولىدۇ.

ئۈچ كۈندە 6 11 كوي پايدا قاپتىكەن سىتىۋەتتىم .

Qamcha يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 23:52:25

kuysoyar يوللىغان ۋاقتى  2014-12-20 22:07 static/image/common/back.gif
ئۈچ كۈندە 6 11 كوي پايدا قاپتىكەن سىتىۋەتتىم .

11.6 يۈەنمۇ ياكى 116 يۈەنمۇ ؟

Qamcha يوللانغان ۋاقتى 2014-12-24 23:56:37

دوللارنىڭ بەك زىيادە ئۆرلەپ كەتكەن ئىشىمۇ يوققۇ تېخى . ئىككى ئاي ئىچىدە بىرموچەن ئۆرلىدى . ئەگەر ئىككى ئاي بۇرۇن 10مىڭ دوللار ئېلىپ قويغان بولسىڭىز ھازىر 1000يۈەن پايدا قالىدۇ دېگەن گەپ . 62مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئىككى ئايدا مىڭ يۈەن پايدا ئېلىش {:136:}

بۇنىڭدىن كېيىن قانداق بولىدۇ بىرنېمە دىمەك تەس. دائىم باھار بايرىمىغا ئاز قالغاندا دۆلىتىمىزدىكى باھاسى چۈشۈپ كىتەتتى دوللارنىڭ . شۇڭا يېنىدا كۆپرەك دوللار بارلار دىققەت قىلارسىلەر .

kuysoyar يوللانغان ۋاقتى 2014-12-25 08:47:04

Qamcha يوللىغان ۋاقتى  2014-12-24 23:52 static/image/common/back.gif
11.6 يۈەنمۇ ياكى 116 يۈەنمۇ ؟

چېكىت چۈشۈپ قاپتۇ :lol
بەت: [1]
: دوللار داۋاملىق يۇقىرى قاڭقىمدۇ