Skypeنىڭ يېڭى نەشىرىدە پاراڭلىشىش مەزمۇنىنى نەق مەيدان تەرجىمە قىلى...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا pis-pas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-17 11:28بۇ ھەپتىدىن باشلاپ مىكروسوفتنىڭ نەق ئۇچۇر قۇرالىSkype يېڭى تەرجىمە قۇرالى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ قۇرالدا ئاۋازلىق ۋە تېكىسىتلىك ئۇچۇرلارنى تەرجىمە قىلىش ئەمەلگە ئاشىدۇ . بۇندىن بۇرۇن مىكروسوفنىڭ ئىجرائىيە دېركتورى ساتيا نادېللا (Satya Nadella) ئەپەندىم Code چوڭ يىغىنىدا بۇ ئىقتىدارنى كۆرسەتكەن ئىدى .
مەلۇم بولۇشىچە، كۆرۈپ بېقىش سۇنخىسىدىكى بۇ Skype Translator قۇرالىدا، ئېنگىلىزچە بىلەن ئىسپانچە نەق مەيدان تەرجىمىسى بىلەن تەمىنلەيدىكەن، بۇنىڭدا ئىشلەتكۈچىلەنىڭ ئاۋازىنى تېكىستكە ياكى باشقا تىلغا تەرجىمە قىلىپ ئاۋازغا ئايلاندۇرالايدىكەن .ئېنگىلىز تىللىق ئىشلەتكۈچى ئىسپان تىللىق مەزمۇننىڭ تەرجىمىسىنى ئاڭلىيالايدىكەن، ئەكىسى بولغاندىمۇ شۇنداق بولىدىكەن . بۇ يىل 5- ئايدىكى بىر قېتىملىق كۆرسەتمىدە، مىكروسوفت شىركىتى ئېنگىلىز ۋە نېمىس تىللىرى ئارىسىدىكى ئاۋازلىق مەزمۇننىڭ دەل تەرجىمە سىنىقىنى قىلغان بولسىمۇ ، بۇ قۇرالنىڭ نۆۋەتتىكى بىردىن بىر تەرجىمە تىلى- ئىسپانچە ئىكەن .
نۆۋەتتە مىكروسوفت شىركىتى مەكتەپلەردە Skype Translator كېڭەيتىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا ۋە مېكسىكانىڭ مەكتەپلىرىدە بۇ ئىقتىدارنى سىناق قىلىۋېتىپتۇ .
Skype Translator سىنىپلاردە كەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچى –ئوقۇتقۇچىلار دۇنيا مىقياسىدىكى مەكتەپ –سىنىپلارنى بىر بىرىگە باغلاش ئۇچۇن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سىن-يىغىنلىرىغا ئاكتىپ قاتناشقان، گەرچە بۇ سىناق دائىرسى چەكلىك بولسىمۇ، بىراق مىكروسوفت شىركىتى بۇ قۇرالنىڭ ئەمىلى سىناق دائىرسىنى كېڭەيتكەن .
مىكروسواتنىڭ بىلدۈرىشىچە، Skype Translatorنىڭ كۆرۈپ بېقىش نۇسخىسى كۆزنەك 8.1 (Windows 8.1)ۋە ئۇنىڭدىن يۇقۇرقى نەشىرلەردە ئىشلەيدىغان بولۇپ، كېيىنكى قەدەمدە 40نەچچە خىل تىل قوشۇلىدىكەن.
ئىستاتىسكىغا قارىغاندا، ھازىر دۇنيادا ھەر ئايدا Skype نى ئىشلىتىۋاتقانلار 300مىليۇندىن ئوشۇق بولۇپ ، كۈندىلىك سۆزلىشىش ۋاقتى 2 مىليارت مىنۇت ئىكەن .
marhaba دەپ تەرجىمە قىلىنغىنى ئۇيغۇرچىدەك بىلىنىپ كەتتى سىكايپى ۋەتەندە ئېچىلۋاتامدا؟ sekine يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 13:27 static/image/common/back.gif
سىكايپى ۋەتەندە ئېچىلۋاتامدا؟
ياق، ئېچىلمىدى سودا ئالاقىدە ئەمدى تەرجىمان كەتمىسىمۇ بۇلدىغان زامانلارغا ئاز قاپتۇدە uyghura يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 13:17 static/image/common/back.gif
marhaba دەپ تەرجىمە قىلىنغىنى ئۇيغۇرچىدەك بىلىنىپ كەتتى
تۈركچىغۇ دەيمەن بۇ، دۇنيادىكى 40 چوڭ تىلنىڭ ئىچىگە تۈركچە كىرىدۇ ئەمەسمۇ .
قاچانمۇ دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېڭى تېخنىكىسى خالىغانچە ئىشلەتكىلى بولدىغان زامان بولا كاساپەت ياڭزىسى بارغۇ زادى ،لىكىن مەن ئۇ دىتالنى ئىچىپ باقمىغىلى بىر يىلدىن ئىشىپتۇ .ھازىر ئىچىلامدۇ ئىچىلمامدۇ بىلمەيمەن. بولمىسىغۇ چەتئەللىك قىزلارنى گەپكە سىلىپ يۈرۈپ ئىنگىلىزچەم خېلى ئۆسەپ كەتكەن .
ئۇقمايدىغان خەتلەرنى لوغەتلەپ يۈرۈپ .
ما ئىختىدارى تېخىمۇ نوچىكەنتۇق ،ھازىر ئىچىلمامدا؟ otanqi يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 14:16 static/image/common/back.gif
كاساپەت ياڭزىسى بارغۇ زادى ،لىكىن مەن ئۇ دىتالنى ئىچىپ ...
ھازىر ۋەتەن ئىچىدە ئېچىلمايدىغان چىراي. ياكى شىنجاڭ دىيارىدىلا ئېچلىمامدۇ بىلمىدىم
بىر چاغلاردا بىر سىن لېكسىيىسىنى كۆرگەندەك قىلغان، نەق مەيداندىلا خەنچىنى ئېنگىلىزچىغا نورمال تەرجىمە قىلىدىدىغان ماشىنا(دېتال) ، سۈپىتىمۇ خېلى ياخشى چىقىپتىكەن.
TEDلېكسىيىسىغۇ دەيمەن .
Skype ئىشلىتىپ بىكالىق موما يەۋاتقانلارمۇ خىلى بارغۇ دەيمە...ئۆزىغۇ ئامدان نەرسىتتى،داڭلىق خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىمىزنىڭ بازىرنى ئالاڭ قىلدىمىكىن ،سىقىپ چىقىرىلدى،ماۋۇ ئىقتىدارلىرى پىچەتكەن بولمىسا كىچىك بىر ئۈسكۈنە چىقسا مەيلى قايسى تىل بىلەن سۆزلىسۇن ئنگىلىزچە تەرجىمە قىلىپ چىقىرىپ بەرسە ئاۋازلىق. ئۇ ۋاقىتتا تىل ئۈگۈنىمەن دەپ ۋاقىت ئىسىراپ قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمايتتى. MSNنى يىڭىلاپتۇ دەۋاتاتتى ، بۇمۇ ئىچىلمامدۇ نىمىس تىلى ئەمەس، گېرمان تىلى ilter يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 22:03 static/image/common/back.gif
MSNنى يىڭىلاپتۇ دەۋاتاتتى ، بۇمۇ ئىچىلمامدۇ
msnنى توختىتىۋەتكىنى خېلى بولدىغۇ، msn ئابونتلىرى skypeغا كۆچۈۋېلىڭلاردەپ خېلى بولدى ئۇقتۇرۇش چىقارغىلى。 ھازىرskype ئاساسلىق تەرەققى قىلدۇرىدىغان نىشان بوپتۇدەك .
بەت:
[1]